قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ۋەھىمىلىك ھىكايە 32- قىسىم
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
ئەتراپ بىردىنلا ئالۋاستى ، جىن ،ئەرۋاھلار بىلەن تولدى. ھەممىسى تۈشمۇ - تۈشتىن بۇ بىر نەچچە ئىنساننى تۇتۇشقا ئۇرىنىۋاتاتتى ،ئۇلار بولسا جان - جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرىستىۋاتاتتى .
- تىز ، تىزدىن ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتايلى ، بولمىسا ئۇلاردىن قۇتۇلغىلى بولمىغۇدەك.
تۇرغۇن پەستىن يامىشىپ چىقىۋاتقان جەسەتلەرنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپ ئۈلگۈرتەلمەي ۋاقىردى ، لېكىن تايىر ، ئىسكەندەرلەر ئىسكىلىتلارغا تەڭ كىلەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار ئاتقان ساپال پارچىلىرى ئىسكىلىتلارنى پارچىلىۋەتسىمۇ ئۇلارنىڭ پارچىلىرىمۇ ھۇجۇم قىلۋاتاتتى. قىززىق جەڭ بولۋاتقاندا ئىسكەندەرنىڭ كەينىدىن بىر ئىسكىلىت جىن قۇچاقلاپ تۇتتى ،ئىسكەندەر ئۇنىڭدىن ئاجىرالماي نان بىلەن قورقۇتماقچى بولىۋېدى، يەنە بىر ئىسكىلىت ئۇنىڭ يەنە بىر قولىغا ئېسىلدى، نان يەرگە چۈشتى ، تايىر ئېتىنلىپ كىلىپ قولىدىكى ساپال بىلەن بىر ئىسكىلىتنى ئۇرۇپ پارچىلدى. لېكىن ئىسكەندەرگە باشقىلىرى يېپىشىپ ئۇنى قىمىر قىلدۇرمىدى. شۇ چاغدا ئەرۋاھتىن بىرى ئۇنىڭ تېنىگە كىردى، ئىسكىلىتلەر ئۇنى يەرگە تاشلىدى ، بۇ چاغدىكى ئىسكەندەر ئۆزىنى يوقۇتۇپ مەس ئادەمدەك ئورنىدىن تۇردى -دە خۇددى بىرى ئۇنىڭ بەدىنىنى تىلغاندەك ئازاپلىنىپ، بەدىنىنى قالايماقان تاتىلغىنىچە شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئاۋازدا ۋاقىراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ تۇرقىغا چىدىمىغان تايىر ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرىشىگە تۇرغۇن ئۇنى تۇتىۋالدى :
- بارما ئاداش ، ئۇ ھازىر خۇددىنى بىلمەيدۇ ، بارما ساڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ .
تايىر تۇرغۇننىڭ گېپىگە پىسەنىت قىلماي ئېتىنلىۋېدى، ئاسقاقلاپ كەلگەن سەمەتمۇ ئۇنىڭغا ئېسىلدى، تايىر دوستىنىڭ تۇرقىغا ، ئازابىغا چىدىماي ۋاقىردى:
- بىز قېرىنداش، دوسىتقۇ ، ئۇ ئۇنداق ئازاپلانسا قاراپ تۇرامدۇق ، مېنى قويىۋېتىڭلار…
تۇرغۇنمۇ تايىرنىڭ قاراملىغىدىن رەنجىپ ۋاقىردى :
- بىز چىدىمامدۇق ، سەن بارساڭ ئۇ ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، كۆرگەنسەن ئاۋۇ مەخلۇقلارنى، ئۇلار شۇنى كۈتىۋاتىدۇ. ئۇلار بىزنى تىرىك تۇتۇپ كىتاپقا قۇربانلىق قىلماقچى، چۈشەنمەيۋاتامسەن…
ئۇلارنىڭ گېپىنى گۈزەلنۇرنىڭ قورقۇپ چىقىرغان ئاۋازى بۆلدى، ئۇلار كەينىگە قاراپ بىر جەسەتنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىننى كۆردى. بۇ چاغدا بىر ئىسكىلىتمۇ ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى، بۇ ئاچچىقتا تۇرغۇن بىلەن تايىر ئىسكىلىتنى تۇتۇپلا تىزلىك بىلەن ئەرۋاھقا قارىتىپ ئىتەردى ، ئىسكىلىت قاتتىق سوقۇلغانلىقتىن جەسسەت بىلەن قوشۇلۇشۇپ چىقىراشقىنىچە ۋۇلقان ئىچىگە چۈشۈپ كىتىشتى. ئىسكىلىت ۋۇلقانغا چۈشۈپلا «گۈپپىدە» ئوتقا ئايلىنىپ چۆكۈپ جىمىدى .
- بۇلارغا مەن تاقابىل تۇراي، تىز ئۆيگە بارىدىغان يولنى تاپ ، چوقۇم يول بار ،- دىدى تايىر تۇرغۇنغا.
بۇ چاغدا ئىسكەندەرمۇ ئىسكىلىتلارغا قوشۇلۇپ تايىر تەرەپكە يۇپۇرۇلدى .
- گۈزەلنۇر تىز پەستىكىلەرگە بىر نەرسە تېپىپ تاشلاڭ ،- دەپ ۋاقىردى تۇرغۇن ،- بۇ ئەتراپقا چىقارماڭ.
گۈزەلنۇر قورقۇپ ئولتۇرۇش ئۆزىنى ھالاك قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى بولغاي غەيرەتكە كىلىپ سەمەت پارچىلىغان ساپالدىن كۆتۈرەلىگۈدەكنى ئېلىپ كىلىپ جەسەتلەرگە تاشلاشقا باشلىدى . تايىر ساپال ئېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز نەيزىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ بىر ياقتىن قېچىپ، بىر ياقتىن ھۇجۇم قىلىپ نەيزىنى تارتىپ باقتى، نەيزە ئازىراق مىدىرلىدى، ئۇ تىرشىپ يۈرۈپ نەيزىنى تارتىپ چىقىراي دىگەندە بىر ئىسكىلىت ئۇنىڭ كەينىدىن قۇچاقلىدى، قۇچاقلىدىيۇ بىر چىقىراپلا كۈلگە ئايلىنىپ توزىدى. تايىر شۇ چاغدا قوينىدىكى مۇقەددەس كىتاپنى ئەسكە ئالدى، ئۇ باشقا ئىسكىلىتلار كەلگۈچە نەيزىنى سۇغۇرۇپ چىقىرۋالدى، لېكىن نەيزە چىققان بىلەن ئىسكىلىتلار كەينىدىن بىر توپ بەتبەشىرە جىن - شاياتونلار يۇپۇرلۇپ كىلىشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا تاياق - توخماق بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەپتىدىن ، تەقى - تۇرقىدىن ھەرقانداق بىر ئىنسان ھوشىنى يوقاتقۇدەك قورقۇنۇچلۇق سۈر ، ۋەھىمە كىلىپ تۇراتتى. تايىر نەيزىنى ئېلىپ بىر نەچچە ئىسكىلىتقا سانجىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، لېكىن ئەمدى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىنى ئىسكەندەر بولدى، تايىر داجىغاچ ئىسكەندەرگە ۋاقىراپ باقتى، چاقىرىپ باقتى، لېكىن ئىسكەندەر قولىنى سوزۇپ ئۇنى تۇتماق بولۇپ قوغلاش بىلەنلا ئىدى.
- تاپتىڭمۇ ، قۇلۇپ بولىشى مومكىن ، يولنى تاپتىڭمۇ ،- بەرداشلىق بىرەلمىگەن تايىر تۇرغۇنغا ۋاقىردى.
بۇ چاغدا گۈزەلنۇر بىلەن سەمەتمۇ ھالىدىن كەتكەن ئىدى .
- ئىزدەۋاتىمەن ،- تۇرغۇن ئىشىكنىڭ ئىچى يان تامنى سىلاپ - سىپاپ بىر نەرسە تاپالمايۋاتاتتى ، ئەمىلىيەتتە ئۇ جايدا قۇلۇپ بارمۇ - يوق ئۇلارغىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. ئالۋاستىلار غالجىرلىشىپ تايىرغا ئەتراپتىن تەڭ ئېتىلىندى. تايىر تىزلىكتە نەيزە ئۇرۇپ قېچىشقا باشلىدى، ياخشى يىرى ئۇنىڭ نەيزىسى تەككەنلىكى ئالۋاستى ۋەيران بولۋاتاتتى، ئۇ بۇنىڭدىن روھلىنىپ شىددەت بىلەن مەيلى ئىسكىلىت ، مەيلى بەتبەشىرە جىن بولسۇن يېقىن كەلگىنىنىلا بولسا يوقۇتۇپ ئۈلگۈردى ، ھەتتا گۈزەلنۇرغا ياردەملىشىپ ئۈستىگە چىقىپ بولغان بەزى جەسسەتلەرنىمۇ يوقاتتى، ئەمدىلىكتە ئالۋاستىلار ھەرخىل قورقۇنۇچلۇق تۈسلەرگە كىرىپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلىدى، تايىر ئۇلارغا قاراپ قورقۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ خېلى جەڭ قىلىپ نۇرغۇن ئالۋاستىنى يوقاتقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ سانى كۆپۈيۈپ ئەتراپنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى، ھەتتا ئۇلار يەردىن، تامدىن ھەتتا تورۇسلاردىنمۇ ئۇنىڭغا يۇپۇرلۇپ كەلمەكتە ئىدى.
گۈزەلنۇر يەنە ۋاقىردى، چۈنكى ، سەمەت بىلەن ئىككىسى ئورەكتىكى جەسسەتلەرنىمۇ توساپ توساپ بولالمىغان ئىدى. تايىر چىكىنگەچ تۇرغۇنغا ۋاقىردى :
- قۇلۇپنى تاپتىڭمۇ ، تىز بول ، ئەمدى يولنى ئاچمىساڭ تۈگىشىمىز .
بۇ چاغدا غارقىراپ ئۈستى تەرەپتىن بىر تۆمۈر جازا ئىشىك ئالدىغا چۈشۈپ توختىدى ، جازىنىڭ بېشىدا بىر مىس سۇمۇرۇغ قوندۇرۇپ قويۇلغانتى .
- تاپتىم، قۇلۇپنى تاپتىم ،- تۇرغۇن ئىشىكنىڭ كەينى تەرپىدىن تامغا يېپىشقان پېتى يىتىپ چىقىپ ۋاقىردى ، - قۇلۇپ موشۇ سۇمۇرۇغ.
تايىر چىكىنىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى، بۇ چاغدا ھەممىسى ئىشىك ئالدىغا تىقىلىپ قالغان ئىدى، چىكىنەي دىسە ئەمدى ۋۇلقانغا سەكىرىمەي ئامال قالمىغانتى، خەتەر قىل ئۈستىدە قالغاندا ئىسكەندەر تۇيۇقسىزلا تايىرغا ئېتىنلىپ نەيزىنى تۇتىۋالدى - دە شىددەت بىلەن تارتتى، تايىر كۈچ ئېلىشالماي نەيزىنى بەردى. ئىسكەندەر نەيزىنى تۇتقان پېتى يىقىلدى ھەم بىر چىقىراپ نەيزىنى ۋۇلقاننىڭ ئىچىگە ئاتتى. ئۇنىڭ بەدىندىكى ئەرۋاھ نەيزىدىكى ئەپسۇننىڭ تەسىرىدە ئىسقا ئايلىنىپ يوقالدى، لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىگە يەنە بىر ئەرۋاھ كىرىپ ئۇنى يەنە كونتۇرول قىلىۋالدى. تايىر شۇندىلا قوينىدىكى مۇقەددەس كىتاپنى ئېلىپ ئورالغان ياغلىقنى يەشتى ھەمدە كىتاپنى ئۇلارغا قارىتىپ ئاچتى، كىتاپ ئېچىلىشىغا ئۇنىڭغا يۇپۇرلۇپ كەلگەن جىن - ئەرۋاھلار خۇددى شەپەرەڭ نۇردىن قاچقاندەك سەت چىقىراپ داجىشتى، ھەتتا ئورەكتىن چىققانلارمۇ ئۆزلىرىنى ئورەككە ئېتىشتى. تۇرغۇن خەتەردىن قۇتۇلۇشقا ئالدىراپ قوينىدىن سۇمۇرۇغ شەكىللىك ئاچقۇچنى چىقاردى -دە ، مىس سۇمۇرۇغنى تەپسىلى كۆرۈپ ، تەكشۈرەپ تاجىسىنىڭ ئورنىدىكى كاۋاك ئورۇنغا سانجىپ قويدى. ئاچقۇچ سېلىنغاندىن كىيىن مىس سۇمۇرۇغ ئاستا ئايلاندى، ھەمدە پۈتۈن بىر ئايلىنىپ بولۇپ جايغا تەڭشەلگەندەك «تاقىراق» ئاۋاز بىلەن تەڭ توختىدى. بۇ چاغدا بۇ مەيداندا ئۆزگۈرۈش باشلاندى، ئۈستىدىكى قاتلانما جازىلار سۈرۈلۈپ پەسكە چۈشتى. يىغىلىپ تۇرغان جازىلار ئېچىلىپ ، ئۇزۇراپ بىر - بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ، كۆۋرۈك شەكىللىرى ھاسىل بولىشتى، ئاندىن پەسلەپ ئىشىك ئالدىدىن ئوتتۇردىكى ئۆيگە بارىدىغان كۆۋرۈك شەكىللەندى، بەزى جازىلار ئۆينىڭ قارىشى تەرپىگە ئۆتىدىغان يەنە بىر كۆۋرۈككە ئايلاندى.
- تىز مېڭىڭلار ،- دىدى تۇرغۇن يول باشلىغاچ ،- ئالۋاستى كىتاپنى يوقىتايلى!
ئۇلار كۆۋرۈككە قەدەم تاشلىشىغا ئەرۋاھلار جان - جەھلى بىلەن توساشقا ئۇرۇندى، تايىر كىتاپ ئارقىلىق كەينىدىن باستۇرۇپ كىلىۋاتقانلارنى توساش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
- بالام نەگە ماڭدىڭ ؟- دىدى تۇيۇقسىزلا تۇرغۇننىڭ دادىسى ئالدىدا پەيدا بولۇپ،- قارا ئالدىڭدا يار بار ، ئۇ جايغا ماڭساڭ چۈشۈپ كىتىسەن، كەينىڭگە يان .
تۇرغۇن چۆچۈپ كەتتى ، ئالدىدا ھەقىقەتەن دادىسى ئۇنىڭغا گەپ قىلۋاتاتتى، ئۇ دادىسى كۆرسەتكەن جايغا قارىۋېدى راسلا ئالدىدا تىگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھاڭ كۆرۈندى، ئۇ ھاڭدىن قورقۇپ كەينىگە چىكىندى .
- توغىرا قىلدىڭ بالام ، كەينىڭگە يان.
تۇرغۇننىڭ بىردىنلا كەينىگە تىرەجىپ يېنىۋاتقىنىنى كۆرگەن سەمەت ئەجەپلىنىپ ئالدىغا ئۆتتى، بۇ چاغدا سەمەتنىڭ ئانىسى كۆرەندى :
- بالام نەگە بارىسەن ، ئالدىڭدىكى ئوتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟
سەمەتمۇ ئانىسىنىڭ گېپىدىن ھەيران بولۇپ ئالدىغا قارىۋېدى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئۇت كۆرۈندى، ئۇمۇ مېڭىشتىن توختىدى. گۈزەلنۇر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ۋاقىردى :
- نىمىشقا توختىۋالدىڭلار ،تىز مېڭىڭلار ئالۋاستىلار يىتىشەي دىدى ،- ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىپ ئالدىدىكى يولغا قارىۋېدى يول ئۈزۈلۈپ پەستىكى ۋۇلقان كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى .
تايىر كەينىدىكىلەرنى توساپ چىكىنىۋاتقاندا ھەمرالىرىنىڭ بىردىنلا قورقۇپ چىكىنگىنىنى كۆرۈپ قارىۋىدى، بىر توپ ئەرۋاھلارنى كۆردى، ئۇ تىزلىك بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ كىتاپنى ئۇلارغا قاراتتى، ئەرۋاھلار چىقىراشقىنىچە ئۇچۇپ كىتىشتى ، شۇندىلا تۇرغۇنلار سىھرلەنگىنىنى بىلىپ ئالغا ئىلگىرلەشتى، ئۇلار تىزلىكتە ئۆينىڭ يېنىغا بېرىپ قوراللارنى ئېلىشتى - دە يېقىن كەلگەن ئەرۋاھلارغا شىلتىپ خەتەردىن بىر ئاز قۇتۇلغان بولدى. كەينىدىن يۇپۇرلۇپ كەلگەن ئالۋاستى ، جىن - ئەرۋاھلارمۇ مۇقەددەس كىتاپنىڭ خاسىيتىدىن قورقۇپ ئۇلارغا يېقىن جايدا ۋەھشىيانە قىياپەتتە تۇرىشاتتى .
- تىز ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچ ،- دىدى تايىر كۆۋرۈكنىڭ بېشىدا مۇداپىئەدە تۇرۇپ تۇرغۇنغا .
تۇرغۇن ئۆي ئالدىدىكى يەرگە ياتقۇزۇپ قويغان مەرمەر تاشنى كۆردى ، ئۇنىڭغا خەنزوچە خەتلەر ئويۇلغان ئىدى ، گۈزەلنۇر ئۇ خەتلەرنى تەرجىمە قىلدى ،« ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئوتتا كۆيمەيدۇ ، سۇدا ئاقمايدۇ ، توپىدا كۆمۈلمەيدۇ، تىغدا كىسىلمەيدۇ ».
- بۇ قانداق گەپ ئەمدى ،- تۇرغۇننىڭ بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.
باشقىلارمۇ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قېلىشتى، تايىر ئۇلارنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ۋاقىردى :
- ئۆينى ئېچىڭلار !!!
ئۇلار شۇندىلا ئىسىگە كىلىپ قۇلۇپ ئىزدەشكە باشلىدى ، گۈزەلنۇر خەتكە قاراۋېتىپ ئاستىدىكى ئورەكنى كۆردى، بۇ ئورەك تامغىنىڭ ئورنى بولۇپ تامغىدا ئەجدىھانىڭ سۈرىتى ئويۇق ھالەتتە تۇراتتى .
- مانا قۇلۇپ ،- دىدى ئۇ تۇرغۇننى چاقىرىپ.
تۇرغۇن تىزدىن ئەجدىھا ئاچقۇچنى سالدى، ئاچقۇچ دەل چۈشۈپ بىر دەمدىن كىيىن مەرمەر تاش يەر ئاستىغا چۆكۈپ كىرىپ كەتتى ، كەينىدىن ئۆينىڭ تۆت تېمى ئاستا يىغىلىپ ئۆي ئىچى ئاشكارلىنىشقا باشلىدى .
- دىلبەر ،- دەۋەتتى تايىر ، دىلبەر ھەقىقەتەن ئۆي ئىچىدە بىر تاش ئۈستىدە جىمجىت ياتاتتى، ئۇنىڭ نېرىسىدا ئەينەك ساندۇق ئىچىدە بىر ئالاھىدە بىزەكلەر ، ئالتۇن - كۆمۈش ، قىزىل - كۆك ياقۇتلار ئورنىتىلغان ، ئالماس تىزىلغان مۇقاۋا ئىچىدە يۇغان ھەم قېلىن بىر كىتاپ كۆكۈچ ئىس چىقىرىپ تۇراتتى .
- دىلبەر !- ۋاقىردى گۈزەلنۇر ، لېكىن دىلبەردىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمايۋاتاتتى، ئۇ جىددىيلىشىپ تېخىمۇ قاتتىق چاقىردى.
- دىلبەر!!!
- تىز ئالۋاستى كىتاپنى ئال .
تايىر تۇرغۇنغا ۋاقىراپ بۇيرىدى. تۇرغۇن بېرىپ دىلبەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقتى، ئۇنىڭ قولى ئىسسىق ئىدى، ئۇ دىلبەرنى سەمەت بىلەن گۈزەلنۇرغا قويۇپ ، ئەينەك ساندۇققا قېلىچ ئۇردى، قېلىچ ئەينىكنىڭ قاتتىقلىغىدىن پارچىلىنىپ چۈشتى، ئۇ ساندۇقنىڭ قۇلۇپىنى كۆرۈپ قوينىدىكى ئىسكىلىت ئاچقۇچنى يادىغا ئالدىدى - دە ئۇنى قۇلۇپقا قويدى، ئەينەك ساندۇق ئېچىلدى. بۇ چاغدا ئالۋاستىلار چىقىرشىپ نالە - پەريات قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى غاجاپ ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۇرۇشقا باشلىدى .
- تىز ئۇ ئالۋاستىنى ۋۇلقانغا تاشلا ! ۋاقىرىدى تايىر جىددىيلىشىپ .
- كۆيمەيدىكەن، يىرتىلمايدىكەن، ھېچقانداق قىلىپ يوقاتقىلى بولمايدىكەن ، - تۇرغۇن تايىرغا چۈشەندۈردى ،- ئامال يوقكەن .
- ئۇنداق بولىشىغا ئىشەنمەيمەن ، قېلىچ بىلەن چاپ .
تۇرغۇن قېلىچتىن بىرنى ئېلىپ كۈچەپ چاپتى، قېلىچ پارچىلىنىپ چۈشتى كىتاپ ئوت ئالدى، ئالۋاستىلار ھۇجۇمغا ئۆتتى ، ئۇلار مۇقەددەس كىتاپقا يېقىنلاپ كىلەتتى ئوتقا ئايلىنىپ توزۇپ كىتەتتى، يەنە ھۇجۇم قىلاتتى مۇقەددەس كىتاپنىڭ كۈچىدىن كۈل بولاتتى . تايىر مۇقەددەس كىتاپنى بىرنى سۆيۈپ پىشانىسىگە تەككۈزگەندىن كىيىن :
- ئالۋاستىنى يوقۇتالماسلىغىمىزغا ئىشەنمەيمەن ،- دىگەنگىنىچە يۈگۈرۈپ بېرىپ يەردە تۇرغان ئالۋاستى كىتاپنىڭ ئۈستىگە مۇقەددەس كىتاپنى قويدى.
ئەتراپتىكى ئالۋاستى ، جىن ، ئەرۋاھلار بىردىنلا قايغۇلۇق چىقىراپ تولغىنىشقا باشلىدى، ئالۋاستى كىتاپ ، مۇقەددەس كىتاپنىڭ ئۇلۇغلۇغىغا بەردەشلىق بىرەلمەي قەغەزلىرىنىڭ كۈلى توزۇپ ئۇچۇشتى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئالۋاستىلارمۇ ئوت يالقۇنىغا ئايلانماقتا ئىدى. دەل موشۇ چاغدا قاتتىق يەر تەۋرىگەندەك ئەتراپ سىلكىندى. ھەتتا تايىرلارمۇ يىقىلىپ چۈشۈشتى ، بۇ چاغدا ئىسكەندەرمۇ ئەرۋاھتىن قۇتۇلۇپ تايىرنى چاقىردى .
- تىز قاچايلى ، تىز بۇ يەردىن چىقىپ كىتەيلى ،- دەپ تايىر دىلبەرنى كۆتۈرۈپ يۈگۈردى، باشقىلار ئىسكەندەرنى تەڭ ئېلىپ ئەگەشتى. ئۆي پارچىلىنىپ ئاسماندىن تاش ياغقاندەك چۈشمەكتە ئىدى ، ئۇلار يىقىلىپ - تۇرۇپ سىرتقا چىققاندا پۈتۈن خارابىلىكنىڭ تەۋرەۋاتقىنىنى كۆرۈشتى، سېپىل ، سارايلار غۇلاپ چۈشۋاتاتتى .
- ماشىنا ئەنە !
گۈزەلنۇرنىڭ ئاۋازىدىن ئۇلار ئۇ كۆرسەتكەن جايغا قاراشتى، راس دىگەندەك ماشىنا يېقىنلا جايدا تۇراتتى.
- تۆۋۋە ،- دەۋەتتى سەمەت ،- موشۇ يېقىن جايغىمۇ بارالماي ئايلىنىپ يۈرىدۇقمۇ .
ئۇلار يېرىلۋاتقان، غۇلاپ پەسكە چۈشۈۋاتقان يوللاردىن چەبدەسلىق بىلەن ئۆتۈپ ماشىنىغا چىقىشتى، بۇ چاغدا دىلبەرمۇ ئاستا كۆزىنى ئاچتى :
- بىز نەدە ؟- دەپ سورىدى ئاستا .
- ئۆيگە قايىتتۇق ،- دىدى ھەممىسى تەڭلا خۇشاللىغىدا.
ماشىنا خارابىلىكتىن چىقىپ بولىشىغا خارابىلىك يەر ئاستىغا چۆكۈپ ھېچقانداق ئىزناسى قالمىدى، ھەتتا ئۇلار كىرگەن تونىلمۇ گۆمۈرلۈپ تاش دۆۋىسىگە ئايلاندى.
- بايلىق ئالالمىدۇقتە ،- دىدى تۇرغۇن ئەپسۇسلىنىپ .
- قېلىچ بولسىمۇ ئالدۇق ،- دىدى تايىر قولىدىكى قېلىچنى كۆرسىتىپ.
ئۇنىڭ قولىدىكى قېلىچ سېپى ئالتۇندىن ئىدى، باشقىلارمۇ قولىدىكى قېلىچلارغا قارىدى -دە خۇشلۇقتىن ئېغىزلىرى قۇلۇقىغا يىتىشتى، ماشىنا كەلگەن ئىزىنى بويلاپ تۇپا - چاڭ قاينىتىپ ئۇچتى ، چۈنكى رولنى يەنە دىلبەر تۇتقانتى.
قەدىرلىك ، ئەزىز دوسىتلىرىم شۇنىڭ بىلەن بۇ ھىكايەم شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى، ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ،مەن بىلەن ئەسەر توغۇرلۇق ئالاقىلاشماقچى ، قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز ،ئۈندىدار : long 22635322 ئەسكەرتىش ، ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز تارقاتقان ، تەرجىمە قىلغان ، پايدىلانغان ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ جاۋاپكارلىغى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 2015- يىلى 12- ئاينىڭ10- كۈنى