ۋىسال تاپمىغان سۆيگۈ
1 - قىسىم ئاپتورى ؛ نەفىسە
ئايدىڭ كېچە كىچە سائەت 12 كىگە ئاز قالدى، رەنا تىخى ئۇخلىمىغان ئىدى. ئۇ يىغلاۋاتاتتى، يىغلاۋىرىپ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ نىمىشقا بۇنداق بولغىنىدىن ئاغرىنىۋاتاتتى ، ئۇ ئاتا ئانىسىغا يالۋۇرۇپمۇ باقتى ، قارشىلىق كۆرسىتىپمۇ باقتى لىكىن ھىچقايسى كارغا كەلمىدى ، ئۇ ئۆز ئۆزىگە توۋا بۇ دادام ئاپاملارغا شىرزاتنىڭ نەرى يارىمايدۇ ، چىراي دىسە چىراي بار خىزمىتىمۇ بار ، بۇلارغا يەنە نىمە قىلسا يارا بولغىيتتى، مىنىڭ شىرزاتتىن باشقىغا تىگىشىم مۇمكىن ئەمەس مەن شىرزاتنىلا سۆيىمەن، دەپ يىغلايتى.
ئۇنىڭ ئەس يادى ئاپا دادىسىنى قانداق قايىل قىلىش ئىدى، شىرزاتنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ خىلى تىرىشتى ، نەچچە قىتىم ئەلچىلىككە كەلدى، لىكىن دادىسى ئاپىسى رەت قىلدى، شىرزاتمۇ رەنانى بەك ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ئۇ دائىم رەناغا تەسەللى بىرىپ ئەنسىرىمە جىنىم چوڭلارنى چوقۇم قايىل قىلىمىز دەيتتى ، سىنى چوقۇم ئالىمەن دىسە رەنا بەكلا خۇش بولاتتى. لىكىن ئۇ ئاپا دادىسىنى قانداق قايىل قىلىشنى بىلمەي ئىچى سىقىلاتتى. مەن ئۆلسەم خۇش بولىدىغان ئوخشايدۇ بۇلار دەپ ئاپا دادىسىدىن رەنجىيتى.
شۇنداق شىرزات ئىككىسى بىر بىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ، بىر بىرى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشىقا رازى ، رەنا شىرزات بىلەن يىڭى تونۇشقان ۋاقىتلىرىنى ئەسلىدى.
رەنا كىتابخانىغا كىرىۋاتاتتى. ئالدىراش چىقىۋاتقان شىرزات بىلەن ئىككىسى دىققەتسىزلىكتىن سوقۇلۇپ كەتتى، ھەم بەك خىجىل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. تۇيۇقسىزلا ئىككىسىنىڭ كۆزى بىر بىرىنىڭكى بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ ئىككىسى ئاجايىپ بىر خىل ھىسياتتا بولۇپ قىزىرىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ رەنا پات پات شىرزاتنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
ئىككىنجى قىتىم بولسا ئاپتۇبۇستا تاساددىبى ئۇچرىشىپ قالدى ، ئىككىلىسى بىر بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئاپتۇبۇستا ئادەم بەك جىق قىستا قىستاڭچىلىقتا رەنا شىرزاتنىڭ پۇتىغا دەسسەپ سالدى. بەك خىجىل بۇلۇپ كەتتى. شىرزاتتىن كەچۈرۈم سورىدى شىرزات كۈلۈپ تۇرۇپ ھىچقىسى يوق دىدى. ئىككىلىسى قىزىرىپ كەتتى. شىرزاتنىڭ پۈتۈن جىسمىنى بىر خىل شىرىن ھىسيات چىرمىۋالدى.
ئۇلار ئىككىلىىسى بىر بىكەتتە چۈشۈپ قالدى، رەنا ئۆزىنىڭ ئىدارىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، توساتتىن بىرى ئۇنى چاقىردى. ئۇ قارىدى ، چاقىرغان كىشى دەل شىرزات ئىدى.
- قىزچاق ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
رەنا خىجىل بۇلۇپ يەرگە قاراپ ئاستاغىنە:
- ئسمىم رەنا،- دىدى.
يىگىت:
- پاھ ، ئسمىڭىز بەك چىرايلىقكەن! مىنىڭ ئىسمىم شىرزات تونۇشۇپ قالساق قانداق دەيسىز؟ رەنجىمەي تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بىرىڭە ،،
رەنا ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئاستاغىنە نۇمۇرىنى دەپ بەردى ، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى باشلاندى، بىر كۈنى رەنا ئىشخانىسىدا ئولتۇرسا ناتۇنۇش بىر نۇمۇر دىن تىلفۇن كەلدى.
- ۋەي، كىمۇ؟
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەنا مەن شىرزات تونىدىڭىزمۇ ؟
- ھە تونۇدۇم كىمدۇ دەپتىمەن تىخى ، قانداقراق ئەھۋالىڭىز؟
- ياخشى ياخشى ! سىزچۇ؟
-ھە، مەنمۇ ياخشى.
-نىمە ئىشلارنى قىلىپ كەتتىڭىز؟
-شۇ ئىشلەپ ئالدىراش.
-ۋاقتىڭىز بولسا كەچتە كۆرۈشسەك، مەن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي قانداق ؟
رەنا تۇرۇپ قالدى، ئۇ شىرزاتنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. ئادەتتە ئوغۇللارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان قىز شىرزاتنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى.
- ۋەي، رەنا گەپ قىلمايسىزغۇ.
- ھە بولىدۇ.
بۇ جاۋاپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىكەتكىنىنىمۇ رەنا ئۇقالماي قالدى.
- ھە بولىدۇ، ئەمسە مىنڭ باشقا مەقسىتىم يوق پەقەت دوست بولۇپ ئۆتەيلى دەپ شۇ.
- ھە بولىدۇ.
- ھە ئەمسە مەن سىزنى كەچ سائەت ئالتىدە خەلق باغچىسى تەرەپتىكى مەدىنە تىز تاماقخانىسىدا ساقلايمەن، ھە ماقۇل ئەمسە!
رەنا <ھە >، <ماقۇل>، < بولىدۇ> شۇنداقلا جاۋاپ بىرىۋاتاتتى.
- خوش ئەمسە كەچتە كۆرۈشەيلى.
خوش ، تىلفۇننى قويىۋەتتى. رەنا ئۆزىگە ھەيران بولىۋاتاتتى. توۋا ھەجەپمۇ ماقۇل دەپ سالدىم دىسە، ئاران ئىككى قېتىم كۆرگەن تۇرۇپ. بولدىلا جىق ئويلىماي ئىشىمنى قىلاي، دەپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردى. سائەت ئالتىگە ئاز قالغان ئىدى. رەنا جىددىيلىشىۋاتاتتى، ئۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرىۋاتاتتى. ياسىنىپراق چىقمىسام بولماس ياخشى تەسىر قالدۇرۇشۇم كىرەك دەپ ئويلىدى. ئاندىن يەنە <توۋا نىمە بولدۇم؟> مەن دەپ قوياتتى. ئۇ مەدىنە تىز تاماقخانىسىغا ماڭدى، ئۇ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىگە ، سول تەرەپتىن شىرزات <رەنا > دەپ چاقىردى ، ..
داۋامى بار
2427 قېتىم كۆرۈلدى | nafisa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-13 17:09:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-7 2:28:32 | بەرىرە |
بەكياخشى يېزىپسىز ئاخىرنىمۇ يوللىڭە بىلمىڭىزنىڭ تېخمۇ زىيادە بۇلشىنى ئۈمۈتقىلمەن سالامەت بۇلۇڭ |
2016-10-29 3:01:49 | ئەرچىن |
يارايسز! |
2016-9-11 2:22:17 | zulmira |
ahirini kaqan awatisiz |
2016-9-9 11:35:15 | Amina |
Bak yahixi buptu |
2016-8-7 8:40:42 | ئارزىگۈل |
ئەسەرنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ، باغلىنىش مۇناسىۋىتى ، ئەسەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن |
2016-3-14 14:03:11 | arzugul |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ئەممائەمما بۇنچىلىكبۇنچىلىك ھەقىقيھەقىقي مۇھەببەت بار ئىكەنلىكىگە مەنمەن ئىشەنمەيمەنن |
2016-2-8 17:41:18 | فىردون |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەگەردە خالىسىڭىز بۇ ەسىرىڭىزنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلىسەك ،ئۈندىدار نومىرىم :157906951 |
2016-1-21 14:08:07 | دىلدار |
ئاخىرى قىنى؟ |
2016-1-19 0:49:56 | ۋارىسجان |
مەزمۇنى بەك قالتىسكەن ياخشى يېزىلىپتۇ👍👍👍👏👏👏 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|