قاراقچى سوققان ئوغرى - ئىبرەتلىك ھىكايە

قاراقچى سوققان ئوغرى - ئىبرەتلىك ھىكايە


(ئەسلى تىمىسى -گۈلشەننىڭ ئ‍ېرىنىڭ ئ‍اشنىسى)

 

 مەتتۇردى يۈسۈپ (ھىكايە)

 

گۈلشەن ئاشنىسى بىلەن تىلفۇندا كۆرۈشۈشنى كىلىشىپ قويغاندىن كىيىن گىرىم قىلىپ ياساندى ھەم ياراشتۇرۇپ كىيىنگەندىن كىيىن ئۇچىرشىدىغان جايغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئېرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تۇنۇش بىلىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۇچۇن ھەرقېتىم كۈرشىدىغان جاينى شەھەرنىڭ سەل چەترەك خىلۋەت جايلىرىدىكى تاماقخانىلارغا ۋە مىھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇراتتى.

 ئۇلار ئۇچراشقاندىن كىيىن ھەر قېتىمدىكىگە ئوخشاش تاماقخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا بەھۇزۇر غىزالانغاندى. ئېسىل مىھمانخانىلاردىن ياتاق ئاچقۇزدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۇن تەستە كىلدىغان بۇ پۇرسەتنى خۇشال دەقىقىلەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ۋاقىتنىڭ بىريەرگە بېرىپ قالغىنى سەزمەي قالدى. ئۇ تىلفۇنىنىڭ سائىتىگە قاراپ ئېرىنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاختى بۇپ قالغانلىقىنى بىلدى دە ئاشنىسىغا نازللانغان ھالدا :

 - قەدىرلىگىم مەن قايتاي، ئېرىمنىڭمۇ ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتى بۇپ قاپتۇ،  كىيىن كۆرشىشىمىز تەسكە توختاپ قالمىسۇن يەنە ، _ دىدى.

 ئۇنىڭ ئاشنىسىمۇ كۆپ ئويلانماستىن:

 _بۇلىدۇ شۇنداق قىلىڭ، ھەراس بۇ قېتىم سىزگە نىمە ئالغاچ كەلگەنلىكىمنى بىلەمسىز؟_دىدى.

 _ نىمە؟

 _ ئايفۇن ئالتە يارىدىمۇ ؟

 _ يارىدى بەك چىرايلىقكەن! پاھ ، نىمىدىگەن نەپىس!

 ئۇ ئاشنىسىنىڭ قولىدىن ئالما ماركىلىق ئالتىنچى ئەۋلات نەپىس ئىشلەنگەن ئالتۇن رەڭ تىلفۇننى ئېلىپ، ئۇياق بۇياققا ئۆرۈپ-چۆرۈپ قىزىقىش ۋە خۇشاللىق ئىچىدە تىلفۇننى كۈرۈپ چىقتى.

 _نىمىدىگەن چوڭ نىمىدىگەن چىرايلىق نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز؟ _ سوردى ئۇ.

 _ 6مىڭ يۇەندىن ئاشىدۇ.

_نىمانداق قىممەت ؟

 _ سىزئۈچۇن ئەرزىيدۇ، قۇبۇل قىلىڭ.

 _ئەلۋەتتەقۇبۇل قىلىمەن، تىلفۇنۇممۇ بۇزۇلاي دىگن ئىدى رەھمەت ھە.

 تىلفۇننىڭ كەينىگە كىچىككىنە بىر قوشيۈرەك چاپلانغان ئىدى.

 _ ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماسلىقىمىزنىڭ بەلگىسى ئۈچۈن ئالاھىتەن چاپلاتقۇزدۇم _ دىدى ئاشنىسى پىخىلداپ ھېجىيىپ تۇرۇپ .

 _بىلدىم چۇقۇم ياخشى ساقلايمەن، ئەمىسە مەن ماڭاي.

ئۇلارخوشلاشتى، ئۇئۆيگە قايتىۋېتىپ بۇ تىلفۇننى ئېرى ئالدىدا قانداق ئاشكارىلاش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى. «تېپىۋالدىم»دىمەكچىمۇ بولدى. «دوستلىرىم سوغا قىلدى» دىمەكچىمۇ بولدى، لىكىن ئېرىنىڭ ئىشەنمەسلىكىدىن قورقۇپ باشقىچە ئامال ئىزدىدى.

 ئۇئاخىرى بىر ئامال تاپتى.  ئۇ ئېرى بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى پات-پات كۆرۈشۈپ تۇردىغان ھېلىقى باغچىغا باردى بۇ يەرگە ئاشىق -مەشۇقلار ، دوست يارەنلەر، يالغۇزلۇقتا ئچى پۇشقانلار كىرىپ ئايلىناتتى ئولتۇرۇپ پاراڭلىشاتتى.  ئۇ باغچىغا كىرگەندىن كىيىن خالى جايدىكى بىر ئورۇندۇقنىڭ ئارقىسىدىكى چىملىققا باشقىلارغا چاندۇرماي تاشلىدىدە سەل يىراقلىشىپ بىردەم كۈزەتتى ئۇباشقىلارنىڭ ئۇيەرگە ئاسانلىقچە كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىن دەرھال تاكسى بىلەن ئۆيىگە قايىتتى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئېرىنىڭ كەپ بولغانلىقىنى بىلدى. ئېرى ئۇ ئۆيگە كىرشىگىلا چىڭراق تەلەپپۇزدا :

_نەگە باردىڭىز؟_ دەپ سوردى.

 ئۇ سەل دۇدۇقلىغان ھالدا جاۋاپ قايتۇردى.

_ مەن...مەن دوستلىرىم بىلەن باغچىغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلدىم. ھەراس ئامرىقىم مەن نىمە كۆردۇم بىلەمسىز؟

_نىمە كۆردۇڭ ؟

 ئۇئىشىكنى يېپىۋەتكەندىن كىيىن ئېرىنىڭ قېشىغا كىلىپ پەس ئاۋازدا:

_ مەن باغچىدا بىر تىلفۇن كۆردۇم بىرسىنىڭ چۇشۇپ قالغان ئوخشايدۇ؟

_ قانداق تىلفۇنكەن نىمىشقا ئېلىپ كەلمىدىڭ _سوردى ئېرى.

 _ بىلمىدىم ئىشقىلىپ خېلى ياخشى تىلفۇندەك قىلىدۇ. دوستلىرىم بىلەن بولغاچقا يېنىغا بارمىدىم. ئۇلارنىڭ كۆرۈپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ باغچىدىن ئەپچىقىپ ئۆيلىرىگە يولغا سېلىۋېتىپ دەرھال قايتىپ كەلدىم.

 _ بۇزۇلۇپ قېلىپ تاشلىۋەتكەن تىلفۇندۇ ھە قاچان.

 _ يېڭىدەك قىلىدۇ بېرىپ ئەپكىلەمسىز ؟

 _چاقچاق قىلمىغىنەۋە،  كىممۇ يېڭى تىلفۇننى ئىزدىمەيدۇ؟

 _ئەمىسە تىكىشەيلى. ئۇ تىلفۇن كونا بولسا سىز ئشلىتىڭ، يېڭى بولسا مەن ئىشلىتەي، بارمىسىڭىز مەن بېرىپ ئەكىلىمەن.

 _ بېرىپ كەلگۈچە قاراڭغۇ چۈشىدۇ، سەن ئايال كىشى بولغاندىكىن تاماق قىل ئۆزەم بېرىپ ئەكىلەي قانداقراق يەردىكەن؟

ئۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكەن ھالدا:

 _ بىز ئىلگىرى ئۇچراشقاندا كۆپرەك ئولتۇردىغان ھېلقى قوش كىشىلىك شادا ئورۇندۇق ئېسىڭىزدىمۇ؟ شۇئۇرۇندۇقنىڭ ئارقىسىدا چىملىقنىڭ ئارىسدا كۆردۈم.

 _ ھە بىلدىم –ئېرى شۇنداق دىگەچ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ«ئۇھ »دەپ بىر تىنىۋالغاندىن كىيىن خۇشاللىقنى تەستە بېسىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. ئۇ "ئەمدى قىممەت باھالىق ئسىل تېلفۇننى خاتىرجەم ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم" دىگەنلەرنى خيال قىلىپ، ئېرىنىڭ ھېلقى «ئايفۇن ئالتە» تىلفۇننى تىزراق ئەپ كىلىشنى تەقەززالىق بىلەن ساقلىدى. بىر ئازدىن كىيىن يولدىشىمۇ قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرگەن ئېرىنىڭ قوللىرىغا كۈلكىسىنى باسالمىغان ھالدا قارىدى ۋە:

-تاپالىدىڭىزمۇ-دەپ سورىدى.

ھەئە-دىدى ئېرى تەمكىن ھالدا.

ئۇ خۇشاللىقىدىن قېنقېنىغا پاتماي قالدى.

-قېنى كۆرۈپ باقايلىچۇ-دىدى ئۇ ئېرىگە نازلانغان ھالدا.

 -مانا ئېلىڭە- ئېرى تىلفۇننى ئۇنىڭغا بەرگەچ كىرىسلودا ئولتۇردى. ئۇ تىلفۇننى قۇلىغا ئېلىپ كۆرۈپلا چىرايى ئۆڭۈپ خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدىكى ئالما ماركىلىق ئالتىچى ئەۋلاد تىلفۇن بولماستىن ئادەتتىكى كونۇپكىلىق تىلفۇن ئىدى. ئۇ چاندۇرماستىن زورىغا كۈلۈپ ئېرىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ سورىدى:

 -مەن دىگەن يەرگە باردىڭىزمۇ ؟ ئۇ ئورۇندۇقنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ راستىنلا مۇشۇ تىلىفۇن بارمىكەن؟

 - ھەئە خاتا كۆرمەپسە، مۇشۇ تىلىفۇن باركەن.

 ئۇ ئېرىگە بەرىبىر "ئۇ ئەسلى ئايفۇن ئالتە تېلېفۇن ئىدى" دىيەلمەيىتتى. ئۇ "ئېرىم ئۇ تىلفۇن قېشىغا بارغۇچە بۇ تېلفۇن ئۇچراپ قېلىپ مۇشنىلا ئېلىپ قايتىپ كەلەگەنمىدۇ ياكى باشقىلار ئەپ كەتكەن بولسا مېىنى كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ بۇ تىلفۇننى سېتىۋېلىپ ئالغاچ كەلگەنمىدۇ" دىگەنلەنى ئويلىدى ئۇ كەچلىك تامىقىنى قانداق يىگىنىنىمۇ بىلمىدى. كىچىچە ئۇيقسىمۇ كەلمىدى.

 ئۇ ئەتىسى ئەتتىگەندە يولدېشنى ئىشقا يولغا سالغاندىن كىيىن باغچىغا بېرىپ قۇيۇپ قويغان يىرىدە تىلىفۇننىڭ يوقلىنى كۆردى. ئۇچىملىقلارنى ۋە ئەتراپنى تەپسىلى ئاقتۇرۇپ چىققان بولسىمۇ تىلفۇن تېپىلمىدى. ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلاپ ئولتۇردى . باشقىچە ئامال تاپمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئاشنىسى "مەن سوۋغا قىلغان تىلفۇن قېنى دەپ سۇراپ سالسا نىمە دەرمەن" دەپ ئويلىدى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئۇيلاپ ئاخىرى ئېرىگە يالۋۇرۇپ ئايفۇن ئالتە تىلفۇندىن بىرنى ئالدۇرۇش خىيالىغا كەلدى دە ئېرىنىڭ ئىدارىسىغا قاراپ ماڭدى.  ئۇ كەلگەندىن كىيىن دەرۋازا يېنىدىكى نۆۋەتچىلىك قىلدىغان ئۆيدىكى نۆۋەتچىدىن يولدىشىنىڭ ھازىر ۋاقتى بار يوقلىقىنى ۋاقتى بار بولسا چاقىرىپ قويىشىنى ئېيتماقچى بولۇپ كىردى دە تۇرۇپلا قالدى. ئۇ يولدېشى خىزمەتدېشىم دەپ بەزىدە ئۆيگە باشلاپ باردىغان چىرايلىق قىزنىڭ بېرىلىپ تىلفۇن ئويناپ ئولتۇرغىنىنى كۆردى. قىزنىڭ قولىدىكى ئۇ تىلفۇن دەل ئاشنىسى تۇنۈگۈن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان قوش يۈرەك چاپلانغان ئايفۇن ئالتە تىلفۇن ئىدى.

 ئ‍ۈمىدۋار 2358682788





2251 قېتىم كۆرۈلدى مەتتۇردى يۈسۈپ ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-11 1:33:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-15 2:50:39 مۇخلىسە
بۇ ھىكايە باشقا بىر ھىكايىدىن ۆزگەرتىلگەندەك قىلدۇ ئ‍وخشاپ قالدىكەن
2016-8-30 22:34:27 ئەمەتجان
ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەر ئىكەن
2016-8-17 23:09:21 nafisa
azer ki zaman ha qup tu bu yekaya
2016-4-26 20:42:18 xahzada,
bakla. yahxi. yizilip tu
2016-4-19 16:36:45 rrrr
hajap baplaptu bir birini
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ