مەن باشلىقنىڭ ئايالى - ھىكايە

 مەن باشلىقنىڭ ئايالى
ھىكايە  
ئامانتاي سۇلتان 


مەن يەنە يالغۇزمەن، باللىرىم خىلىلا بالدۇرئۇخلاپ بۇلدى،كىچىدىكى تەنھالىق ئۇيقۇلۇرۇمنى قاچۇرماقتائىدى.ئادىل ئىككىيلەننىڭ تويلۇق رەسىمىگەتىىكىلگىنىمچە،چۇڭقۇرخىياللارغا نائىل بۇلماقتىمەن.يۇرۇگۇم ئەسلىمىلەر ئىچىدە، كىيىنكى ئۇتمۇشكە ئىسكەنجە سالماقتا.مەن غۇلجا ناھيىسىنىڭ كىچىكىنە يىزىسدا تۇغۇلدۇم، دادام يەتتە ياش ۋاقتىمدا كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۇتتى.،ئائىلىمىزدە تۇت جان بۇلغانلىقى ئۈچۇن بارلىق ئىشلار بىچارە ئانامنىڭ زىمىسىگە يۇككلەنگەن ئىدى . مەن تۇلۇقسىزنى ئارانلا تۇگەتتىم.ئادىل بۇلسا بىر مەللىك خۇشنام بۇلۇپ ئىككىيلەن مەكتەپكە بىللە بىرىپ بىللە قايتىپ ئىناق ئۇتەتتۇق. ئۇنىڭ ئىقسادى ئەھۋالى ياخش بۇلغاچقا بىزنىڭ ئىقسادىمىزغا يىقىندىن ياردەمدە بۇلاتتى. ئادىل مەكتەپتە دادىسىدىن ئالغان پۇلغا ماڭا ئۇقۇش قۇراللىرنى ئىلىپ بىرەتتى ماڭا ئۇز قىرىندىشىدەك كۇيۇنەتتى، بىز شۇنداق قىلىپ تۇلۇقسىزئۇقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئىنتىھام بەردۇق. ئۇشىنجاڭ ئەدىليە ئۇفىستىرلارمەكتىپىگە ئەلا نەتىجە بىلەن قۇبۇل قىلىندى ،ساۋاقداشلارئۇزئۇگىسىدىن ئۇچۇم بۇلغان قۇشقا ئۇخشاش ھەرتەرەپلەرگەغايىپ بۇلۇشتى .مانا بىر يىل ۋاقىتمۇ ئۇتۇپ كەتتى ئادىلنىڭ بىر يىللىق ئۇقۇشى تاماملىنىپ يىزىغا قايتىپ كەلدى . ئۇبۇرۇنقىدىن تۇلۇمۇ ئۇزگۇرۇپ بەك كىلىشكەن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .ئۇرۇمچىنىڭ ھاۋاسى تۇلۇمۇ ياققان ئىدى.مەن ئۇنى كۆرۇش ئۇچۇن مەلىدىكى بۇلاققتىن سۇ ئەكىلىپ ئۇي ئىشلىرنى باشقىچە قىلىپ كىتىدىغان بۇلدۇم .ئۇ مەھەللىگە چىقسايۇرەكلىرىم ئۇنسىز دۇپىلدەتتى.بىركۇنى تۇيۇقسىز سۇ ئەكىلۋاتسم،ئۇ ئالدىمغا يۇگرەپ كىلىپ مىھىرىبان ئەكىلىڭ ئەپكەشىنى مەن كۇتۇرەي دەپ قۇلۇمدىن ئالدىدە ئۇيۇمنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردى .بۇ چاغدا خىجىللىكتىن ئۇنىڭغا رەخمەت دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن .مىھىرىبان ئىش بۇلسا ماڭا تاتىنىماي دەڭ مەن ياردەم قىلاي دىگىنىچەئاستا يۇرۇپ كەتتى .ئۇنىڭ چىراي تۇرقى ئۇزگەرگەن بىلەن بۇرۇنقى مىجەز خۇلقى  ئۇزگەرمىگەن ئىدى ئۇتۇلۇمۇ مۇلايىم كەم سۇز بۇلۇپ ئاسانلىقىچە باشقىلارغا گەپ قىلمايتى .ئۇنىڭ يازلىق تەتىلمۇ تۇشاي دەپ قالغان بۇلۇپ ،مەن ئۇنى يەنى كۆزۇمدىن غايىپ بۇلۇشىدىن  قۇرقاتتىم، بىراق ئامال يۇق ئۇ بەرىبىر كىتەتتى .مانا ئۇقايتىغانغا ساناقلىق كۇن قالدى. كۇڭلۇم ئاندا قانداق خىياللار ئىچىدە،ئازاپلانماكتا ئىدى ،باغانسىرى ئۇنىڭ كىتىدىغىننى ئۇيلسام ئوينىڭ ئىشلىرنى قىلىش ماڭا ئىغىر كىلەتتى.ئاپام سۇ ئەكىردىمىسمۇ ئەكىردىغان مىھىرىبان سۇ ئەكىرىش خىيالدا يۇق ئىدى .مانا مەن بۇلانى ئۇيلاپ نىمە قىلاي دەپ ئۇزەمنى تەسەللى بىرەتتىم .شۇ تەرقىدە يىللار مۇشۇنداق ئۇتتى ،ئۇنى كەلدى دىسە قانداقتۇر بىر كۈچ مىنى زۇرلاۋاتقاندەك ئۇنى كەتتى دىسە قار باسقان چۇشتەك كۇنلىرىم ئەندىشە ئىچىدە ئۇتتى.يىللار نىمىدىگەن تىز ئۇتكەن ئۇ ئۇچ يىللىق ئۇقۇشىنى تاماللاپ يەنى مۇشۇ يىزىغا قايىتىپ كەلدى،ئۇ بۇرۇنقىدىن بەستىلك بۇلۇپ كىلىشكەن يىگىتكە ئايلانغان ئىدى .يەنى شۇ ئادىتىم مىنى مەسخۇش قىلماقتا ئىدى ،كۇنگەن خۇي ئۇلگىچە دەپ ئۇنى كۇرسەم بىلەكچىلا بۇلۇپ قالاتتىم.ئۇ ئۇقۇش پۇتۇرۇپ كەلگىلى خىلى ئايلار بۇلۇپ قالدى، ساۋاقداش ئارسىداچاي قىلىش خىلى ئەۋىج ئىلىپ قالغان بۇلۇپ ،كەچتە ئۇيدە ئۇلتۇرۇپ پاراڭلىشىپ كىلەتتۇق.بىر كۇنى ئادىل ماڭا ، مىھىرىبان بۇگۇن تايىر چاي قىپتۇ ،ساۋاقداشلار يىغىلىمىزكەن بىللە بىرىپ كىلەيلى دىدى ،بۇ سۇزنى نىم دىيىشنى بىلمىدىم .ئارقىدىنلا بۇلدى مەن خاتەمخان ئاچامغا ئۇزەم دەپ قۇيمەن دىدىدە ئۇيگە قاراپ ماڭدى.مەن بۇ كەچنىڭ چاققانراق كىرىشىنى تەقازالىق بىلەن كۇتكەندەك تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ،كەچمۇ كىردى قاراڭغۇمۇ چۇشتى. ئۇ بىزنىڭ ئۇيگە كىرىپ دىگەندىن كىيىن ئاپاممۇ قۇشۇلدى،كىچە ئاسمىنى نىمىدىگەن گۇزەل يۇلتۇزلاركۇكتە چىمىىرلاتتى ،ئايدىڭ دالا يۇلۇمىزنى يۇرۇتۇپ،قەدىمىمىزگە ھەمدەم بۇلاتتى .ئىككىمىز تىنىچ قەدملەر بىلەن  تايىرنىڭ ئويىگە  بىرىش ئۇچۇن سۇكۇت ئىچىدە كىتبارماقتىمىز،ئۇ مىھىرىبان ئايغا  قاراڭ نىمىدىگەن يىگانە ،ئۇ مۇشۇ تۇرقىدا يۇلتۇزلارغاقانچىلىك  ھەۋەس قىلىۋاتقاندۇ، بۇ دۇنيادا يالغۇز ياشىماق بەس تەسكەن ،مەن مەكتەپكە دادام ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىپ كەتكەندە ئۇغۇل بالا تۇرۇپ  يىغلىغان ئىدىم .شۇ چاغدا يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى بىلدىم .شۇڭا بارلىق مەۋجۇدات جۇپتى بىلەن يارالغان ئىكەندە دىدى ،مەن ئۇنىڭ كىپىگە جاۋابەن شۇنداق ئادىل يالغۇزلۇق شۇنچىىلىك مۇشكۇل  ،بەزىدە مۇشۇ ئايغا ئۇخشاش،يالغۇز ئۇتمەككە ئامال يۇق دىدىم .بىز پاراڭلا بىلەن تايىرنىڭ ئۇيگە كىپ قالغانلىقكىمىزنىمۇ بىلمەي قاپتۇق،ئۇينىڭ ئىچى ۋاراڭ چۇرۇنغا تۇلغان بۇلۇپ ساۋاقدەشلىرىمىز بىلەن بىردەقەمدە بۇلدۇق،ساۋاقداشلار بىلەن سىردىشىپ كۇڭلىمىزئىچىلىپ قالغان ئىدى. مانا ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالغان بۇلۇپ ھەمىمىز ئۇيگە مىگىشقا تەمشەلدۇق يەنى ئادىل ئىككىمىز بىر مەللىك  بۇلغاچقا يەنى بىللە قايتىشقا مەجبۇر بۇلدۇق بۇ قىتىم ئاسماندايۇلتۇزلار يۇقاپ مۇدىھىش كىچە قاراڭغۇ تۇننى ئەتراپقا يايغان قەلبىم قۇرقۇنۇش ئىسكەنجىسىدە تىڭىرقىماقتا.لىكىن قىشىمدا ئادىل بۇلغانلىكى ئۇچۇن غەم ئەندىشلىم يۇقالغان ئىدى .بىز يۇلنى بۇيلاپ كىتبارماقتىمىز .كىچە جىمجىتلىق ھۆكۇم سۇرگەن ئىدى. تۇساتتىن ئادىل مىھىرىبان قاراڭ ئۇ يەردە بىر نىم كۇرۇنۋاتىدۇ دىدى .پۇتۇن ھۇجۇدۇم تىرەك بىسىپ سۇغۇق تەرگە چۇمدىمدە ئۇنىڭ قۇلنى قانداقلاچە چىڭ تۇتىۋالغىنىمنى بىلمەيمەن .ئۇ چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم قۇرقۇپ كەتتىڭىزدە،مەن بار ، مەن بۇلساملا سىزنى مەڭگۈ قۇغدايمەن دەپ مىنى باغرىغا باستى.
نىم قىلۋاتىسىز ئادىل مەن مەن دىگىنىمچە ،ئۇنىڭدىن ئۇزەمنى قاچۇردۇم ،ئۇ مىھىرىبان ئۇنداق قىلماڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم بىز مەڭگۇ بىللە ئۇتەيلى دىدى،ياق بۇلمايدۇ مەن سىزگە راستىنلا ماس كەلمەيمەن ،سىز ئەمدى ئۇقۇش پۇتتۇردىڭىز،خىزمەت قىلىمسىڭىزبۇلمايدۇ ،ئۇ ھازىر ئۇرۇنلىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، مىھىرىبان بىز تۇي قىلايلى ،ئاسماندا چاقماق چىقىلغاندەك پۇتۇن ھۇجۇدۇم شۇركەنمەكتە ،ياق ئادىل بۇ مۇمكىن ئەمەس سىز دىگەن بىلەن ئۇيدىكىلىرىڭىزقۇشۇلمايدۇ .مىھىرىبان  بىلىسىز ئاپام ئاغرىقچان بۇلۇپ قالدى ،ئۇلارمۇ مىنىڭ چاققانراق تۇي قىلىشىمنى كۇتىۋاتىدۇ.مەن سىزنى چۇقۇم ئالمەن .بۇ سۇزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى بىلەلمىدىم چۇنكى ئۇ داڭلىق مەكتەپنى پۇتتۇرگەن تۇرسا مەن بىر بىچارىنى ئۇ راستىنلا ئالامۇ.مەن بۇلمايدۇ دىگنىمچە بۇرۇلۇپ ماڭدىم .كەينىمدىن تۇختاڭ مىھىرىبان مىنى خاتا چۇشەنمەڭ دىگىنىچە كەينىمدىن ئەگەشىپ كىلۋاتاتتى. مەن قۇرۇقۋاتىمەن قاراڭغۇ كىچىنىڭ قارا سايىسىدىن بىراق كۇڭلۇم بۇقۇرقۇشنى تۇگۇمەس سۇئاللارغا تۇگۇنچە قىلىپ قۇيغان ئىدى.ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك دەپ ئۇز ئۇزەمگە پىچىرلايتىم.ئارىدىن شۇنچە ئايلار ئوتتى ئۇمۇ خىزمەت كۇتكەش ئائىلىدە  دادىسغا  ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.ئاپىسىمۇ كىسەل دەستىدىن ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى.مەھەلىمىزدە بىز تۇغۇرلۇق گەپ سۇزلەرمۇ بۇلۇندى .بەزىلەر ئادىل بىلەن مىھىرىبان تۇي قىلىدىكەن.دىيىشتى .ساۋاقداشلىرىمىز قاچان تۇي قىلىسلەر دەپ بىزگە چاقچاق قىلاتتى .بۇلار مىنىڭ چۇشۇممۇ بىلمىدىم .ئارىدىن خىلى كۇنلەر ئۇتكەندە بىزنىڭ ئۇيگە ئادىلنىڭ ئەلچىلىرى كەپتۇ ،ئاپاممۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بۇلۇپ كەتتى .مەن قانداق قىلاي ئاپام بىر ئۇمۇر بىزنى دەپ نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى .ئۇخۇشاللىقى مىنىڭ خۇشاللىقىم ئەمەسمۇ .ئاخىرى بىز تۇي قىلدۇق .يىللار ھاياتقا نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كىتىدىكەن .مەھەلىمىزدىن چۇڭلار ئالەمدىن ئوتتى.مەنمۇ ئىككى بالنىڭ ئانىسى بۇلدۇم .يىللار يۇزلۇرۇمگە تارتۇقلارنى قالدۇردى .ئادىلمۇ ساقچىلققا ئىنتىھام بىرىپ يىزىمىزنىڭ ساقچىخانىسىغا خىزمەتكە چۇشتى.كۇنلىرىمىز،باياشات بۇلمىسمۇ بىز يەنىلا بەخىتلىك ئىدۇق .بۇ قىتىم ئادىل غۇلجا ناھيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا باشلىق بۇلۇپ كۆرسىتىلدى .مەنمۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى بار كۇچۇم بىلەن قۇللاپ بەردىم .ئۇ كىچىلىرى خىزمەت قىلسا مەن يالغۇز باللارغا ھەمرا بۇلدۇم .كۇنلىرىمىز مەنىلىك ئۇتمەكتە .ئادىلمۇ كىچە كۇندۇز ئىشلەپ ئۇيگە ئاز كىلەتتى .   ئۇلارغا ئۇيگە قايتىپ كىلدىغانغىمۇ پۇرسەت بۇلمايتى.كۇنلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن مەنمۇ بۇ تۇرمۇشقا كۇنۇپ قالغاندەك بۇلدۇم.ئىككى ھەپتە ئوتكەندىن كېيىن ئادىل قايتىپ كەلدى .ئۇنىڭ خىزمەت بىسىمى سەۋەبىدىن چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن ئۇرۇقلاپ قالغان ئىدى .ئۇ مىھىرىبان مىنى كەچۇرۇڭ مەن سىزنى يالغۇز قۇيدۇم يىقىندىن بىرى بالا يۇتۇش ئىشلىرى كوپىيىپ كەتتى .قاراڭ بۇرەسىمگە بۇ بال يۇتۇپ كەتكىنىگە بىر ئاي بۇلدى ،تىخىچە تىپىلمىدى .ھەي بىچارە بالا نەلەردىمۇ سەرگەندار بۇلۇپ يۇرگەنسەن .دەپ تىلفۇندىكى رەسىمگە قاراپ ئۇھ تاتتى .مەنمۇ رەسىمدىكى ئۇ بالنىڭ قاراپ ئاتا-ئاناڭ مۇشۇ تاپتا قانچىلىك ئازاپلىۋاتقاندۇ دىدى.ئۇ يەنە مىھىرىبان بۇلۇم دەرىجىلىك كادىرلار ئەتە بەش مىڭ يۇۋەن پۇلنى بالىلارنى قۇتقۇزۇش فۇندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلمىزكەن بۇ پۇلنى نەدىنمۇ تاپارمەن دىدى .راستىنلا بىزدە بۇنچە كۆپ پۇل يۇق ئىدى .مەنمۇ گەپ قىلمىدىم .ئۇياتاق ئۇيىگە كىرىپ كەتتى.مەن دۇسلۇرۇمدىن سۇراپ باقايمۇدەپ ھەر خىل ئۇيلاردا بۇلدۇم بىراق ھازىر ھىچكىمدە پۇل يۇق بەرمەسمىكىن ،ئاخىرى شەھەرگەكىرىپ سۈت قايماق سىتىش ئۇيىغاكەلدىم،ئەتىگەندە باللارنى مەكتەپكە يۇلغا سىلىۋىتىپ قۇلۇمغا چىلەكنى ئىلىپ سۇت قايماق يىغدىمدە كۇنا كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ شەھەرگە يۇل ئالدىم .سۇت قايماقلىرىم چۇشكە قالماي سىتىلىپ بۇلدى پۇلىمۇ خىلى ياخشى بۇلدۇ .شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزكۇچۇمگە تاينىپ پۇل تىپىپتىمەن . يەنى ئەتىگەن تۇرۇپ سۇت قايماق يىغىپ شەھەرگە ماڭدىم .يۇلدا ماشىنلاركۆپ بۇلۇپ ئاستا ماڭاتتى .بىز ناھىيىدىن چىقاي دىگەندە ساقچىلار ماشىنلارنى تۇسۇپ تەكشۇرۇۋاتقان ئىكەن .بىر ساقچى بۇياققا چۇشۇڭ تەكشۇرەيمىز.ئاۋۇ نىمۇ دىدى.بۇ سۇت بۇنى تەكشۇرۇپ نىمە قىلىسلەر دەپ ئۇلارغا بۇي سۇنمىدىم .ساقچى قۇلۇمنى سۇرەپ ماشىنىدىن چۇشەردى .مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ كەتتىم .ئارىدىن ساقچى باشلىق بىر ئايال خىزمىتىمىزگە كاشىل قىلۋاتىدۇ .بۇنى قانداق قىلساق بۇلا دىدى.ساقچىلار ئىككى قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرماقتا .كىيىن چۇڭ ئاق ماشىن كەلدى .ئۇزەمگە ئىشەنمىدىم ماشىنىدىن چۇشۋاتقان ئادىل ئىدى .كىمكەن ئۇ سىلەرگە بۇي سۇنمىغان ئەنە باشلىق ئۇ ئەنەدىدى مىنى كۇرسۇتۇپ ،ئادىل ئاستا يىتىپ كەلدى .ئۇز كۆزىگەئىشەنمىگەندەك مىھىرىبان بۇ سىزمۇ بۇيەردە نىم ئىش قىلىپ يۇرسز.زادى نىم ئىش .مىنى قۇيۋىتىڭلا مەن باشلىقنىڭ ئايالى مىنى قۇيۋىتىڭلا دىدىم .ئادىل مىنى كەچۇرۇڭ مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدائىنتايىن خىجىل مەن.مىنىڭمۇ سىزدىگەندەك ئاشۇ نەرسىدىلەرگە ياردەم قۇلۇمنى سۇنغۇم بار.سىز شۇلارئۇچۇن جان كۇيدۇرۇپئىشلەۋاتسىڭىز،مەن قاراپ تۇرسام بۇلماس،شۇڭا شەھەرگە كىرىپ سۇت سىتىش،قارارغا كەلدىم .تۇغرا ياردەم قىلغۇغىز؟ياخشى ئىش،بىراق سۇتكە باشقىلار زەھەر،سىلىۋەتسە مەن قانداق قىلمەن باللارچۇ ئۇلار قاندۇق .بۇ چاغدا كۇزۇمنى ياشلاريالتىراپ چۇشمەكتە،ئادىل مىنى باغرىغا بىسىپ بۇنداق ئاخمىخانلىق قىلماڭ دىدى ئەتراپ جىمىپ كەتكەن بۇلۇپ،ئەتراپدىكىلەر ئىناقلىق مىھىرى مۇھەببەتىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى چۇشەنگەندەك بۇلدى .
     





929 قېتىم كۆرۈلدى ئامانتاي سۇلتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-10 21:24:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-17 3:14:27 zaynura
ahiri taza yahxi qikmidimu kandak...yaki ozamdiki masilimu
2016-11-14 20:12:14 ئەلى
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ