قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 18- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 

2- بۆلۈم 18- قىسىم

www.yazghuqilar.com

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)


ئۇلار قىززىق قۇم ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرمىدى ، قىززىق قۇممۇ ئۇلارنى دەم ئېلىشىقا قويمىدى .  كائىنات تونۇردەك ئىسسىق بولسىمۇ ، ئۇلارغا سەپەرنى داۋاملاشتۇرماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى . ئۇلار يولغا چىقىشتى ، نەچچە ۋاقىتتىن يۈدۈپ يۈرۈپ كۆنگەن يۈك - تاقلىرى ئەمدىلىكتە  ئېغىرلىق كىلىپ ھارغان يەلكىلەرنى بېسىۋاتاتتى ، ياخشى يىرى ،چۆل ئوغلى بىلەن چۆل قىزىغا بۇنداق سەپەرلەر ھېچقانداق بىلىنمىگەچكە ئۇلارغا زور يۆلەك بولۋاتاتتى ، قەيسەر قىزلارنىڭ يۈكلىرىنى كۆتۈرۋالدى ، قىز بولسا قوملۇقنىڭ رەھىمسىزلىگى ھالسىراتقان ئىككى قىزغا قولىدىن كىلىشىچە ياردەم قىلۋاتاتتى .  
سەپەر شۇ تەرەققىدە داۋاملاشماقتا ئىدى .  ئىزلار نۇرغۇن قۇم بارخانلىرنى كەينىدە قالدۇرغان بولسىمۇ ، ھالسىزلانغان تەنلەر ئالدىدا يەنىلا چەكسىز قۇملۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى . تەۋەككۈلچىلەر ھەر بىر قۇم بارخىنىغا چىققاندا ، ئۈمىت بىلەن نىشانغا قارايتتى -دە ئۈمۈتسىزلىنەتتى . ئوتتەك ئىسسىق ئۇلار بىلەن قېرىشۋاتقاندەك ، پۈتۈن ھارارىتىنى ئۇلارغىلا قاراتقان ئىدى .ئاپتاپ تەسىرىدە بىچارىلەرنىڭ بىلەك ، بويۇنلىرىنىڭ بىر قات تىرىسىنى كۆيۈپ شۈلۈنۈپ كەتكەن ، چىرايلىرى قارىداپ ، لەۋلىرىنى تىلىم - تىلىم يېرىلغان ھالەتتكە ئاپىرىپ قويغانتى . سۇسىزلىق بۇلاردىكى تەرلەرنىمۇ تۈگۈتۈپ قۇرۇتۇپ قاخشال قىلغاندا گۈزەلنۇر يىقىلىپ چۈشتى . باشقىلار كىلىپ ئۇنى يۆلىگەندە ئۇنىڭدىن ئاران نىدا كەلدى :
- سـۇ… سۇ ! بەك ئۇ… سا…پ كەتتىم … سۇ … سۇ بىرىڭلار!
ھەممىسى ئالمان - تالمان قاچىلىرىنى چايقاشتى ، لېكىن تامچا سۇ چىقمىدى ، بۇ چاغدا چۆل ئوغلى قوينىدىن ئەپچىلگىنە ياسالغان تۇلۇمدىن بىرنى ئالدى - دە ئاۋايلاپ گۈزەلنۇرنىڭ ئېغىزىغا تېمىتتى ، گۈزەلنۇر ئاچكۆزلەرچە سۇنى يۇتۇشقا باشلىدى ، چوكۇلداپ چۈشكەن سۇنى كۆرگەن باشقىلارمۇ ئۇسۇزلۇق دەردىدە تۈكۈرۈكلىرىنى يۇتۇشتى ، موشۇ تاپتا ئۇلارنىڭمۇ بۇ سۇدىن شۇنچىلىك ئىچىۋالغۇسى كەلگەنتى ،گۈزەلنۇر بەش يۇتۇمچە سۇ ئىچكەندىن كىيىن چۆل ئوغلى تۇلۇمنىڭ ئېغىزىنى ئىتىپ قوينىغا سېلىۋالدى ، باشقىلارغا ئۇ تۇلۇم شۇ دەقىقىدە گوياكى ئابىھايات جەۋھىرى ، بىباھا گۈھەردەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى .
- يەنە ئا  … ئازاراق … ئىچكۈم بار … ئىدى ،- دىدى گۈزەلنۇر يىگىتكە تەلمۈرۈپ .
- سىزگە ھازىرقى يىتەرلىك ، بۇ سۈيىمىزلا ھەممىمىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ ، سۇ مەنبەسىگە يەتكۈزەلەيدۇ ،شۇڭا باشقىلارغىمۇ ئېلىپ قويۇڭ ! - چۆل يىگىتىنىڭ قىزغا يەنە ئازاراق بەرگۈسى كەلسىمۇ شۇنداق قارار چىقارماسلىقتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى . قۇملۇقتا سۇ ھەقىقەتەن ئابىھايات ، گۈزەلنۇرنىڭ كىكىرتىگىدىن ئازاراق سۇ ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا جان كىردى ، سەپەر يەنە داۋاملاشتى . ئالاھەزەل يەنە يېرىم سائەت ماڭغاندىن كىيىن دىلبەر يىقالدى ، چۆل ئوغلى ئۇنىڭغىمۇ قىممەتلىك سۈيىدىن بەش يۇتۇم بەردى ، قىز ئازاراق دەرمانغا كەلگەندىن كىيىن سەپەر يەنە باشلاندى ، قۇم بارخانىغا چىقىش ، ماغدۇرسىزلىقتىن سىرىلىپ چۈشۈشلەر تەكرار - تەكرار داۋاملاشقاندىن كىيىن ، ھەممىسى تەڭلا ھالسىزلىقتىن قۇم ئۈستىگە تاشلاندى . كۈنمۇ غەرىپكە خېلىلا سۈرۈلگەن بولۇپ ، ۋاقىت ، ھەركەت ھەممىسىنىڭ قۇرسۇقىنى ئاچۇرغانتى ، قىزلارنىڭ شۇ سۇدىن يەنە ئىچكۈسى كىلەتتى لېكىن يىگىتلەرنىڭ سۇغا شۇنچە تەشنا تۇرۇپ بىر ئېغىز سۇ دىمىگىنىدىن ، قەيسەرلىگىدىن ئىلھاملىنىپ ئېغىز ئاچقۇسى كەلمىدى . چۆل ئوغلى بۇ تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ قوينىدىن سۇنى ئالدى .
- ھەر بىر ئادەم پەقەت بەش يۇتۇملا سۇ ئىچىمىز !- دەپ تۇلۇمنى تۇرغۇنغا بەردى ، تۇرغۇن سۇ تەشنالىغىدا ھاياجانلىنىپ بەش يۇتۇم ئىچىپ توختىدى ، ئامال يوق ئۇنىڭ سۇدىن يەنە بىر نەچچە يۇتۇم ئىچكۈسى بولسىمۇ دوسىتلىرىنى ئويلىمىسا بولمايتتى ، ئىسكەندەرمۇ شۇنداق قىلدى ، سەمەتمۇ شۇنداق قىلدى ، قىزلارمۇ ئىچىشتى ، نۆۋەت تايىرغا كەلگەندە تايىر ئۈچ يۇتۇم ئىچىپلا توختىدى -دە تۇلۇمنى دىلبەرگە سۇندى .
- ئىككى يۇتۇم سۇنى سىز ئىچىڭ ! مېنىڭ ئۇسسۇزلۇغۇم قاندى !
دىلبەر تايىرنىڭ يالغان ئېيتىپ ئۆز سۈيىنى بەرگەنلىگىدىن تەسىرلىنىپ  تايىرغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى :
- ياق ، ئۆزىڭىز ئىچىڭ ! مەن ھېلىمۇ كۆپ ئىچتىم !
- ئىچىڭ ! مەن ئوغۇل بالا بەرداشلىق بىرەلەيمەن !
قىز يىگىتنىڭ قەتئىلىك بىلەن گېپىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرغۇسى كەلمىدى - دە ئۇنىڭ ئىككى يۇتۇم سۈيىنى ئىچتى ، بۇ سۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك شىرىن ، شۇنچىلىك تەملىك بىلىندى ، نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ ئىككى يۇتۇم سۇ مۇھەببەتكە تولغان ، ئۇنتۇلغۇسىز سۇ ئەمەسمۇ ؟ نۆۋەت چۆل ئوغلىغا كەلگەندە تۇلۇممۇ قۇرۇقدۇلۇپ چۆل ئوغلىنىڭلا نىسىۋىسى قالغانتى ، چۆل ئوغلى ئۇنى چايقاپ بېقىپ گۈزەلنۇرغا سۇندى :
- مېنىڭكىنى سىز ئىچىڭ !
گۈزەلنۇر ئويلىمىغان يەردىن يىگىتنىڭ ئۆز نىسىۋىسىنى ئۆزىگە سۇنىشىغا قاراپ ھەيران قالدى .
- مەن ئۇنچىۋالا ئۇسساپ كەتمىدىم ،چىدايمەن ! مەن بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك ! قارىسام تېنىڭىز ئاجىزدەك قىلىدۇ ، سىز ئىچىپ ماغدۇرىڭىزغا كەلمىسىڭىز سەپەر ئۇزۇن بەرداشلىق بىرەلمەيسىز!
گۈزەلنۇر يىگىتنىڭ مەرتلىگىدىن ھاياجانلىنىپ كەتتى ، ئۇ يىگىتكە قارىدى ، ئۇنىڭمۇ لەۋلىرى يېرىلغان ، ئېغىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن ، بىر قاراشتىلا قانچىلىك ئۇسسىغىنى چىقىپ تۇراتتى ، چۈنكى ئۇمۇ ئادەمدە ھەرگىز تاش ئەمەس ، « ئەخمەق » دەپ ئويلىدى گۈزەلنۇر « ئۇسسىمىدىم دىگىنىنى ، تۇرقى ھەممىنى ئايان قىلىپ تۇرسىمۇ يالغان ئېيتىپ ، ئۇ نىمىشقا سۇنى ماڭىلا بىرىدۇ ؟ ئېنىق تۇرۇپتىغۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنى ، ماڭا نىمىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ ؟ بۇ يەردە ئۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك سېڭلىسىمۇ بارغۇ ؟ موشۇ تاپتا ئۇ قىزمۇ سۇغا شۇنچىلىك تەشنا ، شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قەپتىمۇ نىمە ؟ گەپنى ياپىتىپ دىگەندىن ئېنىقلا دىگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە !» .
- ياق مەن ئىچتىم ، قاراڭ سىزمۇ ئۇسساپ ئاران قەپسىز ئۆزىڭىز ئىچىڭ ! - ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ خاتا گەپ قىلىپ قويدۇممۇ نىمە دەپ جىددىيلىشىپ قالدى ، ئالدىراپلا دىگەن سۆزىدىن يىگىتنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ، مۇھەببىتىنى رەت قىلىۋەتكەندەك ھېسىياتقا كىلىپ قالدى ھەمدە ئۆزىگە ئاچچىغى كەلدى .
- ئىچىڭ دىگەندىكىن ئىچىڭ ! سىزگە ئىچىم ئاغرىپ ئەمەس ئاقساقالنىڭ يېنىغا ساق ئېلىپ باراي دەپ زورلاۋاتىمەن !
«كالۋا ! شۇنداقمۇ قوپاللىق بىلەن كۆڭۈل ئىپادىلەمدۇ ؟» دەپ ئويلىدى گۈزەلنۇر ، « سۈيۈڭنى ئىچمىسەم ئۈلۈپ قالامدىم ! بۇ ئېنىقلا ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىغۇ ؟ مەنمۇ نىمە قىلاتتىم نېزىمنى قىلىپ ، بوپتىلا كۆڭلىنى قوبۇل قىلاي ! » قىز تۇلۇمنى ئېلىپ سۇدىن ئىككى يۇتۇم ئىچىشىگە مۇبارەكنىڭ ئاكىسىغا ئاچچىقلىق قاراۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى ، ئەلۋەتتە ئاچچىغى كىلىدۇ-دە ، ئەزەلدىن ھەممىدىن بەك ئەزىزلەپ ، كۆيۈنۈپ كىلىۋاتقان سېڭلىسىنى ئۇنتۇپ ، بۈگۈن باشقا بىرىگە بۇنچىلىك كۆيۈنسە ! ، ئۇ سۇنى ئىچىشتىن دەرھال توختاپ تۇلۇمنى مۇبارەككە ئۇزاتتى :
- قالغىنىنى سىز ئىچىڭ !
مۇبارەك تەككەللۇپمۇ قىلماي تۇلۇمنى ئېلىپ ئاكىسىغا ئۇزاتتى .
- ئاكا قارىڭە ھالىڭىزغا ! قېنى بۇنىڭدا بولسىمۇ ئېغىزىڭىزنى نەمدىۋېلىڭ !
يىگىت سېڭلىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى .
- مەن چىدايمەن ، بىلىسەنغۇ مېنى ! بۇنداق ئۇسسۇزلۇقلار نىمىتى ؟ ئۆزەڭ ئىچە !
مىھىرلىك ئاخىرقى سۇ بىر - بىرىگە ئىتىرشىش نەتىجىسىدە قېلىپ قالدى ، يىگىت تۇلۇمنى قوينىغا سېلىپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى :
- بىز يەنە قاراڭغۇ چۈشكىچە ماڭساق سىرلىق رايون ئېغىزىغا يىتىپ بارىمىز ، ھەم شۇ يەردە ھاردۇق ئالغاچ سىرلىق رايون ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىمىز ، ئەگەردە بۇ يەردە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ئىشىككە ۋاقتىدا بارالماي قالساق ، ئىشىك ئىتىلسە يەنە بىر كۈن ساقلاشقا توغىرا كىلىدۇ ، شۇڭا ھازىر ھەممىمىز غەيرەتكە كىلىپ مېڭىشىمىز كىرەك !
چۆل ئوغلىنىڭ سىرلىق گەپلىرى ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى .
- ئۇ قانداق ئېغىز ؟ قەرەلى بارما ئۇ ئېغىزنىڭ ؟ ئۇ ئېغىزدىن باشقا چاغدا كىرگىلى بولمامدۇ؟ - ھەممىدىن ئاۋال گۈزەلنۇر سۇئالنى باشلىۋەتتى .
- سىلەرگە دەۋاتقان غايىبانە سىرلىق رايون ئىشكى شۇ ، ئۇ جايدىن ئىنسانلاردىن كىرىپ چىقالايدىغان ھەم سىرىنى بىلىدىغان ئۈچۈيلەنلا بار ، بىرى ئاقساقال ، بىرى مەن ، بىرى سېڭلىم ، ئۇ ئىشىك مەلوم ۋاقىتتا قىسقا مۇددەتتە ئېچىلىدۇ باشقا چاغدا ئىتىك ھالەتتە ، ئىتىك ھالەتتە ۋاقتىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات كىرىپ - چىقالمايدۇ ، قالغىنىنى بارغاندا ئۆزەڭلار كۆرىسىلەر ، ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىشىمىز كىرەك !
- ئەمىسە ھەقىقەتەن شۇنداق جىددى بولسا ، قەيسەرنىڭ دىگىنى بويىچە دەرھال ماڭايلى !- دىدى تايىر ئورنىدىن قوزغۇلۇپ .
ئاز بولسىمۇ تەشنالىغىغا قانغان تەۋەككۈلچىلەر ماغدۇرغىمۇ كىلىپ قالغانتى ، شۇنىڭ بىلەن سەپەر يەنە باشلاندى . ئۇلار ماڭغانچە قۇملۇقنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىدە ئاندا - ساندا يۇلغۇنلارمۇ ئۇچىراشقا باشلىدى ،گاھى - گاھىدا كەسلەنچۈكلەرمۇ ئۇشتۇمتۇت يۈگۈرەپ چىقىپ ئۇلارنى ھاياجانغىمۇ سېلىپ قويۋاتاتتى .
- يىلان !!! - دەپ ۋاقىرۋەتتى دىلبەر تۇيۇقسىز سەكىرەپ .
ئۇلار دىلبەر قورۇققان جايدا يۇغان بىر چار يىلاننى كۆرۈشتى .
يىلان بۇ ناتونۇش مىھمانلارنى كۆرۈپ ئېغىر ھەركەتتە بىر توپ يۇلغۇن ئاستىغا كىرىۋالدى .
- بۇ يەردىمۇ يىلان باركىنا ؟ بۇ يەردە بۇ جانىۋار قانداق ياشايدىغاندۇ؟- سورىدى ئىسكەندەر .
- زەھەرلىك يىلانمىدۇ ؟ كۆرۈپمۇ باقمىغان يىلانكىنا ؟- قىزىقىپ قالغان سەمەت ھەتتا ئەگىشىپ يۇلغۇن تۈۋىگىچە باردى .
- ئۇ زەھەرلىك يىلان !- دىدى مۇبارەك ، ئۇنىڭ ئاستا ھەركىتىگە قارىماڭلار ، ھۇجۇمغا ئۆتسە قېچىپمۇ قېچىپ كىتەلمەيسىلەر !
قىزنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپلا قورۇققىندىن قېچىپ كەلدى ، ئۇنىڭ ھەركىتىدىن قىز شۇنداق ئەركىن ۋېلىقلاپ كۈلدىكىن ، ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ھالىتى شۇنچىلىك گۈزەل ، شۇنچىلىك ئوماق كۆرۈنۈپ كەتتى ، سەمەت قىزنىڭ سىماسىغا قاراپ مەسىتلىكتە ھىجايغىنىچە قاراپلا قالدى .
ئۇ ، قىزنىڭ بۇ سىماسىنى قەلبىدە چىڭ ساقلىۋالماقچى بولغاندەك قىلاتتى .
ئۇلار ئەمدى قۇملۇقتىن چىقىپ ، توپىسىنى بوران ئۇچۇرۇپ قاتتىق  جىسمىغا يەتكەن جايغا چىقىپ قالدى .
- ئاۋۇ نىمە؟؟؟- ۋاقىرۋەتتى ھەيرانلىقتا تۇرغۇن .
ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپ ئۇلاردىن بىر كىلومىتىرچە يىراقلىقتا « زوڭڭىدە » چىقىپ قالغان قەلئەگە ئوخشاش بىر قۇرۇلۇش ئىدى .
- سىرلىق رايون ئىشىكى !- دەپ چۈشەندۈردى قەيسەر ،- بۇ جاينى تېپىش يول بىلمىگەنلەر ئۈچۈن دېڭىزدىن يىڭنە تاپماقتىنمۇ تەس .
ئۇلار نىشاننى كۆرۈپ باشقىچە روھلىنىپ كىتىشتى ،قۇملۇقتا تەستە مېڭىپ كۆنگەن پۇتلار ئازاتلىققا چىققاندەك يەڭگىللەپ تىزلىشىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ئەتتىگەندىن نوچىلىشىپ يەر- جاھاننى تونۇر قىلۋەتكەن قوياش قىزىل رەڭگە كىرىپ ، ئۇپۇققا يېقىنلاپ قالغانتى ، ئۇلار يېرىم سائەت مېڭىپ ، پۇتلىرى پۈكۈلگەندە نىشانغا يىتىپ بېرىشتى ، بۇ نىشان يىراققا قەلئەدەك كۆرۈنگىنى بىلەن يېقىندىن خۇددى بىرى ياساپ قويغاندەك گۈمبەز شەكىللىك ، تۆت ئەتىراپى پەشتاقتەك تۆرۈك چىقىرىلغان بەش مىتىردەك ئىگىزلىكتىكى بوران ياسىغان مۆجىزە قۇرۇلىشى ئىدى . قىززىق يىرى بۇ چوققىنىڭ ئوتتۇرسىدا تىغ بىلەن كەسكەندەك يېرىق ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى .
- توۋا ! - دەۋەتتى ئىسكەندەر ھەيرانلىقتا ئېغىزىنى ئېچىپلا قالغان ھەمىراھلىرىغا ،- قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىدا خۇددى بىرى ياساپ قويغاندەك چوقچۇيۇپ تۇرغان بۇ چوققا مۆجىزىدەكلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ دىسە !
- قېنى ئىشىك ؟ ئۇ ئىشىك بىلەن نەگە بارىمىز ؟ ئەتىراپ ئوخشاشلا ئوچۇقچۇلۇققۇ؟ - سورىدى تۇرغۇن .
- ھەممىسىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈن شۇ بولغاچقا ئۇلار جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن ئاكا - سىڭىلغا قاراشتى .
- ئىشىك موشۇ چوققا شۇ! سىرلىق رايونغا كىرگەندە بىلمەكچى بولغىنىڭلارنى بىلىسىلەر !- دىدى چۆل ئوغلى كۈلۈمسىرەپ .
- ئەجەپ سىرلىق گەپ قىلدىڭىز ،ئىشىك نەدە؟سىھىرلىك جاي نەدە؟ يا كۆرمىدىم  ! - دىدى دىلبەر ھەيران بولۇپ .
- ئالدىرماڭ ! بۇ يەر ھەقىقەتەن سىرلىق ، مۆجىزىلىك جاي  ،- دەپ گەپ قىستى مۇبارەك ،- سېھىرنىڭ قانداقلىغىنى ئەمدى بىلىسىز تېخى !
-  قانداق سىھىرلىك جاي بۇ ، ئەمىسە ياخشى بىر كۆرۋالايلى !- دىيىشتى تايىرلار .
ئۇلار ھارغىنىغا قارىماي چوققىنى بىر ئايلىنىپ چىقىشتى ، چوققىنىڭ شەكلى تۆت چاسا ، ئۈستى گۈمبەز ، تۆت تەرپىدە ئىگىز تۆۋرۈك ، بىر قاراشقا مەسچىت قۇرۇلۇشىغىمۇ ئوخشايتتى ، ئەڭ ھەيران قالارلىغى ، قەيەردىلا قارىسا نۇقسانسىز ئوخشاش كەڭلىك ، ئوخشاش ئىگىزلىكتە ، تاملىرى كىسەك بىلەن قوپۇرلۇپ چىققاندەك تىك ، سىپتا ئىدى.
- بۇنى بوران بۇنداق شەكىل چىقىرالمايدۇ !- دىدى تايىر ،- بۇنىڭ چوقۇم سىرى بار!
-شۇنداق !- دەپ كۈلۈپ قويدى قەيسەر ،- سىرىنى ئاستا بىلىپ قالىسىلەر !
ئۇلار بۇ سىرلىق قۇرۇلۇشنى مۇنازىرە قىلغاچ ، تۈز جايدىن بىرنى تاللاپ ئولتۇرۇشتى . كائىنات قوياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يورۇقلىغىنى ئۇزۇتۇپ ، سالقىن ھالەتكە كەلدى ، قەيسەر ، مۇبارەك ، ئىسكەندەردىن باشقىلار داق يەردىلا يېتىپ كۆزلىرىنى يېڭىلا پەيدا بولغان يۇلتۇزلارغا تىكىشتى ،دىمىسىمۇ بۇ سەپەر ھەممىسىنىلا قاتتىق چارچاتقانتى .
- قايسىڭلار نان يەيسىلەر !- ئىسكەندەر سورىدى ، يۈك - تاقلارنى يەشكەچ .
- سۇ يوق كىكىرتەكتىن نان ئۆتەمدۇ ؟- دىدى تۇرغۇن .
- ئەنسىرمەڭلەر !- دىدى قەيسەر ،- ئەتە سۇ بار بولىدۇ !
- سۇ قەيەردە ؟ يېقىن بولسا ھازىرلا ئىچەيلىچۇ ؟- دىدى گۈزەلنۇر ئىتىك تۇرۇپ .
يىگىت تۇلۇمنى قوينىدىن چىقىرىپ قىزغا سۇندى :
- مەڭ نىسىۋىڭىز بىلەن ئېغىزىڭىزنى بولسىمۇ نەمدەپ تۇرۇڭ ! سۇنى ئىشىك ئېچىلسا ئىچەلەيسىز ، ھازىرچە سۇئالنى ئاز سوراپ ھاردۇق ئالغاچ تۇرۇڭ !
قىز يىگىتنىڭ قولىدىن تۇلۇمنى ئالدى ، يىگىت ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يېقىملىق ، شۇنچىلىك مىھرىبان ،قەيسەر بۇلۇپ كۆرۈندى .

ئاخىرى بار…
     





1418 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-1 1:02:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-6-16 10:46:50 ئەنۋەر
خاپا بولماي ئاخىرنى ئىتتىكرەك يازسىڭىزچۇ دائىم ئادەمنى بەكمۇ تەققازا قىلۋىتسىز جۇمۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ