يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 7 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 7 - قىسىم

زۇرفى 


   مانا  ھەش پەش دىگۇچە ، تەتىلمۇ توشتى ،  مۇختەرمۇ پات پات زىلالنى كۆرۇپ  تەتىلنى خۇشال ئۆتكەنزگەنىدى .  بىللە ماڭايلى زىلال دادام مىنى ئۇرۇمچىگە ئاپىرىپ يولغا سەپ قۇيماقچى كىرا قىلىپ كىتىمەن دىمەي بىزنىڭ ماشىنىدا بىللە كىتەيلى ؟   - بولدى مۇختەر  يەنلا  ئۆزەم ماڭاي سىلەرمۇ قۇرۇنۇپ  مەنمۇ قۇرۇنۇم ھەمىمىز  ئازادە بۇلالمايمىز .  زىلا نىمىشقا مەن بىرە گەپ قىلسام ئۇنمايسىز مەن سىزگە شۇنداق ئەسكى كۆرنەمدىم ، نىمىشقا ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرسىز ؟ تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن زىال چاقماقتەك مۇختەرگە  قارىدىيۇ ، يەنە شۇ سۇرئەتتە يەرگە قاراپ ، ئۇنداق ئەمەس سىزگە شۇنداق تۇيۇلۇپ كىتىپتۇ ، يەنە كىلىپ بىز بىلەن سىلەرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . مۇختەر ئىچىدىكىنى ئاخىردى ،  نىمىشقا ماڭا يات ئادەمگە مۇئامىلەقىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىز ئەجىبا سىزنى ياخشى كۆردىغىنىمنى بىلمىدىڭىزمۇ ، ھېس قىلمىدىڭىزمۇ ، سىزنى كۆرسەم شۇنچىلىك خۇشال بۇلمەن ، بىلەمسىز زىلال ؟ زىلال مۇختەرنىڭ گىپىدىن تىخىمۇ چۆچۇپ  يۇزلىرىنى قىزارتقىنىچە مۇختەرگە قاراپ تۇرۇپلا  قالدى .  مۇختەر- بىلمەن ئۆزىڭىزنى ماڭا ماس كەلمەيمەن دەپ شۇڭا شۇنداق قىلسىز شۇنداقمۇ ،  ماقۇل مەنمۇ بۇنىڭدىن كىيىن سىزدەك جاپالىق كۇن كەچۇرەي ، سىز نىمىش قىلسىڭىز شۇنى قىلاي  ،  سىزدەك ياشاي …،
بولدى مۇختەر  ئۇنداق ئەمەس .   -  ئەمىسە قانداق ماڭا دەڭە قانداق ،مەن نىمە قىلسام سىز ماڭا ئۇنداق قىلمايسىز ؟    مۇختەرنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ بۇغۇلۇپ چىقىۋاتاتتى ،   دىمىسىمۇ زىلال ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا  قىلمايتى ، چۇنكى ئۇ ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى ، ھەم شۇنداقلا مۇختەرنىڭ دىگىنىدەك ئۆزىنى ئۇنىڭغا  مۇناسىپ كەلمەيدىغاندەك  ئويلايتى ،  ئۇ ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئاشۇ مومىسى بىلەن  سەي كۆكتات  سېتىپ تىرىكچىلىك قىلۋاتقىلى ئاز كەم 10  يىلمۇ بولۇپ قالغانىدى ، بۇ ئارزۇلۇق نەۋرە موماينىڭ بىردىن بىر  چىرىقى بۇلۇپ قالغانىدى  شۇڭا موماي پەقەت زىلال  ئۇچۇن  تىرشاتتى ،   ئەنە شۇ كەپىسى ئۇلارنىڭ جەننىتى ئىدى .  زىلال  كۆزلىرىگە ياش ئالدى ، نىمە دىيىشىنى نىمە قىلارنى بىلەلمەي مۇختەرگە تىكىلگىنىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى ،  گەپ قىلىڭە  سىزنى ياخشى كۆرسەم بولمامدۇ نىمىشقا ماڭا پەرۋا قىلمايسىز ؟  ئۇ توختىماي سۆزلەيتى  زىلالنىڭ كۆزلىرىدىن توختىماي ياش چىقاتتى ،  ……
نىمىدىگەن كاج تەقدىر ھە بۇ  ،  كۇلگەنلەر  كۇلىۋېرىدىغان ،  يىغلىغانلار  يىغلاۋېرىدىغان شۇنداق بىرلەرنىڭ  زامانىسىمۇ بۇ ،  بىچارىلەر  ئۆز تەقدىرىدە  بۇنداق  بىر تاساددىبىيلىقنى  نەدىن بىلسۇن ،   زىلالنىڭ تۇغۇلغان كۇنى كەچلىكى ،  ئەركىن بىلەن  گۇزەلئاي يەنە ئىشلەش ئۇچۇن زاۋۇتقا  ماڭاشىدا تۇيۇقسىز ھادىسەگە ئۇچۇردى ، ئەركىن چىققان كىچىك ماشىنا ، سۇرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىكتىن ، قارشى تەرەپ ھاراق ئىچىپ يۇك ماشىنىسى  ھەيدىگەنلىكى ئۇچۇن ئىككىلى  تەرەپ دەمانلىققا  تۇرمۇزلاپ بۇلالماي تەقدىرنىڭ ئېغىر چاقچىقىنى قۇبۇل قىلىپ بىزدىن ، ئۇلاردىن ، ۋاقىتسىز ئايرىلغانىدى ؟ ئايشە موماي  رەھمەتلىك  بوۋىيىدىن  ئارقىسىدىن ئانىسى قىرىنداشلىرى ئۇچۇن  جىنى پىدا ئايجامالدىن ،  ئەمدىلىكتە ئارزۇلۇق ئوغلى ئەركىندىن ئايرىغان ئىدى .   مانا  تەقدىر  دىگەن شۇ ، قاچان نەدە ،  نىمە سەۋەپتىن ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرمىز بۇ ھەمىمىزگە نامەلۇم ، ئايىشە موماي ئۆزىنى تاشلىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى  ،نەۋرىسى زىلال ئۇچۇن يەنە يەر دەسسەپ تۇرىشى
ئۇچۇن يەنە ئورنىدىن تۇردى ، بىچارە موماي قولىدىن كىلىشچە باشقىلارغا ياردەم قىلغاچقىمۇ ئىشقىلىپ  ئۇنى مەھەللىدىكى ھەممىسى بەك ۋاي دەيتى ،  زىلال مەكتەپكە ئۆتكەننى  ھېچكىمگە دىمگەن بىلەن ئۇ ئاللىبۇرۇن بىلىپ  بولغان ، شۇڭا  مەھەللە  ئەزالىرىغا بىردىن بىر ئەۋلادى بولغان زىلالنىڭ ئۇقۇش پۇلى ئۇچۇن ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا مەھەللە  كادىرلىرى  ئايشە موماينىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەم زىلالنىڭ بىرنچى بۇلۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ زىلالنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى ھۆكۇمەتتىن ئاجىرتىدىغان بۇلۇپ  ، ئايشە موماينىڭ يەلكىسىدىكى ئېغىر بىر يۇكدىن خالاس قىلغانىدى .
زىلالنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى يەنە شۇ مۇھدىش ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللار ئىدى .
قىپقىزىل كۆينەك كىيگەن زىلال چوغلۇق كەبى قىزارغاندەك پۇتۇن ئەتراپى قىپقىزىل ئىدى ،  ئۇ شۇنچە ئازادە خۇشال كۆرنەتتى توساتتىن  قاپقارا كاستۇيۇم كىيگەن ئىككى يىگىت ئۇنىڭغا شۇ قەدەر ۋەھىمىلىكى ، قورقۇنۇچلۇق چىقىپ تۇردىغان ، كۆزلىرىنى نەشتەر كەبى   زىلالنىڭ كۆزلىرىگە قادىغىنىچە ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى …  ئۇ نىمىلەردىندۇ قوققاندەك  كەينىگە  يىنىپ يىنىپ تىك قىيا چوققىسىغا كەپ  قالغىنىمۇ سەزمەي ئەنە شۇ تىك قىيادىن پەسكە چۇشتى  …  
ياق،،،،،،،،،        چۆچۇپ  ئويغانغا زىلال  چىلىق چىلىق قار تەرگە چۇمۇپ  خۇددى بىرى بىشىدىن سۇ قۇيغاندەك بوپ كەتكەنىدى ،  نىم بولدى بالام نىمىش بولدى ، قار  بىسىپ قاپتىمۇ جىنىم بالا  بوغۇق ئاۋازدىن موماي كۆزلىرىگە  ياش ئالغاندەك تۇراتتى ،  يۇرەك پارىسىنىڭ چۇشلىرىدۇ ئەنە شۇ قاباھەتتىن يىراق تۇرالمىغىنىغا  ئىچى ئېچىشقاندەك  ئۇنى باغرىغا بىسىپ ئۇنسىز ياش  تۆكەتتى ،  ئۇ ئەزەلدىن ئاتا ئانىسىنى  كۆرۇپلا  كەينىدىن مانا مۇشۇنداق قورقۇنۇچ باسىدىغان چۇشلەرنى كۆرەتتى ، ئەمما  بۇگۇن  ……
ئۇنىڭ چۇشلىرىدىكى ئۇ ئىككىسى زادى كىم ،  نىمىگە زىلالغا بىر شۇملۇق  نەزىرىدە قارايدۇ  ……  
داۋامى بار …
      





537 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 20:34:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ