بىر كىشىلىك ئوپىرا – مۇتەللىپ سەيدۇللا تەرجىمە ئەسەرلىرى

بىر كىشلىك ئوپېرا

ئاپتورى مۇرادخان مۇنگان

تۈركچىدىن مۇتەللىپ سەيدۇللا تەرجىمىسى


 1

ئۆلۈم يىلان كەبى ياتار ئارىمىزدا   

چارچىغان كىرلەشكەن ۋە ئۈمدسىز كەچمىش  

بىلمىگەن سىرلار بارمىدى سويگۈنۈم

مەن بارلىق ئاشىقلىقنى چۆرۈدۈم  

پاك-پاكىز گىرادۇسى ئۆرلىگەن ئاچچىقلارنى 

قىزغىنىشتىن دەيلى

يەنى ياشىماق دەل بىز بىلىدىغان كەچمىش  

تىلغا تۆكۈلمىگەنلەر قاچماقتا 

تەنھالىقنىڭ بېقىشلىرىدا

كۈندىلىك بوش قالغان بېشى بوش ۋارىيانتلاردا.

زامان -زامانلارنى  كەينىگە تېپىپ تۇرماقتا

ۋە ئەلبەتتە قايتا تەكرار ئەتمەس

سەن ھېلىھەم ئۆزەڭنى قەلىب تۆرىمدىكى 

پەرىشتە سانايسەن 

ساڭا بېشىدا تەلۋىلەرچە كۆيۈشۈمدىكى

 بىر توغرا باشلىنىشتۇر بەلكىم 

ئۆچرەتتىن چىنلىق چاپانلىرىغا ئورۇنۇپ 

ھاياتىمنى ئىلكىگە ئېلىشقا ئورۇنغان 

 بۈيۈك ئاشىق نومۇرىنى ئورۇنداپ 

 مىنى  شەپىسىز قالدۇرغان  

 مەن پۈتۈن ئاشىقلىق خاتىرىلىرىنى   

قايتۇرۇپ ئالدىم سەندىن 

سىنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈن 

 پەقەت بىرلا نەرسىنى قالدۇردۇم ،

ئۇ سىنىڭ غالىبىيىتىڭ كەبى  

مىنى تەرك ئەتتىڭ ، 

ياز ئايلىرى ئىدى بۇ كەتتى ئارماندا 

سېنىڭ  ئۈچۈن ئۈچ پارچە لىرىكا يېزىش پىلانىم بار ئىدى

ھېچكىم يوق بىر ياز ئىدى

 يوق ئىدى ھېچكىم

بۇزۇلغان مۇساپىدە بىر مەۋسۈم تۇردۇم 

چۈنكى مەن ئاشىقلىقنىڭ 

بارلىق مەۋسۈمىدا كېلەتتىم   

بىلىمەن لىرىكىلار سىنىڭ مەڭزىڭدىكى

 خالدەك ساڭا يېقىشاتتى

يۈزۈڭدىكى چوڭقۇر ئازاپلار يۇشۇرۇناتتى

 كىرپىكلىرىڭ ئاستىغا

قىيسىق لامپىلار كەبى نۇر تاراتقان كوزلىرىڭ 

ئەتراپىغا پاتمىغان مەنپى نوقتىدىن تارتىلغان رەسىملەر  

گۈزىلىم لىرىكىلار ماس كىلەتتى يۈزۈڭگە

ياز بېشى ئىدى كەتكىنىڭدە

ھەيرانلىق شاماللىرى بىلەن

 داۋاملاشقان ماي ئايلىرى 

سىنى بىرشېئىردەپ چۈشەنگەنچە  

 قانات ياكى كىيىم كەبى ۋەياكى 

 ئۇچۇشچان يۇمشاق نەرسىلەر

 خىيالىمدىن كىچەتتى 

بۇرۇنقى شېئىرلىرىمداقوللانمىغان جۈملىلەر 

ئۇچۇپلا كىلەتتى ئالدىمغا 

بەلكىم بۇ تۇنجى رەت يازغانلىرىمنىڭ 

كىرگىن ھاياتىمغاياز بېشى

 سەن كەتكەن كۈنلەر بەلكىم 

تۇنجى ئاشىق كۈنى بولۇپ قالدى ھاياتىمدا  

ئاشىقمۇ بىز ئەمەس

 ئۇ كۈنلەرنى كىم خاتىرلەر ئاشىغىم 

ئىيۇلدا ئەينى يەردە ئىنسانلارنى

 ۋە ئىنسان بولماقنى خالىغان

 مۇزىكا نوتىلىرىنى تېپىپ ئالدىم ئىشىك ئالدىمدا 

ھەمدە تىگىدە 16:04 يېزىلغان ئىدى

 سائەت 16:00 بولغاندا  

ئۇ كۈنلەرنىڭ خاتىرىلىرىنى يازغان كالىندارنىڭ 

ماس كەلمىگەن خاتا بەلگىلىرى

ئارىمىزدا دۈشمەن كەبى تۇراتتى زامان 

ئۇ كۈنى ئاڭلىشىم كىرەك ئىدى 

مېنىڭ ساڭا بۇرۇن سېنىڭ

 ماڭا كەچ قالغانلىغىڭنى 

كەتتىڭ...بۈيۈك بىر ياز چۈشتى ئارىمىزغا

 ياز ۋە  ئېلىپ كەلگەنلىرى

 قايتا باشلىنىپ خاتا قالغان جەريانلارنى تەكرارلايتتى 

ئوزئارا دىدارلاشماي يازنى كۈتكەن ئۈچ ئاي 

 نۇرغۇن  خاتىرىلەرنى يۇيۇۋېتىپ  

 بىزگە بىر بوشلۇق ياراتتى ،

سۇنغان   نەرسىلەردەك 

 باشلاشقا مەجبۇر ئىدۇق دوستلۇقىمىزنى

                                 

2

بىز ھاياتقا تىلسىز  ئەمالاردەك

قاراشقا مەھكۇم ئىدۇق.

پەمىڭچە كىچىكىنە دەتالاشلار

بىزنى ۋاز كىچىشنىڭ  يولىغا سۆرەپ ماڭاتتى.

مۇبادا بىز ياشاشنىڭ

ئىشەنچ ۋە ساداقەت ھارۋىسىدا بولساق ئىدى

زامانغا باقىدىغان كوزلىرىمىزئېچىلىپ

ئىشەنچ گۈللىرى بىزگە باقار ئىدى

كەتتىڭ...

ئەمما دەل ۋاقتى ئەمەس ئىدى

بۈيۈك بىر ھايات ھازىر ئارىمىزدا

ئەمدى سىنىڭ  ھېچ كىلىشىڭ يوق

ھەم مىنىڭ قەلىپ ئىشىكلىرىم تاقاق

ئەسلا ئېچىلماس سىنىڭ ئۈچۈن

ھازىر بىز نىمە ھالدا گۈزىلىم

ئېقىپ كەتكەن زامان يۇلتۇزبىز

ھالسىرىغان كۆزلىرىمىز بىلەن

ۋىسالغا ئۇچرىشالمىغان

ھەم ئايرىلىشقا كوزىمىز قىيمىغان

بۈيۈك بوشلۇقلاردىكى تەنھا يۇلتۇز كەبى

ھەسرەتلەرگە كۆمۈلمەكتىمىز

ئۇزۇن زامانلاردىن كىيىن

يالقۇنلاردىن  ئىشىپ قالغان

رىۋايەتكە ئايلىنىمىز يالغۇزلا

ئۆزىمىزنىڭ دېڭىزلىرىدا ئاۋازسىز بۇغۇلۇپ قالسا

بىزدىن نە نىشان قالسۇن؟

بىر مەكتۇپ ،بىر ئاترىتكا

                                 ۋە بىر ھەسرەتلىكقەلىب    

ھەم ۋەيرانە شېئىرىم

سۈكۈتلەر ئەتراپنى قورشاپ

ئۆتۈپ كەتكەن زامانلار

ئاۋازلىق يىغلاشقا باشلار

ئىككىمىزنىڭ ياراتقان ئەسەرلىرىمىز

مۇشۇلارمىدى ؟

يەنە نىمىلەر؟

كىتاپلارنى قۇچاقلىماق

دوستلار بىلەن مۇڭداشماق

يېزىقلارغا چۆكۈپ

 ئاجىزلاشمايدىغان جۈملىلەرنى قوراشتۇرماق

دەرىزىدن سىرتقا قاراپ

 ناتۇش ناخشىلارنىغىڭشىماق

بۇنداق زامانلاردىكى

 پىكىرقىياپەتلەرنىڭ غەۋغاسىىدىن

ھەم مەنىسىزلىك دۇنياسىدىن ئۈزۈپ چىقماق .

بىلەمسەن ؟

قەلبىمىزنى تولدۇرماقچى بولغان ئويۇنلار

ئەھمىيەتسىز ھەم قىممەتسىز

بىزنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقان نۇمۇرلار

بىر ئاشىقلىق دەۋرىدە

خاتىرىلەرنى يوشۇرىدىغان

جاي تاپالمايۋاتقان  بىلمەسلىكلىرىمىز

ساقايماس يارىدەك تۈگىمەس ھەسرەتلەر

ۋەباشقىلار كۆزىدە ياراتقان

بىزنىڭ قىيمايدىغان سۆيگۈلىرىمىز

سۆزمەنلەرنىڭ قۇرۇق سۆزلىرىدىن

سۈكۈتتىن روھسىزلانغان يۈزلىرىمىزنى

ئەينەككە كۆرسىتىشتىن

 تېڭىرقاۋاتقانتۇيغۇلىرىمىز ،

بۇلارنىڭ ھەممىسى

 بىزئۈچۈن قۇتۇلالمايدىغان مەكتۇپلار ئىدى  .

تاشقى دۇنيا دۈشمەن ئىدى ،

ئىچىدىكى ئايرىم خانىلەردە يەر يوقتىبىزگە  .

بىر ئايرىلىش كۈنلىرى ئىدى بۇ

ھەممە نەرسىلەرنىڭ خاتىرىسى قالغان بۇ تەنھالىقتا.

كۈن بويى ھېچ ئىشنى باشلىيالماي

قۇلاق سالاتتۇق سائەتنىڭ  تاكلىرىغا .

ئىگىسىز قالغان كېچىدەك

بىرتەنھالىق  توختاۋسىز ئۇرۇلاتتى  قەلبىم تاملىرىغا ،

سۈيى يوق يۇيۇنۇش كۆلچىكى

ياكى پىستىنى چېقىلىپ بولغان زىيانسىزئوق كەبى

تىترەپ باقاتتۇق يىراقلارغا

قۇرۇق تاغاردەك.

يىلتىزىدىن كېسىۋېتىلگەن يالتىراق گۈلدەك .

ھەم ئويناپ بولغان قىممىتىنى يوقاتقان ئۇيۇنچۇقتەك

ھەم بىر قەدىمى بىر رىۋايەتتەك

ئۇنتۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئەسلىمىسىدەك

شۇلار ئارىسىدىن ساڭا يەر ھازىرلىدىم مەلىكەم

ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىن

يېڭى بىزنى چىقارماققا زورلۇق چەككەندە ،

سەن باشقا بىردۇنيانىڭ يېڭى ئىقلىمنىڭ

قاتناش  ئاۋارىچىلىغىدا

بۇلار بىزنىڭ ئۇز-ئارا  ئەپۇسىزلىقتىن

كىلىپ چىققان بىر پاجىئە  دەپ سانايمەن مەشۇغۇم.




     





224 قېتىم كۆرۈلدى مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-26 2:44:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ