ئاپامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (ھىكايە) - پاتىگۇل زىياۋۇدۇن

 ئاپامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

 (ھىكايە) 

 پاتىگۇل زىياۋۇدۇن

 

ماتىرىيال ئىزدەۋېتپ ئالتۇن بېلىقنىڭ سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن، قىزىل تاشلىق خاتىرە دىققىتىمنى تارتتى. خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم. قىزىقىپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم. قۇرۇغان قىزىل گۈلنىڭ بەرگىلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. گۈل بەرگىلىرى قىستۇرۇلغان مۇنۇ قۇرلار دىققىتىمنى تارتتى-دە ۋاراقلاشقا باشلىدىم.

«ئەسسالام ئەنقەر، ياخشىمۇ سىز؟ مەندىن ئەھۋال سوراشنى خالىسىڭىز تېنىم سالامەت،كۈنلىرىم ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بەلكىم مىنى جاۋاپ خەت يازمىدى دەپ ئاغرىنىۋاتىدىغانسىز؟ ئەمما نىمىشقا خەت يازمايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپمۇ باقامدىغانسىز ؟  مەن ھەمىشە باشقىلار مەندىن ئاغرىنسا مەن نىمە ئىشنى خاتا قىلغاندىمەن دەپ ئويلۇنۇپ قالىمەن، بۇ ئويۇم توغرىمۇ؟

توغرا، نامراتلىق گۇناھ ئەمەس، مەن سىزنى نامرات دىگەن خىيالنى ئەسلا كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپمۇ باقمىدىم. ناۋادا رىئاللىق شۇنداق بولسىمۇ مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قارىمايمەن. چۈنكى مەن ئۈچۈن بىردىن-بىر بايلىق، قىزلارنىڭ ئىنساپ-ۋاپاسى، يىگىتلەرنىڭ ۋىجدانى ۋە ئەرلىك مەسئۇليىتى...... بەلكىم سىزمۇ شۇنداق ئويلايدىغانسىز. چۇنكى مەن سۆيگەن يىگىتمۇ چوقۇم مەن ئويلىغاندەك ئويدا بولىدۇ،  دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭغا ئشەنچىم كامىل.

مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، بىر ئىشچى ئائىلىسىدە چوڭ بولدۇم. تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئېيىتقاندا ئائىلىمىزنىڭ تۇۋرىگى بولغان دادامدىن ئايرىلغان شارائىتتا چوڭ بولغان.

مەن ئەقلىمنى بىلسەم، دادام  بىز  بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلۇشۇپ، بۇدۇنيانىڭ جاپا– راھەتلىرىنى مىھرىبان ئانامغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. قەيسەر، جاپاكەش ئانامنىڭ ئەقىل– پاراسىتى، كۆيۈنۈپ بېقىشى بىزنى بىرەر قېتىممۇ يىتىملىك دەردىنى تارتقۇزۇپ باقمىدى. مەن پەقەت ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئاچقاندا مۇئەللىمنىڭ داداڭلار كەلسۇن، پەقەت ۋاقتى يەتمىسە ئاناڭلار كەلسىمۇ بولىدۇ دىگىنىدە، ئويلۇنۇپ دادامنى خىيالى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم....

دادامنىڭ تەققى –تۇرقى، خۇلۇق مىجەزى، يۈرۈش - تۇرۇشى... دىگەنلەرنى خىيالى كۇز ئالدىمغا كەلتۇرەتتىم، چۇشلىرىمگە كىرسىكەن  چۇشلىرىمدىمۇ بولسا كۇرىۋالسام دىگەنلەرنىمۇ خىيال قىلىپ، ئوي ئىچىدىن دادامنىڭ بىرەر سۇرىتى چىقىپ قالارمۇ ؟دەپ ئانامدىن  قانچە قىتىم سۇرىغىنىمنى ئۇزۇممۇ بىلمەيمەن. مانا، چۇڭ بۇلغانسىرى بۇ سۇئاللارنىمۇ سۇرىماس بۇلدۇم. بۇ  دادامنى ئۇنتۇپ كەتكىنىم ئەمەس، بىركۇن، بىر ئومۇر ئۇنتالمايمەن ھەم  ئۇنتۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ گۇدەكلىكتىكى خىياللىرىم يەنىمۇ ئۆچكىنى يوق. پەقەت ۋە پەقەتلا يۇرەكلىرى لەختە-لەختە بۇلغان شۇ ئانامنى يەنە بۇ ئويلىرىم بىلەن ئازاپلاشنى خالىمايمەن.بۇ مىھرىبان ئانامنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ تارتقان ئازاپلىرى يىتىپ ئاشار.

بىلەمسىز؟ مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ ئانام بىلەن بىللە، مەن دائىم بەزى ئانىلارنىڭ بولدىلا بالامنىڭ دادىسى بولغاندىن كىيىن ئارتۇق غەم قىلىپ نىمىمۇ قىلاي، دىگىنىدە ئانامنىڭ بىز ئۈچ قىزنى نەقەدەر جاپادا باققانلىقلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىزمەن. ئەجىبا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ دادىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن(ماڭا يازغان خېتىڭىزنى كۇرگەندىن كىيىن ھىس قىلغانلىرىم). بەلكىم مەن دادىلارنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن. ئەرلەر ئاياللاردىن جىسمانى جەھەتتىن كۈچلۈك بولسىمۇ، تۇرمۇشتا ئەرلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ھىس قىلدىم.

مىنىڭ بۇنداق دىيىشىم دادىڭىزنى)بولغۇسى قېيىن ئاتامنى (ئەيىپلىگىنىم ئەمەس. ئۇ سىزنى بېقىپ، ئوقۇتۇپ جەميەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقتى، بۇمۇ ئاسان ئەمەس. سوزىڭىز بۇيىچە ئېيىتقاندا، تۇرمۇشتا مىھرىبانلىق يەتكۈزەلمىگەن بىلەن، ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا  قىلدى. مىنىڭ تا ھازىرغىچە ھىس قىلىدىغىنىم: بىر ئاتا– ئانا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ چوقۇم پەرزەنتىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى بۇ دۇنيادا پەرزەنىت ئاتا–ئانىنىڭ بېقىشى، كۆيۈنىشى، تەربىيلىنىشىگە مۇھتاج. بۇ يەنە  مەسئۇليەتچان دادا– مىھرىبان ئانىنىڭ باش تارتسا بولمايدىغان ئەخلاقى ھەم ئىنسانى بۇرچى. بۇ مىنىڭ شەخسەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى. بەلكىم كەلگۈسىدە ئانا بولغاندا ئويۇمنىڭ توغرا– خاتالىقىنى ھىس قىلدىغاندىمەن.

ئەمدى ئۆزەمنىڭ گېپىگە كەلسەم، ئانامنىڭ دادىڭىزغا سالغان تويلىقى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكىلەرنى شۇنداق ئويغا سالغان بۇلۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ ئانامنىڭ (بەرمەس قىزنىڭ تويلىغى ئېغىر)  دىگەندەك، ئانامنىڭ   تويغا قارشى چىقىشىنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇشى مۈمكىن. مەن ئانامنى چۈشىنىمەن، چۈنكى ئانام تۇرمۇشتا شۇنچىلىك ئاددى–ساددا، تىجەشلىك، ئاق كۈڭۈل بىر ئانا. بەلكىم ناھىيە ئاتلاپ توي قىلىشىمغا قوشۇلمىسا كىرەك. كۆڭلۈمنى دەپ سىلەرگە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا مەندىن خاتىرجەم بولالمىغان، بۇنى مەن توغرا چۈشىنىمەن. بۇمۇ ئانىنىڭ بالىغا بولغان مىھرى بولسا كىرەك. چۈنكى مەن سىزنى دەپلا ئائىلىدىن ئايرىلپ باشقا بىر ناھىيەگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن بەلكىم ئانا مىھرى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغاندۇ. ئانامغا قاراپ يۇرەكلىرىم يىرىلايلا دەپ قالدى. بىز پەرزەنتلەر بۇلارغا قاچانمۇ خاتىرجەم بىر تۇرمۇشنى ئاتا قىلارمىز-ھە! ئەپسۇس، مۇھەببەتنىڭ بىر كۆزى قارغۇ بۇ كىمنىڭ سۇزى  بولغىيىتتى شۇنداق تۇغرا ئىيتىلىپتۇ .ئانامنىڭ شۇنچە تەڭلىكتە قالغىنىنى كۇرۇپ تۇرساممۇ يەنىلا سىزدىن ۋاز كېچەلمىدىم.

 توغرا توي قىلىش تەبىئىغۇ؟  دەيدىغانسىز. خۇددى ئىككىمىزدىن باشقىلار تۇي قىلمايدىغاندەكلا. بىراق  ئىككىمىزنىڭ توي ئىشى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە، چۈنكى مەن ناھىيە ئاتلاپ بارىمەن ئەمەسمۇ ؟

دۇنيادا ھەممە ئانىلار پەرزەنتىگە كۆيۈنىدۇ. مىنىڭ ئانامدەك ئانىلار ساناقلىقلا، چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىدى، خۇددى پەرىشتىدەكلا. ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقى بىز ئۈچۈنلا. ئانىلار توغرىسىدا ئېيتىلغان: ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ،دىگەن بۇ ھىكمەتلىك سۆزنى ئانام ئىسپاتلاپ چىقتى.

ئۆزۈمنىڭ گىپىگە كەلسەم : بىلەمسىز، مەن تا ھازىرغىچە ئانام ئۇخلىغاندىلا سىزگە خەت يازالايمەن، مۇشۇ كۇنلەردە ئۇزۇمنڭ شۇنچىلىك شەخسىيەتچى بوپ كەتكەندەك ھىس قىلىدىغان بۇپ قالدىم. مەن كۆپ ئويلاندىم، بەلكىم ئويلىغانلىرىم ئارتۇقچىدۇر. ئۆزەمنىڭ نىمە ئىش قىلىش كىرەكلىگىنىمۇ بىلەلمىدىم. مەن پەقەت سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزگە ئىشەنگەنلىگىم ئۈچۈنلا سىزگە بولغان ئەقىدەم ئارقىلىق سىزگە جاۋاپ خەت يېزىۋاتىمەن. ماڭا ئىشىنىڭ، رىسقىمىز قوشۇلغان بولسا ئۇلۇغ ئاللا مۇرادىمىزغا يەتكۈزگەي، خەير-خوش!

                                 1996-يىل 6-دىكابىر»

    بۇ ئاپامنىڭ دادامغا يازغان ئاددى  بىر پارچە خېتى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى توغرا ھەل قىلىپ بۈگۈنكىدەك بەختىيار ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن  زور بەدەل تۆلىگەنلىكى بىلنىپ تۇراتتى. بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن مىنىڭ ئاپامغا بولغان مىھرىم، دادامغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. نىمىشقىدۇر بۇندىن بۇرۇن ئاپامنى شۇنچىلىك ھازازۇل كۇرەتتىم، چۇنكى ئۆي ئىچىدە ئۇنىڭ دىگىنى ئجرا قىلىناتتى. ئەمىلىيەتتىمۇ ئاپام ئىشلارنى شۇنداك ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇراتتى. بۇلۇپمۇ ئىنىم ئككىمىزنىڭ ئۇگۇنىشىگە بەك كۇڭۇل بۇلەتتى. دادام بىر ئىدارىنىڭ مەسئۇلى بولسىمۇ ئۆيدىكى ئىشلارنى ئاپامغا مەسلىھەت سالاتتى. ئاپامنىڭ پىكرىنى رەت قىلمايىتتى....بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بۈگۈن  بىلدىم. ئۇلارنىڭ چىن مۇھاببەت ساداقەت بىلەن ياشاپ ئۆتكەن كۈنلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ  دادامنى   تېخىمۇ بەك ھۆرمەتكە لايىق دەپ ئويلىدىم.

تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ:-پەزىلىيە... قىزىم سىز نەدە... -دىگەن ئاۋازى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. مەن بىلسەم ئاپام دادام بەك ئىناق، بىر –بىرىگە بەك كويۈنىدۇ. ئاپام ئىنىم ئىككىمىزنى دەپ ئۆز خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، پۈتۈن ۋاقتىنى بىزگە سەرپ قىلىۋاتىدۇ. دادام تاغلىق رايوندا جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ھەپتىدە ئۈچكۈنلا پۈتۈن ئائىلە جەم بولۇپ، خۇشاللىققا چۆمىمىز.

دادام –ئاپامغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. دادا-ئاپا سىلەرگە كۆپ رەھمەت،مىنى مۇشۇنداق بەخىتلىك تېنچ ئائىلىگە ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. چوڭ دادا- چوڭ ئانا، ياتقان يىرىڭلا جەننەتتە بولغاي....

مەمنۇنىيەت بىلەن كۈتۈپخانىدىن قايتىپ چىقتىم.






333 قېتىم كۆرۈلدى almas ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 7:39:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ