خاتالاشقان مۇھەببەت (ھىكايە) - قىزىل تۇمان

خاتالاشقان مۇھەببەت (ھىكايە)

 قىزىل تۇمان


  مەن ئۇنى تونۇمايتتىم. ھەتتا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان.ئۇنى تۇنجى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە.  
ئۇ كۈنى مەن ئالدىراش تېنەش ئىشخانامغا ماڭدىم. ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغىلا باشلىقىم ئەزىمەت كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭغا يانداش يەنە بىر قىز كىرىپ كەلدى. باشلىقىم ئەزىمەت ماڭا:«مۇرات بۈگۈندىن باشلاپ بۇ قىز سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ.بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈلنىگار تېخى ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن،بىلمىگەن يەرلىرىنى ئۆگىتىپ ئوبدان يېتەكلەپ كېتەرسەن ھە.؟»دېدى.مەن چاتاق يوق دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭىشتىم ، ئەزمەت چىقىپ كەتتى.ئەزىمەت مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ مەنمۇ ئۇنى سەن دەپ چاقىراتتىم.بىز يېقىن دوستلاردىنمۇ ئىدۇق.پەقەت ئىش ئورنىدا بىر بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتۇق. ئىشتىن چۈشكەندە بولسا كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ دېگەندەك ئۆتەتتۇق. مەن گۈلنىگار ئىسىملىك بۇ قىزغا قارىدىم. ئۇ ناھايىتى ئورۇق بولۇپ بېشىغا چىگىۋالغان ياغلىقى.قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى بۇلاقتەك كۆزلىرى. سۈزۈك يۈزلىرى. قاڭشارلىق بۇرنى.چىرايلىق لەۋلىرى. شۇنچىلىك گۈزەل ئدىكى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشايتتى. ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم.ئۇمېنىڭ قارشى تەرىپىمدىكى جوزىدا ئولتۇردى. مەن ئاۋۋال گەپ باشلىدىم. «بۈگۈن قىلىدىغان ئىشىمىز پاتماندا بىرجەدۋەل بار.شۇ جەدۋەللەرنى لايىھىلەپ پۈتتۈرمىسەك بولمايدۇ.سىز نېمە ئىش قىلالايسىز.؟»سورىدىم مەن.ئۇ ماڭا قاراپ:«ھەممە ئىشنى قىلالايمەن. بىراق شۇ سەل تەمتىرەپ قېلىشم مۇمكىن.»دېدى.مەن ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىشنى باشلاپ كەتتۇق.ئىش ئارىلىقىدا ئۇنىڭغا پات پات قاراپ قوياتتىم. ئاخىرى كۈنمۇ كەچ بولدى. بىز ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەتتۇق. شۇ كۈنى كېچىسى ئۇ خىيالىمغا كىرىپ قالدى.تاڭ ئاتقۇچە ئۇنى ئويلاپ چىقتىم.ئۇنىڭ لايىقى بارمىدۇ؟ بۇنداق چىرايلىق قىزنىڭ چوقۇم لايىقى بار.دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئۇنى خىيال قىلىپ نېكەمدە ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. تاڭ سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپلا يەنە ئۇنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى. ئالدىراپ ئىشقا ماڭدىم.ۋاقىت توشمىغان بولسىمۇ ئىشقا كەلسەم ئۇ ئىشخانىنى تازىلاۋېتىپتۇ. بىز سالام سائەت قىلىشقاندىن كېيىن، يەنە ئۆز ئورنىمىزغا قايتىپ كەلدۇق. بۈگۈن ئۇ ماڭا ئاۋۋال گەپ قىلدى.«مۇراتكا بۈگۈن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بار؟»سورىدى مەندىن. مەن دۇدۇقلاپ قالدىم.«ھېچ… ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش يوق.»دېدىم مەن.
كۈنلەر شۇ دەرىقىدە ئۆتىۋەردى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولدۇم. مەن نەچچە قىزلارنى يولغا سېلىپ يۈرگەن سۇيۇق ئوغۇللاردىن بولساممۇ.بىراق گۈلنىگار مېنىڭ قەلبىمنىڭ خانىشىغا ئايلانغانىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مەن ئۇنىڭغا بىر دەستە ئەتىرگۈل سېتىۋالدىم. ھە ئۇ ئولتۇرغان جوزىغا قويۇپ قويدۇم. ئاندىن كىچىك كارتىغا خەت يېزىپ قالدۇرۇپ قويدۇم. «گۈلنىگار تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!سىزنى ياخشى كۆرىمەن.سىزنى سۆيىمەن گۈلنىگار.».ئۇ ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.ۋە گۈلنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغاندەك قىلاتتى.ئۇ سومكىسىنى ئاستا قويۇپ، گۈلنى پۇراپ باقتى.ئاندىن كارتىنى كۆردى. ئۇ خۇشاللىقتىن ۋارقىرىۋەتتى.«كىم ئەۋەتكەندۇ.؟بەك خوش بولدۇم».مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدىم.شۇ ئارىلىقتا ئەزىمەت كىرىپ كەلدى. ۋە گۈلنىگارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. مەن خىيالىمدا ئۇنىڭغا بىر ئالتۇن ئۈزۈك ئېلىپ، توي تەكلىپى قويماقچى بولدۇم. ئاخىرى كەچ سائەت سەككىزدە.يۇلتۇز رېستورانىغا يىغىلماقچى بولدۇق. مەن ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل، زەگەر بازىرىغا باردىم.تاللاپ يۈرۈپ 800 يۈئەنگە بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋالدىم. مەن بازاردىن ئالتۇن ئۈزۈكنى سېتىۋېلىپ.ئۇنىڭغا دېمەكچى بولغان توي تەكلىپىنى يولدا پىيادە ماڭغاچ يادلاپ ماڭدىم.شۇ تەرىقىدە كاللامغا ھېچنېمە كىرمەيتى قانداق بولۇپ يولنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغىنىنى بىلمەيتتىم.قارشى تەرەپتىن بىر  موتسىكلىت ئۇچقاندەك كېلىپ مېنى سوقۇۋەتتى. مەن قاتتىق يىقىلدىم. جېنىم قاقشاپ كەتتى.موتسىكلىت مىنگۈچى قېچىپ كەتتى. ئاچچىقىمدا:«ۋۇ ئۆلگۈر.ئاستا ماڭساڭ بىرەرسى سېنى تىللامتى ،خەپ ھايۋانلار»دەپ تىللىۋەتتىم.ئاستا ئورنۇمدىن تۇرسام.ئىشتىنىمنىڭ تىزى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. مەن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇدۇل ئۆيگە كەلدىم.ۋە كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ.رېستورانغا ماڭدىم.خېلى ئۇزاپ بولغاندا، بۈگۈن سېتىۋالغان ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدا ئونتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم.كەينىمگە بۇرۇلدۇم.ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. ۋە ئۈزۈكنى ئېلىپ، چوڭ يولغا چىقتىم.بىرتاكسىنى كىرا قىلىپ يۇلتۇز رېستورانىغا باردىم.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خانىسىدا تۇغۇلغان كۈن مۇزىكىسى باشلىنىۋاتاتتى.مەن ئاستا ئىشىكتىن كىردىم.ئىشىكتىن كىرىپلا ھەيران قالدىم ، چۈنكى تۇغۇلغان كۈن مۇزىكىسى ئاخىرلىشىپ شاممۇ ئۆچۈرۈلۈپ ئەزىمەت مۇبارەك بولسۇن دەپ، گۈلنىگارنىڭ بوينىغا ئالتۇن زەنجىر سېلىپ قويدى.ھېچكىم مېنى كۆرمىدى. گۈلنار ئۇنىڭغا رەھمەت دېدى.مەن قىيا ئېچىلغان ئىشىكنى ئاستا يېپىۋېتىپ، كەينىمگە بۇرۇلدۇم. كاللام گادىرماچ ئىدى. بۇ ئەزىمەتنىڭ نېمە قىلغىنى.ئۇنىڭ ئايالى بىر بالىسى بار تۇرۇقلۇق، گۈلنىگارغا بۇنچە قىممەت سوۋغا ئالىدۇ. ئۇ ھەرقانچە ئەزىمەتنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىسىمۇ، ئەزمەت ئۇنىڭغا بۇنچىلىك قىلىپ نېمە بوپتۇ؟ روھىم سۇلغۇن ھالدا تاماكىنى كۈچەپ شورىدىم ، ھېچقاچان كۆزۈمدىن تۆكۈلمىگەن ياشلار بۈگۈن ئىختىيارسىز تۆكۈلىۋاتاتتى. خۇددى گۈلنىگار مەندىن يىراقلاپ كېتىدىغاندەك ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈگە ئايرىلىپ قالىدىغاندەك، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەي ئارماندا قالىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولىۋاتاتتىم. ئۆيگە كەچ سائەت 11 بولغاندا كەلدىم. مەن 3 سائەت ئىختىيارسىز كوچا ئايلانغان ئىدىم. تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدىم.چۈنكى قەلبىمدە يېنىۋاتقان رەشىك ئوتى مېنى زادىلا ئۇخلاتمايتتى. تاڭ سەھەر ئىشقا كەلدىم.ئىشقا كېلىپلا گۈلنىگارنى كۆردۈم.ئۇ تۈنۈگۈنكى زەنجىرنى ئېسىۋالغان ئىدى. مەن چاندۇرماي ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم.« ئۇ ھۇي.نېمانداق چىرايلىق.ئوغۇل دوستىڭىز سوۋغا قىلدىمۇ.؟»سورىدىم مەن. ئۇشۇنداق دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭىشتى ، ھەم مەندىن سورىدى.«ئەجەب سىز كەلمىدىڭىزغۇ؟» مەن«ئۆيۈمدە ئازراق ئىشىم چىقىپ قالغان.شۇڭا بارالمىدىم.كېلەر قېتىم چوقۇم بارىمەن.» دېدىم.ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلەم ئۆزگىرىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ ھە دېسىلا، ئەزىمەتنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقمايتتى. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتىمۇ بىللە ئىدى. بەزىدە كەچلىرى، ئەزىمەت ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياتتى. بۇ خىل نورمالسىزلىق داۋاملاشقانسېرى كۆڭلۈمگە گۇمان كىردى. مەن مېنى ئەزىمەت بىلەن كۆرۈشكە، مەجبۇر قىلدى. بۈگۈن بىز كىچىك بىر ئاشپۇزۇلدا بىللە تاماق يېگەچ پاراڭلاشتۇق. « ئەزىمەت سەن نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ سېنىڭ ئايالىڭ بالاڭ بار.گۈلنىگار بىلەن ئەتىدىن كەچ بولغۇچە بىللە يۈرسەڭلار باشقىلار نېمە دەيدۇ.؟سېنى بۇ يەرگە چاقىرتىشىم ئۆزۈڭنى تۇتىۋالساڭ بولاتتى.» ئۇ ماڭا قاراپ.« سەن ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىپسەن.بىز پەقەت خىزمەتداش.باشقا ئىش يوق.»مەن زەردە بىلەن جوزىغا بىر مۇش قويۇپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم « باشقا ئىش يوق؟ باشقائىش بولمىسا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈندە نېمىشقا ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر سوۋغا قىلىسەن؟ نېمىشقا چۈشلۈك تاماققا ئۇنى تەكلىپ قىلىسەن؟ نېمىشقا ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيسەن؟ نېمىشقا؟ سەن باشقا خىزمەتچىلەرگە مۇشۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟ »ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىرىدىم. ئاشخانىدا مۇلازىمدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. ئەزىمەت ماڭا قاراپ.« نېمىگە چالۋاقايسەن؟سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسەن.؟باشقىلار  گەپ قىلمىسا سەن نېمىشقا مېنى ئەيىبلەيسەن.؟مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم مېنىڭ ئايالىم بالام بار. بىراق مەندىمۇ كۆڭۈل بار دە.مەن گۈلنىگارنى ياخشى كۆرىمەن. مەن بۇ ياخشى كۆرۈشنى مەڭگۈ ساقلاپ قالماقچى خالاس.»، ئولتۇرغان جايىمدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. تاماق ناھايىتى ئىشتىھاسىزلىق بىلەن يېيىلۋاتاتتى .تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇدۇل ئىشخانىغا قايتىپ كەلدىم. ئىشخانىغا كىرىپلا گۈلنىگار بىلەن پاراڭلاشتىم.  مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.«سىز ئەزىمەتنىڭ ئايالى بالىسى بارلىقىنى بىلەمسىز؟» ئۇ؛«بىلىمەن نېمە بولدى؟»دېدى.مەن ئۇنىڭغا:«ئەزىمەت سىزنى ئايالى بالىسى بار تۇرۇقلۇق ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ تېخى بۇ ياخشى كۆرۈشنى مەڭگۈ ساقلاپ قالماقچى ئىكەن. سىز ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدىكەنسىز. » مەن پۇل كېتەردىن دەۋاتقاندا ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم. ئىشخانىدا ئۇياق بۇياققا ماڭدىم. لېكىن گۈلنىگارنىڭ چىراي ئىپادىسى پەقەتلا ئۆزگەرمىدى.ئۇ ماڭا قاراپ:« شۇنداق.بىز بىربىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئايالى بالىسى بولسا نېمە بولۇپتۇ. بۇلار ماڭا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. مەنمۇ ئەزىمەت بىلەن بۇ مۇھەببەتنى مەڭگۈ ساقلاپ قالماقچى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەزىمەت  مېنى تاشلىۋەتسىمۇ مەن پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى ئەزىمەت مەن ياخشى كۆرگەن ئەرنىڭ تۇنجىسى.» مەن قاتتىق ۋارقىرىدىم.« ساراڭ بولۇپسىز. ھەر ئىككىلىڭلار ساراڭ بوپسىلەر. ئەمىسە مەن قانداق قىلىمەن.؟ مەنمۇ سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام. گۈلنىگار ئەقلىڭىزنى تېپىڭ بىز توي قىلايلى.» ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىدىم ئۇ جايىدا جىملا تۇراتتى. مەن ماڭا قاراپ. « ئۇنداق قىلالمايمەن. مەن پەقەت ئەزىمەتنىلا ياخشى كۆرىمەن.» دېدى. مەن ئۇنى ئىتتىرۋېتىپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم.
تۆت بەش كۈنگىچە ئۆيدىن تالاغا چىقمىدىم. بۇ ئىشلارنى كاللامدىن چىقىرالمىدىم. توۋا مەن ناھايىتى ئەخلاقلىق، ئىشچان مۇلايىم پەرىشتىدەك كۆرىدىغان گۈلنىگار.مانا مۇشۇنداق چىقتى. كونىلار بىكار دېمەپتىكەن. ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەپ ، ئۇنىڭدا چىرايى بولغان بىلەن ۋىجدان يوق ئىكەن. ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك ۋىجدانى غۇرۇردىن ئەسەر يوق ئىكەن. نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا بولۇپ قالغان بولغىيتتىم. نېمىشقا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولغىيتتىم. ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس.ئۇ ئادەم ئەمەس ئىكەن ، مەن خاتالىشىپتىمەن. قارىغۇلارچە خاتالىشىپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ. خەير خوش خاتالاشقان مۇھەببەت.مەڭگۈ خەير خوش.

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان.
ئۈندىدار نومۇرى15292532364
2016-يىل25-نويابېر
     





633 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 23:03:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-5 9:02:17 aliya
bak yahxi yeziliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ