مەھەللەمدىكى قىز - 4 -قىسىم ھىكايە

 مەھەللەمدىكى قىز  4-قىسىم
ئابلىمىتجان ۋاھاپ  (تەنھا تۇرنا )


بەدەنلىرىم ئاغرىيتى بۆگۇنكى ھاۋامۇ ياخشى ئىدى،شۇنداق مەھەللىدىكى باللار بىلەن راسا بىر ئوينىماقچى ئىدىم ئەمما كىچىدىن كۆرگەن چۇشۇم ھەم قارا باسقاندىكى كۆرگەنلىرىم بىرخىل ھارغىنلىق ئىچىگە بەنىت قىلىۋالغانىدى،دادام-ئاناملار بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئەتتىگەنلىك تامىقىمنى يەۋىلىپلا باللار بىلەن كۆرۇشۇپ كىرەي دەپ ئۆيدىن چىقىپ،قايسى يۆنىلىشتە ماڭغانلىقىمنى ئۆزۇم بىلەي  قەدەم بىسىپ يۇرۇپ،بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن سورىدىم يوقكەن ،ئالدىمغا يەنە بىرەر كىلومېتىرغا يىقىن يول يۇرسەم كەڭرى كەتكەن   قۇملۇققا باراتتىم ،قۇملۇققا چىقىپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ماڭدىم،ئىگىزراق قۇمغا چىقىپ ئەتىراپقا قارايدىغان بولساق قالايمىقان چىگىش تۈگۈنلەرنى كۆرگىلى بولاتتى ،ھەر دۆڭ ھەر دۆڭلەرنىڭ ئۆزئارا چاپلىشىپ كەتكەن ھالاتلىرى شۇنداق تۇيغۇدا كەلتۇرەتتى.
بۇ يەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ھەم قۇمنىڭ ئىللىقلىقىنى دىمىسە كىشىگە باشقىچە ھوزۇر بىرەلمەيتى،زىمىن ئانىنىڭ قوينىنىڭ ئۆزى ئىدى ئىللىق قۇمدا پۇت قولۇمنى كەڭرى ئىچىپ ئانچە مۇنچە ئاق ئۇششاق ئۇششاق ئۇزۇپ يۇرگەن بۇلاتلارغا قاراپ خىياللارغا چۆمۇپ كىتەتتىم بۆگۇن بولسا ئۇنداق بولمىدى،ھەر خىل سۇئاللار پەيدا بولاتتى.ئۆز ئۆزۇمگە ھەي نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ،مەن يا گۇلمىھرەنىڭ كەينىگە كىرۋالمىغان تۇرسام !يەنە نىمىشقا ماڭا مەن باشقىلار بىلەن توي قىلىمەن،سىنىڭدەك قولىدىن ھىچنىمە كەلمەيدىغانلارغا مەيلىم يوق دەيدۇ،بۇ نىمە دىگىنى ؟ھەي بۇلارنىغۇ مەيلى دەي ماڭا نىمىشقا كۇل چاچىدۇ؟ھەي نىمانداق قالايمىقان خىياللار بۇ ! قۇمنىڭ قىززىشى بىلەن ئۆزۇمنى تاپقاندەك بولدۇم،ئورنۇمدىن تۇرۇپ تىلفۇننىڭ سائىتىگە قارىسام ئىككى سائەتكە يىقىن چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەپ يۇرۇپتىمەن كەڭرى كەتكەن قۇملۇقتا،ئىغىر قەدەملىرمنى يۆتكەپ ياشلىقنىڭ كوچىسىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك چوڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئۆيگە ماڭدىم،يول مىڭىۋاتىمەن ھىچ بىر يولۇم ئاۋىغاندەك ئەمەس،ئۆيگە كىردىم قولۇم ئىشلارغا بارمايتى ئانام ئەتكەن تاماقلارنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە چىققان ۋاقىتلىرىمدا  تويغۇچە يەيتىم،ئاكام بولسا ئاچ قىلىپ چىققاندەك قىلىسەن ئۆيگە دەپ ئاچچىقلاپ قوياتتى، ئانام بولسا ئۆي تامىقىنى يىمىگىلى خىلى بولغانتىكىن دەپ ئاكامنىڭ گىپىنى توسۇپ قوياتتى،بۇگۇن بولسا ئۇنچە كۆپمۇ يىيەلمىدىم كۆڭلۇم تاماق تارتمايۋاتاتتى.
ئاناممۇ سەل خاپا بولدى بولغان باشقا ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى ،گۇلمىھرە بىلەن كۆرۇشۇپ چۇشەندۇرمەكچى بولدۇم،ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلەي دەپمۇ قالغانىدىم سائەتكە قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم ،گۇلمىھرەنىڭ كىمۇ دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى،گەپ قىلماي يەنە چەكتىم چىقمماي تۇرۇپ يەنە كىمۇ دىدى،جىددىيچىلىك پەيدا بولغىلى تۇردى،شۇ ئەسنادا دادىسى باشقىلار بىلەن بىللە سىرتتىن ئۆيگە كىلىشتى،مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم ،ئۇلاربىلەن كۆرۇششنى ئۇنتۇپمۇ قالغاندەك ئىدىم ،ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئوغۇل ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ئاتا-ئاناڭنىڭ سالامەتلىكى قانداق ئاللاھ ئۆمۇرنى ئۇزۇن قىلسۇن ئۇلارنىڭ!بۇ بىرمۇنچە گەپ سۆزدىن ئۆزۇمدە ھەل تارتىنىش،بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىشغا نىمىگە كەلگەنلىكىمنى قانداق ئىيتىشنى بىلەلمەي،ھەئە تاغا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ھەممىمىز ساق سالامەت،سىلەر كىرىپ كىتىڭلار مەنمۇ ياناي دەپ تۇرغانىدىم،ۋاي بالام ئىشىك تۇۋىدىن يانغاننى نەدە كۆرگەن كىرە ئۆيگە گۇلمىھرە بىلەن ئانىسىنى تاماققا تۇتۇش قىلىشنى دەپ قويغانىدىم ماۋۇلار بىلەن تاماق يەيمىز بولاڭ ،دەپ زورلاشقا باشلىدى كىرسەم تاماق يىگۇم يوق،قورسىقىم ئاچ تۇرغىنى بىلەن كۆڭلۇم تارتمىسا يىگۇم كەلمىسە،دىگەنلەرنى ئويلاپ تاغا مەن باياتىن ئۆيدە تاماقنى سەل كۆپرەك يەۋىلىپتىكەنمە شۇڭا كۆپ ئادەملەر بار يەردە تاماق يىمەي نازلىنىپ ئولتۇرسام نىمىلەرنى ئويلاپ قالىدۇ ،مەن قايتاي سىلەر بىللە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇڭلار تاغا بۇنداق دەپ تۇرۋالساڭ بالام بوپتۇ ئەمسە مىھمانلار بەك ساقلاپ كەتمىسۇن مەن كىرىپ كەتتىم  دىگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ………
     





709 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-9 10:45:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ