پۇرىغان جەسەت (پوۋسىت) 2 - قىسىم - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

پۇرىغان جەسەت

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( پوۋسىت  ) 2 - قىسىم 

  

 بۇنىڭدىن يىگىرمە ئۇچ يىل مۇقەدەم ،تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبىدىكى چەت ، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋەكلىرىدىكى بىر ئائىلىدە بىر ئانا تولغاق ئازابى تارتىپ قاتىق ئىڭراۋاتاتتى ، بۇ ئۆيگە قۇلۇم ـ قوشنىلار كىرىپ بۇ ئۆينى تىخىمۇ جاللاندۇرىۋەتكەن ئىدى. بۈگۈن ھاشىم ئاكىنىڭ كۆڭلى شۇنچە دەكە ـ دۈكە بولۇپ ھويلائىچىدە ئۇياقتىن ـ بۇياققا مىڭىپ يۈرەتتى چۈنكى بۈگۈن ئۇنىڭ ئايالى ئاسىخان ھەدە ھاشىم ئاكا نىلەن توي قىلىپ ئىكىنچى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن بۇ ئۈچ كۈندىن بىرى تولغاق ئازابى تارتىپ ئۆلۈم بىلەن ھايات ئوتۇرۇسىدا ئەزرائىل بىلەن ئىلىشۋاتاتتى .

  بۈگۈن ئاسىخان ھەدىنىڭ تولغاق ئازابى شۇنچىلىك قاتىق ئىدىكى،ئۇنىڭ ئاۋازىنى بىر ـ ئىككى كىلومىتىر دائرېدى قوشنىلارنىڭ ھەمىسى ئاڭلىغان ، ھەمدە بۇ مىھرىبان، مىھماندوس قوشنىسىنىڭ تۇغۇتىغا ياردەملەشكىلى بۈگۈن ئەتىگەندىلا كەينى ـ كەينىدىن كىلىشكەن ، مەھەللە ئەرلىرى بولسا بۈگۈن نامازدىن يىنىپلا ھاشىم ئاكىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىلىپ بۇ مەزنۇم ئايالنىڭ تۈغۇتىغا ئاسانلىق بىرىشىنى ئاللاھدىن تىلەشكەن ئىدى .

  ھاشىم ئاكا ئەتىگەندىن بىرى ئىغىزىغا بىر بۇردا نان ، بىرەر يۇتۇم سۇمۇ ئالمىغان ، تا ھازىرغىچە ئايالى ياتقان ئۆينىڭ ئالدىدا ئۇيان ـ بۇيان مىڭىپ يۈرەتتى. ھويلىنىڭ غەرىپ يەرىپىگە جايلاشقان ، ئىشىكلىرىگە  قىزىل پەردە تارتىلغان ئۆيدىن بولسا ئاسىخان ھەدىنىڭ تولغاق ئازابىغا چىدىماي قاتتىق ئىڭراشلىرى ئاڭلىناتتى ، بىر قىسىم ئايال قوشنىلارنىڭ بەزىلىرى ئاسىخان ھەدىنىڭ ئىشلىرىغا قاراشقان،بەزىلىرى ھويلا ـ ئاراملارغا سۇ سىپىۋاتقان ئىدى.

ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سۇپىدا بىر قانچە ئەركىشىلەر پاراڭ سىلىپ ئولتۇراتتى. كۈن چۈشتىن ئۆتكەن ۋاقىت، ھاشىم ئاكا قاتارلىق بىر قانچەيلەن تەھەرەت ئىلىپ پىشىن نامىزى ئۆتەۋاتقان ۋاقىتتا ئاسىخان ھەدە ياتقان ئۆيدىن بىر بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ھاشىم ئاكا نامىزىنى تۈگۈتۈپلا ئۇ ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگرۈپ كىرىپ كەتتى ، بىردەمدىن كىيىن ئاق ئەدىيالغا

ئورالغان بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە :

ـ تۇغۇلدى ، قاراڭلار ، مېنىڭ پەرەشتە قىزىم تۇغۇلدى ،ــ دىدى دە ،ئۆز خوشلىقىدىن مارجاندەك ياشلىرى تۆكىلىشكە باشلىدى. قوشنىلارنىڭ ھەمىسى يىغىلىپ بۇ « پەرىشتە »بوۋاقنى مۇبارەكلىدى . ھاشىم ئاكا خۇشللىقىدىن بىريىل ئىلگىرى ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كېسىپ كەلگەن ئىككى ھارۋا ئوتۇننى سىتىپ ئالغان بىر قوچقارنى ئۆلتۈرۈپ قان قىلىپ مەھەلىگە نەزىر بەردى . يۇرت ئەھلى بۇ يىڭى مىھماننى تەبرىكلەپ ، ئۇنڭغا بەخىت تىلەپ دۇئا قىلىشتى .

  سائەت ـ سائىتنى ، كۈن ـ كۈننى ، يىل ـ يىلنى قوغلۇشۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ يۇرۇتتا بەش قىتىم ئۆرۈك چىچەكلەپ ، بەش قىتىم دەرەخلەر يوپۇرماق تاشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى يىلى تۇغۇلغان « پەرىشتە » بوۋاق  بەش ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى . ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاكىىنىڭ ئىسمىغا مەنىداش قىلىپ رازىيە دەپ ئىسىم قويۇلغان ، ھەم مىھرىبان ،ئاق كۆڭۈل ھاشىم ئاكا بىلەن ئاسىخان ھەدىنىڭ پەپىلەپ بىقىشى نەتىجىسىدە  رازىيەنىڭ چۈچۈك تىللىرى چىقىپ ، كغندىن كۈنگە ئوماق ، چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئاكىسى رەھىمجان بولسا بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرىپ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئاز تولا ياردەملىشىدىغان ، دادىسى ئوتۇن كەسكىلى چىقاندا ئۇنىڭ قولىغا ـ قول ، پۇتىغا ـ پۇت بولىۋاتقان ئىدى . رازىيە بولسا ئاسىخان ھەدىنىڭ ياماقچىلىق ئىشلىرىغا يىقىندىن ياردەملىشىپ بىرىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نىرى كەتمەتتى . ئۇلارنىڭ بۇ ئائىلىسى شۇ ھاشىم ئاكا  بىلەن ئاسىخان ھەدىنىڭ ئوتۇن كىسىپ ، ياماقچىلىق قىلىپ تاپقان ئازغىنە پۇلىغا قاراشلىق بولسىمۇ ، لېكىن بۇلار ھەقىقەتەن ئىناق ئۆتەتتى .

  رازىيە ئالتە ياشقا توشقان يىلى ، تۇيۇقسىز بۇ ئائىلىگە شۇملۇق كىلىپ بۇ ئىناق ، بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ئارامىنى بۇزدى . ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ، ئۆي ئالدىدىكى كىچىك ئىرىق بويىدائويناۋاتقان رەھىمجان تۇيۇقسىزيوقاپ كەتتى كەچ كىرىشى بىلەن كۆڭلى بىرشۇملۇقنى سەزگەن ئاسىخان ھەدەقوشنا ـ قۇلۇملارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىزدەپ تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئۆزىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ باقمىغان يۈرەك پارىسىنىڭ كىلىشمەسلىككەئۇچراپ يوقاپ كەتكىنىنى  بىلىپ يۇم ـ يۇم يىغلاپ يۈرۈپ ئۈچ كىچە ـ كۈندۈز ئۇنى ئىزدىدىيۇ ئەمما ئۇنى تاپالمىدى . بۇ كۈنى رازىيەمۇ تەمتەك قەدەملىرى بىلەن بار ۋاقتىدا قىرقىتىپ ئوينايدىغان، ھەر دائىم كىچىك ئىشلارنى دەپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئەمما ، بىردەمدىلا يەنە بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئاكىسى رەھىمجاننى شۇنچە ئىزەپمۇ تاپالمىدى .

  ئەسلىدە ، بۈگۈن رازىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە ناھىيە بازىرىغا كىرىپ بىر پارچە رەسىمگە چۈشكەن ھەمدە، ھاشىم ئاكا ئەتىدىكى ئوتۇنلارنى كىمگە سىتىشنىڭ يولىنى قىلىپ چىقىشقان ئىدى كىم بىلسۇن ھاشىم ئاكا بىرئاشخانا خوجايىنى بىلەن ئەتىدىكى ئوتۇن ئىلىپ كىرىش سۇدىسىنى قىلىشىۋاتقىنىدايىڭىدىن شېئەن شەھىرىدىن بۇ ياقا يۇرۇتقا بالا ئىلىپ سىتىشقا چىققان ئىبراھىم بۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالىدۇ دە ، بۇ ھالال تۇرمۇشلۇق ئوتۇنچىنىڭ ئىككى بالىسىغا كۆز تاشلايدۇ، ھەم ھاشىم ئاكا بىلەن خوجايىنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ھىچ كىشىگە چاندۇرماي ئاڭلاپ بۇ ئەخمەق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى ، ئۆيىنىىڭ ئەھۋالىنى ئوتۇنچىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايدۇ دە ، كۆڭلىگە بىر شۇملۇقنى پۈكۈپ ئۇلارنى ئالدى تەرەپتىكى دوقمۇشتا ساقلاپ تۇرىدۇ . ھاشىم ئاكا ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى ئىلىپ ئىشەك ھارۋىسى بىلەن دوقمۇشقا ئەمدى كىلىشىگە ئىبراھىم :

ــ ھاشىم ئاكا، مېنى مەھەلىگىچە ئالغاچ كىتىڭە، ــ دەپلا ھارۋىدىكىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ھارۋىغا چىقىدۇ ، ھەمدە ئۆزىنى ھاشىم تاغا بىلەن بىر مەھەلىلىك قايسى بىرىنىڭ ئوغلى مەن ، ئىسمىم  تۇرسۇن ، مەن ئىچكىرىدە سۇدا ـ سىتىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن ، ھازىر يۇرتۇمغا، ئاتا ـ ئانامنىڭ يىنىغا كىتىپ بارىمەن دەپ تونۇشتۇرىدۇ. ھاشىم ئاكابولسا بۇ يولۇچىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنى مەھەلىگىچە ئىلىۋىلىشقا ماقۇل بولىدۇ. يولدا ئىبراھىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تازا كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ بىرىدۇ ، تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە بۇكىچىك يۇرتتىن چىقىپ باقمىغان بۇ بىرئائىلە كىشىلىرى بۇيىڭى يۇرتدىشىنىڭ گەپلىرىنى زوقمەنلىك بىلەن ئاڭلاپ ئون كىلومىتىرلىق يولنى قانداق قىلىپ بىسىپ ئۆز مەھەلىسىگە كىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلمىيلا قالىدۇ .   مەھەلىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىبراھىم مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي دەپلا مەھەللە بىشىدىلا چۈشۈپ قالىدۇ ، ھەمدە يىنىدىن مەرتلەرچە يۈز يۈەننى ئىلىپ ھاشىم ئاكىغا :

ـ مە ، ھاشىم ئاكا ، بۇ يول كىرايىڭىز ،ـ دەپ تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ . نەچچە كۈن ئويۇن كىسىپمۇ بۇنچىلىك پۇل تاپالمايدىغان ھاشىم ئاكا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتىن تىڭىرقاپ بىردەم تۇرۇپ قالىدۇ دە ، تاكى ھازىرغىچە ھالال رىزىقى بىلەن ياشاپ كەلگەن بۇ ئوتۇنچى دەرھال ئەقلىنى تىپىپ ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇدۇ دە ، سۇدىگەر تۇرسۇن كەتكەن

تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. لېكىن ئۆزپىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشقىنىنى بىلىپ دەرھال كىيىنكى پىلانغا تۇتۇش قىلغان ئىبراھىم بولسا ئۇ ھالال تەر بىلەن ياشاپ كەلگەنلەرنىڭ پىلانىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى دەرھال قوناقلىققا يوشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىش ـ ھەركىتىنى كۈزىتىۋاتقان ئىدى . 

  ..... داۋامى بار 





661 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 17:06:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-29 0:23:40 nafisa
نېمانداق ئەسەرلەرنىڭ بېشىنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى تېزراق يازمايسىلەر ھەئە. ئادەمنى تەقەززا قىلىپ، ئىككى كۈن بولدى يېڭىسىنى يوللىمىدىڭلارغۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ