شۇڭا مەن دىلشاتنىڭ ، كۆڭلىنى قوبۇل قىلدىم .مۇشۇنداق قىلساملا سىز بىلەن سەييارەنىڭ ئىشىغىمۇ قولايلىق بولىدۇ ، مەنمۇ ئاراڭلارغا قىسىلۋالمايمەن . سىلەرگە مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن .» ، خەت مۇشۇ يەردە ئاياقلاشقان ئىدى .
قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئۇ بىزنى خاتا چۈشىنۋاپتۇ ، مەن بۇمەرىيەمگە بۇ گەپلەرنى دېمەكچى ، ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم ، بىراق ئۇ مېنىڭ نومۇرۇمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپتۇ ، پەقەت ئۇلانمىدى ، زاۋۇتتىن رۇخسەت سوراپ ئۇنى ئىزدەپ باردىم ، بىراق ئۇ يوق بەلكىم دىلشات ئاللىقاچان خەۋەر بەرگەن بولسا ئۆزىنى مەندىن ئېلىپ قاچقان ئوخشايدۇ.
كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم ،شۇ كېچە تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدىم ،ھەتتا ئوغۇلبالا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ سالدىم ، ئۆمىرىمدە چوڭ بۇلۇپ بۇنچىلىك ئازاپلىنىپ باقمىغان ئىدىم . ئەتىسىدىن باشلاپ روھىم بوش يۈردۈم ، خىزمەتداشلىرىم مەندىن ئاغرىپ قالدىڭمۇ ؟ دەپ سورىدى . سەييارە ئىزچىل مېنى قوغلاشتى ، مەن ئۇنىڭغا ئوچۇق دېگەن بولساممۇ بولدى قىلمىدى ، بەزىدە ئۇنىڭغا قاتتىق تەگدىم ، مەن ھەرقېتىم ئۇنى سىلكىشلەپ قاتتىق تەگكىنىمدە ،ئۇ ئاغزىنى ئېتىپ يىغلىغان پېتى يۈگىرەپ كېتىپ قالاتتى ، بەزىدە ئۇنىڭغا قاتتىق تەگكىنىمگە پۇشايمان قىلاتتىم ، يەنە بەزىدە دىلشات بىلەن بۇمەريەمگە ئاچچىقىم كېلەتتى .
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ، بىزنىڭ زاۋۇتتىن خوشلىشىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ، شۇنداق قىلىپ مەن بۇمەريەمگە بۇ ئوقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرەلمىدىم ، دىلشاتنىڭ مەقسدى بولسا بۈمەريەم بىلەن توي قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ئېرىشىپ ،ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ تاشلىۋېتىش بولغاچقا ، ئۇنىڭدىن پايدىلنالمىدى ، ئۇلارنىڭ ئالاقىسمۇ ئۈزۈلۈپ قاپتۇ ، سەييارە بولسا ماڭا « سىزدىن نەپرەتلىنىمەن ، كۆڭلۈمنى يەردە قويدىڭىز ،سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن .»دېدى ، شۇنداق مەن ئۇنى ئىزچىل رەت قىلغاچقا ئۇ مەندىن نەپرەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق .
بىر كۈن ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ئۆيگە كەلدىم ، ئۆيدە ئاپام مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ ، مەن ئىشلىگەن پۇللىرىمنى ئاپامغا تۇتقۇزغىنىمدا ئاپام خوشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلغان ئىدى . مەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگللىتەلىگنىمگە شۇنچىلىك خوشال ئىدىم .بىراق قەلبىمنى ئازاپلايدىغىنى ھېلىقى سىما ، بۇ سىما قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئورنىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى . بۇ ئەسلىمە مەن ئۈچۈن ھاياتىمدا ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە .
ئاپتور : ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
2016يىل 4-ئۆكتەبىر
| 412 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-4 23:49:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|