بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 4-قسىىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 4-قسىىم


ئاپتۇرى :تۇرغۇن سايرامى
شۇنداق قىلىپ كۈنلىرىم ئۇنىڭ تېلفونىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتتى ، ئۇنىڭ ماڭا دىگەن گەپلىرنى قايتا -قايتا ئويلاندىم ، بۇندىن كىيىن قانداق ياشىشىم كىرەك ؟ - دىگەن سۇئاللارنى ئۆزۈمگە قۇياتتىم كىچىلىرى ئۆكۈنۈش ، ئازاپلىنىش بىلەن ئاللىقانداق خىياللارغا چۆكۈپ ئۆزۈمنىڭ قايسى ۋاقىتتا قاچان ئۇيقۇغا چۆمگىنىمنى بىلمەي قالاتتىم ئەمما ھەر بىر كۆرگەن چۈشۈم رىئاللىقتەك ئېنىق ئېسىمدە قالاتتى بەلكىم ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم ياخشى بولسا كېرەك ::- بولمىسا 5 يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ ئەينەن يېزىپ بولالمىغان بولاتتىمدە!
چۈشلىرىممۇ شۇنچىلىك شېرىن مەن نىمىنى تەسەۋۇر قىلسام تەسەۋۇرۇمدىن ئېشىپ دىگۈدەك رەڭگارەڭ چۈشلەرنى كۆرۋاتقان ئىدىم ، توۋا!- ئەجىبا مىنىڭ تەقدىرىم چۈشتىكى بەخىتكىلا ئېرىشىشمىدۇ؟
بەزىدە ئويلاپ تەقدىرىمدىن ئۆكۈنگۈم كىلىدۇيۇ ئەمما ئۆكۈنۈشكە جۈرئەت قىلالمايمەن چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا نە قىسمەتلەر كەلمىگەن ئۇلارمۇ ئۆكۈنمەستىن بەلكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرشىۋاتمامدۇ ئەنە ·
كەچلىكى ئىچىم سىقىلىپ كوچا ئارلاپ چىقىپ قالغىنىمدا نۇرغۇن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ قولتۇقلىشىپ ماڭغىننى كۆرىمەن ئەنە شۇلارمۇ ئۆز مۇھاببىتىگە تىرىشچانلىقى ۋە قابىليىتى ، تەغدىر ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئېرىشكەنلەر ·
يەنە بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ئادەم تۇغۇلغاندا پىشانىسىگە تەغدىر قىسمەت يېزىلىدۇ دىيىشكەنلەرنىمۇ ئاڭلىغانتىم ، مەن تۇغۇلغان ۋاقىتتا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆپلىكىدە تەغدىر يازدىغانلار ئالدىراش بۇلۇپ مىنىڭ تەقدىر قىسمىتىم يېزىلغاندا چىكىت قۇيۇلدىغان يېرىگە كەلگەندە چىكىت قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالغاندىمۇ ئەجىبا؟ شۇڭا مەنمۇ چىكىت پەشلەرنى قۇيۇشنى ئونتۇپ قالماس بۇلۇپ قالدىم!
‌بەلكىم بۇ خەتلىرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا《توۋا -! ئەجەپمۇ قىزىقچى بالىكەنغۇ بۇ 》دەپمۇ كۈلۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن·
‌شۇنداق مىنىڭ ئىچىمدە قېزىلمىغان قىزقارلىقلار خېلى كۆپ ئەسىرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا، قىزىقىسىز ، كۈلىسىز ، خاپا بۇلىسىز ،ھەيران قالىسىز، قايغۇرىسىز، تەقەززا بۇلسىز ، يەنە بەزلەر مىنى تازا تىللىۋالغۇسىمۇ كىلدۇغۇ دەيمەن 《ھۇ بېششىنى يەيدىغان ئادەمنى تەقەززا قىلىپ ئەجەپمۇ يازمىدى ئاخىرنى 》دىگەندەك دەل مۇشۇ كەيپىياتتا بۇلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەتراپقا قاراپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن مىنى كۆزتۈپ تۇرۋاتامدۇ نىمە دەپ ئويلاپ.
‌ياكى ئۇنداق ئەمەستۇ.
‌دەل مۇشۇ مەزمۇننى يېزىپ تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭدىن تېلفون كەلدى.
‌ئەسەر يېزىشتىن توختاپ تېلفوننى ئالدىم !
‌《ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 》ياڭراق ئاۋازىم بىلەن تېلفوننى ئالدىم چۈنكى ئىچىمدىكى تۈگۈنلەرنى ئەسىرىمدە يېزىپ ئىچىم خېلى بوشاپ قالغان ئىدى، كەيپىياتىممۇ خىلى يامان ئەمەس ئىدى·
‌《ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ ھە قاچان بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان تېلفونۇمنى كۈتۈپ تەقەززا بۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن ھەر خىل خىيال دېڭىزلىرغا چۆكۈپمۇ كەتكەنسىز بەلكىم 》مىنىڭ ئىچىمگە كىرىپ چىققاندەكلا گەپ قىلۋاتقان ئىدى .
‌《ھە ئە توغرا تاپتىڭىز 》دىدىم پەس ئاۋازدا!
‌《سىزگە نىمە دىسەم بۇلار ھە!》 شۇنداق دەپ جىم بۇلۇپ قالدى·
‌مەن-دەڭە نىم ئىش بولدى ، ماڭا دىيەلمەيۋاتقان يەنە قانداق گىپىڭىز بار ئىدى؟-خۇددى ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرەتتىم دىيشىنى كۈتكەندەك سورىدىم·
‌ئۇ-نىم دىيشىمنى بىلمەي قالدىم ئۇنىڭدىن مەن بەكمۇ خاپا دائىم ھاراق ئىچىپ مەس كىلىپ بولمىغۇر تەلەپلەرنى قۇيدىغان بۇلىۋالدى بىر ئىككى قېتىم قېچىپ ئاران قۇتۇلدۇم ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۋالدى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم ئۇ نىيتىنى يامان قىلۋاتىدۇ سىزگە دىيىشتىن خىجىل بۇلۇپ دىيەلمىگەن ئىدىم ، شۇنداق بولسىمۇ سىز ئوغۇل بالا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىسىز ماڭا بىر ئەقىل كۆرسەتسىڭىز بۇلارمۇ؟
‌بۇ سۇئال مىنى گاڭگىرتىپ قويدى مەن ئۇنداق يامان نىيەتتە بۇلۇپ باقمىغان تۇرسام قانداقمۇ ئۇ نىيەتكە تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى بىلەي ئەمما چۇقۇم بىر ئامالىنى بىلىشىم كىرەك ئىدى·
‌بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن - مىنىڭچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاز ۋاقىت  ئالاقىلاشماڭ شۇنداق قىلسىڭىز سىزنى ياخشى كۆرسە خاتالىقىنى تۇنۇپ يامان نىيتىدىن يىنىپ قالار.
‌-راس دىگنىڭىزدەك بۇلارمۇ؟
‌ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن - نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىڭ ئۇنداقلا سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ! :- دىيەلمىگنىمدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم.
‌مەن-چۇقۇم دىگنىمدەك قىلسىڭىز توغرا قىلغان بۇلىسىز ھەم ئۇ بالىنىڭ سىزنى ياخشى كۆردىغان كۆرمەيدىغىننى بىلسىز شۇ ۋاقىتتا قانداق قارارغا كىلىشىڭىز ئۆزىڭىزگە باغلىق-شۇنداق دەپ جىم بۇلۇپ قالدىم.
‌-ۋاقتىنچە بىز ئالاقىلىشىپ تۇرساق بۇلارمۇ ماڭا ئەقىل كۆرسەتسىڭىز ؟ ئۇنىڭ بۇ تەلپىنى كۈتۈپ تۇرغىنىمدەكلا 《بۇلىدۇ ، چاتاق يوق سىز خالىسىڭىزلا》ئاغزىمدىن ھېچ ئويلانمايلا بۇ گەپنىڭ چىقىپ كەتكىننى بىلمەي قالدىم .
‌ئۇ-رەھمەت سىزگە يەنە ئاۋارە قىلدىم : دەپ جىم بۇلۇپ قالدى .
‌-ياقەي نىمگە رەھمەت دەيسىز بىز دوسقۇ ، تۈزۈت قىلماڭ -شۇنداق دىدىم.
‌ئۇ -ماقۇل كۆڭۈل ئارامىڭىزغا دەخىل قىلماي ئازراق ئىشىم بار ئىدى ئەتىگچە تېلفون قىلاي ئۈزىڭىزنى ئاسراڭ -دىدى.
‌ماقۇل دىدىم ئۇ تېلفوننى ئۈزدى.
‌مەن يەنە خىيال دېڭىزلىرغا ئۈزۈپ كىرپ كەتتىم.
‌داۋامى بار.…





209 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 7:07:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ