يوقالغان قوشۇن - 12 - قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن

 

12 - قىسىم  (ئاخىرقى قىسمى)

 metro

 

يىرتقۇچ كەسلەنچۈكلەر يۈزدىن ئوشۇق ئەسكەرلەر ئىچىدە خالىغاننى چىشلەپ پارچىلىسا، خالىغاننى يىيىشكە باشلىدى ، ئەسكەرلەردىن بەزىلىرى بۇ يىرتقۇچلارنىڭ ئېغىزىغا چىشلەنگەن پېتى جان ئاچچىغىدا تەڭ پارتىلاپ تۈگەشسە بەزىلىرى قېچىپ يۈرۈپ ئوق ئۈزىۋاتاتتى. تېگى يوق قۇملۇقتا ئۆمۈلەپ كىتىۋاتقان قاسىمبەگ بىلەن خو قۇماندان كىتىۋېتىپ كەينىگە قاراپ چۆچۈپ كىتىشتى ، كەينىدىكى مەنزىرە ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ئەسكەرلەر قۇم ئىچىدە تىپچەكلەپ سېلكىلىنىشلىرى خۇددى كەلكۈن پاتقىقىغا چۆكۈپ كىتىۋېتىپ جان تالاشقان ، باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۋاتقان ئادەمنى ئەسلەتسە ، كەسلەنچۈكلەر شۇنداق غالجىرلىشىپ ئېتىنلىپ كەلگىنىچە تۇيۇقسىز قۇم ئىچىگە كىرىپ كىتىشى باشقا بىر دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى. پولات ئاتىسىنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئۆمۈلەپ كىلۋېتىپ گاھى توختاپ گۈلنەزەر بىلەن ئامىنەگە ياردەم قىلاتتى ، گۈلنەزەر بىلەن ئامىنە بۇ قانلىق ۋەقەدىن ئەس - يادىنى يوقۇتۇپ قويغان بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ نەدە ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنىمۇ ئۇنۇتقاندەك ھەركەت قىلۋاتاتتى . نەچچە كۈندىن سەپەرداش بولۇپ كىلىۋاتقان بۇ يۈزدىن ئارتۇق ھەمىرالارھەش - پەش دىگۈچە ھايۋانلارغا يەم بولغىنى بولۇپ ، قۇم دېڭىزغا چۆككىنى چۆكۈپ قالغىنى خو قۇماندان ، قاسىمبەگ،پولات ، سادىر بۇۋاي ، گۈلنەزەر ، ئامىنەھەمدە «قارائېيىق» ئالتە ئادەم ھەم ئىتلا ھايات قالغان بولۇپ ، ئۇلار تىگى يوق قۇملۇقتىن ئۆتۈپ ، كەينىگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە قېتىپ قالغانتى . خو قۇماندان بىردىنلا ھۆكۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى ، ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قۇمنى كۈچەپ مىجىغلىغىنىچە بار كۈچى بىلەن ۋاقىراشقا باشلىدى : - ھەي بۇتساتىۋا … سەن بەك ئادالەتسىزكەنسەن…سەن نىمىشقا مېنى بۇنداق جازالايسەن ،مېنىڭ قوشۇنۇمنى، ئايالىمنى، مال - مۈلۈكىم ، بىر ئۆمۈر تىرىشىپ توپلىغان بايلىقلىرىمنى ئېلىپ كەتتىڭ ، مېنى يەنە بۇ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىغا يالغۇز تاشلاپ قويدۇڭ ، مەن نىمە قىلغانغا مېنى مۇنداق جازالايسەن؟ قاسىمبەگ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى ، ئۇ شۇنداق قاتتىق كۈلىۋاتاتتىكى بۇ كۈلكىدىن خو قۇماندان ۋاقىراشتىن توختاپ قاراپلا قالدى ، باشقىلارمۇ قاسىمبەگنىڭ كاللىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ نىمە دىگەندەك ئويغا كىلىپ قېلىشتى ، قاسىمبەگ كۈلكىسى ئاخىرى يىغىغا ئۆزگەردى ھەمدە سۆزلەشكە باشلىدى: - سەن جازالاندىڭما تېخى ، بۇنى ئادالەتسىز دەمسەن ، بىزنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىمىزنىڭ جازاسى بۇ ، سەن …، ئۇ خو قۇماندانغا قولىنى سانجىغانچە سۆزلەۋاتاتتى ،- سەن تۆككەن قانلار قانچىلىك ، سەن ئېتىۋەتكەن جانلار قانچىلىك ، سەن ۋەيران قىلغان زار - زار قاقشىتىپ قويغان ئائىلىلەر قانچىلىك ئېيتىپ بىرەلەمسەن ، ياق سەن ھەرگىز ساناپ تۈگىتەلمەيسەن ،سەن ھازىر شۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھېساۋىنى بىرىۋاتىسەن ،- ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى قاقاھلاپ كۈلۈپ ئاخىرلاشتۇردى . - ئاغزىڭنى يۇم ئەبلەخ ،- خو قۇماندان ئاچچىقتىن قاتتىق ۋاقىردى ،- سەن بۇ گەپلەرنى قايسى ۋىجدانىڭ بىلەن داۋاتىسەن، سەن تېخى ياخشى ئادەمما، ۋۇ قانخور ئىپلاس ، ئۆزەڭچە مېنى بىر نەرسە داۋاتامسەن ، سەن مەندىن نەچچە ھەسسە قان قەرىزگە بوغۇلغان ، سەن دىگەن ھايۋاندىنمۇ ۋەھشى ئىپلاس سەن دىگەن قېرىنداشلىرىڭنى يەيدىغان يىرتقۇچ ، دەپ باقە ، بەگ بولغاندىن بېرى يۇرتۇڭغا ، قېرىنداشلىرىڭغا نىمە ئازاپلارنى سالمىدىڭ ، قانچە ئادەمنىڭ جېنىنى ئالمىدىڭ ، قاسىمبەگ خو قۇمانداننىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقانلارغا چىدىماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى: - ھە بوپتۇ مەنغۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلغانمۇ بولاي ، سەندەكلەرنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ قىلدىم ، سەن مەن بىر ئۆمۈر قىلغاننى بىر كۈندە قىلىسەن ، دەپ باقە بايلىقلارنى قانداق قىرغىنچىلىقتا قىلمىدىڭ ، ئەسكەرلىرىڭنى كۈچكەرتىپ باشقىلارنى بولاپلا قالماي ھايۋانلاردەك باسقۇنچىلىقمۇ قىلدۇردۇڭ ، ئۆلتۈرگۈڭ كەلگەننى ئۆلتۈردۈڭ ، كىچىككىنە بالىلارنىمۇ ھايات قويمىدىڭ ئەمدى تويە ، موشۇنداق ئەدىپىڭنى يەيسەن ، خو قۇماندان ئاچچىقتا تىتىرەپ كەتتى - دە تاپانچىسىنى چىقاردى ، قاسىمبەگمۇ ئالمان - تالمان تاپانچىسىنى چىقىرىپ خو قۇماندانغا بەتلىدى ،باشقىلار بۇ ئىككى ئىتنىڭ بىر - بىرىنى تالىشىغا قاراپ ئارلاشماي ئولتۇرىشقانتى لېكىن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى چىقىرشىدىن چۆچۈپ قېلىشتى ، خو قۇماندان ئورنىدىن تۇرۇپ تاپانچىنى قاسىمبەگكە بەتلىگەن پېتى ۋاقىردى : - ۋۇ ئىت ئىپلاس ، مەن جازايىمنى تارتىمما تېخى ، سەنمۇ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۋاتىسەنغۇ ،دەۋزەختە قالدىڭ مانا … كىلە ئاتە نوچى بولساڭ ، بۈگۈن سەن ئىتنى ئېتىۋەتمىسەم ،- ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەسەبىيلىك ، يىرتقۇچلۇق ، ئۈمۈتسىزلىك چىقىپ تۇراتتى،«پاڭ » قىلغان ئاۋاز بىلەن قاسىمبەگ يىقىلىپ چۈشتى ،ئامىنە بىلەن گۈلنەزەر «دادا»دەپ يىغلىغىنىچە قاسىمبەگنى يۆلىدى ، ئۇ يېرىم جان بولۇپ قالغانتى، خو قۇماندان تىزلىك بىلەن ئۇنىڭ تاپانچىسىنى ئېلىپ ئەمدى ئېتىنلاي دەپ تۇرغان پولاتقا بەتلىدى : - كىلە ، كەلمەمسەن ئۆلگۈڭ كەلدىما ، ئۈلىسىلەر ھازىر ئالدىرماڭلار … ،- ئۇ ساراڭلاردەك كۈلۈپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ساراڭغىلا ئوخشايتتى ،ئۇ كۈلگىنىچە ئامىنەگە بىر پاي ئوق ئۈزدى ، بىچارە قىز ھاۋادا لەيلەپلا ئۇچۇپ چۈشتى ، گۈلنەزەرئاچىسىنى چاقىرىپ چىقىراپ كەتتى ، پولاتنىڭ غەزەپتىن موشلىرى چىڭ تۈگۈلۈپ چىشلىرى غۇچۇرلايتتى ،ئۇ يەنە تاپانچىسىنى سادىر بۇۋايغا توغۇرلىدى: - سەن قېرى ئۆزەڭچە مېنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانما ، سەن بىزنى قەستەن بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىڭ شۇنداقمۇ ؟ سادىر بۇۋاي مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ جاۋاپ بەردى : - شۇنداق ، سىلەردەك قانخورلارنى شۇنداق ئاسانلا مەيلىڭلەرگە قويۇپ بەرسەك بولامدۇ ، سىلەرنىمۇ بۇنداق جازالارنى تېتىپ ، بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ جاۋابىنى بەرسۇن دىدىم ، ئەمدى ئارمىنىم يوق قېنى ئاتە ، ئات … بۇ يەرگە ئات ، - بۇۋاي مەردانە قىياپەتتە يۈرۈگىنى كۆرسەتتى ، خو قۇماندان ئېتىشقا تەمشەلدى ، دەل شۇ چاغدا «قارا ئېيىق» شىددەت بىلەن خو فامىلىلىككە ئېتىنلىپ بېرىپ ئۇنى يەرگە باستى ، خو قۇماندان تىركىشىشكە باشلىدى لېكىن بۇ يۇغان ئىت ئىزىلگەن ، زار - زار قاخشىغان ، قان يۇتقان خەلىقنىڭ ئاچچىغىنى چىقىرىپ بەرمەكچى بولغاندەك توختىماي چىشلەپ ، تالاۋاتاتتى، پولات غەزەپ بىلەن بېرىپ قوراللارنى تارتىۋېلىپ ئۇ ئىپلاسنى دەسسەشكە باشلىدى ، ئۇ بۇ زەربىلەردە قىينىلىپ قىيا - چىيا قىلاتتى ، ئاچىسىنىڭ بېشىنى قۇچاقلاپ تۇرغان گۈلنەزەر يۈگۈرۈپ كىلىپ پولاتنىڭ قولىدىكى تاپانچىنى ئالدىدە پۈتۈن غەزىپىنى چىقارماقچى بولغاندەك ئۇ ئىپلاسقا قارىتىپ ئوق تۈگىگىچە تەپكىنى باستى . قاسىمبەگ ئۆمۈلەپ كىلىپ قىزى ئامىنەنىڭ بېشىنى يۆلەپ يىغلاشقا باشلىدى : - جېنىم قىزىم ، مەن تارتىدىغان ، مەن يەيدىغان ئوقتىغۇ بۇ ، قىلغانلىرىمنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمەنغۇ … ئاھ خۇدا … جازالىساڭ مېنىلا جازالىغىن بالىلىرىم بىگۇناھ … ئۇلارنى ئامان قىلغىن … مەندەك ئىپلاس دادىنىڭ جازاسى بالىلىرىمغا بىرلمى …سۇن … ،- ئۇ ھۆكۈرەپ يىغلاپ ھالسىزلاندى ، چۈنكى ئوق تەككەن جايدىن چىققان قان ئۇنى قانسىرتىۋەتكەن ئىدى ، ئۇ پولاتنىڭ قولىنى تۇتتى -دە ئاخىرقى سۆزلىرىنى يىغىپ : - بالام … مەندىن… نەپىرەتلەنسەڭمۇ… بۇ…نى… قىزىمدىن … كۆرمىگىن … ئۇ گۇناھسىز…، - دىگىنىچە كۆز يۇمدى ، گۈلنەزەر دادىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ زار - زار يىغلاپ ھوشىدىن كىتىپ يىقىلدى ، پولات ئۇ ئىككىسىنى قۇملۇققا كۆمدى ، ھەمدە قۇتىسىدىكى سۇنى ھوشسىز ياتقان قىزنىڭ ئېغزىغا ئېقىتتى ، قىز ھوشىغا كەلدى ، ئۇلار بۇ يەردىن ئۆتۈپ بىر قۇم بارخىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشىغا كەينىدىكى مەنزىرىدىن ۋاقىرۋەتتى ، كەينىدە بىر كىچىك كۆل ، كۆلنىڭ ئەتىراپىدا قورىشاپ تۇرغان سېرىق تاش رودا ، خۇددى ئالتۇن كۆلدەك پاقىرسا ئۇنىڭ سىرتى ياپ - يېشىل بوستانلىق بۇ رەڭسىز دۇنياغا نۇر چېچىپ تۇراتتى ، سادىر بۇۋاي ئوغلىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى -دە كۈلۈپ تۇرۇپ : - ئوغلۇم بۇ ھېلقى كۆل ، بۇ يەر خەتەرلىك ، ئەتىراپىدا ھېلقىدەك مەخلوقلار كۆپ لېكىن بىر يول بار شۇ يەر بىخەتەر سۇ ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ ، سەن يوشۇرۇپ قويغان تۆگىنى مەن دەپ بەرگەن دائىرە بىلەن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسەڭ تۇلۇملارغا سۇ قاچىلاپ كەينىمىزگە يانايلى ،ئۈيۈمىزگە قايتايلى- يىگىت كۈلدى ، قىز بۇ گەپلەردىن ھېچنىمىنى چۈشەنمەي سورىدى : - نىمە تۆگە ، نەدىكى تۇلۇملار ؟ پولات كۈلۈپ چۈشەندۈردى : - بىز چايان توپىغا ئۇچۇرغاندا يىمەكلىك باسقان تۆگىنى مەن قۇتقۇزۇپ يوشۇرۇپ قويغان ، سىز مېنىڭ كىچىسى يوقاپ كەتكەنلىگىمنى سەزگەنتىڭىز، مەن شۇ تۆگىنى مەخپىي موشۇ ئەتىراپقىچە ئېلىپ كەلدىم ، ئۇ تۆگىدە يىمەكلىك كۆپ ، ئەمدى شۇ سۇ قاچىلايدىغان تۇلۇملار قۇرۇقتى ، ئەمدى سۇمۇ بار بولدى ، قايتىشقا كەڭتاشا يىتىدۇ . قىز چۈشىنىپ كۈلدى ، بۇۋايمۇ ، يىگىتمۇ كۈلدى . ئەتىسى قۇملۇقتا بۇ كىچىك كارۋان كەلگەن يولىدىنمۇ بىر يېقىن يولنى بېسىپ كەينىگە ياندى ، بۇرۇنقى كارۋان بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى بۇلار بەكمۇ خۇشال ، ناخشا ئاۋازى بىلەن كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيتتى ، قوياشمۇ بۇلارغا جۈر بولۇپ بۇلۇت كەينىدىن تەببەسسۇم بىلەن كۈلەتتى.ھېلقى كۆل ئەتىراپىدا يۇغان يىلان - چايان ، كەسلەنچۈك ، ماشىنىدەك قۇڭغۇزلار ئاستا ھەركەت قىلغىنىچە قۇملۇق ئوتتىرسىدا بۇ كىچىك قوشۇندىن ئاستا - ئاستا يىراقتا قېلىشقا باشلىدى. ھۈرمەتلىك ئوقۇرمەن دوسىتلار شۇنىڭ بىلەن بۇ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھىكايەمنى يېزىپ تۈگەتتىم ، ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلاردىن بەك سۆيۈندۈم ، رەھمەت سىلەرگە ، سىلەرنىڭ بۇ ئىلھاملىرىڭلار ئۈچۈن ئۇزۇن قالماي ۋەھىمىلىك بىر ئەسىرىمنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچىمەن ، ئۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالغايسىلەر .

ئابدېرىقىپ قېييۇم (metro)

2015-10-21





2425 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-13 8:39:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-7 15:04:25 ئەمەرجان ئېلى
قاراڭغۇ ئورماننىڭ سىرى ۋە قورقۇنچلۇق سىرلىق رايوننىڭ ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن ھەقىقەتەن ياخىشى يېزلىپتۇ بۇ ئەسەرلەرنى ئۇقۇسام خۇددى ھوللىۋودنىڭ نادىر كىنولىرىنى كۆرگەننىڭ تۈرلۈك سىمالار ئەكىس ئەتكەندەك ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ سىزنىڭچىچۇ
2016-11-30 23:07:51 گۈزەلنۇر
بەك ياخشى يېزىپسىز مەن خېلى بۇرۇنلا ئوقىغان ئايىقى چىقماي خېلى ئايلا بولغان كۆرمىگىنى بۇگۇن كۆرۇپ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولدۇم
2016-11-27 23:50:46 گۈلباھار
بەكلا ياخشى ئ‍ەسەركەن ، قاراڭغۇ ئ‍ورماننىمۇ تولۇق ئوقۇپ بولغان ئىدىم ، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن ، ئ‍اپتۇرغا رەھمەت سالامەتلىك سىزگە يار بولغاي
2016-10-3 22:31:44 مەمەت تۇرسۇن
بەكياخشى يىزلىپتۇ مۇشۇنداق ئەسەرلەر جىقاراق بولسا دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە😁
2016-8-28 2:47:07 شاۋكەت
بەكياخشى يىزلىپتۇ مۇشۇنداق ئەسەرلەر جىقاراق بولسا دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە😁
2016-8-12 17:10:53 زەينۇرەم
مەن بەك تەسىرلەندىم ئىسل ئەسەركەن قولڭىزغا دەت بەمىسۇن،
2016-7-31 1:23:53 تەشنا
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مەيلى تارىخ،مەيلى ئىستىلىستكىلىق ۋاستە،مەيلى بەدىئىي توقۇلما ،قايسى جەھەتتىن بولسۇن ئادەمنى باشقىچە بىر دۇنياغا باشلايدىكەن،ئىشقىلىپ بۇ ئەسەرباشقا قورقۇنچلىق ھېكايىلەرگە قەتئىي ئوخشىمايدىكەن،بىريەردىن قارىسا قورقۇنچلىق ھېكايە،بىر قارىسا ئەجداتلىرىمىزنىڭ سىماسى كۆزئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدىكەن،شۇنچىلىك تەبىئىي،ئاپتورنىڭ يەنىمۇ نادىر ئەسەرلىرىگە تەشنامەن
2016-4-15 11:42:49 قەمەرگۈل
يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك يىزىپ ئ‍ەۋەتشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن
2016-4-15 11:41:41 قەمەرگۈل
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، قورقۇنچلۇق سىرلىق رايوننىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئ‍ۇقۇدۇم، قاراڭغۇ ئ‍ورماننىڭ ئ‍اخىرىنى ساقلاۋاتىمەن
2016-4-15 11:40:19 مىھمان
بەكلا ياختۇردۇم
2016-3-22 1:02:47 ئابابەكرى
ئىسىل ئەسەر ھە!پولاتنىڭ چايانلار ئارىسىغا كىرىشىگە كەلسەك ،قاسىم بوۋاي ئۇزۇن يىل قۇملۇق بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەم ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تاكتىكىلىرى بولىدۇ دە ئەلۋەتتە ،ئوغلىنى ھەرگىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدۇرمايدۇ !
2016-3-3 18:44:10 ئ‍ابدۇمۇتەللىپ
بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يېزىپسىز مەن بۇرۇندىن قورقۇنچلۇق ، ۋەھىمىلىك ئ‍ەسەرلەرنى ئۇقۇشقا بەك ئ‍امراق ئ‍ىدىم رەھمەت سىزگە .
2016-2-6 18:06:30 ئىز
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئاخىرىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.
2016-2-4 8:59:36 ablat
yagxi yiziliptu
2016-1-19 15:24:54 شاتلىق
ئەسىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم
2016-1-10 23:10:32 گۈل سىرى
مەن بەكلا ھەيران قالدىم ،، شۇنچە كۆپ چايانلار ئىچىگە پولات قانداق كىرگەندۇ،،دۇ،، تۆگىنى قانداق ئەچىققانىدۇ،،ھەم شۇ تۆگىنى يوشۇرۇپ قويۇپ، قايتىپ كەلگۈچە ،، ھېچقانداق بىرەر مەخلۇققا ئ‍ۇچىرمىغانمىدۇ………؟مىدۇ………؟ ئىشقىلىپ مەن بەكلا ھەيران قالدىم، ،،،،،قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەسەرنى شۇنداق ياخشى يېزىپ چىقىپسىز،،،رەھمەت ،،
2016-1-10 23:10:30 گۈل سىرى
مەن بەكلا ھەيران قالدىم ،، شۇنچە كۆپ چايانلار ئىچىگە پولات قانداق كىرگەندۇ،،دۇ،، تۆگىنى قانداق ئەچىققانىدۇ،،ھەم شۇ تۆگىنى يوشۇرۇپ قويۇپ، قايتىپ كەلگۈچە ،، ھېچقانداق بىرەر مەخلۇققا ئ‍ۇچىرمىغانمىدۇ………؟مىدۇ………؟ ئىشقىلىپ مەن بەكلا ھەيران قالدىم، ،،،،،قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەسەرنى شۇنداق ياخشى يېزىپ چىقىپسىز،،،رەھمەت ،،
2016-1-10 23:04:12 گۈل سىرى
بەك ياخشىياخشى يېزىلىپتۇيېزىلىپتۇ
2015-12-27 15:07:06 ezizjan
bak yahxi yiziliptu . rahmat silarga doslurum
2015-12-24 18:05:41 buhalqam
bak yahxi yezlptu adamni bak kizuktuurdka ajrgzga rahmat
2015-12-16 19:36:54 almira
rahmat muxundak yahxi asarni yezip yolliginigzga
2015-12-13 18:43:11 r
yahxi yezliptu
2015-12-13 11:54:28 tograk
bak yahxi yezipsizz🌹🌹🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ