قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 18- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

ۋەھىمىلىك ھىكايە 18- قىسىم

metro

تايىر شەمشەرنى مەھكەم تۇتقىنىچە گۈزەلنۇرغا قاراپ ئاستا ماڭدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىككىلىنىش بولىۋاتاتتى ، « قانداق قىلىشىم كىرەك ، ئۇ راسلا گۈزەلنۇر بولۇپ قالسا ئۇنى يارلاندۇرۇپ قويارمەنمۇ ، ئەگەردە جىن بولۇپ قالسا كۈچۈم يىتەرمۇ ؟».

گۈزەلنۇر تايىرنىڭ قاپپىغىنى تۈرگىنىچە شەمشەرنى بەتلەپ يېقىنلاپ كىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئىسىدەپ يىغلاشقا باشلىدى .

- نىمە قىلۋاتىسىز ،ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟- دىدى گۈزەلنۇر ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ،- نىمە بولدىڭىز ؟ مېنى تونىمايۋاتامسىز، نىمىشقا ماڭا بۇنداق قارايسىز ،مەن نىمە قىلدىم ؟- ئۇ سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى ، ئۇ ئەمدى كەينىگە چىكىنگەچ يېلىنىشقا باشلىدى.

بۇنىڭغا دىلبەر بىلەن سەمەت يەنە چىدىمىدى. ئۇ ئىككىسى يۈگۈرەپ كىلىپ تايىرنىڭ ئالدىنى توسىدى .

- نىمە بولدۇڭ تايىر ئاداش ، نىمە قىلۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن ؟

تايىر ئۆزىنىڭ سەزگۈسىگە ئىشىنىپ ئاخىرقى قېتىم يەنە سىناپ باقماقچى بولۇپ ، سەمەت بىلەن دىلبەرنىڭ تۇتىۋېلىشىغىمۇ پەرۋا قىلماي گۈزەلنۇرغا ئېتىلدى. شەمشەر ئۇنىڭ قۇرسۇقىغا يېققىن بارغاندا قىز چاررىدە چىقىرغىنىچە شەمشەردىن شۇنداق تىز قېچىپ ھاۋادا لەيلىدى. ئۇنىڭ چىراي بېششى بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىردىكىن دىلبەرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ قورۇققىنىدىن چىقىرۋەتتى. تايىر بىلەن سەمەتنىڭمۇ بەدەنلىرى جىغىلداپ كەتتى. تايىرنىڭ شەمشەر تۇتقان قوللىرى تىتىرەشكە باشلىدى، ئۇ بۇ قورقۇنۇچلۇق مەخلۇققا مىختەك قادىلىپ قاراپلا قالدى ، ئۇ مەخلوقنىڭ ئەمدىلىكتە چاچلىرى ئۆز بەدىنىدىنمۇ ئۇزۇن ئاق چاچقا پۈركۈنگەن ، قوللىرى قوللىرى يەرگە سۆرەلگەن ،تىرناقلىرى نەشتەرگە ئوخشاش، بەدىنى قۇرۇپ قالغاندەك ، چىرايلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ، كۆزلىرى ئۈلۈك ئادەمنىڭكىدەك ئۇچىسىدا جۇل - جۇل كىپەن ، قارىماققا ھازىرلا گۆردىن چىققان ھالەتتىكى بىر ۋەھشى نەرسە قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۇراتتى .

- سىلەرگە بىزنىڭ زىمىندا نىمە بار ؟- دىدى ئۇ شۇنداق سەت ئاۋازدا خىقىراپ ،- كەلدىڭلارمۇ بىزگە ھەمرا بولىسىلەر ، سىلەرنى كۈتۈۋاتىمىز ، ئارىمىزغا قوشۇلۇڭلار.

ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سۈرلۈكلىگى ، سەتلىگىدىن تايىرلار ئاران بەرداشلىق بىرىپ تۇراتتى ، ئۇ مەخلوق لەيلىگىنىچە ئەتىراپنى ئايلانغىلى تۇردى .

- سىلەرنى ئالغىلى كەلدىم ، سىلەرنىڭ تېنىڭلار لازىم ئەمەس ، روھىڭلارنى ئالغىلى كەلدىم ، مەن بىلەن مېڭىڭلار … ، -ئۇ چىقىراق ئاۋازى بىلەن شۇنداق دىگىنىچە چىرايىنى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە ئۆزگەرتىپ بىردىنلا تايىرغا ئېتىلدى.

ئۇنىڭ تىرناقلىرى ئەمدىلىكتە بايىقىدىنمۇ ئۇزۇراپ شەمشەردەكلا كۆرىنىشكە باشلىدى. تايىر كەينىگە نەچچە ماڭداپ داجىدى - دە دىلبەرنى قوغداپ كەينىگە ئالدى .

- تىز چاپ !- دىدى سەمەتمۇ پىچىغىنى شىلىتىپ ،- چاپ ،ئۇيقۇڭنى ئاچ ئاداش چاپ!

تايىر شۇ چاغدىلا ئىسىگە كىلىپ مەخلۇققا شەمشەر ئۇردى. لېكىن ئۇ شەمشەردىن شۇنچىلىك تىزلىكتە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ يەنە بىر تەرەپتىن چاڭگال سالدى ، دىلبەر ئۇنىڭدىن قورقۇپ چىقىراپ ئولتۇرۋالدى. تايىر يەنە شەمشەر ئۇردى، مەخلۇق يەنە ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئۇ بۇ قېتىم يەرگە چۈشۈپ ئۆمۈلەپ يېقىنلاپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى خۇددى قۇرۇپ قالغان جەسسەتنىڭ ئۆمۈلىشىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ ئۆمۈلەپ كەلگىنىچە چىقىرايتتى، بۇ چىقىراق شۇنچىلىك قاتتىق ئىدىكىن بۇنىڭغا تايىرلار چىدىيالمىدى. ئۇلار قۇلاقلىرىنى چىڭ ئىتىپ كەينىگە چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا ئاتنىڭ قاتتىق كىشنىشى بىلەن ھېلقى ئاتلىق ئەرۋاھ يەنە پەيدا بولدى. ئۇ ئاتنى چاپتۇرغىنىچە يىتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىدىن بۇ ئۈچۈيلەننى چەيلەپ پۈركۈۋەتكۈدەك سۈرئەتتە ئىدى .

- ئاپاااا ! - دىلبەر ۋاقىراپ كۆزىنى ئىتىۋالدى. چۈنكى ئۇ بۇ كۆرۈنىشلەرنى كۆرۈشكە بەرداشلىق بىرەلمىگەنتى.

تايىر دىلبەرنىڭ ۋاقىرىشىدىن شۇنداق غەيرەتكە كەلدىكى« ئاللاھ ئۆزەڭ ساقلىغىن» دەپ ۋاقىرغىنىچە سەكرەپ چىقىپ ئۆمۈلەپ كىلىۋاتقان مەخلۇقنىڭ دۈمبىسىگە شەمشەرنى تىزلىك بىلەن كۈچەپ تىقتى. مەخلۇق سەت چىقىراپ بىر توغلىنىپلا گۈپپىدە تونۇردەكلا بىر پارچە ئوتقا ئايلىنىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى. سەمەت ، تايىر بىلەن تەڭ ئاتلىق ئەرۋاھغا ئېتىلدى. ئاتلىق ئەرۋاھ پالتىسىنى شۇنداق غەزەپ بىلەن ئايلاندۇرۇپ كىلىپ ئىككىسىنى چاپماقچى بولغان ھالقىلىق ۋاقىتتا جىددىيلەشكەن سەمەت قولىدىكى پىچاقنى ئەرۋاھقا قارىتىپ ئاتتى، پىچاق ئايلىنىپ بېرىپ ئەرۋاھنىڭ يۈزىگە تىگىپ ئۇچۇپ كەتتى. تايىر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاتنىڭ تۆشىگە شەمشەرنى سانىجىدى، ئات ئىچىدىكى ئوت تېشىغا تىپىپ چىققاندەك گۈپپىدە ئوت ئالدى -دە ، بۇ ئوت ئۈستىدىكى ئەرۋاھنىمۇ يۇتۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئەتىراپ بىردىنلا جىمجىتلىققا چۆمدى، ئۇلاركۆز ئالدىدىلا يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا ئىشىنەلمەي تۇرۇپلا قېلىشتى

. - بۇ چۈشۈممۇ ؟- دىدى سەمەت تىتىرەپ تۇرۇپ ،- ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ .

تايىر ئاستا قورقىنىدىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن دىلبەرنىڭ يېنىغا باردى، ئۇ خاتىرسىنى يوقاتقاندەك ئولتۇراتتى .

- دىلبەر! - دىدى تايىر ئۇنى چاقىرىپ ، - خەتەردىن قۇتۇلدۇق، ئۇلار يوقالدى.

دىلبەر ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ئولتۇراتتى، تايىر يەنە چاقىردى، يەنە ئىنكاس بولمىدى. تايىر دىلبەرنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئەنسىرەپ مۈرۈسىنى تۇتىشىغا ئۇ ۋاقىراپ قېچىشقا ئۇرۇندى. ئۇ ھەقىقەتەن بۇ قۇرقۇنۇچلۇق ئىشتىن زور زەربىگە ئۇچۇرغان ئىدى. ئىككى يىگىت ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ، تېنىچلاندۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۇردى ،ئۇ ئەسلىگە كىلىپلا ئىسەددەپ يىغلاپ كەتتى.

- بۇ يەردىن تىز كىتەيلى ، ھازىرلا كىتەيلى ،- دىدى تايىرغا يېلىنغاندەك قاراپ.

تايىر ماقۇل بولۇپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئەتراپ ئاستا - ئاستا سۈزۈلۈپ تۇمان تارىماقتا ئىدى ، ئۇلار بۇ قاغىش تەككۈر جايدىن تىزاراق چىقىپ كىتىشكە ئالدىراپ بىر - بىرىنى يۆلىگىنىچە ئالدىدىكى يولنى بويلاپ مېڭىشتى. تۇرغۇنلار سارايدىن تەييارلاپ قويغان قېلىچ ، پىچاقلىرىنى كۆتۈرشۈپ تايىرلارنى تېپشقا ئاتلاندى ، ئۇلارمۇ تايىرلار ماڭغان يولدا كىتىۋېتىپ تېڭىرقاپ قالدى.

- بۇ يوللار توغرا ئەمەسقۇ ؟- دىدى ئىسكەندەر كىتىۋېتىپ ، - بۇ يەردە مەيدان بىلەن قاتار كىچىك ئۆيلەر بار ئىدىغۇ، ئەمدى بۇ يەردە بۇتخانا پەيدا بولۇپ قاپتۇغۇ ، ئەجىبا خاتا ماڭدۇقما ؟

ئۇلار بۇتخانىغا ھەيرانلىقتا قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى .

- بۇ بۇتخانىنى كۆرمىگەنتۇققۇ ؟

باشقىلارمۇ كۆرمىگەنلىگىنى دىيىشىپ باشلىرىنى چايقاشتى، بۇ چاغدا قەيەردىن پەيدا بولغانلىغى نامەلوم ئەتراپتا قارا مۈشۈكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

- بۇ … بۇ … بۇ مۈشۈكلەر نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى ؟- دىدى گۈزەلنۇر ،- ھەممىسىلا قارا مۈشۈكقۇ ؟

- مۈشۈك دەمسىز ، بۇ يەردە مۈشۈك نىمىش قىلسۇن؟- دىدى تۇرغۇن ئاستا كەينىگە چىكىنگەچ.

تۇرغۇننىڭ گېپىنىڭ تىگىگە يەتكەن ئىككەيلەننىڭ يۈرەكلىرى جىغ قىلىپ قالدى .

- ئەجىبا … بۇ…،- گۈزەلنۇر شۇنداق دىيىشىگە تۇرغۇن «ئۈش» دەپ گەپ قىلماسلىقنى شەرت قىلدى. مۈشۈكلەر تام تۈشۈكلىرى ، بۇتخانا ، تام كەينىلىرىدىن بىرلەپ - ئىككىلەپ چىقىپ بۇلارنىڭ ئەتىراپىنى قورىشىۋالدى. تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەر گۈزەلنۇرنى ئارىغا ئېلىپ قېلىچلارنى رۇسلاپ تۇتۇشتى .

- بۈگۈن ھايات - ماماتىمىز بەلگىلىنەمدۇ قانداق ،- دىدى تۇرغۇن ئەتىراپقا قاراپ ،- بۇلار تىز كۆپىيۋاتىدۇ . مۈشۈكلەر قۇيرۇقلىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ شۇنداق مۇلايىملىق بىلەن مىياڭلىشاتتى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۆچۈيلەنگە قاراشلىرىمۇ شۇنچىلىك ئوماق ئىدى .

- بۇلار راسلا مۈشۈك ئەمەسمۇ ؟- دىدى گۈزەلنۇر ئىشىنەلمەي ،-ئۇلار نىمە قىلماقچىدۇ .

« مىياۋ» قىلغان سەت مىياڭلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۈستى تەرەپتىن يۇغان بىر قارا مۈشۈك تۇرغۇنلارنىڭ ئۈستىگىلا سەكرىدى. تەييارلىنىپ تۇرغان تۇرغۇن چەبدەسلىك بىلەن مۈشۈكنى چاپتى مۈشۈك پارقىراپ ئوتقا ئايلىنىپ كۆككە ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. ئۈچىسىنىڭ بۇ مەنزىرىدىن يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ ئۆپكىسى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى. تېخى ھېلىلا ئۇلار ئىشىنەلمەيۋاتقان مۈشۈكلەر ئەمدىلىكتە شۇنداق قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرىپ كۆزلىرىدىن ئوت ياندۇرغىنىچە سەت مىياڭلاشقا باشلىدى ، ئۇلارنىڭ تىرناقلىرى شۇنداق ئۇزۇن بولۇپ يەرنى زەپ بىلەن تاتىلغىنىچە بىر ياقتىن مىياڭلاپ بىر ياقتىن بۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى .

- سەگەك تۇرايلى ،- دىدى تۇرغۇن ئىسكەندەرگە ،- بۇلارنىڭ تىرنىغى تىگىپلا كەتسە تۈگۈشىمىز.

مۈشۈكلەر تېخىمۇ غالجىر ھالەتكە كىردى. ئۇلارنىڭ كالپۈكلىرى يوقاپ چىشلىرى ئۇزۇراپ چىقتى. شۇ سەت ئېغىزدىن ھەر بىر مىياڭلىغاندا قان پۈركۈپ چىقاتتى . مۈشۈكلەر بىر پەس ئايلانغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئۈچىسىگە ئېتىلىندى ، قورقۇپ ئاران تۇرغان ئىككى يىگىت كۆزىنى يۇمۇپلا بۇ مەخلۇقلارنى چېپىشقا باشلىدى ،ئۇلارغا قېلىچ ھەر بىر چېپىلغاندا ئۇلار ئەتىراپىدا چىقىراق ئاۋازلار بىلەن ئوتلار كۆككە كۆتۈرلىشكە باشلىدى. گۈزەلنۇر نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي بېشىنى قۇچاقلاپ يىغلىغىنىچە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرۋالدى. مۈشۈكلەر توختاپ قالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ يىرتقۇچلارچە قىلغان ھۇجۇمىدىن جېنىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان ئىككى يىگىت ئۇيقۇلىرى ئېچىلغان ھالدا شۇنچىلىك چەبدەسلىك بىلەن قېلىچ ئۇراتتى ،ئۇلار ھالاك قىلغان مۈشۈكلەر كۆپەيگەنسېرى ئەتىراپتىكى مۈشۈكلەرمۇ ئۆزلىكسىز كۆپىيۋاتاتتى . بۇ ئۈچىسى ئەمدى تۈگەشتۇق دەپ تۇرغاندا بۇتخانا ئۈستىدە بىر قىزىل خورازنىڭ ئۈنلۈك چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. غالجىر مۈشۈكلەر چىللىغان ئاۋازدىن بىردىنلا ھۇجۇملىرىنى توختۇتۇپ ، شۇنچىلىك تىزلىك بىلەن كەلگەن يەرلىرىگە يۈگۈرشۈپ كىرىپ كىتىشتى.

ئۈچۈيلەن قىزىل خورازغا ھەيرانلىقتا قاراپ قالدى، خوراز بىردىنلا يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ بۇتخانىغا كىرىپ كەتكىنىچە يوقاپ كەتتى.

- نىمە ئىش بولدى ؟- دىدى ئىسكەندەر .

- مەنمۇ بىلمىدىم ، خۇدايىم توۋۋا ، قانداق ئىشلار ئۇچۇراۋاتىدۇ بىزگە ، قانداق يەرگە كىلىپ قالدۇق بىز؟- ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى.ئەمدىلىكتە باياتتىن ئۆزىگە كىرگەن غەيرەت ،كۈچنىڭ نەدىن كەلگىنىنىمۇ بىلەلمەي تىتىرەپ كەتتى .

تايىرلار بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن قەبىرستانلىقتىن چىقىپ ئۇزۇن كەتكەن ئېغىل - قۇتانلارنىڭ يېنىغا چىقىپ قېلىشتى .

- بىز ئاۋال ئامال قىلىپ تۇرغۇنلارنىڭ يېنىغا قايتايلى ، ئاندىن توپ ھالدا ماشىنىنى تېپىپ قايتايلى ،- دىدى تايىر ، ئۇ ئۇچۇراۋاتقان بۇ ئىشەنگۈسىز ئىشلاردىن ساق - سالامەت تىزاراق قايتىۋېلىش قارارىغا كىلىپ بولغان ئىدى .

- ئەمىسە موشۇ قوتانلەرنى بويلاپ جەنۇپقا مېڭىپ باقايلى ، ساراينىڭ ئەتراپىغا بېرىپ قالارمىز ،- دىدى سەمەتمۇ سۇلغۇن ھالەتتە.

ئۇلار قوتاننى بويلاپ كىتىۋېتىپ يەر ئاستىدىن ئاڭلانغاندەك «گۇم ، گۇم » قىلغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك قىلدى، ئۇلار توختاپ زەن سېلىپمۇ بۇ ئاۋازنىڭ نىمە ئاۋازلىغىنى، نەدىن كىلىۋاتقانلىغىنى بىلەلمىدى. يەنە مېڭىشتى ئاڭلانغىنى يەنە شۇ ئاۋاز .

- داپنىڭ ئاۋازىغىلا ئوخشايدىغۇ ؟- دىدى سەمەت زەن سېلىۋېتىپ . راسلا بۇ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز ھەقىقەتەن داپ ئاۋازى ئىدى .

- بۇ يەردە داپ ئاۋازى نىمە قىلىدۇ ؟ چوقۇم ياخشى ئىش يوق ، بىرەر خەۋىپ بولىشى مۇمكىن ، باشقا يولدىن ماڭايلى،- دىدى تايىر بىر شۇملۇقنى سىزىپ . ئۇلار يولنى ئۆزگەرتىپ ماڭدى. لېكىن ئۇلار ئاۋازدىن شۇنچە قاچقانسېرى ئاۋاز ئۇلارغا يېقىنلا جايدىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى …

بۇ تەۋەككۈلچىلەر بۇ جىن - ئالۋاستى ئۇۋۇسىدىن قۇتۇلالامدۇ ؟ يەنە قانداق قىسمەتلەر ئۇلارنى كۈتۈۋاتىدۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1445 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:47:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-17 1:31:19 كەپسىز
مېترو ئەپەندى ، سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى ، ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلامدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ