يامغۇردا قالغان ئانا - 1 - قىسىم - ھىكايە

يامغۇردا قالغان ئانا


(ھېكايە)


1-قىسىم


يۈسۈپ ئەخمەت( باشلامچى)


     ھەمراھىدىن ئايرىلىپ غېرىپلىق باستى، ئوغلىنىڭمۇ ئانىسىدىن ۋاپاسى كەتتى. قىلدى دۇئا خۇداغا نىداسى يەتتى، ئاھ بىچارە ئانا نە ئۈچۈن يامغۇردا قالدى. تاملىرى يامغۇر تولا ئۆتكەنلىكتىن زەيدەپ كەتكەن، ئىشىكلىرى نەمدەپ يېپىلماس بولۇپ قالغان، رام ئەينەكلىرى چېقىلىپ، ئورنىغا تارتىپ قويۇلغان ئەينەك سۇلياۋلار ئۇزاقتىن بىرى ئالماشتۇرۇلمىغانلىق سەۋەپلىك چۈرۈپ كەتكەن، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ كونا ئۆيدە يەتمىش ياشلىق خەيرىنساخان ئانا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ رەھمەتلىك ياسىن ئىبراھىم ئاكىمىز بەش يىل بۇرۇن كېسەل سەۋەپلىك بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى، رەھمەتلىكنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇرۇنمۇ ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان ئانىسىغا ئەمدى تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولىۋالغانىدى. ھازازۇل ئايالى گۈلنىسا ھە دىسىلە ئانىغا دوق قىلىپ خاپا قىلغاچقا ،رەھمەتلىك ياسىن ئاكا ئۇلارنى مەھەللىدىكى ئۆيدە قويۇپ مەھەللىدىن يىراقراق بولغان كونا ئۆيگە كېلىۋالغانىدى .

      خەيرىنساخان ئانا نامازدىگەردىن يېنىپ ئۇزاق دۇئالاردىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ سىرتنىڭ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلانماقچى بولۇپ كونىراپ ئۇچى پورداپ قالغان، رەھمەتلىك قەدىردانى ياسىناخۇن ئالما ياغىچىدىن ياساپ بەرگەن ھاسىسىنى تايانغىچە كونا لاتا ساپما كەشنى كىيىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. كۈز كىرىپ قالغاچقا سىرتنىڭ ھاۋاسى سوغۇقراق ئىدى، بىراق ھاۋا ئۇچۇق بولغاچقا كىشىگە يەنىلا ھوزۇر بېغىشلايتتى. ئانا ھويلىدىكى ياتقۇزۇپ قويۇلغان كونا توغراق ياغقا ئولتۇرغۇنىچە ئاپتاپسىنغاچ خىيال سۈرۋاتاتتى. تويۇقسىز سىرىتتىن ۋېلىسپىتنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ھېلىقى ۋىجدانسىز ئوغلى ئابدىرازاق كىرىپ كەلدى ۋە ئانىغا سالام قىلا قىلماستىن قوتانغا قاراپ ماڭدى.ئۇ قوتاندىكى ئەمدى بىر يىللىق بولاي دەپ قالغان تۆلگە قاراپ تەرىنى سەت قىلغىنىچە ئانىسىغا چەكچىيىپ تۇرۇپ:

   - ئاپا 'بۇ قوينى نىمانچە ئورۇقلىتىۋەتتىڭ؟ بىر قوينىمۇ ئوڭلاپ باقالمايدىغان نىمەڭگە قوي باقىمەن دىگۈچە ماڭىلا بېرىۋەتسەڭ بولماسمىدى؟!   دېگىنىچە ۋېلىسپىتنى مىنگىنىچە چىقىپ كەتتى.

     ئانا ئۆزىنىڭ بۇ قويغا ياخشى قارىيالمىغانلىقىغا ئىقرار ئىدى، چۈنكى ئاتمىشتىن ئاشقان تېنى ئاجىزلاشقان بىر قېرى ئايال نەدىنمۇ ئوت تېپىپ بۇ قوينى باقسۇن! رەھمەتلىكنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى ئابدىرازاق ئانا مەن ساڭا يېڭى ئۆي سەپ بېرىمەن دىگەننى بانا قىلىپ قويلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ تۈگەتكەنىدى ،ئوغلى كىشلەرنىڭ گېپىدىن قورقتىمۇ ئەتىمالىم يېقىندا بۇ تۆلنى ئېلىپ بەرگەنىدى.

    ئوغلۇنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ قاتتىق يۈرىكى ئاغىردى بولغاي يەنە كونا ئادىتى بويىچە رەھمەتلىك ئېرىنىڭ قەبرىسىگە قاراپ ماڭدى. ئۇزاقتىن بېرى ئانا رەھمەتلىكنىڭ قەبرىسىنى تولا يوقلايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى،ئۇ يولدا ماڭغاچ ئوغلىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى خىيال قىلىپ قالدى ۋە گاھىدا تۇيماستىن قورۇق باسقان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.ئانا شۇنداق خىياللارنى قىلغاچ مازارغا قانداق بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قالدى. ئۇ رەھمەتلىكنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپلا ئۆزىنى تۇتۋېلىشقىمۇ ئىلاجىسىز قالغان ئەھۋالدا قاتتىق يېغلاپ دەرت تۆكۈشكە باشلىدى. ئۇ دەرتلىرىنى ئاغزى بىلەن ئەمەس يۈرىكى بىلەن قەدىرلىك ھەمراھىغا ئېيتىۋاتاتتى.

بىرىنچى قىسىم تۈگىدى . داۋامى بار... 





1277 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-2 14:44:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ