چۆلدە قالغان ئەسلىمە

         كەمبەغەللىك تۈپەيلى، ئۆيۈمدىن ئايرىلىپ بۇ ناتونۇش شەھەرگە ئىش ئىزدەپ كەلدىم. ئۈچ كۈن چۆرگىلەپ شۇ، بۇ شەھەردىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدىم. ئۆيدىن پۇل تاپىمەن دەپ چىقىپ كەتكىنىمگە، ئازراق پۇشايمان قىلدىم. كەنت كادىرلىرى ئۆيىمىزگە كىرىپ، ھە دېسىلاسۇ پۇلى، ھېلى ئۇ پۇل ھېلى بۇ پۇل دەپ كۆزىمىزگە كىرىۋالمىغان بولسا، مەنمۇ بۇ يەرگە پۇل تاپىمەن دەپ كەلمىگەن بولاتتىم. ئاخىرى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم. ئېلاندا ئېيتىلىشچە شەھەر سىرتىدىن 40 كىلومېتىر نېرىسىدا بىر چۆللۈكتە بىر زاۋۇت، بولۇپ، بۇ زاۋۇتقا ئادەم ئالىدىكەن. خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى. مەن بىر ماشىنىنى توسۇپ، 40 يۈئەن كىرا قىلىپ، بۇ زاۋۇتقا كەلدىم. بۇ زاۋۇت رەڭلىك باسما زاۋۇتى ئىكەن.  زاۋۇتتا پەقەت، ئۈچلا  ئۇيغۇر ئىشلەمچى بالىلار بار ئىكەن.  باشقىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ ئىشلەمچى بالىلار بولۇپ ، بۇ زاۋۇتتا بەش يۈزگە يېقىن ئىشلەمچىلەر بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆلىمىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئايرىم ئايرىم سېخلىرى بار ئىكەن.  مەن كەلگەن كۈنى، زاۋۇت خادىملىرى  مېنى تىزىملاپ، مەن ئىشلەيدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ قويدى. ئەتىسىدىن باشلاپ مەن ئىشقا چىقتىم. ئەتىگەندە سەھەر سائەت ئالتىدە ئىشقا چىقىپ، كەچ سائەت، ئون بىر  بىلەن ئىشتىن چۈشۈش ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە تازا كۆنۈپ كېتەلمىدىم. قوللىرىمۇ قولاشمايۋاتاتتى. ھەمدە تىل جەھەتتىن بەكمۇ قىينالدىم. بارا بارا بۇ مۇھىتقىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. ئادەم نېمىگە كۆنمەيدۇ دەيسىز. مەن ئىشلەپ تۆت  ئايدىن كېيىن، زاۋۇتىمىزغا بىر قىز كەلدى. ئۇ ئۆزى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ئۇرۇق ئىدى. مەن ئۇنى دەسلەپ كۆرگەن چېغىمدىلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىسمى بۈ مەريەم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئۇرۇق قىزنىڭ ئىسمى، سەييارە بولۇپ ، بۇ ئىككىيلەن مۇشۇ زاۋۇتقا ئىشلىگىلى كەلگەن ئىدى. دەسلەپ مەن بۇ ئىككىيلەننى ئىككى كۈن ئىشلەپلا قايتىپ كېتىدۇ، بۇ يەرنىڭ جاپاسىغا چىدىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىم بىلسۇن؟ بۇلار ئىككىسى مەن ئەمما ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە ئىشلەۋاتاتتى.  بەزىدە ئۇلار ئۆزىدىن يوغان نەرسىلەرنى سۆرەپ، ئىشلىگەندە ھەيران  قالاتتىم.  ئۇلار ھەقىقەتەن جاپاغا چىدايتتى. چۈشلۈك ئارام ۋاقىتلاردا مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. دېگەندەك، ئۇلارنىڭ ئاىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا بۇ زاۋۇتقا ئىشلىگىلى كەپتۇ. ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا، جاپاغا چىداپ ئىشلەۋاتاتتى. بارا بارا بىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. كۈنلىرىمىز شۇ تەرىقىدە بىر خىللا ئۆتەتتى.  شۇنداق قىلىپ زاۋۇتىمىزغا يەنە ئىككى  ئوغۇل بالا قوشۇلدى. ئۇلار شەھەردىن كەلگەن بولۇپ ناھايىتىمۇ ھاكاۋۇر ئىدى. بىرنىڭ ئىسمى دىلشات، يەنە بىرنىڭ ئىسمى  غېنىزات ئىدى. مەن پەقەت يېقىن دوستۇم قۇربان بىلەنلا پاراڭلىشاتتىم. بىز تۆتىمىز بىر ياتاقتا ئىدۇق. دەسلەپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز خېلى ياخشى ئۆتتى. ئوشۇق ئۇرۇش جېدەلمۇ قىلمىدۇق.  مەن بۈ مەريەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم . مەن كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلاتتىم. كۈندە كەچلىكى  ئۇنىڭ بىلەن QQ دا پاراڭلىشاتتىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭسىز  كۈنۈم ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن بۇ مۇھەببەتمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. چۈنكى دىلشاتمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى . دىلشات ئىككىمىز شۇ سەۋەب كۈندە بىرەر قېتىم ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. ئىش ئورنىدا ئاشخانىدا ياتاقتا كۈندە دېگۈدەك ئۇرۇشاتتۇق. بىراق بارا بۇ ئۆچمەنلىك، شەھەر ئايرىشقا باشلىدى. قۇربان ئىككىمىز بىر تەرەپ، دىلشات بىلەن غېنىزات بىر تەرەپ بۇلۇپ مۇشلىشاتتۇق. ئاخىرى بۇ ئۇرۇش جېدەل زاۋۇت  باشلىقلىرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇزارتىشنىڭ ماھىيىتىنى، سۈرۈشتۈرمەيلا مەن بىلەن دىلشاتنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇۋالدى. دىلشات ئىككىمىز بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي داۋاملىق ئۇرۇشىۋەردۇق. ئاخىرى ياتاقتا تۇرغۇچىلىكىمىز قالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن قۇربان ئىككىمىز باشقا ياتاققا كۆچۈۋالدۇق. ساۋۇتدىن بۇ ئۇرۇشسىنىڭ سەۋەبچىسى بۈمەريەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى زاۋۇتتىن ھەيدىۋەتتى . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم شۇ كۈنلەردە سەييارە ماڭا تەسەللى بەردى . ئۇ كۆڭلىدە مېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ماڭا بۈ مەريەمنى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئېيتتى. بىراق مەن ئۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدىم. بەزىدە ئۇ ماڭا قېيداپ كېچە كېچىلەپ يىغلاپ چىقاتتى. بەزىدە ئۇنىڭغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى. بىراق نېمە ئامال؟ مەن بۈ مەريەمنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام،  دىلشات بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت  بارغانسېرى ئۇلغايماقتا ئىدى .  بىراق ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتىم ، تەغدىرىم ئۆزگىرۋاتاتتى ،  بۇمەرىيەم ئاستا ئاستا دىلشات بىلەن يېقىنلىشۋاتاتتى . بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. دىلشات قانداق سېھىر ئىشلىتىۋاتىدىكىن، تاڭ بۇنى پەقەت بىلەلمىدىم. مەن ئاخىرى بۇمەريەمگە تېلېفون قىلىپ بۇ ئەھۋالنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ناھايىتىمۇ قوپال تەگدى. ئۇ ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ئىزدىمەسلىكىمنى ئېيتتى. سەۋەبىنى پەقەت بىلەلمىدىم. ئاخىرى مەن بۇ ئىشلارنى سەييارەگە دېدىم. يەنە سەييارەدىن ئۆتۈندۈم. بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بۈمەريەمدىن سوراپ بېقىشنى ئېيتتىم. سەييارە ماڭا ناھايىتى تەستە  قوشۇلدى. بىراق بۇ مەريەم ئۇنىڭغىمۇ قوپال تېگىپتۇ. بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلەلمىدىم. ئۇ بەزىدە كۆز ئالدىمدا دىلشاتنى ئىزدەپ كېلەتتى. ئۇ ماڭا پەرۋامۇ قىلماستىن دىلشاد ئىككىسى ئەتەي مەن بىلەن قېرىشىپ، ئالدىمدىن قولتۇقلىشىپ ئۆتەتتى. بۇ ۋاقىتتا دىلشات ماڭا كۆرەڭلىك نەزەر بىلەن قاراپ قوياتتى. يۈرۈكۈم لەختە لەختە بولىۋاتاتتى. بۈمەريەمگە ئاچچىقىم كېلەتتى. ئۇنى ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا ماڭا سەييارە، تەسەللىي بەردى. قۇربانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى.  بەزىدە بۇ يەرگە كەلگىنىمگە قاتتىق  پۇشايمان قىلاتتىم. بۈگۈن مەريەم بىلەن تونۇشقىنىمغىمۇ، پۇشايمان قىلاتتىم. كۈنلىرىم ئىشلەش يىغلاش خىيال سۈرۈش بىلەن ئۆتەتتى. سەييارەنىڭ كۈنىمۇ ماڭا ئوخشاش ئىدى. بۈ مەريەم مېنىڭ QQ نومۇرۇمغا خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ ، ئۇ خېتىدە « تىنچلىقمۇ.؟ يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ سىزنىڭ بۇنداق سۇيۇق شاللاق ئوغۇللاردىن ئىكەنلىكىڭىزگە قەتئى ئىشەنمەيتتىم. بىراق مەن ئىشەندىم. دىلشات ماڭا ھەممىنى ئېيتتى. مەن كەتكەندىن كېيىن سىز سەييارە بىلەن ئاپاق چاپاق بولۇپ كېتىپسىز. مېنى ئۇنتۇپ كېتىپسىز. ھەتتا سەييارە تاماقلىرىڭىزنمۇ توشۇپ بېرىدىكەن. كىرلىرىڭىزنىمۇ يۇيۇپ بېرىدىكەن. بەزى كۈنلىرى كېچە كېچىلەپ سىزنىڭ ياتىقىڭىزدىن  چىقمايدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ مەن يىغلىدىم. ئىشقىلىپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. مەن دىلشاتنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي ئۆز كۆزۈم بىلەن سىزنى كۆرگىلى كەلدىم. بىراق مەن كۆرگەن ئىش ھەقىقەت ئىدى. سەييارە سىزنىڭ چېكىڭىزدىكى تەرلەرنى سۈرتىۋاتاتتى.  ھەم سىزگە سوغۇق سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتاتتى. بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ مەن 100 % ئىشەندىم. راستىنلا ئىككىڭلار تېپىشىۋاپسىلەر. مەن كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم ۋاقىتلاردا، كۈندە دىلشات ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ، مەندىن ئەھۋال سوراپ تۇردى. ھەممىنىڭ كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەردى.
     





458 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-3 13:21:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-5 22:14:55 aynur
ahiri keni
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ