پۇرىغان جەسەت (پوۋسىت) 3 - قىسىم - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

پۇرىغان جەسەت

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( پوۋسىت  ) 3- قىسىم 


ھاشىم ئاكا بولساسودگەر تۇرسۇنىڭ كەتكەن تەرەپكە بىرىپ ئۇنى تاپالماي قايتىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىنىق سورىۋالمىنىنىغا ئۆكۈنۈپ ئىغىر ، چوڭقۇر تىنىپ قويدى ۋە كۆڭلىدە :

ــ ھە ،بىر مەھەلىلىك بولغاندىكىن ئۇچۇرشۇپ قالارمىز، ياكى بولمىسا ئەتە قوشنىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ پۇلىنى بىرىۋىتەرمەن ،ـ دەپ ئويلىدى دە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .ئىبراھىم بولسا ھاشىم ئاكىنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى قوناقلىقتا بىر ھازاغىچە ساقلاپ ، ئەمدى ئوينىغىلى چىققان رەھىمجانى ئالداپ ئىلىپ كەتتى .

  مانا، شۇنىڭدىن كىيىن رەھىمجان تاكى تۇغۇلۇپ يۇرتىدىن ئايرىلىپ سىرت يەرگە چىقىپ باقمىغان بالا،سودىگەر تاغىسى تۇرسۇنجاننىڭ ئالدىشى بىلەن بۇ يۇرتتى ئايرىلدى، كېيىن ئۆزىنىڭ ئالدانغىنىنى بىلىپ يىغلىدى، قاقشىدى ئەمما پايدىسى بولنىدى . رەھىمجانىڭ بۇ قىتىم يۇرتىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قىتىم يۇرتىدىن ئايرىلىشى بولۇپ قالدى. كىيىنلەرچە ئۇ ۋاقىتلاردىكى سەبىي بالا چوڭ بولۇپ نى ـ نى يەرگە باردى ، كۆپ پۇللارنى خەجلىدى ، ئەمما بۇ يۇتقا بولسا ئۆلىكى بولسىمۇ قايتىپ كېلەلمىدى .

  باشقىلار ئۆيگە كىرىپ نەرسە ـ كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇردىدە ، ئاسىخان ھەدە بىلەن رازىيە كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن ئاشخانىغا ، ھاشىم تاغا بولسا بىر كۈن ئاچلىق دەردى تارتىپ مەرىشىپ كەتكەن جانۋرلىرىغا ئوت سىلىش ئۆچۈن كىرىپ كەتتى ، ھەم بىردەمدىن كېيىن :

ـ ھەي ، رەھىمجان ، بىرىپ ئوت ـ چۆپ ئورۇپ كېلىپ ئوماق توشقانلارغا بىرىۋەتكىن ، ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ـ دەپ چاقىردى . لېكىن رەھىمجاندىن ھىچ بىر سادا چىقمىدى :

ـ ئىلگىرى چاقىرىپ بولغىچە ئىشىك تۈۋىدە ماراپلا تۇرۇدىغاندەك ھاشىم تاغا چاقىرىپ ئىسمىنىڭ ئاخىرى ئىغىزدىن چىقىپ بولغىچە كىرىپ بولدىغان بالا باشقا كۈنلەردە دادىسى قويلارغا ئوت چۆپ سالسا ئوماق قوزىچاقلىرىنى ئات قىلىپ ئوينايدىغان بالا ئەجەپ بۈگۈن يوقاپلا كەتى دىسە ؟. ھاشىم ئاكا ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە كۆڭلى بىرەر شۇملۇقنى سەزدىمۇ ، تىنى قاتتىق شوغۇق تەرگە چۆمىلىپ،شۈركىنىپ كەتتى دە ، قولىدىكى قويلارغا بىرىۋاتقان يەمنى يەرگىلا قويۇپ« رەھىمجان !، بالام رەھىمجان ! »دەپ چاقىرغىنىچە ئۆيلەرنىڭ ھەممىگە كىرىپ رەھىمجاننى تاپالماي سىرتقا قاراپ ماڭدى .

ھاشىم تاغىنىڭ ئەنسىز چاقىرىشىدىن خاۋاتىرلەنگەن ئاسىخان ھەدە بىلەن رازىيەمۇ ھاشىم تاغىنىڭ ئەرقىشىدىن ئىشىك ئالدىغا چىقتى دە ، تەرەپ ـ تەرەپكە بىرىپ رەھىمجاننى ئىزدىدى . ئەمما شۇنچە ئىزدىگەن بولسىمۇ كەچ كىرگۈچە ئۇ بالىنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمىدى . بۇبىر ئۆيلىكنىڭ ئۆرە ـ تۆپە بولۇپ كەتكىننى بىلىپ كىرگەن قوشنىلارمۇ تەرەپ ـ تەرەپكە چىپىپ يۈرۈپ  رەھىمجاننى ئىزدەپ تاپالمىدى . بىچارە ھاشىم تاغا ، سانىخان ھەدىلەرمۇ ئوغلىنىڭ ئوت پىراقىدا يۇم ـ يۇم يىغلاپ يۈرۈپ بارمىغان يەرلىرى قالمىدى ، ئەمما بىچارە بالىسى رەھىمجان تىپىلمىدى .

ئىككى ـ ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قوشنىلارمەھەللىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى سۈيى داۋالغۇپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بويىدىن رەھەمجاننىڭ بىر پاي ئايىقىنى تىپىۋىلىشتى . ئەلۋەتتە، بۇمۇ ئىبراھىمنىڭ ھاشىم تاغىلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئوينىغان ھىلىسى ئىدى . لېكىن بۇ بىچارە ئاقكۆڭۈل خەلىق بۇنى نەدىنمۇ بىلسۇن . ئۇلار شۇ ئاياق تىپىلغان يەرگە قاراپ رەھىمجان ئۆستەڭ بويىغا ئوينىغىلى كەلگەن ، ھەمدە ئىھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن دەپ ئويلىدى دە ، ھاشىم تاغا ۋە مەھەلىدىكى بىر قانچە بەردەم يىگىت شۇ سۈيى ئۇلۇغ ئاقىدىغان ئۆستەڭنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى .

بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار ھىچ قانداق ئۇچۇر ئالالماي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھاشىم ئاكا ئائىلىسى شۇبالىنىڭ ئاياقنىڭ ئۆستەڭ بۇيىدىن تىپىلغىنى، يۇرۇت چوڭلىرىنىڭ پەتىۋالىرىغا ئاساسەن،رەھىمجاننىڭ بىرنەچچە قۇر كىيىمىنى رەھىمجاننىڭ جەسىتى ئورنىدا يەرلىككە قويدى دە، يۇرۇتتا نەزىر بەردى . لېكىن شۇ چاغدا بىچارە رەھىمجان شۇ ئالدامچى كاززاپنىڭ قولىدا ئىتىنمۇ بەتتەر كۈنلەر بىلەن شىنجاڭدىن ئىچكىرگە ماڭغان بىر پويۇزنىڭ ۋاگۇنىدا كېتىپ باراتتى...                                   

..... داۋامى بار 





691 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 17:52:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 9:00:17 ئېزېز
ياخشې يېزلپتۇقولڭزغا دەت كەلمېسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ