قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 11 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 11- قىسم

metro


ئۇلار تاش ساندۇقتىكى نەرسىلەرنى ئېلىپلا ئىشىكنى ئېچىشقا ئالدىردى. تايىر تامدىن يەنە بىر مەشئەلنى ئالدى ، سادا يوق. يەنە ئالدى سادا يوق ، ئۇ مەشئەلنى ئېلىۋېتىپ جىددىيلىشەتتى. ئەڭ ئاخىرقى مەشئەلگە كەلگەندە ھەممىسى ئۈمۈدىنى شۇ مەشئەلگە تىكىشتى. ئەگەردە ئۇنىڭدا ئېچىلمىسا قانداق قىلغۇلۇق، تايىر مەشئەلنى ئاستا ئالدى. تەلىيىگە بىر تام غارىلداپ كۆتۈرۈلدى، ھەم بىر كىتاپ جازىسىمۇ كۆرىنىپ ئۇمۇ يانغا سۈرۈلدى. بۇ چىقىش ئېغىزى ئىدى، ئۇلارنىڭ خۇشلۇقتا ئېغىزى قۇلىغىغا يەتتى.

گۈزەلنۇر مۈشۈكنىڭ غەلىتە مىياڭلىشىغا چىدىماي قۇلۇقىنى ئىتىۋالدى. كۆزى بولسا ئەتىراپتىكى مەخلۇقلاردىن قايسى ئاۋال ئېتىلىپ كىلەر دەپ تىكىلمەكتە ئىدى. ئىت ساراي ئىچىدە غادىيىپ تۇرغىنىچە ئۇياق - بۇياققا قارايتتى. گۈزەلنۇر ئۇنىڭ كۆزىنى ئىزدىدى، لېكىن راستىنلا ئۇنىڭدا كۆز يوق ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە تىمىسقىلاپ يۈرىگەن مۈشۈكتىن بىرسى گۈزەلنۇرغا تىكىلدى. مۈشۈكنىڭ كۆزى كۆكۈش بولۇپ بىر خىل ۋەھىمىلىك نۇر چىقاتتى. ئۇ قىزغا قاراپ مىياڭلىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى مۇلايىم مىياڭلىغان ئاۋازدىن تۇيۇقسىزلا بۇۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىغا ئۆزگەردى. گۈزەلنۇر ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمەي قالدى. ئىت قىزغا بۇرۇلدى، ئېغىزىدىن قان پۈركىدى، قارا كىيملىك ئىتىكلا سارايغا كىردى. ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۆچكىنىڭ تۇيۇقىغا ئوخشايتتى، ئۇمۇ ئىڭىشىپ ئۈستەل ئاستىدىكى قىزنى كۆردى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە كۆز قارچۇغى يوق بولۇپ خۇددى قاندەك تۇراتتى. ئۇ ئاستا قىز تەرەپكە سۈرۈلدى، مۈشۈكلەرمۇ قىزغا يۇپۇرۇلدى. ھالى ئارانلا قالغان قىز بۇ مەنزىردىن ئۆزىنى ئېلىپ بىر چىقىرغىنىچە ھوشىدىن كىتىپ يىقىلدى.

دەل موشۇ چاغدا دىلبەرنىڭ قىزنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، بايقى مەخلۇقلار تۇمانغا ئايلىنىپ ساراي ئىشىك، دەرىزىلىرى ئۆزلىگىدىن يېپىلدى. باشقىلار يۈگۈرشۈپ سارايغا كىرگەندە بايقى كۆرۈنۈشلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇلار كىرىپ قىزنىڭ ھوشسىز ياتقىنىدىن قورقۇپ كىتىشتى. ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ يۈزىگە سۇ پۈركەشتى، ئىسمىنى چاقىرىشتى. ئىسكەندەر بىر چەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك قىزغا قاراپ ئازاپلانماقتا ئىدى. لېكىن تايىر بىلەن تۇرغۇن بۇ ئەتراپنىڭ خەتەرلىكلىگىنى بىلگەچكە قىزنىڭ نىمە بولغىنىنى ئۇلارنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ بولۇشتى. قىز ھوشىغا كىلىپلا دەسلەپتە چۆچۈپ ئەتراپقا قارىدى. ئاندىن دىلبەرنىڭ يۆلەپ ئولتۇرۇپ چاقىرۋاتقىنىنى كۆردى - دە ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ يىغلىغاچ دىلبەردىن ئاغرىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى:

- مېنى نىمىشقا بۇنداق جايغا ئېلىپ كەلدىڭ ؟ نىمىشقا يالغۇز قويىسەن ؟ بۇ يەردە بايا مەن شۇنداق كۆپ جىنلارنى كۆردۈم ، ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلدى ،- ئۇ سۆزلەۋېتىپ جالاقلاپ تىتىرەيتتى.

دىلبەر، سەمەت، ئىسكەندەرلەر قىزنىڭ گەپلىرىدىن ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي ھاڭۋېقىپلا قېلىشتى، ئۇلار قىزنى يالغۇز قېلىپ ئادەتتىكى بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كىتىپ شۇنداق سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى.

- كەچۈرۈڭ ، - دىدى ئىسكەندەر تۈۋەن ئاۋازدا قىزدىن كەچۈرۈم سوراپ ،- سىزنى يالغۇز قويمىسام بوپتىكەن. بۇ يەردە جىن يوق ، بىز بار قورۇقماڭ .

دىلبەرمۇ قىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ تېچلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆڭلىنى ياسىدى:

- ئەمدى سېنى ھەرگىزمۇ يالغۇز قويمايمەن ، بوراندا بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كىتىپسەن. مەن يېنىڭدا بار ، قورۇقما، مەن بار.

قىز دىلبەرنىڭ قۇچىغىدىن ئۆزىنى تارتىپ ھەممىسىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى قورقۇنىشتىن يۇغىناپ كەتكەن ئىدى.

- جىن يوق دەمسىلەر ؟ ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىلەر ؟ سىلەرگە دەپ بىرەي ئەمىسە ،- قىز ئۇلارغا كۆرگەنلىرىنى بىر ياقتىن سۆزلەپ بەردى.

ھەممىسى قىزنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاپ قورقۇپ قېلىشتى. ئاخىرىدا سەمەت يەنىلا تازا ئىشەنچ قىلالماي قىزدىن سورىدى :

- سىز يالغۇز قالغاچقا بەك قۇرقۇپ كىتىپ موشۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ قالدىڭىزمۇ - يە؟

- ئۇنداق ئەمەس ،- دىدى تايىر ،- بۇ جاي ھەقىقەتەن شۇنداق جايكەن. مەنمۇ بۇنداق ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، لېكىن سىلەرنى قورقۇزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارنى سىلەردىن سىر تۇتتۇق. بۇنداق ئىش تۇرغۇننىڭمۇ بېشىغا كەلگەن. ئىسىڭلاردىمۇ دەسلەپتە كۆرگەن مۈشۈككە ئۆزگۈرۈپ قالغان ھۇقۇش.

تۇرغۇنمۇ تايىرنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راستلىغىنى ئېيتتى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئەمدى سىر تۇتسا بولمايدىغىنىنى پەملىشىپ ئۇ ئەھۋاللارنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى، بۇنىڭدىن باشقىلارنى بىر خىل ۋەھىمە، بىر خىل قورقۇنىچ چىرمىۋالدى.

- بۇ يەر شۇ دەرىجىدە خەتەرلىك بولسا ئەمدى بۆلۈنۈپ كەتمەيلى !- دىدى دىلبەر .

- ھەممىمىز قولىمىزغا پىچاق ياكى قېلىچ ئېلىۋالايلى ، ئۇنداق نەرسىلەر تىغدىن قورقۇدۇ ، بۇ نەرسىلەر ئەڭ ياخشى ھەمرا،- دەپ گەپ قوشتى ئىسكەندەرمۇ .

ئۇلار ئۆزلىرىگە ماس كەلگۈدەك شەمشەر ، قېلىچ ، پىچاقلارنى تېپىپ ، يەنە جىننى قورقۇدۇ دەپ يانلىرىغا ناندىن بىر بۇلۇڭدىن سېۋىلىشتى. بۇ چاغدا بۇرانمۇ پەسلەپ كۈنمۇ تاغ كەينىگە ئۆتكەن ئىدى .

- سىلەر نەگە باردىڭلار ؟- دەپ سورىدى گۈزەلنۇر دىلبەردىن سەل ئەسلىگە كىلىپ.

دىلبەر ئۆزلىرىنىڭ بارغان، كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ھەمدە يەر ئاستى ئۈيىنىڭ كۇتۇپخانىغا تۇتىشىدىغانلىغىنى ، سەل تۇرۇپ بايلىقلارنى ئۇنىڭغىمۇ كۆرسىتىپ قويىدىغانلىغىنى ئېيىتتى .

- ئەمدى ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقىپ قۇرساقلىرىمىزنى توقلايلى. ئاندىن شۇنچىۋالا مەخپىي، پۇختا ساقلىغان بۇ نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىپ باقايلى ،- دىدى تايىر كۈلۈمسىرگىنىچە قولىدىكى تىرە پۈتۈكلەرنى كۆرسىتىپ.

ئۇلار باشقىدىن روھلىنىپ ئۈستىنكى قەۋەتكە قاراپ مېڭىشتى. ئۈستىدىكى ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنىڭ تاشلىۋەتكۈدەك نەرسىلىرىنى تاشلىۋېتىپ پايدىلانغۇدەك نەرسىلىرىدىن ئۇلار ئۇ جاينى خېلى ياخشى جايلاشتۇرۋالغان ئىدى. ئاددى تاماقتىن كىيىن قىزلار كىيىم ئالماشتۇرماقچى بولۇپ باشقا ئۆيگە چىقىپ كىتىشتى. يىگىتلەر قېلىچ - شەمشەرلىرىنى بىر - بىرگە سۈركەپ داتلاردىن ئاجىرتىشتى. بىر چاغدا ھەممىسى جەم بولۇشۇپ ھېلقى سىرلىق تېرىنى يېيىپ خەتلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى. خەت تۆت كاتاكچىگە ئېلىنغان بولۇپ، ھەر بىر كاتاكچىدە بىر مىللەتنىڭ يېزىقى ئىدى. بىرىنجى كاتەكچە خەنزوچە چوڭ يېزىق ، ئىككىنجى كاتاكچە ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىغى، ئۈچۈنجى كاتەكچە مۇڭغۇل يېزىغى، تۆتىنجى كاتەكچە روسچە خەت ئىدى. خەتلەرنىڭ ئاز- كۆپلىگى پەرىقلەنمەيتتى. خەتلەرگە قاراپ بۇلار تۇرۇپلا قالدى، چۈنكى بۇ خەتلەرنى دىلبەر بىلەن گۈزەلنۇردىن باشقىلار ئازىراقمۇ ئوقۇيالمايتتى. دىلبەرمۇ خەنزوچە خەتتىن ئازاراق ئوقۇيالايتتى، گۈزەلنۇر چاغاتاي يېزىقىدىن ئازاراق بىلەتتى. ئۇمۇ ئۇ خەتنى مەكتەپتە مۇناسىۋەتلىك دەرسىلىكتىن ئازاراق ئۆگەنگەن پېتى ئىدى. قالغان ئىككى خىل يېزىقنى ھېچقايسى بىلمەيتتى. يىگىتلەر خىجىللىقتىن قىزلارغا قاراشتى.

- ئەمدى بىز مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىمىغان ، بۈگۈن سىلەر ئىككى سىتودىنىتنىڭ بېڭسىنى كۆرەيلى. بىر تەرجىمە قىلىپ بېقىڭلار ، - دىدى تۇرغۇن ھېجىيىپ.

قىزلار كۈلۈشتى .

- بىزمۇ بۇ خەتلەرنى ئۇنچۇۋالا بىلىپ كەتمەيمىز ، «چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر» دىگەندەك ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەۋاتىمىز ،- دىدى دىلبەر كۈلۈپ تايىرغا قارىغاچ.

- ياقەي ئۇنداق بولامدۇ ؟- دىدى تايىرمۇ ،- ھېچنىمنى چۈشەنمىگەندىن ياخشى ئەمەسمۇ.

قىزلار خەتلەرنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈشكە باشلىدى. يىگىتلەر خەتتە نىمە سىرلار يوشۇرغىنىغا قىزىقىپ بويۇندىشىپ تۇرۇشتى. سىرتتا بوران تەلتۈكۈس توختىغان بولۇپ ، ئەتىراپ جىمجىت ، تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. يىگىتلەر دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھەيرانلا قېلىشتى،ھەمدە ئالدىدىكى مەنزىرگە ئىشەنمەي يىراقلارغا نەزەر تاشلاشتى. چۈنكى ئەتتىگەندىن دۆۋلىنىپ ياتقان ئىسكىلىتلارنىڭ بىرمۇ كۆرۈنمەيتتى. بوران ئۇچۇرۇپ كىتىشكە تىگىشلىك بولغان ئۆيلەرنى تازلاپ تاشلىۋەتكەن پەردە رەخىتلىرنىڭ پارچىلىرى جايىدا شۇ پېتى تۇراتتى.

- ھەجەپ غەلىتە ئىشقۇ بۇ ،- دىدى تايىر بۇ سىرنى چۈشىنەلمەي ،- قاراڭلار بوران ئۇچۇرۇپ كەتكۈدەك شۇنچە يەڭگىل نەرسىلەر تۇرۇپتۇ ، ئىسكىلىتلەر قورال - ياراقلىرىغىچە غايىپ بوپتىغۇ.

قىزلارمۇ يۈگۈرەپ كىلىپ قاراشتى، دەرۋەقە ئەتراپتا ئەتىگەنكى مەنزىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ خۇددى ئۇنداق نەرسىلەر مەۋجۇت ئەمەستەكلا تۇراتتى.

- تەرجىمىسىنى قىلىپ بولدۇق ،- دىدى دىلبەر ،- مەن خەنزوچىنىڭ بىلىدىغان خەتلىرىمنى تەرجىمە قىلدىم، بىلمەيدىغان خەتلەرنى چاغاتاي يېزىغىدىن گۈزەلنۇر تېپىپ مەنىسىنى يەشتى. قۇراشتۇرۇپ تەرجىمىسىنى پۈتكەزدۇق، ئەمىسە ئوقۇپ بىرەي ئاڭلاڭلار ، بىز ھەقىقەتەن خەتەرلىك رايونغا كىلىپ قاپتىمىز. ھەممىسىنىڭ دىققىتى دىلبەرنىڭ ئېغىزىغا مەركەزلەشتى. ئۇ ئوقۇشقا باشلىدى:

- ئۇشبۇ موشۇ پۈتۈك كىمنىڭلا قولىغا يەتسۇن مەيلى شاھ، مەيلى پۇقرا بولسۇن ھەزەر ئەيلىسۇن. پۈتۈك شۇنى ئەسكەرتىدۇكى ، قاغىش تەككەن سېھىرلىك، ئالۋاستى كىتاپقا نەزەر سالمىسۇن، ئالۋاستى كىتاپ ئارقىلىق ئالۋاستىدىن قوشۇن يىغىدىغانلار مەڭگۈ ئەڭ ئېغىر ئازاپقا، ئەڭ قاتتىق قارغىشقا كىتىدۇ. ئەي ئىنسان ئەگەر ئالۋاستى بولماي دىسەڭ كىتاپتىن پايدىلانما، ئۇنى يوقات، ئۇ زىمىننى يالماپ دەۋزەخكە ئايلاندۇرىدۇ. قارغىش يامان .

دىلبەر جىمىلىپ قالدى ، يىگىتلەر تەڭلا سوراشتى :

- داۋامىچۇ؟

- تۈگىدى ، شۇنچىلىكلا يېزىلىپتۇ.

… سىرلىق ئالۋاستى كىتاپ دىگەن قانداق كىتاپ؟ ئۇلار يەنە قانداق ئىشلارغا ئۇچرايدۇ ؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1273 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:37:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ