تىلەمچى بالام
ئاپا ئەسقەرگە پۇل بىرەيلى، قارا ئۇنى ئاپىسى ئۆيدىن چىقىرۋەتتىمۇ نىمە؟ ئوغلۇمنىڭ تۇيۇقسىزلا دىگەن بۇ گىپىدىن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولى كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. كىيىملىرى يىرتىق،بوينى گىپىستا قاتۇرۇپ قويۇلغان،يۈزىنىڭ ئۇيەر،بۇيىرىگە تارتۇق چۈشكەن،ئوغلۇم بىلەن تەڭ ياش قۇرامدىكى بىر بالا دادىسىنىڭ يىنىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى…ئوغلۇمنىڭ گىپىگە ئانچە ئىرەن قىلمايلا يانچۇقۇمدىن پۇل چىىقىرىپ ئوغلۇمغا قاراپ- مانا پۇل بىرىپ كەل بالام. ئوغلۇم نارازى بولغان قىياپەتتە تۇمشىقىنى ئۇشلاپ،پۇلنى ئالدى-دە ئۇ تىلەمچىنىڭ يىنىغا كەتتى… يىنىمدىكى دۇكانغا كىرىپ چىققۇچە تالادا قىيا-چىيا باشلىنىپ كەتتى،ۋاي ئاپا دىگەن ئاۋاز بىلەن يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ يۈگۈرۈپ سىرىتقا چىقتىم،ئوغلۇم،دەل مېنىڭ ئوغلۇم بايىقى تىلەمچى بالىنىڭ دادىسى تەرىپىدىن سۆرەپ بىر ماشىنىغا بېسىلدى،ۋاي بالام،جىنىم بالام دەپ يۈگۈرگىچە ماشىنا قوزغالدى،يۈگۈرۈپ بارغىنىمچە دەل بايا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بالىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلدىم…كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا ئىدىم،بايىقى قارا قىيامەت چۈشۈم بوپقسىكەن دىگەن ئۈمىد بىلەن ئويغۇنۇپ پۇشايمان،ئازاپ قوينىغا تېخىمۇ ئىچكىرلىدىم،جىنىم بالام،يۈرەك پارەم ئادەم بىدىكلىرى،ساختا قىياپەتتە ياسانغان تىلەمچى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنىدى. ئەمما،ئەمما ھىلىقى ئوغلۇم كۆرسەتكەن تىلەمچى بالا ياق، ئوغلۇم تونىغان،بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن يۈتۈپ كەتكەن خوشنىمىزنىڭ ئوغلى،ئوغلۇمنىڭ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىسى ئەسقەر كۆزلىرىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى… ئوغلۇم،مەن تونىمىغان،ياق تونىمىغان ئەمەس مەن دىققەت قىلمىغان ئاشۇ تىلەمچى ئاغىنىسىنى تونۇپ قىلىپ،ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋاتقاندا،ئۆزلىرىنىڭ سېزىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەن ئادەم بىدىكلىرى ئوغلۇمنى كىتىشكە شەرەتلىگەن،ئەمما ئۇنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا،تېلىۋۇزۇردىن كۆرىۋالغىنى بويىچە باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرغىنى دەل ئۇلارنىڭ غالجىرلىشىپ يۈرەك پارەمنى ئىلىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغانىكەن،بىچارە بالام،مېنىڭ بىخەستەلىكىم سەۋەپ،مىنىڭ پەقەتلا ئۇ بىر تىلەمچى دىگەن سەۋەنلىكىم سەۋەپ مەندىن،ئۆيدىن،بىزنىڭ ئىسسىق قوينىمىزدىن ۋاقىتسىز مەھرۇم قالدى،ئۇنى ئىزدىدىم،ئىزداۋاتىمەن،ھەربىر تىلەمچى بالىلارغا يۈزىنى ئۆزەمگە قارىتىپ ئۈمىد بالام دەپ چاقىرىپ تۇرۇپ ئىزدەۋاتىمەن،بالامنىڭ شۇ تىلەمچى بالىلارنىڭ ئارقسىدىن چىقىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئىزدەۋاتىمەن…يىراقتىن بىر پۇتى ناكار بىرىنىڭ ھاسىسىنى تاراقشىتىپ،قولىدا يىرتىق شەپكە كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە،ئۈمىد دەپ ئوغلۇمنى چاقىرغان تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،كۆزلىرىمىز دەل يىقىن ئارلىقتا ئۆزۈمگە ئوخشاش قاپقارا مەڭ بار كۆزلۈك ئوغلۇم بىلەن ئۇچراشتى،دەل شۇ دەقىقىدە ئۇنى يىتىلەپ ماڭغان ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى تېز-تېز ماڭدۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى،يۈرۈگۈم توكۇر تىلەمچىنى،ياق تىلەمچى ئوغلۇمنى تونۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم،ئۈمىد،ئۈمىدىم بالام…
زۇبەيدە تۇرسۇن رېھىم
2015-8-5
1069 قېتىم كۆرۈلدى | زۇبەيدە تۇرسۇنتۇرسۇن رېھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-11 0:11:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-28 16:09:33 | raziya imin |
yahxi yeziliptu, |
2015-8-26 23:04:01 | ئايجامال تۈمۈر |
تىلەمچى بالا |
2015-8-21 21:44:04 | تۇرسۇن چەرچەن |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|