قاراڭغۇ ئورمان 10- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 10-قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 يازنىڭ سالقىن ھاۋاسى ياتاق دەرىزىسىدىن شۇرۇلداپ كىرىپ ئەسلىمە كەپتەرلىرىمنى ئۇچۇرماقتا ئىدى.

 بۇۋاملارنىڭ يېنىدىن قايتىپ ئۆيدە ئالى مەكتەپ تەييارلىقىغا چۈشتۈم، كىچىگىمدىن ئۇرۇشۇشتىن قورقمايدىغان ، جىدەل - ماجىرا تېپىشقا ئامىراق مىجەزىمگە ماس ھالدا ئىمتىھاننىمۇ ساقچىلىققا بەرگەنتىم. مانا ئارزويۇم بويىچە ئۇقتۇرۇشمۇ كەلگەنتى ، دادام - ئاپاملار خۇشلىغىدا پۇختا تەييارلىق، داغدۇغا نەزىرلەر بىلەن ئاق يول تىللەپ مەكتەپكە يولغا سالدى، بۇ جەرياندا پەرىدە بىلەن بىر قېتىم خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپمۇ ئۈلگۈردۈم، ئۇمۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقتۇرىشىنى ئېلىپ تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئىككى تەرەپكە بۆلۈندۇق.  مەكتەپكە كىلىپ ساقچى بولۇشنىڭ ئۆزۈم ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەسلىگىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم، كىلىشىمىزگە تۈزۈملىرىمىز ھەربىي تۈزۈم بولدى، تەربىيلىنىشىمىز ھەربى ئۆلچەم بولدى.  ئوقۇشنىڭ ئالدىراشلىغىدىمۇ پەرىدە بىلەن خەت يېزىشىپ تۇرۇشتۇق، ئۇ دەسلەپتە ئىچكىرى ئۆلكىگە كۆنەلمەيۋاتقانلىغىدىن تارتىپ مېنى بەكلا سېغىنغانلىغىنى يازغاچ مەكتىپىنىڭ، ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئەۋەتتى، مەنمۇ فورما كەيگەن سۈرەتلىرىمنى ئەۋەتتىم شۇنداق قىلىپ كۈنلەر، ئايلار بىر -بىرىنى قوغلۇشۇپ تىزلا ئۆتۈپ كىتىشتى، كۈن ساناپ تەتىلنى كۆتىۋالدۇق، لېكىن قېرىشقاندەك بىزنى مەكتەپتە ئېلىپ قېلىپ قاتتىق مەشىققە سالدى، پەرىدە ئىچكىرىدىن خوشال چىقىپ مېنىڭ قايتالمىغانلىغىمدىن ئازاپلاندى، ھەتتا مېنى كۆرگىلى مەكتىپىمگىمۇ كەلمەكچى بولدى لېكىن بىزنىڭ شۇ چاغدىكى تۈزۈمىمىز بويىچە باشقىلارنىڭ يوقلاپ كىلىشىنىمۇ چەكلىدى،  شۇنداق قىلىپ بۇ تەتىل بەك كۆڭۈلسىز ئۆتۈپ كەتتى.

 ئىككىنجى ئوقۇش مەۋسۈمىدە يەنە خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشتۇق. ئارلاپ - ئارلاپ پۇرسەت كەلسە تىلفۇندىمۇ كۆرۈشتۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوقۇش مەۋسۈمىمۇ توشۇپ تەتىل كەلدى. مەن ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم، ئۆيدىن بۇنداق ئۇزۇن ئايرىلىپ باقمىغاچقا دادامنى ، ئاپامنى ، بۇۋا- مومىلىرىمنى بەكلا سېغىنغانتىم. تەلىيىمگە بۇۋام بىلەن مومام مېنى بەكلا سېغىنغاچقا ئۆيىمىزگە كىلىپ ساقلاۋاتقان ئىكەن، ئاپام مېنى كۆرۈپ خېلى بىر ۋاقىتقىچە يىغلىدى. مۇماممۇ يېشىنى توختىتالمىدى، بۇۋام بىلەن داداممۇ بەك سېغىغان بولسا كىرەك،  خۇشلۇقتا ئېغىزىنىمۇ يۇمالماي،  چېنىقىپ، پىشىلغان بوي - بەستىمگە توختىماي ئۇرۇپ قوياتتى. ئۈيدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ،  مۇڭدۇشۇپ، كۈلۈشۈپلا ئون كۈننى ئۆتكۈزۈپ بولدۇم، ئەس يادىم پەرىدەنى كۆرۈپ كىلىشتە قالدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كوچىسىغا، ئۇلارنىڭ ئۈيىگە ماڭدىم، ئۇ كىلىشىمدىن خەۋەرسىز ئىدى، پىلانىم ئۇنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىش ئىدى.

 ئەپسۇس،  خوشال بېرىپ مەيۈس قايىتتىم،  چۈنكى ئۇ بىر ساۋاقدىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇ قىزنىڭ يۇرتىغا كەتكەنتى، كۆڭلۈم يېرىم بولدى، كاللامدا« ئۇ مېنى كىلەرمۇ دەپ ئويلىماي، ياكى دەپ قويماي كىتىپتۇغۇ، مېنى سېغىنمىغانمىدۇ» دەپ ئويلايتتىم، شۇنداق قىلىپ ئالاقىلىشالمايلا تەتىل توشتى مەكتەپكە قايتتىم. ئۇ مەكتەپكە بېرىپ خەت يېزىپتۇ، مەنمۇ بارغانلىرىمنى خەتتە يەتكۈزدۈم.  ئۇ كەچۈرۈم سوراپ بىر تالاي گەپ بىلەن خەتنى توشقۇزغانتى، شۇنداق قىلىپ ئالاقىمىز ئازلاپ كىتىۋاتاتتى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى، مەن تەتىل مەزگىلىدە ئۇنى يەنە بىر ئىزدەپ بارماقچى بولدۇم، ئۇمۇ قوشۇلدى لېكىن ئۇنچە خوشال بولغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى.

 ئۇ كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تىزلا ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ چىقتى، بىر قاراپلا ھەيران قالدىم ئۇ مەن تونىيدىغان پەرىدە ئەمەس ئىدى، قارىماققىلا كىنو چولپانلىرىدەك كىيىنىشى،  گىرىملىرى ماڭا ئۇنى ناتونۇش قىلىپ كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇ ماڭا قاراپ بىردەم تۇردى،  سالام قىلدىم، ئۇمۇ پەس ئاۋازدا سالام قايتۇردى .

 - بىرەر جايغا بىرىپ ئولتۇرايلى ،- دىدىم ئۇنىڭغا.

 ئۇمۇ بېشىنى لېڭشىتتى، ئۈن - تىنسىز كىتىۋاتىمىز، بىردىنلا ئارلىغىمىز شۇنچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەندەك بىلىندى.

- قانداقراق تۇرۋاتىسىز ؟

 - ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟

- مەنمۇ ياخشى.

گەپ يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى. ھاۋا بارغانچە قاراڭغۇلاپ يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى .

 - ماۋۇ قەھۋەخانىغا كىرەيلى ،- دىدىم مەن يول ياقىسىدىكى بىر قەھۋەخانا ئالدىدا توختاپ.

 ئۇمۇ ماڭا ئەگەشتى، قەھۋەخانىغا ئورۇنلۇشۇپ قەھۋە بۇيرۇتقىچە ئۇ ئۈن - تىسىز ئىدى .

 - ئوقۇشىڭىز قانداقراق ،- دىدىم جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .

 - ياخشى ، ئۆزىڭىزنىڭچۇ ؟

- مېنىڭمۇ ياخشى.

 يەنە جىمجىتلىق باشلاندى. كاللامغا بىزنىڭ خوشال، گېپىمىز تۈگۈمەيدىغان شۇ چاغلىرىمىز كەلدى، بۇ چاغدا تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يېنىدا مۇزىكا سايرىدى، ئۇ سومكىسىدىن بىر يان تىلفۇننى ئالدى،  تىلفۇن تېخى يېڭىلىق بولغاچقا ئۇنىڭ تىلفۇنىغا قارىدىم .

 - تىلفۇنىڭىز باركەندە ؟

 ئۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇپلا ئالدىراپ تىلفۇننى ئالدى، قارىشى تەرەپتىن بىر ئوغۇلبالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئۇ ماڭا قاراپ قىزارغىنىچە، قارىشى تەرەپكە پەس ئاۋازدا جاۋاپ بىرىۋاتاتتى .

- مەن قەھۋاخانىدا ئىدىم ، بىر … بىر دوستۇم بىلەن … ياق … ، … ھە ، ئۈيىمىزنىڭ يېنىدىكى … ، ھازىر قايتىمەن ، بېرىپ تىلفۇن قىلاي ھە …

گەپ - سۆز قىلمىدىم. كۆڭلۈمدە بىر خىل ئەنسىزلىك، بىر خىل ئۈمۈتسىزلىك، بىر خىل ئازاپ داۋالغۇۋاتاتتى.

 - يىگىتىڭىزما؟

 ئۇ بۇ سۇئالىمدىن ئەندىكىپ كەتتى، چىرايى قىزىرىپ ھۇدۇقۇشتىن ئاران جاۋاپ بەردى:

 - يا… ياق ، ساۋاقدىشىم ئىدى … بىر ئىش بىلەن …

 گەپ - سۆز قىلمىدىم، قەلبىمدە ئازاپ يۈرەكلىرىمنى پارە - پارە قىلسىمۇ چاندۇرماي تەمكىن ئولتۇراتتىم .

- نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟

 ئۇ بىر ئاز ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن سورىدى.

 مەن جاۋاپ بەرمەي كۈلۈپلا قويدۇم.

 - ئالدىراش ئوخشايسىز ، قايتايلى.

 ئورنۇمدىن تۇردۇم ، ئۇ ئورنىدىن مىدىرلىمىدى .

 - يامغۇر يېغىۋاتىدۇ ، ئۇيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي .

 - ماڭا دىگۈدەك گەپ - سۆزلىرىڭىزمۇ يوقما ؟

ئۇ شۇ سۇئالنى سورىغاچ كۆزۈمگە ماڭا قارىدى، مەن ئۇنىڭ كۆزىلىرىدە ياشلىرىنىڭ لىغىلداپ تۇرغىنىنى كۆردۈم.

 - شۇنداق بايقى مېنىڭ يىگىتىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ تاللىغىنىم ئەمەس ،مېنىڭ كۆڭلۈمدە …

- بولدى ، - دىدىم مەن ئۆزەمنى قاتتىق بېسىپ تۇرۇپ ،- بولدى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي.

 ئۇ يەنىلا قىمىرلىمىدى، يېشى مەڭزىنى بويلاپ  چۈشۈشكە باشلىدى.

 - چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاشقىمۇ رايىڭىز يوقمۇ ؟ ئەجىبا كۆڭلۈمنى…

 بۇ چاغدا قەھۋەخاننىڭ ئالدىدا بىر ماشىنا توختاپ، بىر پوزور كىيگەن يىگىت قەھۋەخانىغا يىتىپ كىردى. « موشۇ شۇكەندە » دىگەن خىيال كاللامدىن يالىت قىلىپ ئۆتتى، ئەمدى تۇرۇۋېرىشنى راۋا كۆرمىدىم.

- سىزگە بەخىت تىللەيمەن،  خوش!

 مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى كۈچ بىلەن يۆتكەپ سىرتقا ماڭدىم، كىتىشىم كىرەك، بۇ يەردىن تىز كىتىشىم كىرەك، كاللامدا پەقەت تىزراق كىتىشلا بار ئىدى. قىز كەينىمدىن ۋاقىردى، ئۇنىڭ ئاۋازى يىغا ئارلاش تىتىرەپ چىقتى :

 - ئەركىن ! كەچۈرۈڭ !!!

 سىرتتا يامغۇر شارقىراپ ياغماقتا ئىدى، كاللام قۇپقۇرۇق، پۈتۈن جاھان ماڭا شۇنداق سوغوق تۇيۇلماقتا، ھەممە نەرسە مەندىن يۈز ئۆرىگەندەك يۈرۈگۈم پۇچۇلۇنماقتا ئىدى، يۈزۈمدىكى يامغۇر سۇلىرى يۈرۈگۈمگە يېغىپ بۇ ئازاپنى ئازاراق بولسىمۇ ئېقىتىپ كەتسە، ئازىراق بولسىمۇ يۇيىۋەتسە قانچە ياخشى بولاتتى ھە! …

قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، تەڭشەپ قويغان تىلفۇن سائىتىنىڭ مۇزىكىسى ئۇيقۇمنى ئاچتى. بىز قاھار بىلەن تەييارلىنىپ سىرتقا چىققاندا نىجات بىلەن روشەنگۈلمۇ يىتىپ كەلگەن ئىدى. تاڭنىڭ يېڭى سۈزۈلىشى، بىر جايلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان خورازلارنىڭ چىللىشى يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىغىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. مەن ماشىنىغا يۈكلەرنى بېسىۋېتىپ بىر ئاز ھەركەت قىلغاچ مۈزدەك ساپ ھاۋادىن تازا سۆمۈرۋالدىم. بەلكىم بۇنداق ساپ ھاۋا يەنە بارمۇ - يوق؟  كۆڭلۈمدە خەتەر قوينىغا تەۋەككۈل قىلغىنىمىزنى سىزىپ تۇراتتىم .

 - سىلەرنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى كەلدىم.

 ھەسەنجان ئاكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز كەينىمىزگە بۇرۇلدۇق.

 - سىلەرنى ئۇزۇتۇپ قويمىسام بولماس، جاڭگالغا ماڭدىڭلار، ھەرۋاقىت ھوشيار لىغىڭلارنى ئاشۇرۇپ بىر - بىرىڭلارنىڭ ھالىغا يىتىپ، قىزلارنى تىزراق تېپىپ كىلەرسىلەر!!

 - ماقۇل ، گېپىڭىزنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتىمىز باشلىق ، - دىدىم خۇش بولۇپ .

 - بىر نەچچە كۈن باش ئاغرىقىسىز كۈن ئۆتكۈزۋالىدىغان بولدىڭىز باشلىق ،- دىدى روشەنگۈلمۇ شوخلۇق قىلىپ ،- ساقچىخانا جىمىلىپ قالىدىغان بولدىدە ھە ، ھې ھې ھې …

 ھەسەنجان ئاكا كۈلۈپ تۇرۇپ ھەر بىرىمىزنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ بىز بىلەن خوشلاشتى. ماشىنا يولغا چىققاندا، يول بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەتلەر بىلەن تولغانتى .

… ئاخىرى بار…





3041 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-28 21:48:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-16 13:58:32 ئابدۇللا
ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ
2016-6-23 18:27:08 xah
yahxi qikip tu
2016-1-7 0:16:12 ئابدىقاھار
بۇ،ئەسەرنى يازغان قېرىندىشىمىزغا دەت يەتمىسۇن قاراڭغۇ ئورماننىڭ 14.قىسمىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن
2016-1-7 0:16:11 ئابدىقاھار
بۇ،ئەسەرنى يازغان قېرىندىشىمىزغا دەت يەتمىسۇن قاراڭغۇ ئورماننىڭ 14.قىسمىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن
2016-1-1 4:43:20 ساناۋۇللا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىزنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىڭىز،سىزنىڭ ئەسەر لىرىڭىزنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن。
2016-1-1 1:09:43 جەسۇر
داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز بۇلاتتى,كۈندە نەچچە كىرىمەن ئاخىرى چىققانمىدۇ دەپ بەك ساقلاپ كەتتۇق
2016-1-1 0:18:32 rayhan
karaggu orman degan asar bak yahxi yeziliptika ahiti kaqan yullinidu intizar boliwatima
2015-12-31 10:52:29 gul
Ahiriqu bak kizkip kaldim. Ahirini tizrak yollosagla buptikan koligzga dat bamisun
2015-12-30 18:54:24 abdulla
kiyinkikismikaqanqikarkin?
2015-12-30 10:24:42 شەبنەم
بەك كاتتاكاتتا يېزلىپتۇيېزلىپتۇ قولۇڭغاقولۇڭغا دەتدەت كەمىسۇن
2015-12-29 12:03:01 شەبنەم
قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئ‍اكا،ئاخىرىغائ‍اكا،ئاخىرىغا تەقەززا مەن ،ئ‍اخىرى تېزرەك چىقسا بۇلاتتى !
2015-12-29 2:46:45 alim
Mitro bak yahxi yizwat siz. Hapa bolmay xu kalmigiz ni . Etikarak . Tawtitasiz jayidin . Bak kizikip ukwatkan tim buniii
2015-12-29 1:29:45 رابىيە
داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن
2015-12-29 0:02:55 Paruh
Kuruk. Gapla bak kopka am kinda bir kisim la yollaydika adam nig eqeni sikip
2015-12-29 0:01:46 izizjan
bu asarni bak yakturup okuwatiman . silarga kop rahmat . asarng ahirini tizrak yollisanglar
2015-12-28 23:37:23 شەبنەم
ئ‍اخىرى قاچان چىقدۇ؟بەك قزىقىپ قالغان ئىدىم ،ئ‍اخىرى تىزرەك چىقسا بۇلاتتى!
2015-12-28 23:20:49 ئابدۇللا
ئاخىرىنى تىزراق يوللاڭلا خۇش بوپ كىتەي ئادەمنى تەقەززا قىلماي
2015-12-28 23:00:56 تۇلپار
ئاپتورنىڭ تېزراق يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،مېنىڭچە بۇ قورقۇنچلۇق سىرلىق رايۇندىنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ .👍👍👍👍👍👍👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ