ۋىجدانلىق مەلىكە
(چۆچەك)
قەدىمكى زاماندا قاسىماخۇن دېگەن بىر قاسساپ ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ ئابدۇللا ۋە پەزىلەتخان ئىسىملىك ئىككى بالىسى بار ئىكەن. قاسىماخۇن قاسساپلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ئەرزان ئېلىپ، قىممەت سېتىپ، بەزىلىرىگە ياغ بىلەن پەش، بەزىلىرىگە گۆش بىلەن بەز سېتىپ بېيىپ كېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاسىماخۇن يامان بىر چۈش كۆرۈپتۇ. ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ، ئۇيان ئويلاپتۇ، بۇيان ئويلاپتۇ. ئاخىر ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان قازاخۇنۇمنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېﻬمان قىلىپتۇ ۋە سۆز ئارىسىدا: - قازاخۇنۇم، تۈنۈگۈن ئاخشام بىر غەلىتە چۈش كۆرۈپ قالدىم، بۇ چۈشۈمگە بىر تەبىر بېرىپ، مەن گۇناﻫكارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتار دېگەن ئوي بىلەن ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلغانتىم، - دەپ چۈشىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. قازى: - ﻫەي قاسىماخۇن، سىلىنىڭ بۇ كۆرگەن چۈشلىرى يامانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇ گۇناﻫلىرىنىڭ تاغدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر، - دەپتۇ. قاسىماخۇن قازىدىن: - شەرىئەتتە بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قازى: ئەلۋەتتە بار، مەنچە بولغاندا ﻫەج قىلىشنىڭ ساۋابىغا ﻫېچنېمە يەتمەيدۇ. ﻫەج قىلىپ يانسىلا، ئىنشائاللا خۇداۋەندى كېرىم گۇناﻫلىرىنى ساقىت قىلىپ، ﻫەر ئىككىلا ئالەمنى سىلىگە يورۇق قىلغاي، - دەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قاسىماخۇن سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. تەييارلىقىڭلار پۈتۈشكە ئاز قالغاندا، ئۇ يەنە قازى بىلەن كۆرۈشۈپ سوراپتۇ: - سەپىرىمدە بىر نازۇك مۈشكۈلات تۇرىدۇ؟ - ئېيتسىلا، ﻫەر نىچۈك مۈشكۈلات بولسا، مەن - پېقىر كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قارىشىپ بېرەي، - دەپتۇ قازى. - ئۇ بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئايانكى، - دەپتۇ سودىگەر، - بالىلىرىمنىڭ ئانىسى يوق. مەن بولسام ئوغلۇم بىلەن سەپەر قىلماقچى، قىزىم پەزىلەتخاننى بىللە ئېلىپ يۈرۈش بىئەپ. شۇڭا ئۆزلىرىدەك ئۆلىما زاتنى مەن سەپەردىن يانغۇچە قىزىمغا ئاتىدارچىلىق قىلارمىكىن دېگەن نىيەتتە بولغانىدىم. قازى ماقۇل بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاسساپ يۈك - تاقلىرىنى تېڭىپ، ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى كولاپ ئېلىپ، قازىغىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بېرىپ يولغا چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەزىلەتخان قازىنىڭ ئۆيىدە قاپتۇ. پەزىلەتخان بەدەنلىرى قاش تېشىدەك سۈزۈك، چىرايى قىزارغان ئالمىدەك رەڭدار، ئاۋازى بۇلبۇلنىڭكىدەك خۇشخۇي، كۆزلىرى بۇلاقتەك، ئاغزى ئويماقتەك، ئۆزى زېرەك بىر قىز ئىكەن. ماڭسا ئۇنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى يىپەكتەك ئەۋرىشىم بويلىرىغا چىرمىشىپ، تاپىنىنى يۆگەپ تۇرىدىكەن. قازى پەزىلەتخاننى كۆرۈشى بىلەنلا ئىچىگە ئوت چۈشۈپ، كۆكسىگە چۈشكەن ئاق ساقىلى كۆيۈپ تۈتۈنگە ئايلىنىپ كەتكەندەك بولۇپتۇ. پەزىلەتخاننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، پەيت كېلىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. پەزىلەتخان قازىنىڭ كۆزلىرىدىكى شەﻫۋانىيەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يالقۇنجاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قورقىدىكەن، كېچە - كېچىلىرى ئاتا - ئانىسىنى، ئاكىسىنى ئەسلەپ زار - زار يىغلاپ چىقىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاﻫنىڭ خوتۇنلىرى قازىنىڭ ئۆي ئىچىنى چايغا چىللاپتۇ. پەزىلەتخانمۇ تەييارلىنىپتۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىگەن قازى پەزىلەتخانغا: - سىز كىشىنىڭ ئامانىتى، چايغا بېرىشىڭىزنى ماقۇل كۆرمەيمەن، - دەپ رۇخسەت قىلماپتۇ. قىز نائىلاج ئۆيدە قاپتۇ. چۈشكە يېقىن قازى پەزىلەتخاننى قىچقىرىپ: - ئۆيدىكىلەر كەلمىدى، سىز ماڭا تەرەتكە سۇ تەييارلاپ بېرىڭ، - دەپتۇ. قىز ئاپتۇۋىغا سۇ ئېلىپ كەلگەنىكەن، قازى ئاپتوۋىغا قول ئۇزاتقان بولۇپ، قىزنىڭ بىلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋېلىپ: - مېنى قىينىماڭ، - دپتۇ. پەزىلەتخان: - سىلى دادامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم، بۇ ئىشلىرى پەقەت توغرا ئەمەس، - دېسە قازى: - ﻫازىر ماڭا ئۇنداق گەپنىڭ كېرىكى يوق. مەن سىزنى ئاران قولغا چۈشۈردۈم، - دەپ پەزىلەتخانغا يېقىنلىشىپتۇ. ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان پەزىلەتخان ئاپتۇۋا بىلەن قازىنىڭ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرغانىكەن، قازىنىڭ پېشانىسى يېرىلىپتۇ. قازى پېشانىسىنى تۇتۇپلا قاپتۇ، قىز پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قېچىپ چىقىپ، ئۆز ﻫۇجرىسىغا كىرىۋاپتۇ. شۇ كۈنىلا قازى قىزنىڭ دادىسىغا >قىزىڭىز سىز كەتكەندىن كېيىنلا يولدىن چىقىپ، نامىڭىزنى بۇلغاشقا باشلىدى. ئاتا ئورنىدا تۇرۇپ نەسىﻬەت قىلسام، مېنى ﻫاقارەتلەپ، ﻫەتتا بېشىمنىمۇ ياردى. شۇڭا قىزىڭىزنى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ...< دەپ خەت يېزىپ، كارۋانلاردىن ماڭدۇرۇۋېتپتۇ. خەتنى يول ئۈستىدە تاپشۇرۇۋالغان قاسساپ غەزەپكە كەپتۇ ﻫەم ئوغلى ئابدۇللانى قەسەم ئىچكۈزۈپ، پەزىلەتنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئابدۇللا كېچە - كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. سىڭلىسىنى كۆرۈپ، يىغىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللا سىڭلىسىغا: - دادامنىڭ ئالدىدا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچكەن بولساممۇ، لېكىن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارمىدى. بۇ يۇرتتىن بېشىڭنى ئېلىپ چىقىپ كەت. ئالەمنىڭ ئېتىكى كەڭ، - دەپتۇ. ئابدۇللا سىڭلىسىنى قاچۇرۋەتكەندىن كېيىن بىر قوينى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ئېلىپ، يەنە دادىسىنىڭ يېنىغا يېنىپ كېتىپتۇ. ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاندىن ئاڭلايلى: پەزىلەتخان قەلەندەرچە كىيىنىپ، شەﻫەردىن چىققاندىن كېيىن دەريانى بويلاپ يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. سۇلارنى كېچىپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، دۆڭلەردىن ئېشىپتۇ، ئاخىر ئادەمزاتتىنمۇ، گىياﻫدىمۇ ئەسەر بولمىغان قۇملۇققا كىرىپ قاپتۇ. ئۇيان مېڭىپتۇ، بۇيان مېڭىپتۇ، بۇ يەردىن ﻫېچقانداق قىلىپ چىقىپ كېتەلمەپتۇ، قىز ئۇسسۇزلۇق ﻫەم ئاچلىقتىن ﻫالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ >ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇم< دەپ ئويلاپ، بىر قۇم دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۆزىنى قۇمغا تاشلاپتۇ، يىغلا - يىغلا ﻫوشىدىن كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا باشقا بىر يۇرتنىڭ پادىشاﻫى ۋەزىرى بىلەن شىكارغا چىققانىكەن. ئۇ كېتىۋاتسا قولىدىكى قۇش ئۇچۇشقا تەلپۈنۈپتۇ. پادىشاﻫ ئەتراپىغا قاراپ ﻫېچقانداق بىر نەرسىنىڭ قارىسىنى كۆرمەپتۇ. قۇش بولسا ﻫەدەپ ئۇچۇشقا تەلپۈنگۈدەك. بۇنى كۆرگەن ئەتراپىدىكىلەر: - پادىشاﻫىم، قۇشنى قويۇۋېتەيلى، - دەپتۇ. پادىشاﻫ قولىدىكى قۇشنى قويۇۋېتىپتۇڭ. قۇش تىك ئۆرلەپ، ئاندىن يىراقتىكى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. پادىشاﻫ ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ قارىغۇدەك بولسا قۇشنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر قىز ﻫوشسىز ياتقۇدەك. پەزىلەتخاننىڭ ﻫۆسىن - جامالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولغان پادىشاﻫ: - سىز پەرىزاتمۇ ياكى ئادەممۇ؟ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇنداق بولسا مەن سىزگە قىيامەتلىك يولداش بولاي، - دەپتۇ. پادىشاﻫ ۋە پەزىلەتخاننى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ نىكاﻫىغا ئاپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتە - ئۆتمەي پەزىلەتخان يەڭگىپتۇ. تۇغقان بالىسى قوشكېزەك بولۇپ، ئايدەك بىر جۈپ ئوغۇل ئىكەن. پادىشاﻫ ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر قانچە خوتۇنلىرى بولسىمۇ، پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن. ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى پەزىلەتخان كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن راۋاققا چىقىپ ئەتراپىغا قاراپتىكەن، يىراقتا كېتىۋاتقان كارۋانلارنى كۆرۈپتۇ ۋە ئاتىسىنى ئەسلەپ يىغلاپتۇ. پەزىلەتخان راۋاقتىن چۈشكەندە، پادىشاﻫ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ: - نېمە ئۈچۈن يىغلىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن سىزگە چۈشكىلى بىر قانچە يىللار بولدى. سىز بىر قېتىممۇ مېنىڭ ئاتامنى ئەسلىمىدىڭىز. ئاتامنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاﻫ: - بۇ يىغلايدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر ئاتا - ئانىڭىزنى كۆرگىڭىز كەلسە، مەن سىزنى سەلتەنەت بىلەن يولغا سالىمەن، - دەپتۇ ۋە ۋەزىرىنى مەلىكىنى مۇﻫاپىزەت قىلىپ ئاپىرىدىغان لەشكەرلەرگە باش قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ.
1738 قېتىم كۆرۈلدى |
|
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2015-7-21 21:54:13 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-1 23:35:08 |
گۈزەلنۇر |
ئاخىرى يوقما |
2016-2-4 15:21:42 |
ئايشەمگۈل |
مەن بەك ياقتۇردۇم لىكىن ئاخىرى يۇقما |
2015-8-20 4:25:37 |
1665532169 |
bu asr bak yahxi yeliptu yazguqiga kop rahmat |
2015-8-12 13:14:05 |
yigana |
yaHxi yezlepto Dawamiqu?????? |
2015-8-7 15:45:18 |
zohra |
zohra bu asar hakikatan yahxi yeziliptu
birakkazi bexi yerilgan peti kaptu u hatalikiga quxluk jazaga irixxi kirakku?hiq bolmigandakiznig dadici hakiki ahwaldin hawardar bulxi kizi bilan didar kurixixi kirakta ahirini cal qala yezip kuyupciz bir hacrat mug kam kaptu hammaylan uziga quxluk hatalikliri uqun dawapkar bulxi kirak mianqa harmigayciz
|
2015-8-2 23:39:58 |
amina |
yahxikan , yanimu tirixing |
2015-8-2 22:37:04 |
subhi |
bak yahxi qkip tu |
2015-8-2 17:54:16 |
muslima |
ahiri kani |
2015-7-31 18:14:11 |
Haylaaaa |
Xundak yahxi yeziptika ahirni ukugum battti apsusss |
2015-7-31 18:02:35 |
|
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ |
2015-7-31 12:22:53 |
مۇتەللىپ |
ئاخېرى نەگە كەتتى |
2015-7-31 10:53:02 |
يولباش |
ئاخىرى نى ئۇقۇرمەنلەرگە تاشلاپ قۇيۇپ تۇ |
2015-7-31 10:44:52 |
subi |
yahxikan....birak ahiri ni yezi watsa bop ti kan |
2015-7-31 0:46:30 |
MaNsuR |
ahiri. Ni. Kini
|
2015-7-29 14:40:49 |
mahliya |
asle bu asar bak nader kantuk ahre qekmay kaptu |
2015-7-29 11:55:11 |
گۈزەل |
داۋامىنى يىزىۋەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەن. |
2015-7-29 11:42:14 |
ناتىۋان |
بەك ياخشكەن بىراق ئاخىرى بەك ئاددى چۇشۇپ قاپتۇ ، |
2015-7-29 11:42:14 |
ناتىۋان |
بەك ياخشكەن بىراق ئاخىرى بەك ئاددى چۇشۇپ قاپتۇ ، |
2015-7-29 11:42:14 |
ناتىۋان |
بەك ياخشكەن بىراق ئاخىرى بەك ئاددى چۇشۇپ قاپتۇ ، |
2015-7-29 11:00:42 |
نەفىسە |
ئاخىرى يۇقما |
2015-7-29 11:00:41 |
نەفىسە |
ئاخىرى يۇقما |
2015-7-29 10:59:31 |
نەفىسە |
بەك قالتىس لىكىن ئاخىرى قىنى |
2015-7-29 10:35:54 |
hasanjan |
bak kaltes yizip kay ni yuk ma |
2015-7-29 10:31:17 |
|
دادىسى بىلەن دىدارلاشسا بۇلاكەن ئەسلى |
2015-7-29 9:20:58 |
پـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەرى |
ئاخىرى قېنى بۇنىڭ مۇشۇنداقلا تۈگەمدا دادىسى بىلەن كۈرۈشۈپ ئاندىن ئاخىرلاشسا بۇلاركەندۇق |
ئىنكاس يېزىڭ