يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 6 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 6 - قىسىم


زۇرفى 



   ئىشىكتىن كىرىپ كەلگىنى زىلال بىلەن چوڭ ئانىسى ئىدى،  ۋوي قىنى كىرىڭلار  نىمىگە  بىرنىم كۆتۇرۇپ كىرگەنسىلەر قۇرۇق قول كىرمەي دەپ تەكەللۇپ بىلەن زىلالىڭ قولىدىكى خالتىارنى كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭ قولىدىكى موماي ئۆزى بىر قوللۇق پەرۋىش قىلىپ ھۇسۇل  قىلغان سەي كۆكتاتلار ئىدى ،  
ئەسلى تۇزۇك بىرنىم ئەكىرسەك بولاتتى ،  ئاز دىمەي ئىشلىتەلە دەپ مومايمۇ ھاسىراپ ھۆمۇدەپ ھۆزۇر خالىغ ئيتتىپ قۇيۇپ رەيھانگۇل خانىم باشلىغان مىھمان خانا ئۆيگە كىردى ،  مۇختەرمۇ ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ قۇيۇپ بىر تەرەپتە  ئولتۇراتتى ،  رەيھانگۇل خانىم ئۇلارغا  چاي قۇيۇپ تاماق ئەكىردى ،  ئوسمان بايمۇ تاماققا ئۇلگۇرۇپلا كىرگەن ئىدى .
تىشلىقمۇ قانداق ئەھۋاللىرى ئەسلى ئۆزەم بىرىپ ئەكىلەي دىگەن ئەتىگەنتىن بىكا بۇلۇپ بۇلالمىدىم  دەپ داستىخانغا كىرىپ  تاماققا باقتى ، ئۇلار شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن  خۇددى بىر ئائىلە كىشلىرىدەك قىزغىن سۆھبەتلىشىپ تاماقنىمۇ يەپ بولدى ،  رەيھانگۇل خانىم ،  ئەسلى سىز چاقىرغان مىھمان مۇشۇ ئانىمىزكەندە مەن  تىخى زىلال  قىزىمىزنىڭ چوڭ ئانىسى ،  قۇرۇنۇپ قالماي دەپ بىللە كەلگەنشەيدۇ دەپتىمەن ، دەپ  ئۇلاردىن قايتا بىرقىتىم ئەھۋال سورىدى، ئوسمان باي زىلالنى كۆرسىتىپ ھە قىزىم ئاڭلىسام  مۇختەر  بىلەن بىر سىنىپتا  ئۇقۇيدىكەنسىز ،  ئۇنىڭ ئوقىشى ياخشىمۇ دەپ سورىدى ، زىلال يەر تىگىدىكى  كۆزلىرىنى ئوسمان بايغا قارتىپ تۇرۇپ ھەئە  ، ياخشى ئوسمان ئاكا مۇختەر سىنىپىمىزنىڭ ئەلاچىسى دىدى ،  بۇ كۆزلەرنى قايسى زامانلاردا  كۆرگەن ئىدى ھە ، ئوسمان باي بۇ كۆزلەردىن بۇرۇنقى ئۆزىنى ئەسلەپ قالدىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، مانا بۇگۇنكى قىزغىن سۆھبەت ئوخشىغان تاماقلاردىن ھەممىسى شۇنداق خۇشال ئىدى ،ئوسمانبايمۇ ،  ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ بۇنچىلىك بىر خۇشال ئولتۇرۇپ تاماق يىمگەن ئىدى،  زىلال بىلەن مۇختەرمۇ يەر تىگىدىن بىر بىرىگە قارشىپ يۇزلىرىنى قىزارتىپ ئولتۇرشاتتى ،  كەچمۇ بوپ قالدى بىز قايتايلى بالام دەپ موماي ئورنىدىن تۇردى ، بۇگۇن بەك ئاۋارە بوپسىلەر ،  رەھمەت خۇدايىم ئۆمرىڭلارنىڭ ئۇزۇن قىلسۇن دەپ نۇرغۇن تىلەكلەر بىلەن خۇشلاشتى ،ئوسمان بايمۇ  ئۇلارنى ئاپىرىپ قۇيۇش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئۇنمىغىنىغىمۇ قويماي  ئۇلار بىلەن ماڭدى .
مۇختەر ئىچ ئىچىدىن خۇشال ئىدى ، مەكتەپ ئاشخانىسىدىمۇ  زىلال بىلەن بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىمىگەن مۇختەر بۇگۇن ئۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ تاماق يىگەن ئىدى ،  بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇپ تۇرالايدىغان بولدۇم  دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ  ئۆزىنىڭ كەلگۇسىنى خىيال قىلىپ  قايسى بىر ناخشىنى غىڭشىپ قۇيۇپ ھوجۇرسىغا  كىردى .
قاچان بولغان ئىش بۇ چوڭ ئانا  قاچان ؟  مەن ھەجەپ خەۋەردار بولماپتىمەن ،  نىمىشقا بۇنداق بولدۇ ، مەن تىخى زىلالنى ئايجامالنىڭ قىزى  ئوخشايدۇ  دەپتىمەن ئوسمان  بىرخىل زەيىپ ئاۋازدا مومايغا تىكىلگىنىچە كۆزگە ياش ئالدى ،  دىمىسىمۇ  زىلال  ئايجامالغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتى  ،  موماي تۇگەپ  كەتكەن قىزنىڭ ئورنىغا  زىلالنى ئۇنىڭغا ئوخشتۇپ بەرگەن ئىگىسىگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ئېيتاتتى ،  ئەركىننىڭ قىزى  بالام ، بىزمۇ ئامالسىز قالدۇق ، تەقدىرى شۇ ئوخشايدۇ  موماي ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۇرتۇپ ئېغىر ئۇھسىندى .   ئوسمان باي ماشىنىسىنى ئىشىك ئالدىغا توختۇتۇپ  قىزارغان كۆزلىرىدىن ،  بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىنى كىنو لىنتىسىدەك ئۆتكەزدى ،  قايسى چاغلار ئىدى ھە شۇنداق بىر گۇزەل ئەسلىمە قالدۇرۇپ بىر بىرىگە قانمايدىغان ئاشۇ چاغلار ،  تاماق يىگەندە زىلالنىڭ ئۇنىڭغا قارىغان بىر جۇپ كۆزى خۇددى  ئايجامالنىڭ ئۇنىڭغا  ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقان بىر جۇپ كۆزىدەك يۇركىگە ئۆتتى ،  بوغىزىغا بىرنىم كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇدىيۇ بىر ئاچچىق پۇتۇن بەدىنىگە  تاراپ كەتتى ……
داۋامى بار ……
     





726 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 18:55:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-26 23:38:23 گۈزەلنۇر
ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشى يېزلىپتۇ ،ئاخىرنىڭ بالدۇرراق چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ