تاللاشتا قالغان مۇھەببەت - قىزىل تۇمان

تاللاشتا قالغان مۇھەببەت 

 قىزىل تۇمان


  مەن ھەممىدىن قۇرۇق قالدىم. مۇشۇ كۆڭلۈمنىڭ سۇيۇقلۇقى سەۋەبىدىن ھەممىسىدىن قۇرۇق قالدىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. مەن نېمانچە سۇيۇق ، نېمانچە شاللاق دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.  مۇشۇ شاللاقلىقىم تۈپەيلى، ھەممىسىدىن قۇرۇق قالدىم. كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قالدىم. نەچچەسى يۈزۈمدىن يۈزۈمگە مەسخىرە قىلىپ «مۇشۇنداق يۇرىۋېرەمسەن؟ يەنە باشقا ئولجا تاپمامسەن؟ » دېيىشلىرى نېرۋامنى ئۆرلىتەتتى. قانداق قىلىمەن؟ مۇشۇنداق گەپلەرگە ئۇچرىغاندا، گەپ سۆز قىلماي ئاستا قاچىمەن شۇ.
مەن تۇنجى بولۇپ يېزىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتۈم. مەن خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتىپىمىزگە گۈلقىز ئىسىملىك بىر قىز كەلدى. ئۇ قىز بۇغداي ئۆڭ كەلگەن بولۇپ، چىرايىدىن قارىغاندا ناھايىتى ئاجىز كۆرۈنەتتى. ئۇ ئورۇق ۋىجىك بولۇپ، ئېسىۋالغان سومكىسىنىمۇ ناھايىتى تەستە كۆتۈرگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.  ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن قارا چاچلىرى، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى قاپقارا كۆزلىرى، قاڭشارلىق بۇرنىنىڭ ئاستىدىكى قىپقىزىل گىلاستەك لەۋلىرى كۈلگەندىن كېيىنكى  ئاپپاق چىشلىرى ناھايىتى چىرايلىق ئىدى.  ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئاساسىي جەھەتتىن تېلېفوندا  پاراڭلىشاتتى. ئۇنىڭ تېلېفوندا كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ، دائىم ئۇنىڭ قولىدىن تېلېفون چۈشمەيدىغانلىقىنى. تېلېفون سۆزلەشكەندە كۈلۈپ ،كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتىم. بارا بارا مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار، بارلىققا كەلدى. ھەپتىدە بىر ئۇنى باشقا ئوغۇللار ئىزدەپ كېلەتتى. ئوغۇللار ھەر كەلگەندە قۇرۇق قول كەلمەيتى ، ئۇنىڭغا يەيدىغان نەرسە كېرەكلەردىن تارتىپ، كىيىم كېچەككىچە. يان تېلېفوندىن تارتىپ، چاچ قىسقۇچقىچە.ھەممە نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. بەزىدە ئويلاپمۇ قالاتتىم. ئۇلار زادى كىمدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا گۈلقىزغا سوۋغا ئەكىلىدۇ؟ بارا بارامەك چىقىمىز دەپ بۇ توغۇرلۇق ئۆسەك سۆزلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. راستىنى ئېيتسام مەنمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدۇم. ئۇ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا تولىمۇ ئەستايىدىل ئىكەن  . بىز غايە ، ئارزۇ ،ئۈمىد توغرۇلۇق پاراڭلاشتۇق. ھەم ياخشى كۆرىدىغان تاماقلاردىن تارتىپ ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەرگىچە، ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەردىن تارتىپ، ياخشى كۆرىدىغان، پائالىيەت تۈرلىرىگىچە توغرۇلۇق پاراڭلاشتۇق. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ ئۇ خىيالىمغا ئەسىر بولدى. بىز تاڭ ئاتقۇچە تېلېفون پاراڭلىشىدىغان بولدۇق . باشقىلار بىز توغۇرلۇق    ئۆسەك سۆزلەرمۇ تارقاتتى. دەسلەپ مەن ئانچە پەرۋا قىلمىدىم. چۈنكى قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقاتتىممۇ دەپ يۈردۈم. شۇنداق قىلىپ بىز ئىككىمىز يۈرۈپ قالدۇق. بىر كۈنى ئۇنىڭ تېلېفونىنى كۆرۈۋېتىپ ، جېنىم دېگەن نومۇرغا قاراپ كۆزۈم چۈشتى. مەن، دەسلەپ كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نومۇرنى تېلفونومغا  كىرگۈزىۋالدىم. كەچ بولدى. مەن ھېلىقى نومۇرغا تېلېفون ئۇردۇم. تېلېفوندىن بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.  
-ۋەي كىمۇ سىز؟
-مەن گۈلقىزنىڭ ئاكىسى. سىز ئۆزىڭىز كىم؟
-ھە تىنچلىقمۇ ئاكا ؟ مەن رۇستەم.
-سىز قايسى رۇستەم مەن  تونۇيالمىدىم؟
-مەن ئۈرۈمچىدىكى رۇستەم ،
-ھە ؟
-بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ئاكا؟
-ياق ، يوق ،سىزنى ئاۋارە قىلدىم ،
تېلفوننى قويىۋەتتىم. كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم. ھېچكىمگە گەپ قىلغۇم كەلمەيدۇ. تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدىم. رۇستەم دېگەن كىمۇ؟ ئۇ گۈلقىزنىڭ زادى نېمىسى؟ ئاخىرى تاڭمۇ ئاتتى. تاڭ سەھەر ئىشقا چۈشۈپلا يوقلىمىغا قاتناشتىم .
يوقلىما تۈگىگەندە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم.
-رۇستەم دېگەن كىمۇ؟ -سوردىم مەن .
-مەن…مەن تونۇمايمەن ،-ئۇ دۇدۇقلىدى ،
كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سېزىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم.
-تونۇمايمەن؟ تېلېفونىڭىزغا جېنىم دەپ كىرگۈزۈۋېلىپ ئەمدى تونۇمايمەن دەۋاتامسىز؟ سىزمۇ ئادەممۇ؟
-………
ئۇ گەپ قىلمىدى ، مەن ئۇنىڭغا يەنە ۋارقىردىم .
-گەپ قىلمامسىز؟ زۇۋانىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟ ماڭا چۈشەندۈرۈڭ؟ ئۇ زادى كىم؟
ئۇ ماڭا سەت ئالىيۋېتىپ دېدى .
-راستلا ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟ مەن دەپ بېرەي. شۇنداق، ئۇ مېنىڭ جېنىم. مەن پەقەت بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىلا سۆيىمەن. ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم. مېنىڭ بارلىقىم . بولدىمۇ؟ يەنە قانچىلىك ئاڭلايسىز؟
-ئەمىسە مەنچۇ؟ مەن كىمۇ ؟
- سىزما ؟ ۋاي سىز جۈر ئەتقۇ؟
-مەن بۇنى دېمىدىم ، تولا خۇپسەنلىك قىلماڭ.  مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە زادى نېمە؟
-ئويۇنچۇق ،-ئۇ شۇنداق دەپلا سەت قاقاھلاپ كۈلدى.  زەردە بىلەن ئۇنى بىر شاپلاق سالدىم .ئۇ يىقىلىپ چۈشتى ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي قەدەملىرىمنى يۆتكەپ سىنىپقا كىرىپ كەتتىم .بۇ ئىشلارنى باشقىلارمۇ كۆرمىدى ، شۇ كۈنى كەچتە يەنە ئۇنىڭغا تېلفون ئۇرغۇم ،يەنە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى ، ئۇنىڭغا تېلفون ئۇردۇم ، ئۇ سۆزلىشۋېتىپتۇ ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەكتەپتە ئۇنى كۆرمىدىم. باشقىلاردىن سورىسام ئۇ ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپتۇ. مەنمۇ كارىم يوق يۈرىۋەردىم. ھەپتىدىن كېيىن ئۇ خىزمەتكە كەلدى. بىراق ئۇ بۇ كەلگەندە ناھايىتى ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى كېسىپ كالتە قىلغان ھە بۈدرە قىلغانىدى. ئۇ مېنى كۆرمىگەندەك پەرۋاسىز ھالدا ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئىچىمدە ئۇنى نەچچىنى تىللىدىم. ئۇ باشقىلار بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن ياتاق تەرەپكە، ماڭدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ۋە ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالدىم.
-نېمىشقا تېلېفون ئالمايسىز؟-،ئۇ بۇرۇنقىدەك گەپ قىلمىدى.
-مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن.-،قايتىلاپ سورىدىم مەن.
ئۇ ماڭا، سەت بىرنى ئالىيىۋېتىپ.قولنى سىلكىپ.قولۇمدىن ئاجراتتى.ۋە ماڭا قاراپمۇ قويماي دېدى.
-مەن سىزگە قەرزدارمۇ؟ نېمىشقا سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنى ئالغۇدەكمەن؟ مەن سىزنىڭ نېمىڭىز؟ بىزنىڭ يەنە مۇناسۋىتىمىز بارمۇ ؟كۆزۈمدىن يوقىلىڭ !
ئۇ شۇنداق دېگىنچە تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كىرىپ كەتتى .
نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمىدى. ھازىرمۇ مەن ئىقرار. ئالدىمغا ئون  قىزنى تىزىپ قويۇپ مەندىن سورىسا مەن يەنە ئۇنى تاللايتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. ئارىلىقتىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە مەكتەپ بويىچە بىر ئىش پۇر كەتتى. «گۈلقىز ھامىلدار ئكەن ،توي قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ بويىدا قاپتۇ.بۇ بالا جۈرەتنىڭمۇ؟ »، بېشىمغا كېسەك چۈشۈپ كەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم .بۇ نېمە ئىش؟ ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرى ئىككىمىزنى چاقىرتىپ بۇ ئىشنى ئېنىقلىماقچى بولدى .
مەكتەپ مۇدىرى بىزدىن سورىدى ؟
-بۇ بالا سىلەرنىڭمۇ ؟
مەن چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدىم ، ھە دەي دېسەم ھەر ئىككىلىمىز مەكتەپتىن قوغلىنىمىز ،نەچچە يىل جاپا تارتىپ ئىشلىگەن خىزمىتىمدىن ئايرىلىمەن .ھەم ۋىجدانىممۇ بۇ بالىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ، ياق دەي دېسەم ،ئۇ ھەيدىلدۇ ، مەن يېگانە ئۇنىڭسىز ياشايمەن .مەن تاللاشتا ئويلىنۋاتاتتىم ،ئۇنىڭ چىرايىمۇ ناھايتى سۇلغۇن بىر چەتتە يىغلامسىراپ ئولتۇراتتى .تۇيۇقسىز مەكتەپ مۇدىرنىڭ تېلفونى سايرىدى ۋە بىزگە ئون مىنۇت ۋاقىت بەردى .
مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم .
-بۇ بالا كىمنىڭ؟
-رۇستەمنىڭ.
-نېمە ئىش قىلىدۇ ئۇ؟
-ئۈرۈمچىدە ئاشپەز.
-سىلەر قانداق تونۇشقان؟
-بىز ئالىي مەكتەپتە تونۇشقان . مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۇ مەكتەپ يېنىدىكى بىر  ئاشخانىدا ئىشلەيتتى.بىز ساۋاقداشلار سىرتقا تاماق يېگىلى چىققان ۋاقىتتائۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. قار ئاپپارات بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى قويۇقلاشتى. بىر بىرىمىزنى كۆرمىسەك چىداشمايدىغان ھالەتكە يەتتۇق . ئۇ مەندىن ئۈچ ياش چوڭ ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۇ يۇمۇرىستىك چىقىشقاق بالا ئىدى. ئاخىرى بىز بىر كۈنى شەھەر سىرتىغا ئوينىغىلى چىقىپ، كەچ قالدۇق. شۇ كۈنى كەچ بىز بىر ياتاقتا قونۇپ قالدۇق .
شۇكۈنى ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا چىدىماي ئۇنىڭ قەسەملىرىگە ئىشىنىپ بىر  كېچىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزدۈم. شۇ ئىشتىن كېيىن بىز يەنە بىر قانچە كېچىنىمۇ بىللە ئۆتكۈزدۇق. ئاخىرى مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ.  مەن ئۇنىڭغا خەۋەر بەردىم ، ئۇ ئانچە خوشال بولمىدى ، ئۇنىڭ دېيىشچە ، ئۇنىڭ ھازىر بالىنى باققۇدەك ئىقتىدارى يوقكەن ، مېنىڭ ئوقۇشۇمغىمۇ تەسىرى باركەن .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ گېپى بويىچە بالىنى ئالدۇرىۋەتتىم. بىز يەنە بۇرۇنقىدەك يۈرۈۋەردۇق ، ئاخىرى ئىككىنچى بالامغىمۇ ھامىلدار بولدۇم. بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ گېپى بويىچە يەنە بالىنى ئالدۇرۋەتتىم . ھازىرقىسى ئۈچىنچىسى ئۇنىڭغا خەۋەر بەردىم ،ئۇ گەپ قىلمىدى ، نومۇرنى ئالماشتۇرۋېتىپتۇ ئىزدەپ بارسام ئۇنىڭ ئايالى ،ئىككى بالىسى باركەن ، قانداق قىلىمەن ؟
ئۇيىغلىدى ، دوختۇرغا بارسام ئەمدى بالا ئالغۇزسام  ھاياتىمغا تەسىر يېتىدىكەن ، يىغلاپ يالۋۇرساممۇ دوختۇر قەتئى قوشۇلمىدى ،ھەممە دوختۇر ئوخشاش قوشۇلمىدى .
ئۇ گەپنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا مەكتەپ مۇدىرى قايتىپ كىردى. ئۇ بىزدىن يەنە سورىدى.
-شۇنداق ئۇ مېنىڭ بالام. -،نېمە سەۋەبتىنكىن تاڭ بۇ قارارنى تاللىدىم .بەلكىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقاندىمەن .
مەكتەپ مۇدىرى باشقا ئارتۇق گەپ قىلمايلا بىزگە ئىستىپانامە يېزىپ ،مەكتەپتىن ئايرىلىشنى ،بىزنىڭ بۇ قىلمىشىمىزنى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ، مەكتەپ يانلىردىكى دۇكانچىلاردىن تارتىپ ھەممە ئادەمنىڭ بىلىپ كەتكەنلىكىنى دېدى ،ھەم بۇ قىلمىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تەسىر بەرمەسلىكىدىن تەلىم بەردى .بىز قوشۇلدۇق ،ھەم چىقىپ كەتتۇق ،ئۇ مەندىن سورىدى .
-نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز ؟
-مەن سىز ئۈچۈن ئۆزۈم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم ،چۈنكى سىزنى ياخشى كۆرىمەن .
-مەن بۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيمەن جۈرئەت ،بولدى قىلىڭ .ئۇ كېتىپ قالدى .ئەتىسى ئىستىپانامىنى مەكتەپ مۇدىرغا بەرسەم ،مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى يىرتىپ تاشلىۋەتتى ،ۋە ماڭا قاراپ ،
-بولدى قىل ،ئۇ كەتتى ،ھەممىنى ماڭا دېدى ، ئۇنى ئۇنتۇپ كەت ،روھىڭنى ،ۋىجدانىڭنى ئۇنداقلارنىڭ قولىدا بۇلغىما ، سەن دېگەن ئوغۇلبالا ، روھىڭنى چۈشۈرمەي ،ئوبدان ئىشلە .دېدى .
مەن گەپ سۆز قىلمىدىم ، كۆپىنچە كىشلەر مېنى خاتا چۈشىنىپ ، گۈلقىزغا مېنى زىيانكەشلىك قىلدى ،ئۇ ئۆز بالىسىدىن تېنىۋالدى ،ياشلىقىدا گۈلقىزنى ئولجا قىلىدى ،ئەمدى گۈلقىز بىچارە قانداقمۇ قىلا ،  دېگەندەك گەپ سۆزلەر ئاڭلىنىپ تۇردى . بەزىلەر ھازىرمۇ گۈلقىزنىڭ قورسىقىدىكى بالا مېنىڭ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ ،نېمە كارىم خەق نېمە دېسە دېمەمدۇ ؟پەرۋايىم پەلەك ،مەن يەنە ياشاۋېرىمەن .
بۇ ئىش ھاياتىمدىكى ئەڭ زور تاللاشقا كەلگەن ئىش ، بەلكىم مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ؟
بۇ سوئالغا بەلكىم كۆپىنچە دوسلىرمىز تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرڭىزنى ئايىمغايسىز ،
     





700 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 18:15:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-21 21:44:29 ئاتىللا
يۇرتدېشىم ، ئەسىرڭىز ھەقىقەتەن ئېسىل يېزلىپتۇ ، يەنىمۇ تىرشىشڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .
2016-11-14 11:08:39 tulan
ئ‍ەسىرىڭىز ياخشى چىقىپ، لىكىن ماۋزۇ ماسلاشماپتۇ
2016-11-2 20:01:55 زۆھرە
ئ‍ەسىرڭىز ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، لىكىن ئ‍ەسىرڭىزنىڭ مەزمۇنىغا ماۋزۇسى ماس كەممىگەندەك ھىس قىلدىم، بىر يۇرتلۇقكەنمىز شۇڭا تەكلىپ بەردىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ