دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (8-قىسىم)

دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (8-قىسىم)

مەريەمگۇل تاشمەمەت


  ئالتۇن كۈز پەسلى يوپۇرماقلار ئېرىنچەكلىك بىلەن دەرەختىن ئايرىلپ زېمىن قوينىغا سىڭمەكتە.ئەڭ ئاخىرقى گۈللەر ئېچىلىپ ئەڭ ئاخىرقى يوپۇرماقلار شىلدىرلىماقتا.يەر جاھان ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندەك شۇنچىلىك گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئ‍ىدكى خۇددى تەبىئەتنىڭ بارچە گۈزەللىكى كۈزگىلا مۇجەسسەملەنگەندەك.
ئەنە شۇنداق، بىر گۈزەل پەسىلدە مەن مەكتەپتىن ئايرئ‍ىلدىم مەكتەپتىلا ئەمەس بارلىق خۇشاللىق ئ‍ۈمۈت ئارزۇلىرىمدىن ئايرىلدئ‍م، ئىنسان ئۈمىد بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ خۇشاللىق ئىزدەيدۇ يەنە شۇ ئۈمىد بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. مانا مەن شۇ ئەڭ ئاخىرقىى، كىچىككىنە پىلدىرلاپ قالغان ئۈمىدىدىنمۇ ئايرىلدىم.
ھەممە ساۋاقداشلىرىم خۇشال خۇرام مەكتەپ قوينىغا يىغىلغان بىر كۈن. مەن مەكتەپتىن چېكىنىش رەسمىيىتىمنى ئۆتۈپ كىچىككىنە بوغچامنى كۆتۈرۈپ، چىدىغۇسىز دەرد ئەلەم بىلەن ئۆيۈمگە قايتتم
مەن ھەر كۈنى ماڭىدىغان ئەگرى بۈگرى چىغىر يوللاردا كېتىۋاتىمەن.يىغلاۋاتمەن،يىغلاۋاتىمەن. شۇ گۇناھسىز كۆز ياشلىرىم شۇ غەمسىز يوپۇرماقلارغا ئوخشاش كەينى كەينىدىن زېمىنغا تۆكۈلمەكتە.يۈرىكىمنى پىچاق بىلەن سانجىپ ئۇياق بۇياققا قوچىغاندەك ئاغرىماقتا.ئىچىمدە خىيالەن پىچىرلىدى.(دادا كۆرۈۋاتقانسەنمۇ باغرىڭنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىڭنىڭ تارتقان ئازابلىرىنى.؟  بەلكىم سەن بولغان بولساڭ بۇنىڭدىن ياخشىراق ياشىغان بولار ئىدىم ھە.؟)
جېنىم دوستۇم شۇ كۈندىكى قايغۇ ھەسرىتىمنى بۇ بىر نەچچە قۇر خەتلىرىم بىلەن ھەرگىز ئىپادىلەپ بولالمايمەن. شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر ئاجىز شور پىشانە ئىكەنلىكىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيتتىم، مېنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىم شۇ مەسۇلىيەتسىز دادامدىن نەپرەتلىنىش.
نۇرغۇن قايغۇ ھەسرەتنى يۈدۈپ ماڭا دوزاخنى ئەسلىتىدىغان ئاىلەمگە كەلدى. ئاپام تاماق ئېتىۋاتاتتى، ئۆگەي دادام يانپاشلاپ يېتىپتۇ ئۇ ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ.:
-چىقىپ ماللارنى يۇغۇشتۇرىۋەت دېدى. يۈرىكىمنىڭ شۇ تاپتا لەختە. لەختە بولۇپ كەتكىنىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، ھەم چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ، مەنمۇ ھەم  چۈشەندۈرمىدىم
كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى مەنمۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن، مەكتەپنى ئاستا ئاستا ئۇنتۇشقىمۇ باشلىدىم، ئەمما، ساۋاقداشلىرىمنى بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلىرىمنى، كۆرسەم، يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولىشاتتى.ئايرىلىشنىڭ نېمىلىكىنى مەكتەپتىن ئايرىلغاندا ھېس قىلدىم، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئۆزى خالايدىغان نەرسىدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ئىلاھىم،،،،،،
مانا گۈزەل كۈز كېتىپ قەھرىتان قىش يېتىپ كەلدى، قىشمۇ ياز بوران ، ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئاىلەم قەھرىتان قىشتا تېخىمۇ جۇتلىشىپ كەتتى.قىشنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئاپام ئىنى سىڭىللىرىمنى ئېلىپ ئۆگەي دادامنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتتى.ئۆيدە ئۆگەي دادام ئىككىمىز قالدۇق.كېيىنكى بەختسىزلىكلەر ئاپامنىڭ شۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكى تۈپەيلى يۇز بەردى.ئاپام كەت ىكەن ئىككىنچى كۈنى كېچە ئۆگەي دادام مېنى دەپسەندە قىلدى
بۇ ئىشلارنى ساڭا تەپسىلىي، دېگۈممۇ يوق جېنىم دوستۇم ئۇ ھاياتىمدىكى بىر مۇدھىش كېچە.ئۇ بىر زۇلمەت كېچە.كىچىككىنە بىر قىز شۇ بىر ئادىمى ھايۋاننىڭ قولىدا نابۇت بولدى. ئۇنىڭ ئارزۇ ئارمىنى تاتلىق خىياللىرى كىچىككىنە ئۈمىد شاملىرى.كەلگۈسى  ئۈچۈن ئېلىپ قويغان كۈلكىلىرى شۇ كېچىدە ۋەيران بولدى،
جېنىم دوستۇم مەن تېخى، كىچىككىنە بىر غۇنچە ئىدىمغۇ، مەنمۇ بەختلىك ياشاشقا ھەقلىق ئىدىم.ئەمما قاتمۇقات كېلىۋاتقان ئازابلار مېنى كۈلۈشكە ئەمەس كۈلۈمسىرەشكىمۇ يول قويمىدى،
ئازاب ئىنساننى تاۋلايدۇ تېخىمۇ غەيرەت قىلىدۇ دەيدۇ، شۇ تاۋلىنىشلار يېڭى بىر ئازابقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولىدىكەن.ئەمما بىر بىرىدىن ئېغىر ئازابلار ئىنساننى ھەقىقەتەن ھالسىزلاندۇرۇپ قويىدىكەن.بەلكىم ئىنسان ئازابقا ئۆلمەيدۇ دېگەن گەپ بولسا كېرەك بۇ،،،
كېيىن بۇ ئىشلاردىن ئاپاممۇ خەۋەر تاپتى.خەۋەر تاپسىمۇ نېمە قىلالايدۇ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپ دېمىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ ھېچنېمە دېيەلمىدۇق كېيىنچە ئاپام يەنە شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ قايتا يۇز بېرىشتىن ئەنسىرىدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئەپلەپ سەپلەپ ھازىرقى يولدىشىم بىلەن تويۇمنى قىلىۋەتتى
تۇي-.ئىنسان ھاياتىدىكى نۇرغۇن تاتلىق ئارزۇ ئۈمىدلەر مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ خۇشاللىق.بىر كۈن.ئەمما مېنىڭ تويۇم، مېنىڭ ھاياتىمدىكى يېڭى يېڭى بەختسىزلىكلەر باشلانغان بىر كۈن بولۇپ قالدى.،،،،،،،،،

دۇستۇمنىڭ ھاياتىدا يەنە قانداق بەخىتسىزلىكلەر يۇز بېرە.؟!!!قىزىقسىڭىز ھېكايىنىڭ داۋامىنى ساقلاڭ
ئ‍ەگەر پىكىر تەكلىپلىرڭلار بۇلسا بۇ ئ‍ۇن دىدارغا قالدۇرۇپ قۇيۇڭ1211661598
      





968 قېتىم كۆرۈلدى maryamgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-18 1:33:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-3 1:09:34 Ababakiri
Bu Hikayinig dawami. Barmu
2017-1-21 19:23:29 رىيىمجان
دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ