گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 11- قىسىم

گۇناھكار قەلىب

 (پوۋىسىت) 11- قىسىم


  پەرھات زۆھرەگە ئەركىننىڭ زۆھرەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ، ئۇنى ئوينىتىپ كەلگسىنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭغا سوۋغات ئېلىپ بەرگۈسىنىڭ بارلىقى توغۇرلۇق زۆھرەنى ئازدۇردى، زۆھرە ئەزەلدىن شاللاق قىز بولغاچقا ئاسانلا ئىندەككە چۈشتى . ئەركىن زۆھرە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى بازار ئايلاندۇردى ، قىممەت باھالىق دۇكاندىن كىيىم ئېلىپ بەردى .بارا بارا زۆھرە ئەركىننى ياخشى كۆرۈپ قالدى .ئارلىقتىن 10كۈن ئۆتۈپ ئەركىن زۆھرەگە 1000يۈەن پۇل بېرىپ بىر شەرتنى ئوتتۇرغا قويدى .
- زۆھرە ، بىلىپ تۇرۇپتىمەن ، سەن مېنى ياخشى كۆرىسەن ، بىراق مەن خالنۇرنى ياخشى كۆرىمەن ، خالنۇر تاھىرنى ياخشى كۆرۈپ خاتا قىلدى ، ئۇنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى مەن ئىسپاتلىيالمىدىم ، شۇڭا سەن ماڭا ياردەم قىل ، خالنۇرغا خاتالىقىنى تونۇتۋالساملا مەن سېنىڭ بولىمەن .
-قانداق تونۇتىسەن ؟
- خالنۇرنى ئەتە كارائوكىغا چاقىرىپ بەر ، ئاندىن سەن بۇ يەردىن كېتىسەن . ئۆگۈنلۈككە مەن سېنىڭ شاھزادەڭگە ئايلىنىمەن ، مەن سېنىڭكى جېنىم .
- راسما ؟ خالنۇرنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتەمدىم ؟
- ھېچنىمە بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا مەن بار
-خالنۇر بۇيەردە نېمىش قىلىدۇ ؟ مەن كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نېمە دېمەكچى؟
- ئۇنىڭغا بىر سائەت دەرىس بېرىمەن ، ئۇ بۇ دەرىستە ئىپپىتىدىن ئايرىلىدۇ ، تاھىردىن ئايرىلىدۇ ، ئۇنىڭغا مېنى تاللىمغانلىقىغا پۇشايمان قىلغۇزۋېتىمەن .
-ھايۋان ، مەن بۇ ئىشنى قىلمايمەن ، سەنمۇ ئوغۇل بالىما ؟
- قىلمايمەن ، ئۇخلاپ چۈشۈڭ ، نەچچە كۈندىن بۇيان خەجلىگەن پۇلۇڭ ئېسىڭدىدۇ ، ئەگەر قىلمىساڭ پۇللارنى قايتۇرسەن ، ياكى ئاتا ئاناڭنى ئىزدەپ بارىمەن شۇ ، ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلساڭ مەندەك كېلىشكەن يىگىت سېنىڭ بولىدۇ.
- ئۇنداق قىلما   سەندىن ئۆتۈنەي ، ئۇنى قويىۋەت ، خالنۇر ياخشى قىز ، مېنى نېمە قىلساڭ مېنى قىل ، خالنۇرغا زىيانكەشلىك قىلما ؟
- ساڭا پەقەت ئىككىلا يول بار ، بىرى بۇ ئىشنى قىلىش ، يەنە بىرى پۇلنى قايتۇرۇش .
زۆھرە يىغلامسىراپ تۇراتتى ، ئۇ پۇشايمان قىلدى ، خالنۇرغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسىياتتا بولدى ، قانداق قىلىش كېرەكلىگى ئۈستىدە توختىماي ئويلاندى ، زۆھرە ئېغىر قەدەملەر بىلەن مەكتەپ ئىچىگە قايتىپ كەلدى ،  ئۇ ياتاققا كىردى  ئۇ خالنۇرغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى ، خالنۇر نېمىش بولغانلىقىنى قايتا قايتا سورىغان بولسىمۇ دەپ بەرمىدى ، ئۇ توختىماي يىغلىدى .
ئاخىرى ئۇ خالنۇرنى باشلاپ بېرىش قارارىنى تاللىدى ، چۈنكى ئۇمۇ ئامالسىز ئىدى ، ئاخىرى كۈتكەن كۈن كېلىپ زۆھرە خالنۇرنى ئايلىنىپ كېلىمىز دەپ مەكتەپ سىرىتىغا چىقتى ، ھەمدە بىر كارائوكىغا كىردى . خالنۇر كىرگىلى ئۇنمىغان ئىدى زۆھرە سۆرەپ دېگۈدەك ئېلىپ كىردى .

خالنۇر قانداق قىسمەتكە ئۇچىرايدۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز داۋامىدا بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





268 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 9:07:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ