كېسىلگەن سېدە (ۋەھىمىلىك ھىكايە) - تۇراققارى تۇرغۇن

كېسىلگەن سېدە (ۋەھىمىلىك ھىكايە)

 تۇراققارى تۇرغۇن


   ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قوياش نۇرى،باراڭدىكى زۇمرەتتەك يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن ساخاۋەتلىك نۇرىنى ھويلىغا چۈشۈرمەكتە ئىدى، تاڭنىڭ سالقىن شامىلى باراڭدىكى ئۈزۈم يۇپۇرماقلىرىنى لەرزان ئۇسۇلغا سالماقتا ئىدى، سەھەرنىڭ سالقىن شامىلى تەننى سەگەتسە،دىماققا ئۇرۇلىدىغان ساپ ھاۋا قوشۇلۇپ كۆڭۈللەرنى يايرىتاتتى،قويلارنىڭ مەرەشلىرى ھەرياقلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

   مۇختەر بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھويلىدىكى ئۈستىگە پىشايۋان يىپلغان سۇپىدا ناشتا قىلىۋاتاتتى،گەرچە ناشتىلىق نان
ۋە قايناق سۇ  بولسىمۇ ئۇبىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ يۈزىدە مەمنۇنلۇق تەبەسسۇملىرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى،بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ
تولىمۇ بەخىتلىك ئائىلە ئىلەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

ـ ئىتىزدىكى سېدىلەرنى كىسىۋەتسەك بولامدىكى،ھىلىمۇ يوغىناپ ئىتىزغا چۈشكەن كۈن نۇرىنى توسىۋاغىلى تۇرۇپتۇ، ئۇ كاساپەتلە,-مۇختەر شۇنداق دەپ ئوغلى ياسىنغا مەسلىھەت سالدى.

كېسىۋىتەمدۇق؟!،ــ ئالىم ھەيرانلىق نەزىردە دادىسىغا قارىدى.

ــ ھەئە كىسىۋىتىمىز،ــ دېدى مۇختەر قولىدىكى بىر بۇردا ناننى قاچىدىكى چايغا چىلاۋىتىپ.

ـ كەسمەي قوياۋەسەك بولمامدۇ؟ چوڭ دادام ھايات چىغىدىمۇ كەسمەپتىكەن ، ئەمدى بىز كىسىۋەتسەك قانداق بولا،-دىدى ئالىم داداىسىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن.

-مىنىڭچىمۇ كەسمىسەڭلا بولامدىكى دادىسى؟ ئۇ بولسا قەدىمى سېدە دەرىخى. كىسىۋەتسەڭلا ياخشى بولماي قالامۇ؟-مۇختەرنىڭ ئايالى تۇرسۇنگۇلمۇ ئۆز پىكىرىنى مۇختەرگە دىدى.

-ئۇغۇ راس، لىكىن كىسىۋەتمەي بولمايدۇ، ئۇچاغلادا كىچىكتى، ھىچقانداق تەسىركۆرسەتمەيتتى، ھازىر كىسىۋەتمىسەك ئۇ ئىتىزنى تىرىماي تاشلىۋەتسەك بولىدۇ شۇ, يەنىلا كىسىۋەتكىنىمىز تۈزۈك,-مۇختەر ئۇلارنىڭ نەسھىيتىگە قۇلاق سالماي ئۆز گىپىدە چىڭ تۇردى.

بۈگۈن شەھەرگە كىرىدىغان ئىشىم بار، ئەتە كىسۋىتەيلى، كىرەكلىك سايمانلىنى تەييارلاپ قوي،-مۇختەر ئوغلىغا شۇلارنى جىكلەپ قويۇپ داستىخاندىن تۇردى.

 ئالىم دادىسىنىڭ دىگىنى بويىچە دەرەخ كىسىشتە ئېشلىتىدىغان ‹ھەرە،پالتا،ئارغامچا...›دىگەندەك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ قويدى.

ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە! قوياش ئۆزىنى يۇشۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاي يۈگۈرەپ چىقىپ ساخاۋەتلىك نۇرىنى ئالەمگە چىچىپ، ئالەمنى زۇلمەت قاراڭغۇسىدىن ساقلىدى، كېشىلەر ئۇيقۇغا كەتتى. مۇختەر ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇيقىسىنى باشلىۋەتتى...

     خورازنىڭ چىللاشلىرى، ئېتلارنىڭ قاۋاشلىرى بىلەن تەڭ دىھقانلار ئۇيقىسقنى ئېچىپ يېڭى بىر كۈندىكى ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلدى.

ئالىم دادىسى بىلەن ئىتىزغا باردى، مۇختەر چوڭ بىر تۈپ سىدە دەرىخى يىنىغا كىلىپ ،ــ ئالىم ئەككەل پالتىنى،ــ دەپلا ئالىمنىڭ قولىدىكى پالتىنى ئىلىپ،

ــ يا... ،ــ دەپلا دەرەخكە چاپتى.

مۇختەر پالتىنى ئىككىنجى قىتىم چىپىشقا تەمشىلىپلا كۆزى بىرنەرسىنى كۆردى بولغاي توختاپ ھىلىلا پالتا چاپقان يەرگە قارىدى، ئۇيەردىن قاندەك قىزىل سۇيۇقلۇق سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى.

ــ بۇ نىمىدۇ؟مۇختەر ھەيران بولۇپ ئالىمغا قارىدى.

ئالىم: ــ قاندەك قىلامدۇ؟مىنىڭچە قانمىكى،ــ دىيىشىگە ،ــ دەرەخ دېگەندە قان نېمىش قىلىدۇ؟،يا ئادەم بولمىسا بۇ، قىززىق گەپقىلىدكەنسە،ــ مۇختەر ئالىمنىڭ گىپىگە تىزلا رەدىيە بەردى.

تۇيۇقسىز بۇ بىرتۈپ دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى، غەلىتە يىرى باشقا دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى شۇ پىتى تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاخلىرى توختىماي ئىرغاڭلايتتى، بىرخىل سۈرلۈك تۈستە ئىدى.

ــ توۋا ما دەرەخنى بىر پالتا ئۇرۇشۇم بىلەنلا......،ــ دىدى مۇختەر ھەيرانلىق ئىچىدە.

ــ شۇنى دىمەمسە، نىمە بوغاندۇ بۇ دەرەخلەرگە،ــ دىدى ئالىممۇ ھەيران بولۇپ، ئۇ سەل قورقۇۋاتاتتى.

 مۇختەر:  
ــ ياخشىسى بۈگۈنچە بۇ  يەردىن كىتىپ تۇرساق بولغۇدەك، ئەھۋال باشقىچە تۇرىدۇ،يۈرە كىتىمىز،ــ دەپ ئالىمنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى.

ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپلا قورقۇپ كەتتى.

ــ نىمە بۇ.....،ــ ئالىم قورقۇپ كەتكىنىدىن دادىسىنى قۇچاقلىۋالدى، مۇختەرمۇ سوغۇق تەرگە چۇمۇپ كەتتى.

ئۇلارغا بىرمۇنچە غەيرى مەخلۇقاتلار مۇدھىش قاراپ تۇراتتى.

ئۇ مەخلۇقلار بەكمۇ غەيرى بولۇپ خۇددى كىنولاردىكى ئالۋاستىغىلا ئوخشايتتى، ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.

ئۇ مەخلۇقلارنىڭ بويى ئانچە ئىگىز ئەمەس ئىدى، يۈزى ئاپئاق، كۆزى قىپقىزىل، بۇرنىنىڭ ئورنى تۈپتۈز، ئىغىزى ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئىغىزى قان يۇقى ئىدى. ئۇلار توختىماستىن چىرقىراپ غەيرى ئاۋازلارنى چىقارماقتا ئىدى.

   مۇختەر بىلەن ئالىم قاچماقچى بولۇپ كەينىگە قاراپ قەدەم ئالدى، توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىنى يەنە بىرتوپ ئوخشاش مەخلۇقاتلار توستى، بۇ مەخلۇقاتلار ئاسماندىن چۈشتىمۇ ياكى يەر تىگىدىن تىشىپ چىقتىمۇ ، بەكلا تىز پەيدا بولغان ئىدى.

مۇختەر بىلەن ئالىم پۈتۈنلەي قورشالدا قالغاچقا يا ئالدىغا ياكى كەينىگە ماڭالمايلا قالدى. مەخلۇقاتلار ئاستا قەدەملىرى بىلەن ئۇ ئىككەيلەنگە قاراپ يىقىنلىششقا باشلىدى، مۇختەر مەخلۇقلار بىلەن جەڭ قىلماقچىدەك قىلاتتى، ئۇ قولىدىكى پالتىنىڭ سىپىنى چىڭ سىقىمدىدى ۋە ئالىمغا ــ‹قولۇڭدىكى پالتىنى چىڭ تۇت، ئۆلسەكمۇ ئەركەكتەك ئۆلىمىز، بەلكىم خەتەردىن قۇتۇلۇش يولى چىقىپ قالار›،دەپ پىچىرلىدى.

ئۇلار ئالدىغا كەلگەن مەخلۇقلارنى پالتا بىلەن چېپىشقا باشلىدى،چېپىۋىتىلگەن مەخلۇقلار ناھايىتى سەت چىرقىراپ يەردە ياتاتتى، ئۇ مەخلۇقلارنىڭ ھالى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ،بەزىلىرىنىڭ بىشى چېپىلغان، بەزىلىرىنىڭ گەجگىسى چېپىلغان، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا بىلىكىدىن ئايرىلغان ئېدى...

ئاتا-بالا ئېككىسى مەخلۇقلارنىڭ قورشاۋىدىن مۇۋەپپىقيەتلىك قېچىپ چىقىپ كەتتى،ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ قاچتى،كەينىگە قارىغۇدەك ئىمكان يوق ئىدى.

مۇختەر بىرسى ئارقىدىن تارتقاندەكلا توختاپ قالدى، ئۇ ھەرقانچە كۈچەپمۇ يۈگىرەلمىدى، ئارقا تەرەپتىن مۇختەرنىڭ گىلىنى سوغۇق،قوپال، يېرگىنىشلىك بىرقول سىقىشقا باشلىدى، مۇختەر ھەرقانچە كۈچەپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازى سىرتىغا چىقمايۋاتاتتى...

ئالىم تۇيۇقسىز دادىسىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ يۈگۈرمىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئارقىغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆرگىنى بولسا بىر باشسىز تەننىڭ يەردە ياتقانلىقى ۋە بايىقى مەخلۇقلارنىڭ ئۇ باشسىز تەننىڭ قىنىنى شوراۋاتقانلىقى بولدى....

ــ ياق...،ــ ياق...،ــ دادامنى قويىۋەت....،ــ ئالىم قاتتىق ۋارقىرىدى.

ئالىم : ‹ــ نىمە بولدۇڭ بالام؟ــ يامان چۈش كۆرۈپ قاپسەنمۇ؟›دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئارقىغا قارىدى،ئارقىسىدا ئانىسى تۇرسۇنگۈل تۇراتتى،ئۇ ھەيرانلىق بىلەن قارىۋىتىپ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى كۆردى دە،ــ ئانا...،ــ دىگىنىچە ئانىسىغا ئېسلىپ يېغلاپ كەتتى.

    ئالىم چېلىق-چېلىق قارە تەرگە چۈمۈپ كەتكەن ئېدى.

ئۇ ئېسىنى يىغىپ ،ــ دادام قىنى؟ــ دەپ ئانىسىدىن سورىدى،

ــ داداڭ ئۇخلاتىدۇ، نىمە بولدى ؟ــ دىدى تۇرسۇنگۈل ھەيران بولغان ھالدا.

ــ تۇيۇقسىز
ۋارقراپ كەتتىڭ،شۇڭا نىمە ئىش بولغاندۇ؟دەپ ئەنسىرەپ كىرگەن، چۈشۈڭ بۇزۇلغان بولسا ھىچقىسى يوق، ئۇيقۇڭنى ئۇخلاۋە،ــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە چېقىپ كەتتى...

ئالىم : ــ ئۇھ...،چۈشۈمكەندە بۇ،ــ دەپ چۇڭقۇر نەپەس ئالدى.

ئالىم بەكلا قورقۇپكەتتى بولغاي بۇ ‹قاباھەتلىك كېچىنى›ئۇخلىماي ئۆتكۈزدى......

تاڭ بارا-بارا سۈزۈلمەكتە ئېدى، مۇختەر باشچىلىقىدىكى بېر ئائېلە كىشلىرى داستېخانغا يېغىلىپ ئولتۇرۇشۇپ ناشتا قىلىشقا باشلىدى...

تۈنۈگۈن مەن دېگەن نەرسىلەرنى تەييارلاپ قويدۇڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى مۇختەر ئالىمدىن.

ئالىمنىڭ يۈرىكى دادىسنىڭ سورىغان سۇئالىنى ئاڭلاپلا ناھايىتى تىز سوقۇپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ چاندۇرماي، دادىسنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى ــ  ھەئە، ئا...ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان.

ــ ئۇنداقتا سايمانلىنى ئال، ئىتىزغا ماڭدۇق،ــ مۇختەر ئالىمغا شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇردى.

ئالىم گەرچە قورقۇۋاتقان بولسىمۇ، دادىسى سەپرا كېشى بولغاچقا چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى دىيىشكە پېتىنالمىدى، دىسە دادىسىنىڭ ‹ــ خىنىم مىجەز، لاتا نىمىكەنسىە› دىگەندەك سۆزلەر بىلەن تېللېشى ئېنىقلا گەپ ئېدى. شۇڭا ئامالسىز ئېتىزغا دادىسى بىلەن باردى.

ئىتىزغا بارغۇچە ئۇ قورقېغىنىدىن چېلىق-چېلىق تەرگە چۈمۈپ كەتكەن ئېدى، مۇختەر ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ : ــ نىمە بولدۇڭ؟ بىريىرىڭ ئاغرىۋاتامدا؟ ــ دەپ سورىدى.

ئالىم :ــ ياق ھېچ يىرىم ئاغرىمىدى،ــ دەپلا قويدى، چوپچوڭلا ئوغۇلبالا قانداقمۇ ئۇنداق دىيەلىسۇن.

ئالىم ئېتىزغا بېرىپلا ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن چوڭ بىر تۈپ سېدە دەرىخىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى، دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر ئادەم كەينىنى قىلىپ ئولتۇراتتى، بىردىنلا ئۇ ئادەم ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يىرىمى قارا، يىرىمى قىزىل ئېدى،ئالىم قورقىغىغىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى.

ــ ئالىم پالتىنى ئەكىلە،ــ دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئالىم ئەسلىگە كىلىپ دادىسىغا پالتىنى سۇندى.

بايىقى ئادەم ئەمدىلىكتە كۆرۈنمەيتتى، ئالىم ــ‹بەلكىم ،خىيالىم ئوخشايدۇ›،دەپ ئويلاپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى....

ئالىم دادىسنىڭ پالتىنى بىرىنجى قىتىم دەرەخكە ئۇرغان ۋاقتىدا كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالدى، ئۇ چۈشىدىكى ئىشنىڭ ئەمەلىيتىدە بولۇپ قىلىشىدىن بەكمۇ قورقۇۋاتاتتى. ئالىم كۆزىنى ئېچىپ قارىغاندا ھىلىمۇ ياخشى دەرەختە چۈشىدە كۆرگىنىدەك ئەھۋال يۈز بەرمىدى......

ئۇلار ئېتىزىغا پۇتلاشقان بارلىق سىدىلەرنى كىسىۋىتىپ، يۇغۇشتۇرۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولدى، ئالىمنىڭ ئىزچىل ئەنسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكى تىخىمۇ گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇ باياتىندىن بىرى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنىڭ ئەمدىلىكتە يۈز بىرىشىدىن قورقۇۋاتاتتى.

ئۇلار ئۆيگە يىتىپ كەلگەندە ئاللىبۇرۇن ، كەچكى شەپەق ۋاقتى بولغان ئېدى،بىركۈن ئېشلەپ ھېرىپ كەتكەن بولغاچقا كەچلىك تاماقنى يەپلا ئۇخلاپ قالدى.

مۇختەرنىڭ كېچىك تەرىتى قىستاپ كەتتى بولغاي، ئۇيقىسىنى تەستە ئېچىپ ھويلىغا چىقتى، ئۇ ئۆيدىن چېقىپ باغدىكى ھاجەتخانا تەرەپكە كەلدى، ئۇنىڭ كۆزىگە قىپقىزىل كۆزدەك ئىككى نۇر چىلىقىپلا يوقاپكەتتى، ئۇ بەلكىم خىيالى تۇيغۇم بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ ئېشىنى تۈگىتىپ ئۆيگە ماڭدى.

ئۇ ئۆيگە كېرىپلا قورقۇپ كەتتى تامدا بىرخىل غەيرى قورقۇنۇشلۇق نەرسىنىڭ سايىسىنى كۆردى، ئۇ نەرسە بىردىنلا يوقاپ كەتكەن ئېدى. مۇختەر ئېشىكنى چىڭ تاقاپ ئۇيقىسقنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى،ئۇ ئەمدىلا چىراقنى ئۆچۈرۈپ يوتقانغا كىرىشىگىلا دىرىزىنى تاكشىتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ دېرىزىگە قارىدى، ئۇ قورۇققىنىدىن ھۇشىدىن كىتەيلا دەپ قالغان ئېدى،دىرىزە

ئالدىدا بىرتوپ غەيرى مەخلۇقاتلار تۇراتتى ئۇلار كۈچەپ دېرىزىنى ئۇراتتى، ناھايىتى سەت چېرقىرايتتى،مۇختەر شۇئان ئايالىنى ئويغاتتى، تۇرسۇنگۈل مۇ بۇ مەخلۇقاتلارنى كۆرۈپلا قورۇققىنىدىن چىرقىراپ ھۇشىدىن كەتتى، مۇختەر دەرھال توكنى ياقتى، توكنى يېقىشىغا بۇ مەخلۇقاتلارمۇ يوقاپ كەتتى، ئۇلارنىڭ چېرقىرىغان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى.

   ئاڭغىچە تۇرسۇنگۈلمۇ ھۇشىغا كەلدى، ئۇلار قولچىراغنى ياندۇرۇپ، ئالىمنىڭ ياتاق ئۆيىگە چىقتى، قارىغۇدەك بولسا ئالىمنىڭ ئېچ-باغرى چۇۋۇلغان ئېدى، پۇتىنىڭ گۆشلىرى مەخلۇقلار تەرپىدىن غاجاپ يېيۋىتىلگەن ئېدى، يوتقان قىپقىزىل قانغا بويالغان بولۇپ، بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئېدى.

ئەر-ئايال ئېككەيلەن ئالىمنڭ جەسسىتىنى قۇچاغلاپ قاتتىق يىغا-زارى قېلدى، مۇختەر سوغۇق ھەم قاتتىق بىر قولنىڭ گەجگىسىدىن تۇتقانلىقىنى سېزىپ دەرھال ئارقىغا بۇرۇلدى، ئۇ شۇنچە كۈچۈپ ۋارقىرىسىمۇ ئاۋازى تېشىغا چىمايۋاتاتتى، مۇختەرنىڭ ئۇستىخانلىرى قاتتىق ئاغرىۋاتقان ئېدى، ئېسسىق قېنى سېرغىپ چۈشمەكتە ئېدى......

ئاپتورى:تۇراققارى تۇرغۇن





418 قېتىم كۆرۈلدى QAWANDAZ ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-5 4:06:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ