جىن چاپلاشقا قىز 3-قىسىم
گۈلنۇر
مەن ئۆي ئىشىلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتىم كەيپىياتىم خۇددى ھاۋا رايىنغا ئوخشاش بىر كۈندە نەچچە خىل ئۆزگىرىپ تۇراتتى تۇيىقسىز ئىككى پۇتۇمدا جان يوق مىڭىشقا كۆزۈم يەتمەيتتى نەپەس ئىلىشىم تەسلىسىشكە باشلىدى بۇ ئېغىر تەنلىرىمنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە كۆتۈرەپ قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ياتاق ئۆيۈمگە ئاران كىردىم ،
شۇ ئەسنادا مىنىڭ ئارقامدىن بىر ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى مەن ئىشىكە يولدۇشۇم كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭ يولغا تەلمۇرۇپ ئولتۇراتتىم ئاياق تىۋىشى يىقىنلاپ كەلدى ئىشىكدىن كىردى مەن ئەس ھوشۇمنى يوقۇتۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قالدىم ئۇ مەن تەرەپكە كەلدى مەن يىغلاشقا باشلىدىم ئۇ شۇنداق تېز غايىپ بولدى ئۇ قەيەرگە كەتتى قورسۇقۇمنىڭ ئىچى لۆمىلدەشكە باشلىدى گېلىمنى بىر نەرسە چىڭ قىلىپ بوغىۋالغان ئىدى ،
ئارقامدىن كەلگەن ئاياغ تىۋىشى ھەم مەن تەلمۇرۇپ يولغا قارىغان ئادىمىمنىڭ ئورنىغا مىنى ئىچىل قوغلاپ ئازاپلاپ كېلۋاتقان شۇ كۆلەڭگە كەلگەن ئىدى ھەم مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ كۆزۈمنى يۈمۇپ ئاچقىچە غايىپ بولغان ئۇ كۆلەڭگە مىنىڭ ئىچىمدىن ئورۇن ئىلىۋالغان بولۇپ ماڭا سەكىرات ئازابىنى كۆرسىتەتتى شۇ ئاردا يولدۇشۇم قىلۋاتقان ئىشنى تاشلاپ مىنىڭ يىنىمدا پەيدا بولدى يولدۇشۇم مەن ئارقىلىق مىنىڭ ئىچىمگە كىرگەن شۇ قان شورىغۇچى ۋەھىمىلىك كۆلەڭگە بىلەن پاراڭلىشاتتى .
مىنىڭ بۇ ئازابىمنى ھىچكىم چۈشەنمەيتى مەن ھەم بۇنى ئاددىغىنا تىلىم ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتىم .مەن بىردەم پاراڭلىشىپ بولۇپلا تۇيۇقسىز بىر گاچىغا ئۆزگەردىم بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن ئائىلەمدىكلەر نىمە قىلشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان ئىدى شۇ تەرىقىدە قىينىلىش بىلەن بىر تۈننى ئۆتكۈزدۇم سەھەردە گەپ قىلىپ قالارمەن دىگەن ئۈمىد بىلەن ئىدىم ئەپسۇس يەنىلام گەپ قىلالمىدىم ئەمدى نىمە ئامال مەن سىرىتقا چىقماسلىقنى ھەم ھىچكىم بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى تىلفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق يولدۇشۇمغا يەتكۈزدۇم ئۇ ماڭا تەسلىي بىرىپ مىنى خوش قىلىشقا تىرىشاتتى مەن ئۇنىڭغا قاراپ يەنە سىرىتقا چىقىشنى قارار قىلدىم ئاپام نان يىقىش ئۇچۇن ناۋايخانىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى مەن قىزىمنى يۆتلەپ تىلسىز بىر ئىغىز گەپ قىلماي گاچا ھالەتتە يۈرەتىم چۈشتە تاماق ئىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتاتتىم بىرسى سۇئال سورسا جاۋاب بىرەلمەي بەك قىينىلاتىم مىنىڭ ئىشارىتىمنى باشقىلار چۈشەنمەيتى ئىچىمنى بىر نەرسە قىينايتى مەن كىلىنلىك بۇرىچىمنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن لىۋىمنى چىشلەپ يالغان تەبەسسۇم بىلەن ئىشىمنى قىلاتىم مىنىڭ بۇ ھالىمغا ئۇلار بەك ئىچىناتتى ،چۈشلۇك تاماقنى يەپ قاچا -قۇچۇلارنى بىسىقتۇرۇپ يەنە ھوجىرمغا كىرىپ ئۇنسىز ياش تۆكەتىم ئۇ بۇ كىرىپ ماڭا تەسلىي بىرىپ چىقىپ كىتەتتى مەن ئىچىمد مىنىڭ ئىچىمدە ئورۇن ئالغان شۇ قارا كۆلەڭگە بىلەن پاراڭلىشاتىم ئۇنىڭغا يالۋۇراتىم ئۇنىڭ سۆزنى ئۇچۇر ئارقىلىق يولدۇشۇمغا دەيتىم بىز ئۇنىڭ چىقىپ كىتىشنى كۈتۈپ ئولتۇراتۇق تۇيىقسىز ئىككى پۇتۇم تاياقتەك قىتىپ قالدى بۇ ئەھۋالنى يولدۇشۇمغا دىدىم ئۇ مىنى ئاستا كۆتۈرۇپ ئوۇن راسلاپ ياتقۇزۇپ نىمە قىلشنى بىلمەي ئەتىراپىمدا پەرۋانىدەك ئايلىناتى بىز كەچ كىرىشنى كۈتۇق بەش سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ ھەممە يىرىم يىڭنە سانجىغاندەك قاتىق ئاغىرىيتى كەچ بولدى مەن ئۆزگەردىم كۆزۈم ئىتىكلىشىپ ئەتىراپقا قارايتىم مانا ئۇلار كىلىشكە باشلىدى شۇ كۆلەڭگە جىقىيىپ ئەتىراپىمنى قاپلىدى مەن ئاستا -ئاستا مىدىرلاپ ئۆزۈمنى ئۇ بۇلۇڭغا ھەم بۇ بۇلۇڭغا ئاتاتىم مىنى ئەتىراپىمدىكى شۇ كۆلەڭگىلەر ھەر تەرەپكە تارتاتتى يولدۇشۇم مىنى قورقماسلقا دەۋەت قىلىپ مەن بىلەن ھەپىلشەتتى گەرچە ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسمۇ ياخشى گەپ قىلىپ ئۇلارغا سۆزلەيتى مەن بولسام ئۇلارنى كۆرۇپ ئۇلار بىلەن ھەپىلىشىپ مەندىن يىراق تۇرشىنى ئىيتىپ نىملارنىدۇر دەپ باشقا ئۆزۇم بىلمەيدىغان تىل بىلەن پارڭلىشىپ يىغلايتىم مانا ئۇلار ئىچىمدىكنى مىنى گاچا قىلىپ قويغان شۇ كۆلەڭگىنى بىلە ئىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتى بۇ نەچچە سائەتلىك ئىلىشىش نەچچە سائەتلىك قىينىلىش نەچچە سائەتلىك سۆھبەت بىلەن ئۇلار كەتتى مەن تارتىشىپ قاتلىشىپ ھوشسىز ھالسىراپ ياتاتىم يولدۇشۇم بولسا بىشىمنى سىلاپ ئۇلۇغ ئىگەمدىن ياخشى تىلەك تىلەپ ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى .
مانا ئۇ قارا كۆلەڭگە كۈندىن -كۈنگە جىقىيىپ ماڭا ھەمراھ بولدىغانلا كۆپۈيۈپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ يۇردىغان بولۇپ قالدى مەن بولسام شۇ ۋەھىمە ئىچىدە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ باشقىلارنىڭ مىنى نىمە دىگەنلىكنى ئۇلارنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلۋاتقىنىنى ئۆيدە تۇرۇپ شۇ كۆلەڭگىنىڭ يەتكۈزىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ يۈرۋاتىمەن ،نىمە دىگەن ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلاردۇ بۇ مىنى يەنە قانداق قىسمەت كۈتۇپ تۇرغاندۇ ·
بۇ توغرىسىدا مىنىڭ ئارقامدىن نۇرغۇن پىتنە پاساتلار چىقتى بەزەن يىقىنلىرىم ئالدىمدىن زەھەردەك گەپ قىلىپ يۈركۈمگە توختىماي كۆيۈپ تۇرىدىغان ئوتنى سىلىپ ئىچىمنى لەختە قان قىلدى بەزىلەر ئالدىمدا لولا كۈلكىسىنى كۈلۈپ ئارقامدىن خەنجەر سانجىدى مەن ھەمىمىنى يۈركمنىڭ قات -قىتىغا سىڭدۇرۇپ قويدۇم چۈنكى مەن ئۈچۈن كىچە -كۈندۈز قان قان يىغلاپ ياش تۆكىۋاتقان ئانام ئۈچۈن ،ئەتىراپىمدا مىنى خوشال قىلىش ئۇچۇن پەرۋانا بولۋاتقان قىرىنداشلىرىم ئۈچۈن ،ۋىلىق -ۋىلىق كۈلۈپ ئانا مىھرىگە تەشنا بولۇپ تۇرۋاتقان قىزىم ئۇچۇن ،مىنى دەپ جاپا تارتىپ مىنى قولاپ مىنىڭ ساقىيىشىمنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئەشۇ قەدىردان،ئەشۇ ئەزىزلىرىم ئۈچۈن ھەممىگە چىدىشىم بەرداشلىق بىرىشم كىرەك ئىدى ،
مىنى ھەر تەرەپتىن قىيناۋاتقان ھەر تەرەپتىن بىسىم قىلۋاتقان شۇلار مىنى نىمە ئۈچۈن ئۆز ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقمايدىغاندۇ ماڭا نىم ئۈچۈن ئاراملىق بەرمەيدىغاندۇ نىمە ئۈچۈن ھايات پەيزىنى سۈرۈشۇمگە ئىللىق ئائىلىنىڭ مىھرىنى ھىس قىلىشىم ئۈچۈن پۇرسەت بەرمەيدىغاندۇ ھەي ۋەھىمىلىك تۇرمۇش ئەي مىنى قىيناپ ماڭا ھەمراھ بولۋاتقان شۇ كۆلەڭگىلەر سىلەردىن قۇتۇلغۇم بار مەندىن يىراق تۇرۇڭلار .
820 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-20 17:17:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-25 18:26:34 | kalbinur |
yahxi yizipsiz |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|