ۋىسال تاپمىغان سۆيگۈ
2 - قىسىم ئاپتورى ؛ نەفىسە
رەنا شىرزات چاقىرغان يەرگە بىرىپ ئولتۇردى ، ۋە قىسقىغىنە سالاملاشتى ، شىرزات تاماق تىزىملىكىنى تەڭلەپ:
- رەنا ئۆزىڭىز خالىغان بىر نەرسە بۇيرىتىڭ.
- ياق بولدى، سىز بۇيرىۋىرىڭ،- دىدى رەنا خىجىل بولۇپ.
-ھەي كۈتكۈچى!!
- ھە ئەپەندى سىزگە نىمە تاماق لازىمكى؟
- بىزگە ئىككى قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى، بەش زىق كاۋاپ ۋە بىردىن ئىچىملىك ئەكەپ بىرىڭ!
- بولىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ. ھازىرلا چىقىدۇ.
ئىككىسى جىمجىت ئولتۇرىشاتتى ، بۇ جىمجىتلىقنى يەنىلا شىرزات بۇزدى.
- رەنا سىز بۇ يىل قانچىگە كىردىڭىز؟ ئەدەپسىزلىك بولدى كەچۈرۈڭ!
- ياقەي ھىچقىسى يوق. بۇ يىل 21 كىردىم.
- ھە، مەن بۇ يىل 22 كىردىم. سىزدىن 1 ياش چوڭكەنمەن.
ئاڭقىچە كۈتكۈچى تاماقنى ئەكەلدى ، ئۇلار تاماقلىرىنى يىيىشتى، تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىدىن چىقتى، رەنا خوش دەپ ئەمدى مىڭىشىغا شىرزات:
- رەنا توختاڭ! ئەپسىز كۆرمىسىڭىز باغچىدا بىردەم چۆرگىلەپ چىقساق قانداق ؟
رەنا ئارتۇق گەپ قىلماي ئاستا ماڭدى ، ئايدىڭ كىچە ئۇلار جىمجىت مىڭىۋاتاتتى، ھەر ئىككىلىسى ئاجايىپ تۇيغۇ ئىچىدە كىتىۋاتاتتى، ئىككىلىسى بىر بىرىنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
- رەنا بىز بۇندىن كىيىنمۇ كۆرۈشۈپ يىقىن دوسلار دىن بولۇپ ئۆتەيلى.
رەنا خىجىللىقتىن ئىپادە بىلدۈرمىدى، ۋە ئاستا سائىتىگە قاراپ:
- كەچ بولۇپ قالدى، چوڭلار ئەنسىرەپ قالىدۇ ، مەن قايتاي دەپ خوشلۇشۇپ ماڭدى.
تۇنجى قىتىملىق ئۇچرىشىش ئاياقلاشتى، رەنا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزىچە خىيال سۈرۈپ قالدى ، رەنا ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقىنىغا قاراپ توۋا مەن نىمە بولدۇم دەپ قوياتتى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار پات پات كۆرۈشۈپ تۇردى، ئارىسىدىكى تارتىنىش قورۇنۇشلارمۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى، ئۇلار ھەر قىتىم كۆرۈشكەندە كۈلۈپ خۇشال خۇرام پاراڭلىشاتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇلار تونۇشقىنىغىمۇ يىرىم يىل بولۇپ قالدى، بىر بىرىنى ئوبدان چۈشىنىشتى ، ئۇلار بىر بىرىگە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى دەپ بىرەتتى. رەنامۇ ئۆزىنىڭ شىرزاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ئىتراپ قىلاتتى.
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە شۇنداق چىرايلىق قار يىغىۋاتاتتى ، رەنا ھۇجرىسىدا ئولتۇرۇپ گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى ، تىلفۇننى سايرىدى ، شىرزات ئۇرغان ئىدى. رەنا خۇشاللىقىدا تىلفۇننى ئالدى.
- سالام رەنا !
-سالام شىرزات!
-قانداقراق ئەھۋالىىڭ ؟
-ياخشى ئۆزەڭچۇ ؟
-مەنمۇ ياخشى ، بۈگۈن بەك پەيزى قار يىغىۋاتىدۇ ، ۋاقتىڭ بولسا چىقە قار تىيىلىش مەيدانىغا بىرىپ ئويناپ كىلىمىز .
-ھە ماقۇل.
- ھە ئەمسە مەن سىنى كونا جايدا ساقلايمەن چاققانراق كەل خوش.
- ماقۇل خوش.
رەنا كىيىملىرىنى كىيىپ ياسىنىپ ماڭدى ، بۇلارنىڭ كونا جايى بولسا بۇلار تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ قالغان كىتابخانىنىڭ يىنىدىكى كىچىك باغچا ئىدى، رەنا كونا جايغا بىرىپ قارىسا شىرزات دائىم ساقلايدىغان يەردە ساقلاپ تۇراتتى.
رەنا شىرزاتنىڭ قىشىغا باردى ،
-قانداقراق ئەھۋالىڭ ؟
-ياخشى سەنچۇ؟
-ھە مەنمۇ ئىنتايىن ياخشى ، يۈرە رەنا مەن سىنى بۈگۈن قانغۇچە ئوينىتىپ كىلەي.
-ياخشىغۇ بۈگۈن بىكا بولۇپ قاپسەندە ،
-ھە شۇ .
ئۇلار قار تىيىلىش ماڭدى ، قار تىيىلىش مەيدانى شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى ، ئۇلار قار تىيىلىش مەيدانىدا قار ئىتىپ ، قار تىيىلىپ ۋارقىراپ جارقىراپ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىدى ، ئۇلار يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھىرىپ قىلىشقان ئىدى.
-رەنا ماڭە ئاياقتىكى دەرەخنىڭ قىشىغا بىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كىلەيلى ،
-ماقۇل، بەك ھىرىپ كەتتىم، لىكىن بەك خۇشال مەن ،
-سەن خۇشال بولساڭلا بولدىغۇ دىدى شىرزات كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۇلار دەرەخنىڭ قىشىغا كىلىپ ئاپئاق قار ئۈستىدە ياتتى.
ھەر ئىككىلىسى ئۆز خىياللىرى بىلەن بەنىت ئىدى، رەنا تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ شىرزاتنىڭ ئىچىگە قار سىلىۋىتىپ قىچىپ كەتتى، شىرزات ئورنىدىن تۇرۇپ رەنانى قوغلىدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى يەنە ئوينىغىلى تۇردى. بىر بىرىنىڭ ئىچىگە قار سىلىپ قار ئىتىپ كىچىك بالىلاردەك ئويناۋاتاتتى ، ھىرىپ توختاشتى ، شىرزات تۇيۇقسىز رەناغا :
-سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر ، مەن ھازىر كىلىمەن، دەپ قار تىيىلىش مەيدانىنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ كەتتى.
رەنا ئۇنى بايا ئىككىسى بىللە ياتقان دەرەخ تۈۋىدە ساقلاپ ئولتۇردى ، بىردەمدىن كىيىن شىرزات پەيدا بولدى ، ۋە رەنانى ئۆزى ياسىغان ئاپئاق قار ئۈستىدىكى يۈرەك شەكىلنىڭ قىشىغا ئاپاردى، رەنا نىمە ئىش يۈز بېرىۋاتقىنى بىلەلمەيۋاتاتتى ، شىرزات رەنانى يۈرەكنىڭ ئوتتۇرىغا ئەكىردى. رەنا كۆزۈڭنى يۇمە رەنا كۆزىنى ئاستا يۇمدى ، شىرزات تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قوينىدىن بىر تال ئەتىرگۈلنى ئالدى. رەنا دەپ چاقىردى ، رەنا كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى، شىرزات رەناغا:
- جىنىم مەن سىنى سۆيىمەن ، سەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىمەن. كىرەك بولسا جىنىمنىمۇ بىرىمەن، مەن بىلەن يۈرۈشنى خالامسەن؟
رەنا ھاياجىنىدىن تۇرۇپلا قالغان ئىدى خۇددى بۇ بىر چۈشدەك ئىدى ، نىمىدىگەن گۈزەل نىمىدىگەن رومانتىك مەنزىرە ھە ! ئۇ ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ بۇنداق بولارىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى قىپىدىن چىكىتەي دەۋاتاتتى ، ئۇ شىرزاتنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى لىكىن چاندۇرۇپ باقمىغان ئىدى ، ئۆزىنى مەلىكىدەك، شىرزاتنى ئاق ئاتلىق شاھزادىدەك ھىس قىلىۋاتاتتى.
-رەنا جىنىم ماقۇل دىگىن!
رەنا ئەسلىگە قايتى.
- جىنىم مەنمۇ سىنى سۆيىمەن ، مەن قوشۇلدۇم. ئورنىڭدىن تۇرغىن،- دەپ قولىدىكى گۈلنى ئالدى .
شىرزات ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇردى ، ۋە رەنانى ئاستا قۇچاقلىۋالدى، رەنامۇ قارشىلىق بىلدۈرەلمىدى ، ئۇ ئىككىسى ھازىرقى ھىسياتىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيتى ، خۇددى يۈرەكلىرى ھازىرلا چىكىتىدىغاندەك سۇقۇۋاتاتتى ، ئۇلار ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسان دەپ ئويلايتى. توغرا ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسان بولالايتى ، لىكىن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئۇلارنى ئايرىۋىتىدىغىنىنى ئەسلا بىلمەيتتى.
داۋامى بار ...
1474 قېتىم كۆرۈلدى | nafisa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-13 17:13:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|