يامغۇردا قالغان ئانا - 2- قىسىم - ھىكايە

يامغۇردا قالغان ئانا


(ھېكايە)


2-قىسىم


يۈسۈپ ئەخمەت( باشلامچى)

 

 

 ئىنسانغا ئىنساندىن كەلمىگەچ ۋاپا،

 ئىنسانلار ئۆز ئارا سالاركەن جاپا.

 بالىدىن ئانىغا ۋاپا كەلمىگەچ،

تەڭرىمۇ بەندىدىن بولاركەن خاپا.

 

 ئانا قەبرىدىكى قەدىردانىغا دەرت تۆكىۋاتىدۇ، ئۇ ئاڭلاۋاتامدۇ ياكى ئاڭلىيالمايۋاتامدۇ بۇنىسى نامەلۇم. دەرەختىكى قۇشلار خۇددى ئانىنىڭ دەردىنى ئاڭلاۋاتقاندەك، ئانىغا قاراپ ئولتۇرغاچ ھەسرەتلىك ۋىچىرلاشماقتا....

 مانا گۇگۇم ۋاختى بولدى ،قۇشلار ئەنسىز ۋىچىرلاشقا باشلىدى بەلكىم ئۇلار ئانىنىڭ تېخىچە غەمسىز تۇرغانلىقىغا قاراپ ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. ئەتراپ تولىمۇ سۈرلۈك تۈس ئالغان ئاسمانغا قارا بولۇتلار لىققىدە تولغان ئىدى، قۇشلارمۇ ئۇۋىسىغا كىرىپ كەتتى. پەقەت ھۇۋقۇشلا كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئانىغا سۈرلۈك قارىغىنىچە دەرەخنىڭ ئۇچىدا ئولتۇراتتى. بىر تال يامغۇر تامچىسى ئانىنىڭ قۇرۇق بېسىپ قورۇلۇپ كەتكەن قولىغا چۈشتى. ئاپلا چاتاق بولدى! يامغۇردا قالىدىغان بولدۇم، ھاڭۋاقتىلىقىمنىزە! دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ قويدى ئانا پىچىرلاپ.

يامغۇر بارا ـ بارا كۈچىيىشكە باشلىدى، ئانىنىڭ ئۈستى بېشى ھۆل بولۇپلا قالماستىن يوللارمۇ پاتقاق بولۇپ كەتكەنىدى. 'بۇ ئەتراپتا يا يامغۇردىن دالدىلانغۇدەك جاي يوق ئۆيگە بارغۇچە ھەجەپ قىينىلدىغان بولدۇمدە' . ئانا شۇنداق دىگەچ كېتىۋېتىپ توساتتىن يېقىلىپ چۈشتى، بېشى قاتتىق تىكەتكەچكىمىكىن ھوشىدىن كەتكەنىدى. ئەتراپ جىمجىت ھېچ ئادەم سىياقى نەرسە كۆرۈنمەيتتى، بىر يۇلغۇننىڭ تۈۋىدىن بىر يوغان ئالا بويناق سېرىق ئىت چىقىپ كەلدى ۋە ئانىنىڭ يۈزكۆزلىرىنى پۇرىۋەتكەندىن كېيىن ھۆل بولۇپ كەتكەن تۈكلىرىنى كۈچەپ سىلكىۋەتتى دە ئۆز بەدىنى بىلەن ئانىغا چۈشۋاتقان يامغۇر لارنى توسىۋاتاتتى. ئەسلى بۇ ئىت خەيرىنساخان ئانىنىڭ قەدىردانى ياسىن ئاكا كۈچۈك چېغىدىن باشلاپ باققان ئىت بولۇپ، بىر ئاي بورۇن ئارغامچىسىدىن بىكار بولۇپ يوقاپ كەتكەنىدى.

ھايال بولماي يامغۇرمۇ توختىدى،ئانا تېخىچە ھوشسىز ياتماقتا، ئىت ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ مۈرىسىدىن چىشلىگىنىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ سۆرەپ ماڭدى. بۇ زاراتگارلىق مەھەللە سىرتىدا بولۇپ ئانىنىڭ ئۆيىمۇ مەھەللە سىرتىدا بولغاچقا ئارلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئىت ئۇزاققا قالمايلا ئانىنى سۆرەپ كونا پاشايۋاننىڭ ئاستىغا ئەكەلدى ۋە ھايال بولمايلا يول تەرەپكە قاراپ ماڭدى، قارىماققا ئۇ ئابدۇرازاقنىڭ ئۆيىگە ماڭغاندەك كۆرۈنەتتى. ئىت ئەنە شۇ تەرىقىدە خۇپتەنلەردىن كېيىنرەك ئابدۇرازاقنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە رىشاتكىلىق دەرۋازىنىڭ ئارلىقىدىن تەستە كىرىپ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كىلىپ قاۋاشقا باشلىدى، بۇ چاغدا سىرىتقا كىچىك تەرەت قىلىش ئۈچۈن چىققان ئابدۇرازاقنىڭ كىچىك ئوغلى ھەسەن قورقۇپ كېتىپ قاتتىق چېقىرۋەتتى، بالىسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئابدۇرازاق نېمىشقىدۇر ئىشىكنىڭ يېنىغا يۆلەپ قويۇلغان كەتمەن دەستىسىدىن چوڭراق كالتەكنى ئېلىپ سىرتقا يۈگرەپ چىقىپلا ئىتنى كۆردى ۋە ئۆزىمۇ بىلمەستىن ئىتنىڭ كاللىسىغا كۈچەپ بىرنى ئۇردى... داۋامى بار...

 ئۈندىدار 2067186198





984 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-3 11:32:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-5-15 21:24:07 سەبىر
بۇ ھىكايە ناھايتى ياخشى ئ‍ىكەن. ئاخىرى يەنە بولسا ئ‍وقۇسام بولاتتى. ياردەم قىلساڭلا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ