ئويغانمىغان مۇھەببەت (ھىكايە) - قىزىل تۇمان

ئويغانمىغان مۇھەببەت (ھىكايە) 

 قىزىل تۇمان


 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ناھىيىمىزدىكى دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشتۈم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىشىم بولغاچقا، دەسلەپتە بىر ئاز تەمتىرىدىم، مەن بەك كەم سۆز بولغاچقا باشقىلاردىن خاتا جايلىرىمنىمۇ سوراپ، ئۆگىنەلمىدىم.بەلكىم بۇ ئاجىزلىقىمنى ئۇ ئەڭ دەسلەپ بىلگەن بولۇشى مۇمكىن.ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى. مېنىڭ باشلىقىم دېسەممۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ ئىسمى مەرھابا، ئۆزى سېرىق كەلگەن. قىسقا چاچلىرىنى بوغۇۋالغان. ئانچە ئورۇقمۇ ئەمەس. دائىم كۆزەينەك تاقاپ يۈرىدىغان بىر قىز. دەسلەپ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن قاراپلا ئۇنىڭ ناھايىتى ھاكاۋۇر ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئىدىم ، بىراق بۇ قارىشىم خاتا ئىكەن.مەن بۇنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا بىلدىم. ئۇنىڭ مۇئامىلىسى شۇنچىلىك ياخشى ئىدىكى ھەتتا بىرەر تال چىۋىنگىمۇ  ئازار بەرمەيدىغاندەك ھېسسىياتتا ئىدى. دەسلەپ ئۇ پات پات مېنىڭ ئىشخانامغا چىقىپ مەن قىلالمىغان، بىلەلمىگەن جايلىرىمنى دەپ بەردى. بارا بارابىز  يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. مەن ئۇنى پەقەت دوستۇمدەكلا كۆرەتتىم. ئۇمۇ مېنى شۇنداق كۆرەتتى. بىز بارا بارا تېلېفوندا پاراڭلىشىدىغان بولدۇق. بەزىدە ئۇنى شەھەرلىك دەپ قويسام  بەكمۇ ئاچچىقى كېلەتتى. ۋە ماڭا:«شەھەرلىك بولامدۇ يېزىلىق بولامدۇ ھەممىسى ئوخشاش ئىنسان.» دەيتتى.  مەنمۇ ئۇنىڭغا:«دېمىسىمۇ مەن يېزىلىق سىز شەھەرلىك تۇرسىڭىز ، بۇ بىر ھەقىقەت.» دەيتىم ، بەزى چاغلاردا بۇ گەپنى مەن يادلىغاندەكلا ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شەھەرلىك قىز ياخشىمۇسىز دەيتتىم. ئۇ شۇ زامان ئاچچىقى كېلىپ يەنە ھېلىقى«يېزىلىق بولامدۇ شەھەرلىك بولامدۇ ھەممىسى بىرئىنسان» دەيتى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بەزىدە كۈلگۈم كېلەتتى يەنە بەزىدە كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . بىز نۇرغۇن ئارزۇ ئارمان توغرىسىدا پاراڭلىشاتتۇق ، ئارلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى ئىزدەيدىغان ئۇنى خىيال قىلىدىغان ، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلدىغان بوپ قالدىم ، ئۇنىڭ ئارزۇسى بولسا توي قىلىشتىن بۇرۇن ،چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرغۇسى بار ئىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلالمىدىم ، بەزى كۈن كېچىسى ئۇنىڭ بىلەن تېلفوندا پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالاتتىم ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، مەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان شۇ كۈندىن بۇيان ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم .
ئۇ كۈنى يەكشەنبە بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن سىرىتتا تاماق يېدۇق ،شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم ، بىراق ئۇ گەپ سۆز قىلمىدى ، مەن ئۇنىڭغا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، بىز توي قىلايلى ،خالىسىڭىز چەت ئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلگەندە توي قىلساقمۇ بولىدۇ ،مەن سىزنى ساقلايمەن ،» دېدىم ، ئۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ « بىز ماس كەلمەيمىز ،مەن شەھەردە چوڭ بولغان ،سىز بولسىڭىز يېزىدا چوڭ بولغان ،مېنىڭ تۇرمۇش قارىشىم سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، مەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلالمايمەن ، تاماق ئېتەلمەيمەن ، بەلكىم تۇغساممۇ بالامنىمۇ باقالماسلىقىم مۇمكىن ، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ، سىز ياخشى بالا ئىشىنمەن سىزگە مەندىنمۇ ياخشى قىزلار ئۇچىرايدۇ ،» دېدى .مەن ئۇنىڭغا :« سىز ماڭا يېزىلىق بولامدۇ شەھەرلىك بولامدۇ ھەممىسى ئوخشاش ئىنسان دېگەن ئىدىڭىزغۇ ، تاماق ئېتەلمىسىڭىز مەن ئېتەي ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلالمىسىڭىز مەن قىلاي ، بالا باقالمىسىڭىز مەن باقاي بولامدۇ ؟» دېدىم ئۇنىڭغا يېلىنىش تەلەپپۇزىدا ،   بىراق ئۇ بايىقى گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى ، ۋە ئالدىراپلا خوشلاشتى ، مەن  سىرىتقا چىقتىم سىرىتتىكى دەرەخ شاقلىرى  كەچ كۈز شامىلىدا ئاستا ئىرغاڭلايتى ، قۇرۇغان دەرەخ يوپۇرماقلىرى كۈز شامىلىدا چاچقۇ بۇلۇپ چۈشىۋاتاتتى ، خۇددى ئاشۇ دەرەخ يوپۇرماقلىرى ماڭا سىمۋول قىلىنغاندەك بىلىنىپ كەتتى .
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ غايىب بولدى.  دوختۇرخانىغىمۇ كەلمىدى. تېلېفونىسىمۇ ئېتىك ، باشقىلار مەندىن سوراپ ئۇنىڭ، ئىز دېرىكىنى قىلاتتى. مەنمۇ ئۇلارغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. كېيىن ئاڭلىسام ئۇ چەتەلگە بىلىم ئاشۇرغىلى كېتىپتۇ. ئىچىمدە ئۇنىڭغا  زۇر ئۇتۇقلارنى تىللىدىم.«مەرھابا غەيرەت قىلىڭ. چوقۇم، غەلبە قىلىڭ.»  ،  كېيىن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى  ئۇنىڭ قەلبىدە ماڭا نىسبەتەن تېخى مۇھەببەت ئويغىتىلمىغان ئكەن ، ئۇ كۈچلۈك ئارزۇسى بويىچە، مۇھەببەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، بۇ يولنى تاللىغان ئىكەن ، گەپنىڭ قىسقىسى ئۇنىڭ قەلبىدە ماڭا نىسبەتەن تېخى مۇھەببەت يوق ئىكەن . ئۇزۇن ئۆتمەي مەنمۇ بۇ دوختۇرخانىدىن ئىستىپا بېرىپ كېتىپ قالدىم. چۈنكى ئۇزۇق بولغان شارائىتتا ياشاش ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن ئىدى ، ئۇ قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. مەيلى ئۇ نەلەردە بولسۇن، مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى تىلەيمەن.

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى. 15292532364
     





501 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 12:02:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-21 20:52:31 ayimgvl
ئەسەر ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. بىراق ھىكايە بەك تومتاقلا ئاياغلىشىپ قاپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ