پەرىشتەم
( پوۋسىت )
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
1.قىسىم
مېنىڭ ئىسمىم ئەركىن ، مەلۇم بىر شەھەردىكى يېمەك ئىچمەك زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن ، بىراق بۈگۈن قاتتىق زۇكام بولۇپ قالغانلىقىم سەۋەپلىك ئاخشام باشلىقتىن رۇخسەت سوراپ بۈگۈن دەم ئالغان ئىدىم ، بېشىمنىڭ قاتتىق ئاغرىشدىنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇش پەقەتلا خۇش ياقمايۋاتاتتى ، بىراق ئامال يوق ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوكۇل سالدۇرۇپ ياكى دورا ئېلىپ بولمىسۇن بۈگۈن چوقۇم ساقىيپ ئەتە ئىشقا بېرىشىم كېرەك ئىدى .
شۇڭا ئامالسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ناشتىمۇ قىلماستىن ئۆيۈمدىن تەخمىنەن بەش يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئامبۇلاتۇرىيەسىگە قاراپ ماڭدىم ، سىرىتتا قار خۇددى زېمىنغا ئاق رەڭ بېرىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقاندەك لەپىلدەپ چۈشىۋاتاتتى . قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىپ قاتتىق ئاغرىۋاتقان بېشىم بىرئاز ئارام تاپقاندەك بولدى ، بىردەمدىلا ئامبۇلاتورىيەگىمۇ كەپ قالدىم ، ئەينەك ئىشىكنى ئاستا ئېچشىمغىلا قاڭسىق دورا پۇرىقى دىمقىمغا ئۇرۇلدى ،مەن دورىنىڭ پۇرىقىدىن شۇنچىلىك بىزار ئىدىم ، بىراق ئاغرىپ قالغاندا دورا ئىچمىسە ساقايمايدۇدە ……
نومۇر ئىلىش بۆلۈمىدىن نومۇر ئالدىم ، بىردەملىك كۈتۈشتىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كەلدى ، مەن ئاستا قەدەملەر بىلەن دوختۇرنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى يەڭگىل چەكتىم .
- كىرىڭ ، دېگەن ئاۋازدىن كېيىن ئاستا ئىشخانىغا كىردىم 40 ياشلار چامىسىدىكى كۆزىگە گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ، قارىماققا ناھايتى تەمكىن كۆرۈندىغان بىر ئايال دوختۇر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىرنەرسىلەرنى يېزۋاتاتتى .
دوختۇر مېنى كۆرۈپلا :
-قېنى ، ئولتۇرۇڭ ، نەرىڭىز ئاغرىۋاتدۇ … قانداق ئالامەتلەر بار دەپ سوراشقا باشلىدى …
مەن دوختۇرنىڭ سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ئالدىرماي جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن دوختۇر تەمكىن قىياپەتتە :
- سىزنىڭ كېسلڭىز ئاساسى جەھەتتىن بەك ئېغىر ئەمەس ، شۇ زۇكام ئازراق ئېغىركەن ، ئەگەر دورا ئىچىمەن دېسڭىز سىزگە دورا يېزىپ بېرىمەن ، ئەگەر دورا ئىچمەيمەن دېسڭىز سىزگە ئۈچ كۈنلۈك ئوكۇل يېزىپ بەرسەممۇ بولىدۇ ، قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارلىقى ……
مەن بىردەم ئويلىنۋالغاندىن كېيىن :
- دوختۇر بولدى مەن ئوكۇللا ئالايچۇ ، دورا ئىچىش بىلەن تازا خۇشۇممۇ يوق ، ھەم بەربىر پايدا قىلماسمىكىن دەيمەن ، ئەڭ ياخشىسى ئوكۇل يېزىپ بىرىڭە ………
-بولىدۇ شۇنداق بولسۇن .
دوختۇر قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يازغاندىن كېيىن مەن بىلەن يۈرۈڭ دېدى ، دوختۇر ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم ، بىز كارىدوردا ئازراق مېڭىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتۇق بۇ مەخسۇس ئوكۇل بىلەن داۋالاش رايۇنى بولسا كېرەك ، 10/11 ئېغىزدەك ئۆيدە بىمارلار ياتىدىغان كارۋاتلار قويۇلغان ئىدى . دوختۇر ئايال مېنى بىر ئۆيگە باشلاپ كىردىدە سەل يۇقرى ئاۋازدا :
- شەھىدە بۇياققا كېلىڭ، دېدى ،، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سېستىرالار ئارىسغا قاراپ .
-ھەمانا … دېگەن ئاۋاز بىلەن سېستىرالار كىيمى كىيۋالغان چىرايلىق بىر قىز بىز تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى . بېشىم ئاغرىپ تۇرغاچقا ئۇ قىزغىمۇ بەك سەپسېلىپ كەتمىدىم . سېستىرا قىز يېنىك قەدەملەر بىلەن دوختۇر ئايالنىڭ كەلدى ، دوختۇر ئايال مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
- ماۋۇ بىمارنى بوش كارۋاتلاردىن بىرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوكۇل سېلىپ قويۇڭ ، مانا بۇ ئوكۇل قەغىزى ، بىرە ئىش بولسا مەن ئىشخانىدا دېگىنچە قولىدىكى بىر ئىككى ۋاراق قەغەزنى سېستىرا قىزغا تۇتقۇزۇپ كېتىپ قالدى .
سېستىرا قىز بەك ئالدىراش بولسا كېرەك ، مەن بىلەن يۈرۈڭ دېگىنچە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كارىدور تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
بىرىنچى قىسم تۈگدى .
داۋامى بار ………
914 قېتىم كۆرۈلدى | uqkuni | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-6 23:38:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-17 0:12:43 | ئابدۇراھمان |
بەك ياخشى يېزلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|