قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز - قۇرقۇنۇچلۇق ھىكايە

قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز


ئ‍ابدۇللا،كامال(گۇما)


ئۆمەر مىنى ئ‍الدىغاندەك ئ‍ەمەستى، بۇ قاپ يۈرەك بالىنى قورقىتالىغان زادى نىمىدۇ. ئ‍ادەتتە ئ‍ۆزى يالغۇز نە نەلەرگە قاراڭغۇنى قاراڭغۇ دىمەي سوكۇلدايدىغان بۇ ئاداشنىڭ بۈگۈن،گەجگىسىگە چىۋىن قونىۋالغان تازدەك بوپ قالغىنى مىنى تىخىمۇ قورقىتىۋەتتى. قارىسام ھارۋىدا ھىچكىم يوق. ئۆمەرنىڭ توختىماي سۈرە ئ‍وقىشى، قارا ھاڭگىنى ھارماي دۇمبالىشى جىنىمنى ئاران قويدى.

-ئاداش زادى نىم بولدى نىمىنى كۆردۈڭ؟ يىغلامسىراپ شۇنى ئ‍اران سورىدىم.

-يىنىڭدىكى قىزىل كىيىملىك، بوغىچىما تۇتىۋالغان قىزنى كۆرمەيۋاتامسەن؟

ئاھ، خۇدا بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاس قالدىم ھارۋىدىن ئ‍ۇچۇپ چۈشكىلى.

- نىمە دەۋاتىدىغانسەن؟ يا مىنى قەستەن قورقىتىۋاتامسەن؟

دەل شۇ پەيىتتە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە- ئ‍ىشەكنى بوشراق ئ‍ۇرۇڭ- دىگەن مۇدھىش ئ‍ەمما سىلىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، كاللام ۋىڭىلداپ كەتتى، ئەسلى سىزىمىمنى يوقاتتىم دەپ ئ‍ويلىغان بىراق، ئ‍ىككى يوتامدىن ئ‍ىسسىق بىر نەرسىنىڭ ئىقىپ پۇشقىقىمدىن سىرغىپ چۈشىشىدىن ئۆزەمنى ساق بىلدىم. قىرىشقاندەك قارا ھاڭگىمۇ مىڭىشىنى ئ‍استىلاتتى، ئۆمەرنىڭ قولىدىكى تاياقمۇ سۇنۇپ تۈگىدى، ئ‍ىككىلىمىز تەڭلا كەينىدىكى زاپاس ئ‍ىلىۋالغان تاياققا قارىدۇق. ئ‍ەمما تاياق يوق.

- مەن تاشلىۋەتتىم بەك ئ‍ۇۋال قىلدىڭلار بۇ بىچارە ھايۋانغا- دىدى بىرى تۇيۇقسىز.

قارىسام راسلا قىپقىزىل كىيىم كىيگەن، ئ‍ون تۆت ئ‍ون بەش ياشلاردىكى بىر قىز ھارۋىدا بىزگە قاراپ تۇراتتى، قارا ھاڭگىمۇ بەك جانسىز ماڭدى. ئۆمەر بىلەن ئ‍ىككىمىز ھازىر نىم بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولالمىدۇق، ئىككىلىمىزنىڭ كاللىسىدا < بۇ قىز ھارۋىغا قاچان چىقتى؟ قانداق چىقتى؟> دىگەندەك سوئاللار ئ‍وخشاش يۈرىكىمىزنى ئ‍ىزىۋاتاتتى. ھازىر ئ‍الدىمدىكى بىر قىز بالا ئ‍ەمەس ئاپام بولغان بولسا، پاڭڭىدە ئىتىلىپ يىغلاپ تاشلىشىم ئ‍ىنىق ئىدى، ئ‍اپا جىنىم ئ‍اپا سىز نەدە؟

-بۇ كىچىدە ئ‍ۆزىڭىز يالغۇز نەگە ماڭغان؟

نالە پەرياتلىرىمغا سۇ سەپكەن بۇ سوئالنى ئۆمەر ئۇ قىزدىن سورىغان ئىدى.

-شۇ ئ‍ىرىم ئ‍ۇرۇپتى، ئ‍انامنىڭكىگە يامانلاپ ماڭدىم.

ئ‍ۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم خىلىلا جايىغا چۈشتى، بىراق ئۆمەر نىمىشقىكىن ھەرقىتىم قىزنىڭ چىرايىغا قاراپ ئ‍ۆڭۈپ كىتەتتى، بۇنى بىلەلمەي بەك ئ‍ىچىم سىقىلدى. نىم بولسىمۇ بولسۇنا ئىشقىلىپ بىر ئادەمنىڭ كۆپلىكى يەنىلام پايدىلىق. بۇ قىزنىڭ ھىكايىسى تۈگىگىچە قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈپمۇ بولامىز.

-سىز كىمنىڭ قىزى -ئ‍ارىدا مەن جىمجىتلىقنى بۇزۇپلا سورىدۇم، بۇ يەرلىكلەرنى تونىسام نىمىدەي، تىخى بىر قىسىم تۇققانلىرىمنىمۇ تۇنۇپ بولالمىغاندا.

- نۇراخمىتاخۇننىڭ قىزى بولىمەن، ئ‍ىسمىم تىللانىساخان، ئون ئ‍ۈچكە كىردىم.

سورىغان بىر سوئالىمغا، جاۋاپ دىگەننى ياغدۇرىۋەتتىغۇ، توختىغىنە بايا ئ‍ىرىم دىگەن. ئ‍ەمدى ئ‍ون ئ‍ۈچ ياش دىسە بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى، بىزنىڭ بورتالادا يىگىرمە بەشكە كىرىپ توي قىلغاننى ھەجەپ كىچىكلا توي قىلدى ھە، دىيشىدىغان، بۇ قانداق خەق ھەي. كاللامدا شۇ خىياللارنى قىلىپ، بۇ قىزنىڭ گىپىنىڭ راس يالغىنىنى ئايرىيالماي تۇرسام، ئۆمەرنىڭ مىشىلداپ يىغلاۋاتقىنىنى تۇيۇپ قالدىم، قارىسام ئۆمەر تاياقنىڭ سۇنىقىنى ھە دەپ قارا ھاڭگىنىڭ ساغىرسىغا تىقىپ يىغىر قىلىۋىتىپتۇ، قارا ھاڭگىمۇ ئ‍اغىرىققا چىداپ ئالدىرماي مىڭىپتۇ، ئۆمەر توختىماي ئاللىقانداق ئ‍ادەمنىڭ ئ‍اغزىمۇ كەلمەيدىغان سۈرىلەرنى ئ‍وقىۋىتىپتۇ. ئ‍ۇ قىزغا قارىغۇدەك ھالىمۇ يوق بىچارىنىڭ.

مانا ئاخىرى قەبرىستانلىققىمۇ كەپ قالدۇق، ئ‍ىچىمنى سىقىپ ئ‍ۆمەرنىڭ يىغىسى ئ‍ەمدى سىرتىغا خىلىلام چىققىلى تۇردى، سۈرە ئ‍وقىشى تىخىمۇ جىددىلەشتى، مەن بۇنىڭدىن خىجىل بۇلۇپ قىزغا قارىدىم، قاراپلا تىنىم شۈركىنىپ كەتتى، ئ‍ۇ قىز ئ‍ۆمەرگە ئ‍ىنتايىن سوغۇق تىكىلىپ تۇراتتى، ناھايىتىمۇ بىر ئ‍ۆچمەنلىك بىلەن، ئۇنىڭغا قارىغانسىرى مەن كۆزلىرىمنى باشقۇرالمىدىم، ئۇنىڭ چىرايى ئاستا ئاستا قورۇلۇپ قۇرۇپ قىلىۋاتاتتى، پۈتۈن كىيىملىرى ئ‍وتسىز بىر ھالەتتە كۆيۈپ كىتىۋاتاتتى.كۆزلىرى ئىچىگە ئ‍ولتۇرشۇپ ئ‍ورنى قاپقارا كامار بوپ قالدى، ئ‍ۆمەر قانچە ئۈنلۈك قانچە تىز ئ‍وقغانسىرى ئ‍ۇنىڭ چىرايمۇ كۆيگەندەك بوپ كەتتى، مەن بىچارە شور پىشانە ئ‍امالسىز ئۇنىڭ رەڭگى كەتكەن خىرۇمدەك جامالىغا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم.

توساتتىن ئ‍ۇ:

- ئ‍ۆيۈمگە كەلدىم، دەپلا بىشىمدەك يوغانلىقتا ئ‍وت بولۇپ ئ‍ۇچۇپ كەتتى.

پىشانەمنىڭ شورلىقى، جىنىمنىڭ چىڭلىقى، ئ‍اھ خۇدا ئۆلۈپ كەتمىسەم ھە. شارقىرىغان سۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال ئىشتىنىمنى سىلاشتۇردۇم، بايىقى يۆلنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا مەسىلە يوق. ئ‍ىسىمنى يىغىپ قارىسام قارا ھاڭگىنىڭ مىڭىشى توختاپ، ھەدەپ سىيگىلى تۇرۇپتۇ. ئ‍ۆمەرگە قارىدىم، ئ‍ۇمۇ تۆت ئەتراپقا ئوغرىدەك قارىۋىتىپ، ئ‍ۇف،،،،،، خۇداغا شۈكرى، دىدى. ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن سورىغان سوئالىمغا جاۋاپ قايتۇرماسىتىن قۇمۇشلۇقتىن بىلەك توملىقىدىكى كالتەكتىن بىرنى تاپتى، ئاندىن مىنى قارا ھاڭگىنىڭ تۇمشۇقىدىن تارتىشقا بۇيرىدى، ئ‍ادەتتىكى ئىشەكتىنمۇ قورقىدىغان تۇرسام، بۇ قارا ھاڭگىنىڭ تۇمشىقىنى تۇت دىگىنى ئ‍ابايقى جىننىڭ قولىنى تۇت دىگىنىغۇ بۇ، ئ‍امال قانچە جاھىللىق قىلىپ پايدا يوق، شۇنداق تۇرۇشۇم قارا ھاڭگا بىر سىلكىندى، ئۆزەمنى ئ‍وڭشاپ بولغىچە لىۋىم قارا ھاڭگىنىڭ بەدبۇي سۆڭگىچىگە سۈركىلىپ ئ‍ۆتتىدە، بىشىمچىلاپ ھارۋا شوتىسىنىڭ ئ‍ارلىقىدىن ھارۋىنىڭ تىگىگە چۈشۈپ كەتتىم، ئۆزەمنى ئوڭشاپ بولغىچە قارا ھاڭگىنىڭ قاتتىق تۇيىقى ھۈررىكىمگە زەرىپ بىلەن تەگدى. ۋايجان دىيىشكىمۇ ئ‍ۈلگۈرمەي ئۆمىلەپ يۈرۈپ ھارۋىنىڭ تىگىدىن چىقىپ بەخىتسىز ھۈررىكىمنى ئۇۋىلاپ توپىغا دومىلاپ كەتتىم، بۇنى كۆرۈپ ئۆمەر قورسىقىنى تۇتىۋىلىپ ھە دەپ كۈلەتتى، ئاغرىقتىنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسى جىنىمغا تەگدى. يۈگرەپ قوپۇپ قارا ھاڭگىنى بىر تىپەي دىگەن، پەيلىمدىن يىنىپ ھارۋىنىڭ چاقىنى تۆت بەشنى تەپتىم، پۇخادىن تازا چىقىۋىلىپ ئ‍اقساقلىغىنىمچە بىرىپ قارا ھاڭگىنىڭ تۇمشۇقىغا ئىسىلدىم. خۇدايا توۋا، بۇرۇن كۆرمىگەنمۇ يا بىلمىگەنمۇ، ئ‍ىشەكمۇ ئ‍اتمۇ بۇ، نىمىدىگەن يوغان. مەن قارا ھاڭگىنىڭ ئ‍الدى پۇتى بىلەن تەڭكەنمەن، قولۇمنى بىشىمدىن خىلىلا ئ‍ىگىز تۇتسام ئ‍اندىن ئ‍ۇنىڭ ئ‍وماق تۇمشىقىنى تۇتالايدىكەنمەن. قارا ھاڭگىنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرىدىن تەر قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، قاڭسىق بىر خىل پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى، ئ‍ۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىگە قاراپ ئاجايىپ ئەيمىنىپ كەتتىم.

ئ‍ۆمەر ھەدەپ قارا ھاڭگىنى كالتەكلەۋاتاتتى، قارا ھاڭگا ھىچ مىدىرايدىغاندەك ئ‍ەمەس، ئەتراپتىن يەنە شۇ شۇم چۇغدەكنىڭ ئ‍اۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ ئ‍ىچىمنى تىخىمۇ قوچىۋەتتى. ئۆمەر بىر تەرەپتىن ئۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۈنلۈك ئاۋازدا ئ‍ايەت ئ‍وقىدى، ئ‍وقىغاننىڭ پايدىسى بولدىمۇ قارا ھاڭگا ئ‍از تولا كۈچەشكە باشلىدى، دەل شۇ چاغدا يەنە قاياقتىندۇر ئ‍ەزان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئ‍اران تۇرغان قارا ھاڭگا بىرلا يۇلقۇندى ئ‍الدىغا قاراپ بەدەر چاپتى. بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن مەن يانغا ئ‍اران ئ‍ۈلگۈردۈم، ئ‍ۆمەر بىچارە كالتەكنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىشىپ يەرگە تىك موللاق چۈشتى، ئ‍ۇنىڭغا قاراپ تازا بىر مەززە قىلىپ كۈلۈپ قوسقۇمنى تۇتۇپ دومىلىغىنىمنى بىلىمەن، كىم بىلسۇن يولنىڭ يەنە بىر ئ‍ىككى مىتىر ئەتراپىدىكى چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ ئ‍اندىن توختىدىم.

ئ‍ىسىمنى يىغىپ قارىسام بۇمۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئ‍وتۇرىسىكەن، جان پىنىم چىقىپلا كەتتى. مىڭ تەستە ئ‍ۆمىلەپ يۈرۈپ ئۈستىگە چىقتىم ئۆمەر يوق، كاللام قۇپقۇرۇق بوپ قالدى، جان جەھلىم بىلەن ۋارقىراپ يىغلىدىم بىراق ئ‍ۆمەر يەنىلام يوق، قاياققا مىڭىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم. توساتتىن ئاپئاق كىيىملىك چوڭلىقى بىر ئ‍وغلاقچىلىك يا ئوغلاق ئ‍ەمەس يا ئ‍ادەم ئ‍ەمەس بىر نىمە مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى، ھازىر ئ‍ىشتىنىمغا شاقىرىتىپ سىيگىنىمدىن باشقىنى تۇيالمىدىم. ئ‍ۇنىڭ مىڭىشى غەلىتىلا ئىدى، خۇددى ئ‍ادەم تىزى بىلەن مىڭىۋاتقاندەك. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئ‍ۇ قىشىمغا كەپ بولدى، ئاغزىمدىن بىسمىللىدىن باشقا ئ‍ايەت چىقىشى مۈمكىن ئەمەس، قىقىراپ يىغلاپ بولالماي ھۆركىرەپ يىغلاشقا ئ‍الماشتىم، بىراق ئۇ يا ماڭا قول سالمىدى يا نىرى كەتمىدى، ئامالسىز ئۇنىڭ بىشىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم ، ۋايجانلىغان ئ‍اۋازنى ئ‍اڭلاپ يەنە بىر نەچچىنى دەسسىۋېلىپ ئ‍اندىن،

- ۋاي ئاداش سەنما بۇ، توۋا نىمىش قىلىپ يۈرىسەن دىدىم.

بىچارە يىغلامسىراپ بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ،

- ساراڭكەنسە شۇنداق قاتتىقمۇ تىپەمسە تىخى دەسسەشلىرىڭچۇ.

ئ‍ۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئ‍ىچىممۇ ئاغىرىدى، بولۇپمۇ مەيدىسىنى قايتا قايتا سىلاپ كىتىشى مىنى سەل پۇشايمانمۇ قىلدۇردى، لىكىن كىم ئ‍ۇنى مىنى قوقاتسۇن دەپتۇ، ئۆزىنىڭ شورى. ئ‍ىككىمىز قاتارلىشىپ قارا ھاڭگىنى ئ‍ىزدەپ ماڭدۇق، قەبرىستانلىقتىنمۇ ئۆتۈپ بولدۇق. ئۆمەرنىڭ تۇيۇقسىز بايىقى يولۇچى قىز ئۈچ يىل بۇرۇن ئۆلگەن دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ ئ‍ەمدى قۇراي دىگەن ئ‍ىشتىنىم يەنە چىلىق چىلىق بولدى.

ئ‍ۇنىڭ دىيشىچە ئ‍ۇ قىز ئۆمەرنىڭ بىز كىتىۋاتقان، يەنى ئاۋاتقا ياتلىق بولغان ئ‍اچىسىنىڭ خوشىنىسى، نۇراخمىتاخۇن ئ‍ىسىملىك نامرات بىر ئ‍ەر ئايالنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، بەك شوخ ھەم ئ‍ەقىللىق قىز كەندۇق، ئۆمەر دائىم ئ‍اچىسىنىڭ قىشىغا كىرگەندە ئ‍ۇ قىزنى شۇ قىزىل كىيىم بىلەن مەھەللىدە بالىلار بىلەن يۈگۈرۈپ شوخ ئ‍ويناۋاتقىنىنى كۆرەتتىكەن، ھەتتا ئ‍ۆزىمۇ نەچچە قىتىم بىللە ئ‍ويناپتىكەن. كىيىن ئۇلار قىزنى يىزا بازىرىدىكى بىر ھوقۇقدار تۇغقىنىنىڭ بالىسىغا ياتلىق قىپتۇ، ئ‍ەمما ئ‍ۇ ئ‍ۆتۈپ كەتكەن ئىپلاس بولۇپ توي كۈنى كەچتە چىلىققىدە ئ‍چىۋىلىپ كىرىپ ئ‍ۇ قىزنى تازا دۇمبالاپ قوغلىۋىتىپتۇ، بىچارە قىز شۇ يىرىم كىچىدە زار زار يىغلاپ يەتتە كىلومىتىر يولنى پىيادە مېڭىپ ئۆيىگە يىنىپ كىرىپتۇ، ئ‍اتا ئ‍انىسىمۇ يىغا زارە قىلىشىپتۇ. ئ‍ەتىسى ئ‍ەتىگەندە ئ‍وغۇل تەرەپتىن بىرمۇنچە ئ‍ادەم كىلىپ قىزىنىڭ پاك ئ‍ەمەسلىكىنى ھەم شۇم ئ‍اياغ ئىكەنلىكىنى، توي كۈنى ئ‍وغۇلنىڭ شۇنداق قىلغان رەسۋاچىلىقىنى مۇشۇ قىزنىڭ شۇملىقىدىن بولغانلىقىنى ئىيتىپ، ئ‍الدىغا پۈتۈن تويلۇقنى ھەم ناھايىتى كۆپ پۇل قويۇپ چىقىپ كىتىپتۇ. شۇ كۈنى چۈش پىشىن مەزگىلدە ئ‍ۇ قىز بۇرۇنقى قىزىل كۆينىكىنى كىيىپ ئ‍ىگىز بىر دۆڭگە چىقىپ ئۆزىگە بىر نەرسە چىچىپتۇ، ھەمدە ئ‍وت يىقىپتۇ، بىردەمدىلا قىز كۈچلۈك ئ‍وتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ جان جەھلى بىلەن ۋارقىراپتۇ:

- ئ‍ەركەك سەندەك بولسا پۈتۈن قىزلارغا نىكاھ ھارام بولسۇن!

ئ‍ۇ شۇنداق دەپلا دۆڭدىن پەسكە دومىلاپتۇ. شۇ چاغدا ئۆمەرمۇ شۇ ئ‍ەتراپتا ئ‍اچىسىنىڭ يولدىشى بىلەن ئ‍ىتىزدىكەنتۇق، ئۇلار ھەم باشقىلار يۈگۈرۈپ كەلگىنىدە قىز ئ‍اللىقاچان جان ئۈزگەن بولۇپ پۈتۈن بەدىنى قۇم يىپىشىپ ئاجايىپ بوپ كەتكەن بولۇپ پەقەت ئ‍ىككى كۆزىلا ئ‍وچۇقكەن. بۇنى ئ‍اڭلاپ ئىچىمنى بىر توپ قوڭغۇز تاتىلاۋاتقاندەك بىئ‍ارام بولدۇم، بۇرنۇمنىڭ ۋىژىلداپ ئىچىشقىنىدىن ئۆزەمنىڭ يىغلاۋاتقىنىمنى بىلدىم. تۇيۇقسىز ئ‍ۆمەر ماڭا :

- قارا ھاڭگا ئ‍اۋۇ يەردە تۇرامدۇ نىمە، قىشىدا بىرسى چاچ تاراۋىتىپتۇ. - دىگىنىنى ئ‍اڭلاپ لاپپىدە ئ‍ۆمەرگە قارىدىم، بىچارە تاياق ئ‍ىسىگە كەلدىمۇ قانداق، دەرھال قورسىقىنى تۇتتى. قارىسام راسلا بىرى قارا ھاڭگىنى باغلاپ قويۇپ، قىشىدا چاچ تاراۋاتاتتى.

كىيىنكى قىسىم :چاچ تارىغان كۆتەك ناملىق ھىكايىدە كۆرىشەيلى.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىر قىممەت مىھرى شەپقەتلىك ،ھىكايەمنى سۆيۈپ ئ‍وقۇپ كىلىۋاتقان ئەزىز قىرىنداشلىرىم، يىقىننىڭ ياقى سالامەتلىكىم تازا جايىدا بولالماي ئۇشبۇ ھىكايە سۆرىلىپ كىتىپ قالدى، شۇڭا قىرىنداشلىرىمنىڭ رەنجىمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن، ئ‍اللاھىم ئ‍ەزىز تەنلىرىڭلارنى ئ‍امان قىلسۇن. يەنە بىرگە ئىملا مەسىلىسى ھەقىقەتەن ، بىراق تىلفۇندا ئەسەر يىزىش بەك تەسكەن، توغرا يازساممۇ بەزىدە خاتا بىسىلىپ قىلىپ بەك قىنالدىم، ئ‍ەمما تىرىشىپ خاتالىقنى ئ‍ەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە تىرىشىمەن. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، مىنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

ئابدۇللا،كامال(گۇما)2015-12-5

1-قىسىم تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى

2-قىسىم سەت خوتۇن

3-قىسىم مومامنىڭ ئاۋازى

4-قىسىم ھارۋامدىكى كىم

5- قىسىم قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز

كىيىنكى قىسىم :چاچ تارىغان كۆتەك





4355 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:39:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-20 15:56:16 ئ‍امىنە
قاراڭغۇ ئ‍ورمان،سىت خوتۇن،قانلىق پاجىئە قاتارلىق ئ‍ەسەرنىڭ ئ‍اخىرنى بىر يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن بەك تەقەززا بوپ كەتتۇق
2015-12-30 7:54:56 ئايگۈل
بۇ قاراڭغۇ ئۇرمانىنىڭ ئاخىرىنى تىزرەك يۇلىساڭلار بۇلاتتى بەك تەقەزار بۇلۇپ كەتتۇق
2015-12-17 14:25:57 alim
nim da uzakta yollaysiz bu asirigiz ni
2015-12-17 2:02:02 ئ‍ۈمۈدۋار
ئ‍ەسىرىڭلار ياان بالەن يېزىلىپ كېلىۋاتاتتى ،قېرىنداشلىرىم … ئ‍ەمما نېمە بولدې بىلمىدىم ،كېيىنكى قىسىملىرىنى داۋاملاشتۇر مىغىنىڭلاغا خىلى كۈنلە بوپتۇ ئ‍ەمما مېنىڭ ئ‍ەسىرىڭلانىڭ ئ‍اخىرىنى تولىمۇ بەك ئ‍وقۇپ تۈگەتكۈم بار ئ‍ىدى ،ئ‍ەزىز قېرىنداشلىرىم
2015-12-16 16:19:45 قاينام
بۇ ئ‍ەسەرنىڭ كەينى چىقمايۋاتىدىغۇ ، قاچان چىقار
2015-12-15 23:00:07 گۈلمىرە
ئاخىرنى ئەۋەتسەڭلا بوپتىكەن
2015-12-14 0:09:53 يۈسۈپجان
ئ‍ەزىز قېرىندېشىم مۇشۇندا ياخشى ئ‍ەسەرلەرنى يېزىپ چىققان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن … ئ‍ەمما كېيىنكى قىسىمقى ئ‍ەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەقەززار بولۇپ قالدېم …!؟
2015-12-12 15:47:53 زەھرا
بەك ياخشى يېزلىپتۇ ،قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن !! داۋامىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن، بەك ساقلاپ كەتتۇق داۋامىنى!!!
2015-12-12 2:32:48 تۇيغۇ
ئ‍اخىرنى تىزراق يوللىغان بولساڭلا
2015-12-11 9:26:50 نازىم
داۋامى قاچان يوللىنىدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ