بۇ دادا كىمنىڭ (ھىكايە)2-قىسىم

بۇ دادا كىمنىڭ

 

  (ھىكايە)2-قىسىم

 

 

 ھاممام بۇ ئەر تەرەپكە بىر قارۋەتكەندىن كىيىن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى دە،مىنى ئشارە قىلىپ يېنغا چاقىرىپ قۇلىقىمغا بۇ ئادەمنىڭ ياتاق سرتىدا تۇرغان ئوغۇللىرىنى چاقىرشىمنى ئېيتتى. سىرتتا يامان ئەمەس كىيىنۋالغان ،بىر قاراشتا خېلى ساپالىق مەدەنىي كۆرۈندىغان ئۈچ ياش يىگىت قاتارى تۇراتتى ،ئىچىدىكى بىزارلىق تېشغا تەپكەن بولسا كېرەك ،چىرايدىكى ئالامەتلەر بەكلا ئېنىق ئىدى،ئۇلارنى چاقىردىم ،بىرىنچى بولۇپ ياتاققا كىرگەن ئوغلى (نىمانداق سېسىق )دىگىنچە ئېغىزنى تۇتۇپ چىراينى پۇرلىشىپ كەتكەن ئەسكى لاتىدەك بىر قىسما قىلىپ ،جايدا بىردەم تۇرغاندىن كىيىن دادسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى،قالغان ئىككىسىمۇ جاننى ئالدىغان زەھەرنى سۈمۈرۋالدىغاندەك ئېغىزلىرىنى چاپانلىرى بىلەن توسۇپ كىرشتى، ئەر لىققىدە ياش تولۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن بۇ ئۈچ ئوغلىغا خىجىللق ، يالۋۇرۇش ئۆتۈنۈش ئىلكىدە تىكىلدى.ئەڭ ئالدىدا كىرگەن ئوغلى دادىسنىڭ يوتقىننى سەل كۆتۈرۈپ بەل تەرىپگە بىر قاراپلا ھۆ)دىگىنچە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى،ئەمدى ھەممە ئش ئايان بولدى شۇ ئارىدا ھاممام ماڭا ئۇ ئادەمنڭ پۈتۈن بەدىنى پارالىچ بولۇپ ،كىچىك ئوغلىنى قۇتقۇزمەن دە پ قاتناش ۋەقەسگە ئۇچراپ شۇنداق بولۇپ قالغىننى، گەپ قىلالماس بولۇپ قالغىلى يېرىم ئايغا يېقىن بولغانلقىنى ،شۇنىڭدىن كىيىن ،بەزىدە ۋاقتىدا قاراپ تۇرمىغاچقا تەرىتىنى تۇتالماي قالدىغانلىقىنى ،بىرمۇ قىزى يوقلىقىنى ،ئايالى بالدۇرلا قازا قىلغاچقا ،بۇ ئۈچ ئوغلىنى بىر قوللۇق چوڭ قىلىپ ئوقۇتۇپ ،ئۆيلۈك-ئوچاقلى ق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ،دادا ئۈنسز ياش تۆكمەكتە ،كۆز ئەتراپى قىپقىزىل بولۇپ ياشلىرى توختاي دىمەيتى ،شۇ تاپ بۇ دادىنىڭ مۇرەككەپ ھېسياتىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلۋاتاتىىم،كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمغىنچە ئۆز دۇنياسدا ئىزتىراپ چىكىۋاتقان بۇ دادا نىملەرنى ئويلاۋاتقاندۇ،،تەستە ئاچقان يوتقاننى تۈزلەپ يېپپىپمۇ قويماستىن كۆڭلى ئېلىشىپ چىكەتكەن ئوغلىدىن جاپا سالدىم دەپ كەچۈرۈم سوراۋاتامدىغاندۇ ،،ياكى ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ قىلغان ئوغۇللىرنىڭ ،ئەمدىلىكتە ئۆزى يىقىلىغاندا كۆرسەتكەن ۋاپادارلىقى باغرىنى ئەزدىمۇ،،،ۋەياكى بۇ ئازاپ خورلۇققا چىدىماي ئەزرائىلنى چىللاۋاتامدۇ،،،،،، خ .چەشمە





813 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 10:06:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-3 11:49:34 abduwali
birinqi kisimni ikkinqi kisimi ohxaxku
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ