يەھۇدىلارنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى پۈتۇن دۇنيا بىلىدۇ. ئۇلار بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپلا بالىغا بېرىلىدىغان دەسلەپكى ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «بۇ خىل تەربىيەنى بالا تۇغۇلغاندن كېيىن باشلايمەن دەپ ئولتۇرماي ئۇنى بالا تەربىيسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولغان ھامىلە ۋاقتىىدىن باشلاش كېرەك »دەپ قارايدۇ .
شۇڭا دۇنيادىكى تۈنجى «ھامىلە ئونۋېرستىتى »نى ئىسرائىلىيىدىكى بىرتۇغۇت دوختۇرى 1968-يىلى قۇرغان. (1968-يىلى بىز ئۇيغۇرلار قايسى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئىدۇق، بىز ھەتتا باشلانغۇچ مائارىپىنىمۇ تېخى تولۇق ئۇمۇملاشتۇرۇپ بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۇلار «ھامىلە ئۇنىۋېرسىتېتى»نى قۇرۇپ مائارىپقا شۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
يەھۇدىيلار 11-ئەسىردىلا ساۋاتسىزلىقىنى ئاساسەن تۈگىتىپ بولغان، بىزچۇ تاكى 21-ئەسىرگىچىمۇ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىپ بۇلالمىدۇق، ئامىرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ 84%تى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. يەھۇدىيلار مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەچكە ئولاردىن باي ۋە مەشھۇر كىشىلەر كۆپ چىقىدۇ ، يېقىنقى زامان تەرەققىياتى ۋە ئېدولوگىيەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئۈچ كىشى بار. ئۇلار ئېينىشتىيىن، فېرۇئد، ماركىس. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى، بەزىلەر ئېيتقان «يەھۇدىيلار ئەقىللىق»دېگىنى ئۇلارنىڭ نەتىجىگە قاراپلا ئېيتىلغان سۆز .
يەھۇدىيلار راستىنلا تۇغما ئەقىللىقمۇ ؟
-ياق ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىلىم، ئۇچۇر گېندا بولمايدۇ، ئادەمنىڭ مېڭىسىدە بولىدۇ، ئۇ قانداقتۇر تۇغما نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىنسان تىنىگە ھاياتلىق كىرگەندىن باشلاپ سىرىتقى دۇنيادىن قۇبۇل قىلغان ئۇچۇردىن ئىبارەت، شۇڭا يەھۇدىيلارنى تۇغما ئەقىللىق دېيىشكە بولمايدۇ، دېيىشكە تۇغرا كەلسە ئۇلارنى «ئۈگۈنۈش زومىگىرى »ياكى «ئۈگۈنۈش تەلۋىسى »دېيىش كېرەك ).
بۇ مەكتەپتە بەش ئايلىق ئەتراپىدىكى (يەنى ھامىلە تەخمىنەن تۆت ئايلىق بولغاندا ئۇنىڭغا جان كىرىدۇ، ھامىلە مىدىرلايدۇ، يەھۇدىيلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۆگىنىش تەلۋىسى »دەيمىزكى ئۇلار تەربىيلەشنى ھاياتلىق باشلانغاندىن باشلاپ تاكى ھاياتلىق ئاخىرلاشقىچە داۋاملاشتۇرىدۇ .)ھامىلىلەر تىل، مۇزىكا ۋە تەنھەرىكەت بويىچە تەربىلىنىدۇ. يەنى ھامىلىگە كۈندە بەش مىنۇتتىن ئۈچ قېتىم دەرس ئۆتۈلىدۇ. «ئوقۇغۇچىلار »تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ، بېرىلىدۇ.
«يەھۇدىيلاردا ئائىلە تەربىيەسى» دىن ئېلىندى.
ئاپتۇرى :ھەزرىتى ئۆمەر رىشىت
ئۈن دىدار :kokturk403