بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 3-قسىىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 3-قسىىم


ئۇ شۇنداق دەپ جىم بۇلۇپ قالدى مەنمۇ گەپ قىلالماستىن خىجىللىق ئىلىكىدە يەرگە قارىۋالدىم .
ئۇ يەنە 《نۇرغۇن ۋاقىتلار كەلمەسكە كەتتى ، نۇرغۇن قىسمەتلەرگە يۇلۇقتۇق بەلكىم رىسقىمىز قوشۇلمىغان بۇلىشى مۇمكىن ئۆتكەن ئەسلىمىلەرنى پەقەت ئەسلىيەلەيدىكەنمىز خالاس ئارقىغا ياندۇرالمايدىكەنمىز يەنە ئالدىمىزغا قاراپ ماڭماقتىن باشقا ئامال يوق سىز ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ مىنى دەپ چۈشكۈنلىشىپ كىتىشىڭىزنى  مىنى دەپ ئاغرىپ يېتىپ قېلىشىڭىزنى مەن ئەسلا خالىمايمەن ھەر ئىككىلىمىز چوڭ بولدۇق ساددا ۋاقىتلىرمىز كەلمەسكە كەتتى ھېسياتقا تايىنىپ ئىش قىلساق كىيىن پۇشايماندا قالىمىز شۇڭلاشقا تەغدىرىمىزگە ئىشىنىشمىز شۇنىڭ بىزگە رىسقى قىلغان قىسمەتلەرنى كۆرىشىمىز كىرەك مەن بەلكىم ساپ بولغان بىر يۈرەككە ئازار بەردىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنىڭ جازاسىنى تارتىپ قېلىشىم مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىشنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنشىنى مەن خالىمايمەن سىزنى دەپ كىتىپ قالسام ئۇ قالدىدۇ ئۇمۇ سىزدەك 》ئۇ شۇنداق دىگەچ ۋىقىلداپ يىغلاپ كەتتى كۆڭلۈمنىڭ پەقەت ئارامى يوق بىردەم ئويلاندىم ئويلاپ باقسام مەن شەخسىيەتچىلىك قىپتىمەن ئۆزۈمنىلا ئويلاپتىمەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى قەيەردىن قەيەرگە كەلگۈچە بۇنى ئەسلا ئويلىمغان ئىكەنمەن مىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ تېپىشىم ئۇنىڭغا ئازاپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس ئىدىغۇ ، ئۇنى تەق قىسىلچىلىك ئىچىدە قۇيۇش ئەمەس ئىدىغۇ مەن بۇرۇن ئۇنى تېپىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان بولسام ھازىر تاپقانلىقىمغا ئۆكۈنۈپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي يەرگە قاراپ قالغان ئىدىم .
ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغۇم ئۇنىڭ مەن قانمىغان سىياقىغا كۆزۈمنى ئۈزمەستىن ئۇنىڭ سىماسىنى مەڭگۈلۈك خاتىرەمگە خاتىرلىمەكچى ئىدىم ئەپسۇس بۇ قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمىدىم ، ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا 《مىنى كەچۈرۈڭ مەن ئۆزۈمنىلا ئويلاپتىمەن 》شۇنداق دىدىم ئۇ《سىز بۇنداق دىسىڭىز مەن تېخىمۇ ئازاپلىندىكەنمەن مەن سىزنى خېلى چۈشۈنىمەن سىز بۇرۇنقىدەكلا تۇرۇپسىز مىجەزىڭىز پەقەت ئۆزگەرمەپتۇ مۇلايىم يۇۋاش تۇرۇپسىز باشقىلار بوزەك قىلغانمىدۇ دەپ سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم يەنە تېخى ئېغىر بېسىق بۇلۇپ قاپسىز بۇرۇن بەكلا ئالدىراڭغۇ ئىدىڭىز بىر ئىش قىلسىڭىز كېسىپ قىلاتتىڭىز دىگەن گىپىڭىزدە چىڭ تۇرۋالاتتىڭىز ھازىر ئالدىراپ كەتمەيدىغان بۇلۇپسىز 》ئۇ شۇنداق دەپ ئوڭ كۆزىنى قىسىپ كۈلدى· ئۇنداقمۇ ئەمەس ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك ئىدىم ئەمدى چوڭ بوپ كەتتىم قارىمامسىز ساقال بۇرتۇمغا ئاق كىرەي دىدى بويۇممۇ ئۆسۈپ كەتتى شۇنداق دىيشىمگىلا 《راس شۇنداقكەن بىراق ساقال بۇرتىڭىز قاپقارا تۇرمامدۇ لىكىن بويىڭىز بەك ئۆسۈپ تەمبەل بۇلۇپ كىتىپسىز ئىككىمىز كوچىدا مېڭىپ قالساق مىنى سىڭلىسى ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك 》شۇنداق دەپ يەرگە قارىۋالدى خىجىل بۇلۇپ دىمسىمۇ ئۇنىڭ تەن قۇرلىشى كىچىك ئىدى بويىمۇ پاكار كەلگەن مۆرەمگىمۇ چىقمايتى ئۇستىخانلىرمۇ ئىنچىكە ئۇرۇق ئىدى 《سىز بۇرۇن كۆزۈمگە خېلى چوڭ كۆرۈنەتتىڭىز  چوڭ بولغانسېرى كىچىكلەپ كىتىپ بارامسىز ياكى جاپا بېسۋالدىمۇ مىنىڭ بولغان بولسىڭىز راسا بېقىپ چوڭ قىلۋالاتتىم 》شۇنداق دەپ يېرىم يۈزلۈك كۈلۈپ قويدۇم ئۇ نازلىنىپ 《ئۆتەپ بېرىڭە  نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسىز سىزنىڭ بولغان بولسام دەردىڭىز ماڭا ياراشماي تېخىمۇ جۈدەپ كىتەرمەن كىم بىلدۇ تېخى ھى ھى ھى》دەپ ھىجاراپ تۇردى ·
ھە قارغاندا دەردىڭىز ماڭا يارشىپ سەمىرىپ كىتىپتىمەندە مەن دىمسىمۇ دەردىڭىز ماڭا ياراشقان ئوخشايدۇ بولمىسا كىنولاردىكى گىگانىت چولپانلاردەك بوپ كەتكەن بولسام پۈتۈن شىنجاڭدىن ماڭا قىز چىقماي قالاتتىكە ، شۇنداق دىيشىمگە 《بولدى بۇلارنى دىيىشمەيلى سىز بىلەن پاراڭلاشسام بۇرۇنقىدەكلا ئەركىن بۇلۇپ يىنىكلەپ قالىدىكەنمەن لىكىن سىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى مىنى دەپ بەكمۇ رىيازەت چىكىپسىز ئەپسۇس سىزدىن قانداق كەچۈرۈم سورشىمنى ئورنىنى قانداق تولدۇرشۇم كىرەكلىكىنىمۇ بىلمەي قالدىم ھەم ئورنىنى تولدۇرۇپ بۇلالمايمەن ھەم ئامالسىزمەن خالىسىڭىز بىز ئادەتتىكى دوسلاردىن بۇلۇپ قالساق قانداق قارايسىزكىن》ماڭا قارىدى جاۋابىمغا تەلمۈرۈپ《دوس دەڭ بۇ قېتىم سىزنى ئىزدىشىم سىزنى مەڭگۈلۈك ھەمراھىم قىلىش ئىدى دوس بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ئويلىمدىڭىزمۇ دوس بولساق دەردىڭىزنى ماڭا دىسىڭىز باشقىلار بىلەن يۈرگىنىڭىزنى كۆرسەم ئەجىبا يۈرۈكۈم تېخىمۈ ئاجىزلاپ ئازاپ يۇتىۋەتمەسمۇ ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئايرىلغانچە بىز كۆرۈشمىسەك سىزنى بەختىنى تېپىپ بولدى دەپ بىلسەم بەلكىم زىدە بولغان يۈرۈكۈم يېڭى نىجاتلىققا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن لىكىن 》دەپ توختاپ قالدىم ئۇ سەزگەندەك 《سىزگە ئىشىنىمەن سىز ئويلىغانلىرڭىزنى قىلالايسىز مىنى ئۇنتۇپ يېڭى مۇھاببەتكە ئېرىشەلەيسىز يېڭى مۇھاببىتىڭىز سىزگە مەن بېرەلمىگەن مۇھاببەتنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ بىراق ۋاقىت كىتىدۇ ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارشى ئوخشىمايدۇ كەلگۈسىدىكى ھەقىقى بەخىتنى ئارزۇ قىلدىغانلىكىن قىز بولسا دەل سىزدەك يىگىتنى تاللىيالماي تۇرالمايدۇ سىزدىن سۈيۈنمەي قالمايدۇ گەپ سىزنى چۈشۈنۈشتە زېھنى ئۇچۇق ئۆزىنى توختاتقان ئەخلاقنى يۈركىگە مۇجەسسەملىگەن قىز دەل سىزگە ماس بولغان قىزدۇر شۇنداق قىزغا ئۇچۇرغىنىڭىزدا ئۇ قىز سىزنى چۈشەنگىنىدە ئاندىن سىزنىڭ بەرگەن بەىتىڭىزگە رازى بۇلالايدۇ بۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن 》دەپ يەنە كۆز يېشى قىلدى · مەن 《ئىچىمنى سىيرىپ نىمانچە يىغلاۋېرسىز يىغلىماڭچۇ كۆز يېشىڭىز سىز ئۈچۈن خار بولغان بىلەن مىنىڭ نەزىرىمدە تېپىلماس قىممەتلىكتۇر خالىغانچە ئاققۇزشىڭىزنى مەن خالىمايدىكەنمەن 》ئۇ 《بۇرۇنمۇ شۇنداق دىگەن ئىدىڭىز بىر مەزگىل كۈلۈپلا ياشاپتىكەنمەن كىيىن سىز دىن ئايرىلغاندىن بۇيان كۈلگىنىمدىن يىغام كۆپ بولدى بەلكىم خاتالىقلىرىمنى كۆز يېشىم بىلەن يۇيدىغان ئوخشايمەن بۇلدۇ مۇشۇ دىگنىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ كۈلۈپ ياشاي 》يىغلاپ تۇرۇپ زورىغا كۈلدى·
ئۇ تېلفونىنى چىقىرىپ سائەتكە قاراپ مەن ماڭاي يەنە كۆرۈشۈشكە نىسىپ بولسۇن دەپ ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولدى مەن ئەمدى كۆرۈشەلمەسلىكىمىز ھەم كۆرۈشمەسلىكىمىز مۇمكىن ئۈزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ شۇنداق دىيشىمگە《ماڭا بىر قېتىملىق كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەرگەن بولسىڭىز بىر قىتىملا سىزدىن ئۆتۈنەي》ئۇ ماڭا يىلىنغان قىياپەتتە قارىدى جاۋابىمنى كۈتۈپ مەن بىر ئاز ئويلىنىپ
ماقۇل……ماقۇل
قاچان كۆرشىمىز ؟
ئۇ مەن تېلفون قىلىمەن شۇ چاغدا خوش ئەمسە دەپ چىقىپ كەتتى·
داۋامى بار……
     





186 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-5 4:09:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-28 23:07:20 buyuk
مۇھاننەتنى ئۆزىمىز قۇرۇپ چىقالايمىز پەقەت نىيتىمىز دۇرۇس ئارزۇيىمىز مۇستەھكەم بولسىلا مۇھاببەت مەڭگۈ ھىكايە بۇلۇپ قالمايدۇ مەن شۇنداق قارايمەن
2017-4-7 1:57:21 پاتىگۇل'
تەسىرلىك مۇھاببەت بوپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ