ئاشنا تۇتۇپ ھەممە نەرسىگە تويغان ئايال
ھەسەنجان
شەمشىدىن مەس ھالەتتە كارۋاتتا سۇنايلىنىپ يېتىپ، بىر سى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى . ئۇ تىلفۇننىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەچكە، ئۆيگە ئايالىنىڭ كىرىپ كەلگەنلىگىنىمۇ سەزمىدى:
-ماڭا قارا خۇماخان جىنىم، ئاپاڭنى بىر ئامال قىلىپ ئۆيىگە كەتكۈزۋەت. سېنى بەك سېغىندىم. بۈگۈن كۆرۈشمىسەك قەتئى بولمايدۇ.
-ئەتە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان مۇھىم ئىشىم بار دىدىمغۇ ؟
- ئۇنداق بولسا، ئۆيدىن چىقىدىغانغا بىرەر بانا تاپمامسەن.
- ھەببەللى، ماۋۇ گېپىڭ جايىدا.
- ئاپاڭغا ئىدارىدا ئىسمىىنا قۇشۇپ ئىشلەيمەن دېگىن.
-ئەمسە كېلىشتۇق. سائەت 8دە سېنى ئالغىلى بارىمەن.
-خوش ئاپپىغىم، خوش جېنىم.
شەمشىدىن تىلفۇننى ئەتتى. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىگە ھۈمۈيۈپ قاراپ تۇرغان ئايالى پاتىمەنى كۆردى.
-ھەي ئوڭشالمايدىغان قېرى بۇزۇق، كونا كېسىلىڭ يەنە قوزغۇلۇپتۇ ھە سېنىڭ ؟ ئىست نىمە پوقۇمنى يەپ سەن ھايۋان بىلەن توي قىلىپ قالغاندىمەن !
-ھەي، نىمە ئادەمنى تىللايسەن ؟ مەن دوستلۇرۇمغا تىلفۇن ئۇرىۋاتىمە.
-مېنى ساراڭ كۆرۈپ قالدىڭما ؟ دوستلىرىڭنى جېنىم، ئاپپىغىم دەپ كېتەمسەن ؟ ھەزلەكمۇ -يا سەن؟
پاتىمەنىڭ بۇ سۆزى شەمشىدىننىڭ دەر غەزىۋىنى كەلتۈردى .
-ئاناڭنى!
شەمشىدىن پاتىمەنى ئۇرماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. پاتىمە ئشنىڭ چاتاقلىغىنى پەملەپ ئىشىككە ئۆزىنى ئاتتى. شەمشىدىن كارۋاتتىن چۈشۈپ، ئايىغىنى كىيىپ، ئىشىكنى ئاچتى. پاتىمە ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى ."بۇ قانجۇق چوقۇم خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مۈكۈۋالدى ."دەپ ئويلىدى شەمشىدىن. چۈنكى پاتىمە ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ بارمايتى. چۈنكى پاتىمەنىڭ ئاتا ئانىسى قىزىلىرى يامانلاپ بارسا شۇ زامان ئېرىنىڭ ئۆيىگە كەتكۈزىۋېتەتتى . "خەپ، ئاخشاملىققا قايتىپ كېلىپ ئەدىۋىڭنى بەرمىسەم ! " دەپ غودۇڭشۇپ، ماشىنسىغا چىقتى.
شەمشىدىن كۆپ ھاللاردا ئاشنىسى بىلەن ئاشنىسىنىڭ ئۆيىدە كۆرىشەتتى. بۈگۈن ئاشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئانىسى بولغاچقا ئۇنى باشقا يەرگە ئاپىرىشى كېرەك ئىدى ."نەگە بارساق بولا ؟ "دەپ ئويلىدى شەمشىدىن. بىردىن ئۇنىڭ خىيالىغا بىنادىكى ئۆيى كەلدى. شەمشىدىنلارمۇ باشقىلاردەك يازدا پىڭفاڭ ئۆيىدە، قىشتا بىنادىكى ئۆيىدە تۇراتى. شەمشىدىن ئاشنىسىنى بىنادىكى ئۆيىگە ئاپارماقچى بولدى.
پاتىمە ئەلەم ھەم ئاچچىق بىلەن ئۆيدىن چىقتى. ئۇ شەمشىدىننىڭ سىرتتىن ئاشنا تۇتىۋالغانلىغىنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەن بولسىمۇ، نۇمۇس قىلىپ بۇ ئىشنى ھىچكىمگە دىيەلمەيتى. ئاجىرىشىپ كېتىمەن دەپ چوڭ ئۆيگە يامانلاپ بارسا، بالاڭنى يىتىم قىلما ئۆيۈڭنى تۇت دەپ كەتكۈزىۋېتەتتى. بۈگۈن ئۇ ھەممە ئىشنى ئۆزىدىن بىر ياشلا چوڭ ھەدىسىگە دېمەكچى بولدى. ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە بارسا گەپنى يېزنىسى ئاڭلاپ قالاتتى. شۇڭا ئۇ ھەدىسى بىلەن بىنادىكى ئۆيىدە پاراڭلىشىشنى لايىق تاپتى. ئۇ ھەدىسىگە تىلفۇن قىلغاچ بىر تاكسىنى توسۇپ چىقىۋالدى.
شەمشىدىن سائىتىگە قاراپ، ئەمدى ماڭسام بولغىدەك دەپ ئويلاپ ماشىنسىنى ئوت ئالدۇردى. شەمشىدىن ماشىنسىنى ھەيدەپ ئاشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان كوچا ئېغىزىغا كېلىپ توختىدى. ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بويى ئېگىز، ئاھۇ كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان، قاملاشقان بىر ئايال كوچىدىن چىقىپ ماشىنىغا چىقتى.
-ھەي، بۈگۈن زادى ساڭا نىمە بولدى؟ خوتۇنۇمنى مانە قويىۋېتىمەن، ئەنە قويىۋېتىمەن دەپ كەينىگە سۆرەيسەنۇ ؟ بىر كۈن ساقلاشقا چىدىمامسەن؟
ئانام كېتىمەن دەپ تۇرۋېلىپ بىر سائەت تۇرۇپ قويۇپلا قايتىمەن دەپ ئاران ئالدىدىم.
-ساڭا دىدىمغۇ، سىنى بەك سېغىنىپ كەتتىم دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە ئۈرۈمچىگە كەتسەم بىر ھەپتىسىز كېلەلمەيمەن.
-سېغىندىغان ئادەم، خوتۇنۇڭنىڭ ئىشتىكراق خېتىنى بەر.
-بۈگۈن ئاخشام، ئۇ قانجۇقنى بەك ئۇرىۋېتىمەن.
-نىمىشقا ؟
-مېنى ھەزلەك دەپ تىللاۋاتىدۇ .
-يېتىپ قالغۇدەك ئۇرساڭ، ئاتا -ئانىسى قىزىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
-شۇنداق قىلمايمۇ بولمىغىدەك.
-ماڭە ساراڭ . ھى ھى ھى ...
- ھا ھا ھا .. شەمشىدىن بىلەن خۇماخان سوڭدۇشۇپ بىناغا چىقتى. شەمشىدىن بىر ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئاچتى. ئۆيگە كىرىپلا ئاشنىسىنى قۇچاغلاپ سۆيگىلى تۇردى.
-ۋاي -ۋۇي بىردەم دېمىمنى ئېلىۋالايچۇ !
-سىنى سېغىنىپ ئۆلەي دىدىم جىنىم. دەل شۇ ۋاقىتتا ياتاق ئۆينىڭ ئىشىگى ئىچىلدى. شەمشىدىن بىلەن خۇماخان پاتىمە بىلەن پاتىمەنىڭ ھەدىسىنى كۆرۈپ داڭ قاتقىنچە تۇرۇپ قالدى. ئاچا - سىڭىللار ئېتىلىپ كېلىپ خۇماخاننى ئۇرۇپ كەتتى .....
خۇماخاننىڭ ئۆيىدە پاتىمە، پاتىمەنىڭ ھەدىسى، شەمشىدىننىڭ ھەدىسى ئۆرە تۇراتى. يۈز كۆزلىرى كۆكەرتىۋېتىلگەن، چاچلىرى پاخپايغان خۇماخان ئىش ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇراتى.ياندىكى ئۆيدە بىر ئايال يىغلاۋاتاتى . خۇماخاننىڭ ئالدىدا بىر ۋاراق قەغەز بىلەن بىر تال قەلەم تۇراتى. پاتىمەنىڭ ھەدىسى خۇماخاننىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى:
- ھەي پاسكىنا بۇزۇق، ئامۇت ئالغان خۇجۇندەك ئولتۇرىسەنغۇ ؟ تەشكىلنىڭ ئاللدىغا بارامدۇق -يە ؟
-ياق ،مەن ..مەن يازاي .
-ھە ئەمسە يازە .
خۇماخان يېزىپ بولۇپ قەلەمنى قويدى.
-نىمە دەپ يازدىڭ ئوقۇ . خۇماخان لېۋىنى چىشلەپ قەغەزنى قولىغا ئالدى:
-مەنكى خۇماخان شەمشىدىننىڭ ئائىلىسى بارلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولدۇم. بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋېتىمنى قەتئى ئۈزىمەن.
پاتىمەنىڭ ھەدىسى خۇماخاننىڭ قولىدىن تىلخەتنى ئالدى. قاس -قۇس قىلىپ ئۇنى ئىككى تەستەك سالدى:
-ھۇ پاسكىنا، بۇ تىلخەت بىلەن ئىككى تەستەكنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. ئىككىنجى سىڭلىمنى بوزەك قىلىپ باقە قېنى !
1558 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-11 16:11:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-15 0:09:56 | Buhayat |
Taza yahxi qekmaptu |
2016-8-22 23:07:34 | ×××× |
bak pai zi yezep sez azer ki jamiyatka bak quxu dikan |
2016-8-15 15:03:31 | مەردان |
بۇ ھىكايە ئانچە باغلىنىشلىق بولماپتۇ تومتاق ھەم بەك قىسقارتىلما بولۇپ قاپتۇ چۈشۈنۈكسىز |
2016-8-15 15:03:31 | مەردان |
بۇ ھىكايە ئانچە باغلىنىشلىق بولماپتۇ تومتاق ھەم بەك قىسقارتىلما بولۇپ قاپتۇ چۈشۈنۈكسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|