شېئىرنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى

شېئىرنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى


شېئىر شائىرنىڭئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئالغان تەسىرات ۋە ھىسسىياتلىرى ئاساسىدا بىيېتىلىپ ۋەپىششىقلىنىپ ئىشلەنگەن مۇئەييەن تۇرمۇشنىڭ نەپىس، ئىخچاملانغان ئىپادىسىبولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر كۆرسىتىش، گۈزەل،يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدە سىھرىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى،قاپىيىلىك، رىتىملىق بولۇشتەك ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقاتۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. 

ئۇنداقتا «شېئىر»دېگەن بۇ ژانىر باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا قانداق تۈپ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟

شېئىرىيەت ژانىرىنىڭئۆزىگە خاس بولغان تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1.

 شېئىردا رېئال تۇرمۇش ۋە ھىس-تۇيغۇنى ئەڭمەركەزلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ

گەرچە بارلىق ئەدەبىئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش ۋەئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن شېئىرلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشخاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. چۈنكى شائىرلاردا كۈيلىنىدىغىنى شائىرلارنى ئەڭھاياجانلاندۇرىدىغان تۇرمۇش ۋەقەلىكى بولۇپ،    ئۇنىڭدا ئىپىك ئەسەرلەر،دراممىلارغا ئوخشاش پېرسوناژلارنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەن ئىچكى دۇنياسىدىكىپائالىيەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنمايدۇ. پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەبۇ توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلغان جەريانلار بىر-بىرلەپ تەسۋىرلەنمەيدۇ، بەلكىتۇرمۇشتىكى ئەڭ تىپىك شەخس ۋە ۋە قەلەرنى، شائىرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگەبولغان ئىدىيىۋى ھىسسىياتىنى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشلاتەلەپ قىلىنىدۇ. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، شېئىرنىڭ مەزمۇنى شائىرنىڭ يۈرىكىدەزور ھاياجان قوزغىغان، تاللىنىش ۋە تاۋلىنىشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر.ئوبيېىكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تۈپكى نەرسىدۇر.

مەلۇمكى، بەدىئىيئوبراز ھەر قاچان ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ ئىخچام ئىپادىلىنىشىدۇر.لېكىن بۇ ئىخچاملىق، يىغىنچاقلىق شىئېرى ئوبرازدا تېخىمۇ كۆرىلىدۇ. ئۇجەمئىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىخچامئىپادىلەپ بىرىدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى شائىرنىڭ يۈرىكىدە ئەڭ زور ھاياجان قوزغىغان،پىشىپ كامالەتكە يەتكەن ئىدىيىسىنىڭ ئىنكاسى، رېئال تۇرمۇشنىڭ شائىرلار قەلبىدىنئۇرغۇپ چىققان ساداسىدۇر، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ بىرلىكىدىنئىبارەتتۇر. شىئېر تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ ئىخچاملاشقان ئىپادىسىبولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر قىلىش ۋە يېقىملىقتۇيغۇغا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

 تۈگىمەس ناخشا  ناملىق شىئېرغامۇراجىئەت قىلساقلا بۇ نۇقتىنى تولىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتەلەيمىز.

 

ھەر ئاخشىمى ناخشائېيتىمەن،

شۇ كوچىنى ئەگىپكېتەلمەي.

بىر پەللىنى كۆزلەپماڭىمەن،

ئاۋارىمەن تېخىيېتەلمەي.

 

بۈگۈن ئاخشامئۆتكەنىدىم يەنە،

ناخشام بىلەن دېرىزەچىكىپ.

قەيەردىندۇر ئىشىكغىچىلداپ،

كايىپ كەتتى بىربوۋاي چىقىپ.         

                                                        

جارقىرايسەن ھەركۈنىشۇنداق،

ساراڭمۇ سەنئوڭشالمايدىغان.

يا ئادەمگە ئۇيقۇبەرمەيسەن،

قانداق ناخشا بۇتۈگىمەيدىغان؟!

 

كايىما بوۋا، سەنمۇبىر چاغدا،

ياش ئىدىڭغۇئۇخلىمايدىغان.

سەنمۇ ئېيتىپتۈگىتەلمىگەن ،

شۇنداق ناخشا بۇتۈگىمەيدىغان.

 

مانا بۇ شىېئىردا  مەن  بىلەن  بوۋاي ئوتتۇرىسىدايۈز بەرگەن ۋەقەلىك ۋە دىئالوگلار شائىر تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچاملانغان،مەركەزلەشتۇرۇلگەن ۋە تىپىكلەشتۈرۈلگەن⑭ شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى يۇقۇرىقىشىېئردىكىگە ئوخشاش ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشئاساسىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شېئىر باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش، مەسىلەن،ھىكايە، رومانلاردەك مەزمۇننى ئۇنداق تەپسىلىي ئېچىپ بەرمەيدۇ، ۋەقەلىكلەرنىباغلاشتۇرۇشمۇ ئۇنداق زىچ ھەم بايان قىلىشمۇ ھەر تەرەپلىمە بولمايدۇ. شېئىرداماھىيەتلىك ھادىسىلەر شائىرنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق تىپىكلەشتۈرىلىدۇ. ئەمما شۇنىئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەككى، شىېئىرمۇ باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئوبيېكتىپرېئاللىق بىلەن سۇبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى. شۇنداق بولغانىكەن،ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ئىخچاملىق، ئومۇملاشتۇرۇش ۋەمەركەزلەشتۈرۈشلەر شېئىردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئۈزۈك-ئۈزۈك پويىزئاۋازى،

ياشلار بىلەننەملەنگەن.           

(ئەخمەتجان ئوسمان)

 

بۇ مىسرالارداشېئىرىي تۇيغۇ شۇنچىلىك ئىخچام بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ھەجىمدىكىھېسسىيات بوشلۇقىنى يۈدۈپ، شائىر قەلبىدىكى گۈزەل كارتىنىلىق تۇرمۇش تەسۋىرىنىپەقەت ئىككى مىسرا شىېئىرى بوستانلىق ئىچىگە سىڭدۈرۋەتكەن. قاراڭ، كىملەردۇر ئۇزاپكېتىۋاتىدۇ، كىملەردۇر ئۇلارنى ئۇزىتىپ ياش تۆكۈۋاتىدۇ. شائىرنىڭ ھاياجانلىق ھىســ تۇيغۇسى شۇنچىلىك ئۇرغۇپ، مۇبالىغە كۈچى شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغانكى، پويىزئاۋازى ياشلار بىلەن نەملەنگەن.⑮

روشەنكى، شېئىردائىدىيىۋى مەزمۇننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى بىلەن شائىر ھېسسىياتىدىكىتىپىكلىكنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇكەممەلبىرلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ.

2.  

            شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە مولتەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ 

ھەر قانداق ئەدەبىيئەسەردە ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى ۋە تەسەۋۋۇرى بولۇشى مۇقەررەر بولسىمۇ،لېكىن باشقا ژانىرغا قارىغاندا، شىېئردىكى ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسەۋۋۇرتېخىمۇ مول بولىدۇ . ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر شىئېرلارنىڭ قانىتى بولۇپ، شېئىر ئەشۇقانات ئارقىلىق پەرۋاز قىلىدۇ.

شېئىرنىڭ تۈپ ئاساسىئىدىيىۋى ھىسسىياتتۇر. ئەگەر شېئىردا ھېسسىيات بولمايدىكەن ئۇنداق شىېئىر جېنىدىن، ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. چۈنكى شىېئىرنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى پەقەتلا    ھەقىقەت بىلەن كىشىنىمەنتىقىي جەھەتتىن قايىل قىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىيات بىلەن كىشىلەرنىتەسىرلەندۈرۈشتۇر. ئەگەر شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىيات بولمىسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋىسىېزىمىنى قوزغىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرنى رېئال ھايات تەرىپىدىن ئۇرغۇپ، جۇشئۇرۇپ چىقىدىغان كۈچلۈك ھېسسىياتلارنىڭ بىرىكمىسى دېيىش مۇمكىن.

بىر ھەقىقىي شائىركەڭ كىتاپخانلارنى كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن تەسىرلەندۈرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەنئۆزى رېئال تۇرمۇشتىن    ھەقىقىي تەسىرلەنگەنبولۇشى كىرەك. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يازغان شىېئىرى ناھايىتى ھېسسىياتلىق،    يېقىملىق ۋە تەبىئىيچىقىدۇ. شېئىردىكى ھېسسىيات شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىدىن ئايرىلالمايدۇ.شېئىرنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئۆز-ئارا باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ .شۇڭا بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىقوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شائىر ئەنە شۇ خىل تەسەۋۋۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەنئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ. شائىرنىڭ ھېسسىياتى باي ۋە رېئال تۇرمۇشئاساسىغا قۇرۇلغاندىلا، ئۇنىڭ خىياللىرى تەپەككۇر ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋازقىلالايدۇ–دە، كۈچلۈك ھىېسسىيات ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ ۋە شۇئاساستا تۇرمۇشنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توغرا ئېچىپبىرەلەيدۇ. دېمەك، تەسەۋۋۇر ھېسسىياتنىڭ قانىتىدۇر.

ھېسسىيات گويا قەلىبفونتانىدىن تۇيۇقسىز ئۇرغۇپ چىققان سېھرىي تۇيغۇدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭيىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر، چۈنكى ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىدىيىسى بەلگىلىك ئىجتىمائىشارائىت ئىچىدە يېتىلىدۇ. شۇڭا ھېسسىيات قۇرۇقتىن-قۇرۇق پەيدا بولىدىغانتاساددىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئوبيېكتىپ رېئاللىق تەسىرىدە پەيدا بولىدىغانچوڭقۇر ئىجتىمائى سېزىمدۇر. دېمەك، شىئېردىكى ھېسسىيات شائىرنىڭ ئۆز ئەتراپىنىئوراپ تۇرغان شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن بارلىققا كىلىدۇ. شائىرنىڭ يىڭىشەيئىلەرنى تونۇش ۋە سېزىش قابىلىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ سۇبيېكتىپدۇنياسىدا ئۇ شەيئىلەر ھەققىدە شۇنچە چوڭقۇر ھېسسىيات تۇغۇلىدۇ. ھېسسىياتپائالىيىتى ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگەبولغان ئىنكاستىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلاردىكى تۈپ مەسىلە شائىرغا نىسبەتەنئېلىپ ئېيتقاندا، رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە مول شېئىرىيئوزۇقلۇق ئېلىشتىن ئىبارەت. شائىرنى خۇددى ستالىن تەرىپلىگەندەك  ئىنسان روھىنىڭئىنژىنىرى  دەپ ئاتىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى مۇشۇ يەردە.يەكۈنىمىزگە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ  خىيالچان تىلەك  ناملىق شېئىرىئارقىلىق كۆز قارشىمىزنى ئىسپاتلاپ ئۆتىمىز.

تېڭىرقىمايمەندوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،

چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكەدەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

 

مەرد باغۋەن غازاڭقىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،

تەربىيسىز سۇلدۇرۇپگۈل -چىچەكلەرنى.

 

خىيالىم خۇددىتەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،

ئىمىش ئۈچۈن قەدىردانئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

 

لەززەتلىك خىيال ئارىسىدابېقىپ     ئاسمانلارغا،

تەپەككۇر كۆزى بىلەنكۆرىمەن روشەن روجەكلەرنى.

 

نېمىشقا يازماي تىلەكئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،

سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپكۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى ،

 

ئەزەلدىنلاخىيالچان...مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،

تىڭشىغاچ مومامئاغزىدىن ساماۋى  چۆچەك لەرنى .

 

سۆيگۈ دېڭىزىچوڭقۇرلىقىدا مەن قاينام تۇرسام،

ئۇسسۇلۇغۇم قانداققانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.②

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدەئەنقا تۇخۇمىدەك ئاز كۆرىلىدىغان بۇ ئېسىل دۇردانە شىئېرنى ئاپتور پۈتۈن ۋۇجۇدىھاياجانغا تولغان ئاساستا يازغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنى يېزىشتا سۈپەتلەش، ئوخشىتىش،تەسەۋۋۇر قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن شىئېردىكى ھېسسىياتتولۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ چىققان. شائىرنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە بولغان ئېيتىپتۈگەتكۈسىز، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز غەزەپ – نەپرىتى ئۇنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈنسوقۇۋاتقان، ئازادلىققا تەلپۈنىۋاتقان ئوت يۈرىكىنى غەزەپتىن ئۆرتەندۈرۈپ، ئەڭجۇشقۇن ئازادلىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىشقا سەۋەپ بولغان. ئاپتور مۇشۇنداق ھالقىلىقپەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ مول ھېسسىياتقا تويۇنغان  ئەركىنلىك مىلودىيىسى  نى ياڭراتقان .

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،كۈچلۈك ھېسسىيات، باي تەسەۋۋۇر– شېئىر ئىجادىيىتىدىكى تۈپ ئامىللار بولۇپ، بۇئىككىسنى بىر- بىرىدىن    ئايرىۋەتكىلىبولمايدۇ . بىر تەرەپتىن، شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىقاناتلاندۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، شائىر تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيۋىھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

شېئىردا تەسەۋۋۇركۈچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھېسسىياتنىڭ تەرەققىياتىغا، چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكەبولىدۇ، شىئېرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى بىيېتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى پارلاق كىلەچەككەيېتەكلەپ، ئۇلارغا ئىرادە ۋە غايە بېغىشلايدۇ. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي كۈچىنىبەلگىلەيدىغان ئىجتىمائىي شارائىت پەقەت رېئاللىققا چۆكۈپ، ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭتەرەققىيات قانۇنىيىتىنى پۇختا ئىگەللەشتە. پەقەت شائىرنىڭ قەلبىدە رېئال تۇرمۇشئەمەلىيىتىدىن قايناق ھېسسىيات قوزغالغان چاغدا، ئاندىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى تەپەككۇرئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق شائىرنىڭ ئالىيجاناپ غايىسىئىپادىلىنىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان بەدىئى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. دېمەك،تۇرمۇشقا نىسبەتەن قوزغالغان مول، كۈچلۈك ھېسسىيات شېئىر يېزىشتىكى بىرىنچى شەرتھېسابلىنىدۇ.

بەدىئىي ئەسەرلەردەھېسسىياتنىڭ كۈچلۈك بولۇش– بولماسلىقى، ئاپتورنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگىمۇ باغلىق،ئەلۋەتتە. لېكىن ئەڭ ئاساسلىقى ئاپتور ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقىي بولۇش ياكىبولماسلىقىدا. بۇنىڭسىز ھەرقانچە كۈچىنىپ باققان بىلەنمۇ ، ئۇ پەقەت جانسىزچۈشەنچە ، قۇرۇق شوئار ياكى ۋەز نەسىھەتلەر بولۇپ قالىدۇ، خالاس

بەزى كىشىلەر تۇرمۇشھادىسىلىرىنى قەغەزگە يۆتكەپ قويسىلا، تۇرمۇش ئىپادىلىنىۋېرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ .لېكىن شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن بىرلەشمىگەن تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ھېسسىياتنى ئىپادىلەپبېرەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، رېئال تۇرمۇشتىن  ئىلھام لانماي تۇرۇپۋە ھەقىقىي ھېسسىياتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، قەغەز يۈزىدە چىرايلىق ئىبارىلەر ۋەتەنتەنىلىك مىسرالارنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەن بىلەنمۇ، ئۇ بەرىبىر شېئىر بولالمايدۇ⑯. شائىر تۇرمۇشنى قانچە پىششىق بىلسە، ئۇنىڭ ھېسسىياتى شۇنچە ئۇرغۇپ تاشىدۇ.تۇرمۇش شائىرنىڭ چوڭقۇر ئوي – پىكىرى ۋە پىششىق مۇلاھىزىسىدىن قانچە ئۆتسە،شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ ھېسسىياتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەنشائىر تۇيغۇنى كونكرېت ئوبرازلار، تەسەۋۋۇرلار، مۇبالىغىلەر ئارقىلىق شۇنچە چوڭقۇرئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. شائىرلارنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە ھاياجانلىنىشىدىن مەيدانغا كەلگەنھېسسىيات كونكرېت ۋە چىن ھېسسىيات بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا،شائىرنىڭ جۇش ئۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ، شۇنداقلا شائىرتەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ.

3.

شېئىر كۈچلۈك تەپەككۇرغا ۋەتەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىدۇ

شېئىر ئىجتىمائىتۇرمۇش ۋەقەلىكىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. شائىرلارتوغرا ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەتلەردىن پەيدا بولغانتەپەككۇر ئارقىلىق، تۈرلۈك تەمسىل، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، كىنايە، مۇبالىغەقاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەنسۇبيېكتىپ لىرىك تۇيغۇنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، ئابىستراكت نەرسىلەرنى كونكرېت ۋەھېسسىي نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن:

زىمىستان كۆرمىگەنبۇلبۇل ،

باھارنىڭ قەدرىنىبىلمەس.

جاپانى تارتمىغانئاشىق ،

ۋاپانىڭ قەدرىنىبىلمەس.

(ئۇيغۇر خەلق قوشىقى)

 

بۇ كۇپلىېت قوشاقتا  جاپا تارتمىغۇچەراھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەس   دېگەن ئابستراكتپىكىر تەبىئەت ئۆزگىرىشىگە تەمسىل قىلىنىپ تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئوبرازلىقئىپادىلەنگەن. بۇ ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، شېئىردا ئوبرازلىقتەپەككۇرغا تايانغاندىلا، ئاندىن شېئىر سېھرىي كۈچكە ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگەبولالايدۇ.

ئەدەبىيات –سەنئەتئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە رېئاللىقنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۇرۇشتەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن شېئىردا باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا ئوبرازچانلىقناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شېئىردا ئوبراز پەقەت ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش شەكلىئارقىلىقلا بارلىققا كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىر ھايات ۋەقەلىكلىرى ئۈستىگەقۇرۇلغان ئىدراكىي كۈچ ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى . بۇ يەردىكى تەپەككۇر –پىكىر يۈرگۈزۈش يەنى ئىجادكارنىڭ رېئال تۇرمۇشنى چۈشىنىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشتىكىئوي-پىكىرى. ھەر قانداق بىر تەپەككۇر ئىجادكارنىڭ دۇنيا قارىشىغا بېقىنىدۇ، چۈنكىئۇ تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزىتىش، تەھلىل- تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ، توغرائىدىينىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەتلەردىن پەيدا بولىدىغان تەپەككۇرشېئىرنىڭ ئاساسىي ئىدىيسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھېسسىي ماتېرىيالدۇر.

ئوبرازلىق تەپەككۇرئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان بىرخىل تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، ئۇمۇ مەنتىقىيتەپەككۇرغا ئوخشاش ئوبيېكىتپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ئادەم مېڭىسدىكى ئىنكاسى. بىراقئۇ مەنتىقىي تەپەككۇرغا ئوخشاش شەيئىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئابىستراكتئۇقۇملار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدىغان كونكرېتتەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىنكاس قىلىدۇ. شائىر شېئىردا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشۋەقەلىكىدىن ئالغان چوڭقۇر تەسىراتىغا ئاساسەن تۈرلۈك تەمسىل، مەجاز، ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش، كىنايە، مۇبالىغە قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەر ئارقىلىق كىتابخانكۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان سەنئەت مەنزىرىسىنى    ياكى شېئىرىيئوبرازنى يارىتىدۇ ۋە ياكى جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن سۇبيېكتىپ لىرىك تۇيغۇنىبىر پۈتۈن قىلىپ، ئابىستراكت نەرسىلەرنى كونكىرىت، جانلىق، ھېسسىي نەرسىلەرگەئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى ئوبرازلىق تەپەككۇر جەريانىدۇر.

4.

شېئىرىي تىل ئىخچام، ئىنىق،ئوبرازلىق، ئاھاڭدار ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگە بولىدۇ

«ئىخچام بولۇش دېگەنلىك _ تىلشائىرنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە دەلمۇ-دەل جايىغا كەلسۇن، بىرەر كۇپلېتكۆپ بولۇپ كەتسە كۆپلۈك قىلىدىغان، بىرەر كۇپلېت ئاز بولۇپ قالسا ئازلىققىلىدىغان، بىرەر مىسرا كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغان، بىرەر مىسرا ئاز بولۇپقالسىمۇ بولمايدىغان بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا، بىرەر سۆز ئالماشتۇرۇپ قويۇلسا    شېئىرنىڭرەڭدارلىقىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان دەرىجىگە كەلسۇن، دېگەنلىكتۇر».⑰ ئىخچام بولۇشبەدىئىي جەھەتتىن ئىپادىلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا پىكىر مەزمۇنىنى قانداق قىلىپ ئەڭمۇۋاپىق سۆزلەر ئارقىلىق تولۇق، ناھايىتى چىرايلىق ئىپادىلەش مەسىلىسىدۇر. بۇئارقىلىق شائىرلارنىڭ يىغىنچاقلاش قابىلىيتىنى ۋە سۆز تاللاپ جۈملە تۈزۈشتىكىبەدىئىي ئىقتىدارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ شائىرنىڭ تۇرمۇش تەجربىسىنىڭ مول ياكىكەملىكى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى بىلەن ناھايىتى زىچمۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنى    سەنئەت ئىجادىيتىدەكەم بولسا بولمايدىغان، ئەدەبىي جەھەتتە تەربىيلىنىش، مۇشەققەتكە چىداپ چېنىقىش،قىلچىمۇ قالايمىقان قىلماسلىق ئىدىيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنشائىر «نەچچە يۈز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان» شېئىريازماقچى بولىدىكەن، «نەچچە مىڭ توننا سۆز بايلىقلىرى  ئىچىدىن    شېئىر مەزمۇنىنى ئەڭتولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى تاللاپ تاۋلاپ چىقىشى لازىم.

ئىخچاملىق تەلىپىگەيېتىش گەرچە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلاپىكىرنى ئوبرازلىق سۈرەتلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئوبراز شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ ھېستۇيغۇسىنى مۇقىم بىر بەدىئىي غايىگە يىغىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى.

شېئىرنىڭ مەزمۇنىرېئال تۇرمۇشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى ۋە ئومۇملاشتۇرلۇشى بولغاچقا،ئۇنىڭ ئىپادىلەش قورالى بولغان تىلمۇ ئىخچام ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئىخچام بولۇشيۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاز سۆز بىلەن ناھايىتى مول مەزمۇننى ئىپادىلەپچىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئېنىق بولۇشھېسسىياتنى ئەڭ مۇۋاپىق سۆز- ئىبارىلەر بىلەن مۇكەممەل بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.شائىر ئۆلمەس شېئىرلارنى يازماقچى بولسا، تۈمەنمىڭلىغان سۆز بايلىقلىرى ئىچىدىن شېئىرمەزمۇنىنى ئەڭ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز ئىبارىلەرنى تاللاپ ۋە تاۋلاپچىقىشقا ماھىر بولۇشى لازىم. شېئىرىي تىلنىڭ بولۇشىدا ئاساسەن    ئوبرازلىق تەپەككۇرئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.شېئىرىي تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە مۇزىكىدارلىقىدا ئاساسەن رىتىم، قاپىيە ۋە ۋەزىنكۆزدە تۇتۇلىدۇ. مانا بۇ ئامىللار شېئىرنى ئوقۇشقا ئەپلىك، ئاڭلاشقا يېقىملىققىلىپ بېرىدۇ. رىتىم شائىرنىڭ شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تىلنى پىششىقلاپئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا شەكىللىندۇ. شۇڭلاشقا ئۇ شائىرنىڭ ھېسسياتىدىكىئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئازادە ۋە شادخۇراملىق ھېسسىياتتىن يارقىن ۋە تېتىك رىتىم كېلىپ چىقىدۇ، كۆتۈرەڭگۈ    كەيپىياتتىن جىددىيھەم كۈچلۈك رىتىم كىلىپ چىقىدۇ، ھەسرەتلىك ھېسسىياتتىن بولسا ئاستا ۋە ئېغىر رىتىمكېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۇرمۇش ۋە شېئىر    مەزمۇنىنىڭ خىلمۇ-خىللىقىدىن بولىدۇ.

5.

يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىيماھارەت ۋە بەدىئىي شەكىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ

شېئىرىيەتتىكىبەدىئىي ماھارەت ئاساسەن ئىدىيىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانتىل ۋاسىتىسىدۇر، شۇنداقلا ئۇ تەلتۆكۈس بەدىئىي شەكىل يارىتىش    يولى بىلەن مەلۇممەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىشنىڭ زۆزۈر شەرتىدۇر. ئۇ شېئىر  يازغۇچى نىڭ تۇرمۇشنىكۆزىتىش ، ئاممىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش، زېرىكمەي مەشىق قىلىش، ئىزدىنىش ۋە بۇرۇنقىسەنئەتكارلارنىڭ تەجربىلىرىنى ئۆگىنىشتىن ھاسىل قىلغان تەجربىسى. بەدىئىيماھارەتنىڭ مېغىزى تىلدۇر، تىلنى ئومۇمىي خەلقتىن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىنئۆگىنىش مۇمكىن، شېئىردا بەدىئىي ماھارەت تىل بىلەن ئىپادىلىدىغىنى ئۈچۈنسۆز-ئىبارىلەرنى ئىنچىكە تاللاش ۋە ھەر بىر سۆزنى مىسرالارغا ئۈنچە –مەرۋايىتتىزغاندەك    ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مىسرالارنى چوڭقۇرمەنىلىك ئىبارىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش لازىم. تىلدىكى ئىستىلىستىكىلىقۋاسىتىلەرنى دەل جايىدا مۇۋاپىق قوللىنىش لازىم، خەلقنىڭ ئېغىز تىلى شېئىرغاقويۇلسا، شېئىر ئاممىۋىيلىشىدۇ، مىللىي شەكىلگە، ھاياتىي كۈچكە، نەپىسلىككە ۋەتەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بىر پارچە شېئىردا بىر قانچە مەنىلىك ئىبارىلەريارىتىلسا، ئۇلار شېئىرنىڭ بەدىىئي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما بىر پارچە شېئىردىكىمىسرالارنىڭ ھەمىسىدىلا ئۇنداق بولۇپ چىقىشى قىيىن، ئۇنىڭدا پەقەت بىر-ئىككىھەيران قالارلىق    مىسرا بولسىلا،ئۇنداق شېئىر كىتابخانلاردا شېئىرىي تۇيغۇ پەيدا قىلالايدىغان ئۇتۇقلۇق شېئىر دەپھېسابلانسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئىي شەكىلتاللاشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بىز توغرا ئىدىيىنى شېئىرنىڭ جېنى دېسەك،تىلنى ئۇنىڭ قېنى دەيمىز، شەكىل بولسا ئەنە    شۇ جان بىلەن قاننىگەۋدىلەندۈرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. مەلۇم ئىدىيە ۋە شېئىرىي تۇيغۇنى پىششىقتىل بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇنىڭغا لايىق شەكىل تاللاشقا توغراكېلىدۇ. ھەر قانداق شېئىردا مەلۇم ئۆلچەم ۋە سۆز ئىبارىلەرنىڭ تەركىبىدىكىتاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ، يەنى ۋەزىن، مىسرا ۋە قاپىيەجەھەتلەردىن رېئايە قىلىنىدىغان مۇقىم بەلگىلىمىلەر بولىدۇ. مەزمۇن ھەرقانچە ياخشىبولسىمۇ، شۇ مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان مۇۋاپىق شەكىل تاللانمىسا، ئۇشېئىرغا ئوخشىماي قالىدۇ. شۇڭلاشقا بىز شېئىرلاردىمۇ باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاشلابەدىئىي مەزمۇن بىلەن مۇمكىن قەدەر مۇكەممەل بولغان بەدىئىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈشكەئالاھىدە ئىېتىبار بېرىشىمىز لازىم.⑱

           شېئىر __ مەلۇم ھادىسە ياكى شەيئى كىشىقەلبىگە ئارام بەرمىگەنلىكتىن، ئاپتۇر چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش، كەڭ تەسەۋۇر قىلىشنەتىجىسىدە قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان نىدالارنىئۆتكۈر، ئەمما يارقىن سۆز-ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ۋەزىن، رىتىم، قاپىيەشەكىللىرى بىلەن مۇجەسسەملەپ بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئىخچام، ئەڭ قەدىمىيئەدەبىي ژانىردۇر. شېئىرنى ھەۋەس ئۈچۈن ياكى دوراپ يېزىش تولىمۇ بىمەنىلىك. ئۆزمۇددىئاسىنى شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىمەن دەپ مەجبۇرى زورۇقۇپ يېزىشتىن ياخشىنەتىجە چىقمايدۇ. سۆزگە باي بولمىغان، تارىخىي بىلىمى مول بولمىغان، تەپەككۈرىچۇۋالچاق، مەقسىدى غۇۋا بولغان كىشى شېئىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ.چۈنكى شېئىر تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى. ياخشى يېزىلغان شېئىرلار يازغۇچىغائارام بەرمەيۋاتقان مەلۇم ھادىسلەرنىڭ تەبئىي يوسۇندا مەلۇم ۋەزىن ياكى تۇراقبىلەن گۈزەل مىسرالارغا تىزىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق،زورۇقۇش، چۇۋالچاقلىق، چۈشنىكسىزلىك...قاتارلىق شېئىرغا مۇخالىپ ئامىللار ئۇچراپكەتمەيدۇ.

شېئىردا مەلۇمتەپەككۈر چوڭقۇرلۇقى، تەسەۋۋۇر كەڭلىكى، بەدىئىي ماھارەت (تىل ئىشلىتىشتىكىئۇستىلىق) ۋە مەلۇم شەكىل بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ شېئىرمۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ. مەزمۇنى ياخشى، تەپەككۈرى چوڭقۇر، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرىسەرخىل بولسىمۇ، مەلۇم شەكىل تاللانمىسا خۇددى نىيتى دۇرۇس بولسىمۇ، ئۆزىنىتاشلىۋەتكەن كۆرۈمسىز ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئوقۇرمەنگە بەدىئىي زوق بېرەلمەيدۇ.شېئىرنىڭ شەكىلى ۋەزىن، تۇراق، تەپئىل، بەھرى، قاپىيە قاتارلىقلار بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.





210 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:36:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ