ئاشىق مەشۇق جەسەت (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 2-قىسىم

ئاشىق مەشۇق جەسەت

 (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 2-قىسىم


شۇنداق دىگەن ئىدى تىنىم شۈركىنىپ كەتتى :
خەپ ئەمدى ئۇ بۇلاقتىن ھەرگىز سۇ ئالماسمىنا ، دىگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە·ئۇ خىقىراپ تۇرۇپ ئېتىمنى مىنىپ دەريا بويىغا كىلىپ ئاتتىن چۈشۈپ دەريا مەنزىرلىردىن ھۇزۇر ئالغاچ مەن ياخشى كۆرۈپ ئېيتىدىغان نەدىسەن ئاشىقىم دىگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتقان ئىدىم
دەريا كەبى ئاقتىغۇ ياشىم،
سەن يېنىمدا بولمىغاچ يارىم.
كەلگۈسۈم سەن كەتمىگىن جانىم،
قەلبىمدىكى بىر بۈيۈك،بۈيۈك ئاشىقىم:
قاياقتىن كەلدىكىن بىر يىگىت بىر قۇچاق ئوتۇنلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەچ ناخشامنىڭ ئىككىنچى ئابزاسلىرنى كەلتۈرۈپ ئوقىدى  ۋولقان كەبى ئاقسىمۇ قانىلىرىم،
سىنىڭ ئۈچۈن كەتسە گەر جانلىرىم·
ئۇزاتمىغىن قەلبىڭدە  ، قاراقاش يارىم،
بىر سىنىڭ مەن ، بۈيۈك بۈيۈك ئاشىقىڭ·
ئوقىغاندىمۇ مەندىنمۇ يېقىملىق ئوقۇدى ئۇ يىگىتكە قاراپ ھەيران قالدىم چۈنكى ئۇ ناخشامنى پەقەت مەنلا ئوقۇيتىم ئۆزۈم توقۇپ ئېيىتقان باشقىلارنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ تۈگەتتۇق ناخشا تۈگەپ ئۇ يىگىت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈزەل قىز دەپ سالام قىلدى ئۇ يىگىتنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقتىم ، ئۆزى تەمبەل ساقال بۇرۇتلىرى قاملاشقان كىلىشكەن ئەمما كىيىملىرى مەينەت نەچچە يىرىگە ياماق چۈشكەن نامرات يىگىتتەك قىلاتتى : مەن دەرھال جاۋاپ قايتۇردۇم- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئىگىلىپ سالام قىلدىم يىگىت ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ناخشىنى بەكمۇ يېقىملىق ھەم مەنىلىك ئېيتىدىكەنلا بىر ئاڭلاپ مەسخۇش بۇلۇپ قالدىم دىدى قىزىرىپ تۇرۇپ -
ئۇنداقمۇ ئەمەسقۇ ئۆزلىرىمۇ مەندىن ياخشى ئېيتىدىكەنلا دەپ يەرگە قارىۋالدىم .
يىگىت-بۇ ناخشىنى سىلى قانداق بىلىلا ئۇ يىگىت ھەيرانلىقتا  ماڭا قارىدى ، مەن ئەسلى بۇ سۇئالنى سىلىدىن سورىماقچى ئىدىم بۇ ناخشا مىنىڭ ئىجادىيتىم ھەم بەك ياختۇرمەن دىگەن ئىدىم ئۇ يىگىت ئۇنداق ئەمەستۇ ئەسلى بۇ ناخشىنى مەن ئىجات قىلغان ئىدىم  دەپ ئويلاپتىكەنمەن بۇنداقمۇ توغرا كىلىش بۇلامدۇ دەپ ماڭا قارىدى مەن خىجىللىقتا ۋىللىدە قىزاردىم ئۇ يىگىت بەرىبىر كىملا ئىجات قىلغان بولسۇن ئېيتىلىشى ياخشى بولمىسا بەرىبىر سىنىڭ مىنىڭ دىيىشمەيلى قارىسام سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزدە غەم قايغۇ بار ئىكەن ئېيتالمايۋاتقان سىرلىرڭىز كۆپ بولسا كېرەك خالىسىڭىز سىزنىڭ سىردىشىڭىز بۇلاي قانداق قارايسىزكىن ئۇماق خانقىز شۇنداق دەپ ئۇ يىگىت ماڭا كۆزلىرنى نۇرلىتىپ قارىدى ئۇنىڭ كۆزىدىن مەن ئىزدەۋاتقان مېھر ئۇچقۇنداپ تۇرۋاتقان ئىدى مەنمۇ ياق دىيىشكە پېتىنالمىدىم ·
شۇنىڭ بىلەن يىگىت چاققانلىق بىلەن ئىخچام باغلانغان ئوتۇننى ئورۇندۇق قىلىپ يەرگە قويدى چاپىنىنى بىر قۇر قېقىشتۇرۇپ ئوتۇن ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قېنى خانقىز مەينەت كۆرمەي ئولتۇرپ ھىكايىڭىزنى باشلاڭ قۇلىقىم سىزدە دىدى مەن ئاستا بېرىپ ئوتۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم ئۇ يىگىت ئالدىمدا پۇتىنى ئالماپ يەردىلا ئولتۇردى مەن ئۇنىڭغا غېرىپ كۆڭلۈمنىڭ ساداسىنى بىر بىرلەپ ئېيتىپ بەردىم ئەمىليەتتە يۈركۈمدە دادامغا بولغان نەپرىتىم بار ئىدى ئۇ يۈز ئابرۇيىنى دەپ يەنە بىر مەھەلىدىكى يۇرىت بېشىنىڭ ئوغلىغا مىنى چېتىپ قويماقچى ئۇ يىگىت تولىمۇ قوپال ھە دىسىلا باشقىلارنى بوزەك ئېتىدىغان قولىدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيدىغان يىگىت ئىكەن ئاڭلاپ مىنىڭ تىنىم شۈركىنىپ كەتتى  دەپ يىغلاپ كەتتىم ئۇ يىگىت ھە ئەسلى مۇنداق ئىكەندە دادىڭىزغا نارازلىق بىلدۈرمىدىڭىزمۇ ؟ ئەخمەقلەرچە سورىغان سۇئاللىردىن كۈلگۈم كەپ مىيقىمدا كۈلۈپ قويدۇم ھەمدە ئەخمەق ئىكەنسىز مەن دىگەن دادامنىڭ قىزى نارازىلىق بىلدۈرەلەمتىم مىنىڭ قارشى تۇرشۇمغا دادام ھەرگىزمۇ قۇشۇلمايدۇ بۇنىسى ماڭا ئېنىق تۇرسا ئارتۇق يىلىنغىنىمنىڭ پايدىسى يوق   ·
مىنىڭ ھەسرەت چەكمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاجىم يوق بۇ دەردىمنى سىز چۈشەنمەيسىز دەپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدىم.
يىگىت ، ياق دەردىڭىزنى چۈشۈنمەن ئىنساندا كۆڭۈل تەڭ يارتىلغان مېھىر مۇ ھەم شۇڭلاشقا  ئىنسان ئەقلى بىلەن ئارزۇ ئۈمۈت بىلەن ياشاپ كەلگەن ، مەن سىزگە ياردەم قىلالىشىم مۇمكىن مەن ياخشىراق بىر ئويلىنىپ باقاي دەپ جىم بۇلۇپ قالدى يىگىت .
ئەسلىدە مەن ئۇ يىگىتنىڭ يۈرەك تارىسىنى ئاللىقاچان لەرزىگە سېلىپ بولغان ئىكەنمەن ئۇ يىگىت ماڭا ئاشىق بولغان ئىكەن شۇنداقلا مىنىڭمۇ ئۇ يىگىتنى ياختۇرۇپ قالغىنىمدىن تېنىۋالالمايمەن  شۇنداق دىدى ئايال جەسسەت خىقىراق ئاۋازدا ، مەندە قورقۇنۇچ پەسەيگەن ئىدى ، مەن ئۇ جەسسەتتىن يەنە سۇئال سورىدىم ;-ئۇنداقتا ئۇ يىگىت ساڭا ئامال تېپىپ بېرەلىدىمۇ ؟
ئايال جەسسەت ماڭا قاراپ تۇراتتى بۇ قاراش ماڭا بەكمۇ ئۇزۇن تۇيۇلدى . ئايال جەسسەت - بۇ سۇئالنى دەل ۋاقتىدا سورىدىڭ  دىققەت قىلىپ ياخشى ئاڭلا دەپ ھىكايسىنىڭ ئاخىرنى داۋاملاشتۇردى.
داۋامى بار …
ياغۇچىسى تۇرغۇن سايرامى
      





883 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-3 13:20:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ