سەرگەردان ئىت
(ھېكايە)
ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى
ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتكەن كۈنلەر. دۈگىلەك بولىۋالغان بىر ئىت داق يەردە مىت قىلىپ قويماي ياتاتتى.قار ئىرىنچەكلىك بىلەن چۈشمەكتە.خۇددى زىمىنىدىكى بارلىق جىمجىتلىق مۇشۇ يەرگە جەم بولغاندەك قىلاتتى ،ھەتتا قارنىڭ سوغۇقنى يېرىپ ئۆتكەن ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى. بىچارە جانۋار! بىچارە بايقۇش! ئىسسىق يازنىڭ ئاپتىپىنى چۈشەۋاتقانمىدۇ ئەيتاۋۇر پات-پات سوزىلاتتى-دە، خۇددى پىچاق سانچىلغاندەك سىلكىنىپلا دۈگىلەك بولىۋالاتتى.
شۇۋ-شۇۋ... تەبىئەتنىڭ تىنىچلىقى شىۋىرغاننىڭ ھۇۋلاشلىرى بىلەن بۇزۇلدى.دەرەخلەر يوپۇرماقسىز سىلكىنىپ تاراسلاپ ئاۋاز چىقارغىلى تۇردى.قارلار قالايمىقان ئۇچۇپ ئەتراپنى تۇرغىسىز قىلىۋەتكەن ئىدى. ئىت ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، بىراق سۇنغان ئىرادە ئۇنىڭ تۇرىشىغا يول قويمايۋاتاتتى. شىۋىرغان كۈچەيدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى سەزدى بولغاي يەنە تىركىشىشكە باشلىدى. ئىككى ئۈچ قېتىم يىقىلغاندىن كىيىن تەستە ئورنىدىن تۇردى. شۇۋۋىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ تۇمشىقى داق يەرگە بەند بولدى.ئۇ رەھىمسىزلەرچە شىۋىرغان تەرىپىدىن يىقىتىلغان ئىدى. ئۇ ئاخىرقى كۈچى بىلەن پەلەككە يالتايدى، مەڭزىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىسسىق ياش مەڭزىدىن ئايرىلىپ بولمايلا ئۈنچە مۇزغا ئايلاندى...
--ھەي قارىغىنە، ئاۋۇ ئىت نىمانداق بىچارە-ھە!-،چىرايلىق بىر قىز ئوغۇل دوستىنىڭ قولىنى تارتىپ ئىتقا قاراتتى. يىگىت قاراپ قويدىيۇ،بىراق تىزلا قىزنى باشقا تەرەپكە قارىتىپ خۇددى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسە باردەك قىزنىڭ قولىنى تۇتقانچە كېتىپ قالدى…
--ئاپا،ئاپا! قارا ئاۋۇ ئىت يىغلاۋاتىدۇ !--،ئوماق بىر بالا ۋارقىراپ ئاپىسىنى چاقىردى.
--ئوغلۇم! ئەگەر سەن ياخشى ئوقۇمايدىغان بولساڭ ئاشۇ ئىتقا ئوخشاش تالادا توڭلاپ بىچارە بولۇپ يۈرۈيسەن.-،دېدى ئانا بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.بالا بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە دەرھاللا ھېلىقى مىھرىبان ئىسسىق كۆزلەرنىڭ ئورنىغا يىرگەنگەن كۆزلەر ئالماشتى. بالا ئۆز يولىغا قاراپ يول ئالدى.
شىۋىرغان شىۋىرلىدى. كوچىدا ئادەم سىماسى ئەسلا يوق. ئۆيلەر كاڭلار بىلەن ئىللىغان،بىراق مۇزلىغان يۈرەكلەرنى ئىللىتالمىغان ئىدى.يىرگەنگەن كۆزلەر كوچىدىكى تىراگىدىيەنى كۆرۈپ تۇرغان بولسىمۇ تېخىمۇ يىرگىنىش بىلەن بولدى قىلدى. شىۋىرغان شىۋىرلىدى.تەنلەر ئىسسىدى بىراق مۇزلىغان يۈرەكلەر تېخىمۇ مۇزلاپ كەتتى. شىۋىرغان شىۋىرلىدى.سەرگەردان ئىت مۇز تۇتقان مېيىتى بىلەن كوچىغا دەپنە قىلىندى،ئىچى ئاغرىغانلار ئۇنىڭغا قاراپ ئىسىت دەپ قويۇشتى.شىۋىرغان شىۋىرلىدى. ئوچۇق قالغان كۆزلەر ئوچۇقلا قالدى. مۇزلىغان يۈرەكلەر تېخىمۇ مۇزلىدى. شىۋىرغان شىۋىرلىدى…
2016.11.28
339 قېتىم كۆرۈلدى | izchii | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-2 23:53:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|