قاراڭغۇ ئورمان
26- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
بىز ئىكراندىن چىركاۋنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلىشىنى تەكشۈرەشكە باشلىدۇق. بۇ ئىلغار تېخنىكىلىك كۆزۈتۈش ئاپىراتى چىركاۋنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ، يەر ئاستى ئۆيلىرىنى خۇددى ئەينەك قاچىنىڭ ئىچىنى كۆرسەتكەندەك كۆرستىۋاتاتتى.
بىز ھەممىمىز پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئىكرانغا تىكىلىپ قانداقتۇ بىر ئاجايىپ سىرنىڭ ئاشكارلىنىشىنى كۆرۈشكە تەقەززا ئىدۇق. چىركاۋنىڭ ئۈستىدە ئۆمۈچۈك تورى ، توپا- چاڭ ئىچىدە قالغان غەرىپ ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەر ، چىرىپ پارچىلانغان يىغاچ كارۋاتلار ، ھەر تەرەپتە چېچىلىپ ياتقان ياغاچ جابدۇقلار ، يىرتىلىپ ئەسكى بايراقتەك پۇلاڭلاپ تۇرغان پەردىلەر ، يەنە چېقىلغان ، پۇچۇلانغان چىنە چەينەك ، پىيالىلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىۋاتاتتى .
بىز بىر تەرەپتىن كۆرۈپ بىرىنجى قەۋەتكە چۈشكەندە يوغان چىركاۋ زالىنى كۆردۇق ، زالنىڭ تۆرىسىدە يوغان ياسالغان كىرىس ھەم كىرىسقا مىخلانغان ئەيسانىڭ ھەيكىلى، ئۇنىڭ يېنىدا پوپنىڭ قىرائەت ، ۋەز ئېيتىدىغان ئورنى ، يەنە بىر چېتىدا ، پاچاقلىنىپ تۇرغان تۆۋە قىلىش ئورنى ، ئالدىدا بولسا قاتار تېزىلغان ياغاچ ئورۇندۇق ، ئۆستەللەر بۇ جاينىڭ ئىلگىرى خېلىلا ھەشەمەتلىك ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى .
ئىكران يەر ئاستى ئۆيىگە توغۇرلاندى، يەر ئاستى ئۆيىدە چىركاۋغا لازىملىق نەرسىلەر قويۇلغان ئىسكىلاتتەك قىلاتتى، بىز كۆرگەن نەرسىلەرمۇ تولىسى كىرەكتىن چىققان، كىرەكتىن چىقمىغانلىرى بولسا ئانچە كىرەككە كەلمەيدىغان نەرسىلەردەك قىلاتتى. بىز كۆزىتىۋېتىپ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئاستىدىمۇ مەخپىي بىر ئۆينىڭ بارلىغىنى كۆرۈپ قالدۇق. بۇ ئۆي مەخپىي ئۆيدەك قىلاتتى ، تاملىرى تاشتىن بولۇپ ، ئۈستىدىكى بىر ئىشكاپنىڭ ئاستىدا مەخپىي ئىشىكى بولۇپ ، تاش پەلەمپەي بىلەن پەسكە خېلى چۈشكەندىن كىيىن ئاندىن ئۆي ئىچىگە چۈشكىلى بولاتتى . ئۆي ئىچىدە يىغاچ بىلەن ياسالغان سولاقخانىلار بىلەن قارىماققا جازالاشقا ئىشلىتىدىغان سايمانلار ، باغلاشقا ئىشلىتىدىغان كۆشەك ، كىشەنلەر ،تاملارغا ئېسىق تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تەرەپكە بىر نەچچە يىغاچ ساندۇق قويۇلغانتى ، ياغاچ ساندۇقلارنىڭ ياغاچلىرى بۇ زەي يەردە ئۇزۇن تۇرغاچقا چىرىپ ئىچىدىكى نەرسىلەر پاقىراپ كۆرۈنىشكە باشلىدى .
- ئالتۇن !- دەۋەتتۇق ھەممىمىز تەڭلا !
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆزىنى يەيدىغان ساپسىرىق خىش ئالتۇنلار تىزىق پېتى تۇراتتى ، بۇ بايلىق قارىماققىلا بەكلا كۆپتەك قىلاتتى .
- ۋاھ نىمانداق كۆپ ئالتۇنلار بۇ ،- ئىكراندىن كۆز ئۈزمەيۋاتقان ھامۇتئاخۇن ئاكنىڭ ئۆزىمۇ سەزمەيلا ئۈنلۈك ئاۋازدا دىگەن بۇ گېپىدىن ھەممىمىز ئۇنىڭغا قارىدۇق ، ئۇنىڭ كۆزلىرى پاقىراپ ھاياجاندا ئېغىزى ئېچىلىپلا قالغانتى.
بىز قايتىدىن سولاقخانىغا ئىكراننى توغۇرلىدۇق، سولاقخانا ئۈچ ئېغىز بولۇپ، ئۈستىدە يۇغان زەنجىرلەر ئېسىقلىق بولۇپ ، بىر ئىسكىلىت زەنجىردە باغلاق پېتى بەتبەشىرە ، قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە ، بىر نەچچە ئىسكىلىت تىتىلىپ كەتكەن كىيىملەر ئىچىدە ئاپپاق كۆرىنەتتى .
- بۇ قانداق جاي بولغىيتى، ئۈستى ئىبادەتخانا ، ئاستى جەسەتخانىكەنغۇ ؟- دىدى پەرىدە ،- بۇ يەرگە قانداق ئادەملەر سولانغان بوغىيتى ، ئۇلارنى نەدىن بۇ جاڭگالغا ئېلىپ كىلىپ سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۋەتكەندۇ؟
- كەسپىي كىسىلىڭىز قوزغىلۋاتامدۇ ؟ - دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگىنىمچە ، - بارغۇڭىز كىلۋاتامدۇ؟
- مەنمۇ بارايچۇ ، مېنىمۇ ئېلىپ بېرىڭلارچۇ !
پەرىدە سۇئالىمغا ئەمدى جاۋاپ بىرەي دەپ تەمشىلىشىگە ھامۇت ئاخۇن ئاكىنىڭ ئالمان - تالمان قويغان تەلىپىدىن ھەممىمىز ھەيران قالدۇق. قارىماققىلا ئۇنىڭ قىـزىقىۋاتقىنى مال - دۇنيا ئىكەنلىگى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. مەن ئىپادە بىلدۈرگىچە ئېغىزى ئىتتىك روشەنگۈل ئۆزىنى باسالماي ئېغىز ئاچتى :
- ۋوي ئاكا ، نىمىمۇ قىلارسىز بېرىپ ، ئۇ يەردە ئادەم يەيدىغان مەخلوقلار بىزنى ساقلاپ تۇرىدىغاندۇ ، جان كىرەك ئەمەسمۇ سىلىگە !
بۇ ئادەم تەنە گەپنى چۈشەنمىدىمۇ ياكى بايلىق ئۈچۈن شۇنداق بولىۋالدىمۇ ھېجايغىنىچە :
- مەخلوقلاردىن قورقۇپ بۇ يەردە كۈن ئالغىلى بولمايدۇ - دە سېڭلىم ، ئەركىشى بولغاندىكىن ئۇ جىننى يوقۇتۇشقا ياردەم قىلمىسام بولماس ، ھېچ بولمىغاندا ئۇنداق جىن - ئالۋاستىلار توغىرسىدا ئاڭلىغان بىلگەنلىرىم سىلەر ياشلاردىن كۆپرەك ، بارسام ئازدور - كۆپتور ياردەم قىلالايمەن .
ھەممىمىز ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىغىغا قاراپ بېقىپ زىيادە گەپ قىلىشنى خالىمىدۇق .
- كۆرىدىغاننىمۇ كۆردۇق ، مېنىڭچە ئۇ ئەرۋاھ ئاشۇ ئۆلگەن بىرەر جەسەتتىن چىقتىمىكىن ، بىز شۇنداق پەرەز قىلساق بۇنىڭغا بىر پىلان تۈزەپ ، مەخلوقلارغا چاندۇرماي ، ئوغۇرلىقچە چىركاۋغا كىرىپ يەر ئاستى ئۈيىگە چۈشىشىمىز كىرەك .
- ئۇنداقتا مەخلۇقلارنىغۇ كۆرەلىگەچكە ئۇلاردىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالارمىز ، لېكىن ھېلقى جىن ئايالدىن قانداق چەتكە ئالارمىز ، ئۇ دىگەن گاھى كۆرىنىدۇ ، گاھى يوقاپ كىتىدۇ ، ئۇ بىزنىڭ چىركاۋغا كىرگىنىمىزنى بىلمەي قالارمۇ ، ئەگەردە ئۇ بىزنى بايقاپ ھۇجۇم قىلىپ قالسا ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايمىز ،- دىدى قاھار بۇ ئىشنى مۆلچەرلەپ .
- شۇڭا ،- دىدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا ،- بۇ قېتىمقى ھەركەتكە ئەتراپلىق پىلان تۈزەيلى ، ھەممەيلەن قانداق قىلساق مەخلوقلارغا ھەم ئايال جىنغا ئۇچۇراپ قالماي چىركاۋغا كىرگىلى بولىدىغانلىق توغۇرلۇق ئويلىغانلىرىمىزنى دەپ باقساق.
- مېنىڭچە ،- دىدى نىجات ، - ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەندىن پايدىلانساق.
پەرىدە ئۇنىڭ پىلانىغا قارىتا ئويلىغىنىنى دىدى :
- مەخلوقلارغۇ ئۇيقۇغا كىتەر ، لېكىن ئاۋۇ جىن ئۇخلارمۇ؟
ھەممىمىز بۇ سۆزدىن كۈلۈشتۇق .
- شۇ ئەمەسمۇ ؟ جىننىڭ ئۇخلىغىنىنى كىم كۆرگەن ،- دەپ سۆز قىستى مەپتۇنئاي .
- ئۇ جىنلا ئەمەس ، مەخلۇقلارمۇ شۇنداق سەزگۈركەن ، ئۇلارنى ئۇخلۇتۇپ كىرىش تەستۇ ،- دىدى روشەنگۈل .
- سېنىڭ قانداق پىلانىڭ بار ؟- دىدى قاھار جىمىلىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ، دىمىسىمۇ مەن بۇ ئىش توغۇرلۇق كۆڭلۈمدە چوت سوقىۋاتاتتىم .
- مېنىڭ پىلانىمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار ئەمىسە، مېنىڭچە بىز ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنەيلى، بىر گۇرۇپپا مۇداپىئە چەمبىرىكىدىن يىراقلاپ كەتمىگەن ئاساستا جەڭ قىلىپ ئايال جىن ھەم مەخلوقلارنى جەلىپ قىلىپ دىققىتىنى تاتسۇن ، يەنە بىر گۇرۇپپا ئوغۇرلىقچە چىركاۋغا كىرسۇن .
- بۇ ئامالمۇ بولغۇدەك ،- دىدى باياتتىن بېرى سۆزىمىزگە دىققەت قىلىۋاتقان قارا كىيىملىك چەۋەندازدىن بىرى ،- ئۇنداقتا ئايال جىننى قانداق يوقىتىشىمىز كىرەك ؟ چىركاۋغا كىرىش بىلەنلا ئۇنى يوقاتقىلى بولامدۇ - يوق ؟ بىز شۇنچىلىك تەتقىق قىلىپمۇ ئۇنىڭ سىرىنىڭ تىگىگە يىتەلمىدۇق ، سىلەر ئۇنى قانداق يوقاتماقچى ؟
- بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ،- دىدىم مەن ،- مېنىڭ قارىشىمچە ئۇنى بايا كۆرگەن ئىسكىلىتلارنىڭ بىرىدىن چىققان دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى شۇ ئىسكىلىتلارنى كۆيدۈرۋەتسەك ئاندىن يوقارمىكىن دەيمەن ، شۇنداق قىلساق يوقاتقىلى بولامدۇ ھامۇتئاخۇن ئاكا ؟
- يوقايدۇ ، يوقايدۇ ، شۇنداق قىلساق يوقايدۇ ، ھە ئۇ چىركاۋ دىگەن جايغا مەنمۇ باراي، ئۆز قولۇم بىلەن يوقىتاي . ئۇنىڭ بەرگەن بۇ جاۋابىغا ھەممىمىز ئىشەنچ قىلالمايلا قاراپ قالدۇق، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن كاللىسىنى ئالتۇنلار قاپلىۋالغاندەكلا قىلاتتى .
- ئۇ ئايال جىننى تاپقىلى بولامدۇ؟ - سورۇدۇم قارا كىيىملىكتىن .
ئۇ ئىكراننى تەڭشىگەچ :
- بۇ ھالەتتە ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، يەنە بىر ئۇسۇلدا تاپايلى ،- دەپ چۈشەندۈرۈپ قويدى . ئىكراننىڭ كۆرۈنۈش دەرىجىسى ئۆزگۈرەپ چىركاۋ ئىچى بىر - بىرلەپ ئەكىس ئەتتى -دە ئەڭ ئاستىنقى ئۆيدە ھېلقى ئايال جىن سولاقخانا ئىچىدە كۆرۈندى، ئىكران ئۇنىڭغا توغۇرلاندى .
- ئۇ نىمە قىلۋاتىدۇ؟
ھەممىمىز ئۇنىڭ ھەركىتىگە قىزىقىپ قالدۇق، ئۇ سولاقخانىدىكى ئىسكىلىتلارنى ئايلىنىپ ئۇنى - بۇنى قۇچاقلاپ ئاسمانغا قاراپ چىقىرايتتى، چىرايدىن ئازاپ ، غەزەپ - نەپرەت، سېغىنىشقا ئوخشاش ھېسىياتلار چىقىپ تۇراتتى . ئۇ بىردەم يىغلىسا ، بىردەم كۈلەتتى، كۈلگەن ھالىتى بەك قورقۇنۇچلۇق بولۇپ چىرايلىرى تارتىشىپ، كۆزلىرىدىن قان قۇيۇلۇپ قەغەزدەك ئاق چىرايىنى بوياپ يەرگە تاماتتى. بىز ئۇنىڭ ھەركىتىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، بۇ قېتىمقى ھەركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئۈستىدە توختالدۇق
. - بۇ قېتىمقى گۇرۇپپا ئىككى، بىرىنجى گۇرۇپپا مەخلوقلار ھەم ئايال جىننىڭ دىققىتىنى بۇرايدۇ ، بۇلار قارا كىيىملىك چەۋەنداز ، نىجات، روشەنگۈل، ئىككىنجى گۇرۇپپا مەن بىلەن قاھار بىز چىركاۋغا كىرىمىز .
- مەنچۇ؟ مەنمۇ چىركاۋغا كىرەي ،- ھامۇتئاخۇن ئاكا ئالدىراپ - تىنەپ ئىپادە بىلدۈردى .
- ۋاي ئاكا سىلىنىڭ ئۇنداق خىياللىرى بولسا بىز بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ مەخلوقلار بىلەن بىر جەڭ قىپ بەرسىلە ،- دىدى نىجات ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىگە قارىتا چاقچاق قىلىپ .
- ئۇكام مەن يە قورال تۇتالمىسام مەخلوقلار بىلەن قانداقمۇ جەڭ قىلاي، ياخشىسى ئۆزەم كىرەككە كىلىدىغان شۇ چىركاۋغىلا باراي ،- ئۇ شۇنداق دىگەچ ھېجىيىپ قويدى ، بىزمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداق چوت سوقىۋاتقىنىنى سەزگەچكە كۈلۈپلا قويدۇق .
- بوپتۇ ، بارسىڭىز بېرىڭ، لېكىن قايسىلا گۇرۇپپىغا بېرىڭ جاننى تىكىپ بارىدىغان گەپ، يە ئۈلۈم، يە كۆرۈم دەپ تەۋەككۈل قىلىمىز ، شۇڭا ياخشى ئويلىنىپ قارار قىلالا ،- دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم .
- مەن ياخشى ئويلاندىم ، بۇ يەردىن كىتىشكە مەنمۇ ئالدىراۋاتىمەن .
ئۇنىڭ قەتئىلىك بىلەن تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىشى بىلەن ماڭىمۇ قوشۇلماي بولمىدى .
- ئۇچار جىسىمدا پەرىدە بىلەن مەپتۇنئاي، چەۋەنداز ئۈچىسى بىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بىرىشكە مەسئۇل بولۇپ قالسۇن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىيپىسى، مەخلوقلار بىلەن جىننىڭ ھەركەت ئەھۋالىنى كۆزۈتۈپ بىزگە يەتكۈزۈپ بىرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداق بولسۇن.
سۆزۈم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن پەرىدەنىڭ ئەنسىرىگەندەك قاراۋاتقانلىغىنى سەزدىم، ئادەم كۆپ بولغاچقا ئۇ ماڭا دىمەكچى بولغان سۆزلىرىنى دىيەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، دىمىسىمۇ بۇ بىر ھايات - ماماتلىق جەڭنىڭ باشلىنىشىدىن دىرەك بىرەتتى، كىم ھايات قېلىپ، كىم يالماۋۇزلارنىڭ قولىدا جان بىرىدۇ بۇ ھەممىمىزگە قاراڭغۇ، شۇڭا ھەممىمىزدىلا جىددىيلىشىش، ئەنسىرەش كۈچىيىپ كىتىۋاتاتتى .
- چۈش بولدى، تاماق يەۋېلىپ، ماغدۇرغا كەلگەندىن كىيىن ھەركەتكە ئاتلىنايلى ،- دىدىم كۆپچىلىكنىڭ جىددىيلىشىشنى يوقاتماق بولۇپ.
باشقىلار غىزالىنىشقا تۇتۇش قىلدى، پەرىدە باشقىلارغا چاندۇرماي كەلگەن پېتى قولۇمدىن تارتىپلا سىرتقا سۆرەپلا ماڭدى. ئەتىراپ جىمجىت خۇددى يەر شارىغا تەۋە ئەمەستەكلا بىر خىل مەۋجۇتلۇقتا تۇراتتى ، ئۇ قولۇمنى چىڭ تارتقىنىچە ئۇچار جىسىمدىن يىگىرمە مىتىرچە يىراقلىقتىكى دەرەخ تۈۋىگە كىلىپ توختىدى - دە گەپ - سۆز قىلمايلا ئۆرۈلۈپ چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇنىڭ جىمجىت تۇرىشىدىن ئازاپلىنىۋاتقىنىنى، ئەنسىرەۋاتقىنىنى سەزدىم، ھەم ئاستا ئۆزەمگە قاراتتىم، ئۇنىڭ كۆزلىرى لىق ياش ئىدى .
- ماڭا ۋەدە بىرىڭ ، چوقۇم ھايات قايتىپ كىلىمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ ، - ئۇ بېشىنى يەنە مەيدەمگە قويۇۋېلىپ ئاستا سۆزلىدى.
مەن ئۈن - تىنسىز تۇراتتىم، بۇ ئىشقا قانداقمۇ ۋەدە بىرەي، ئەجەل يەتسە بىز ياراتقۇچىدىن نوچىمۇ؟ لېكىن پەرىدەگە نىمە دەرمەن ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويۇپ مېڭىشىم كىرەكتە .
- ماڭا ۋەدە بىرىڭ ، مېنى تاشلىۋەتمەيمەن، يالغۇز قويمايمەن ، بىر ئۆمۈر ھەمىرا بولۇپ، يار - يۆلەك بولىمەن ، ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ .
- ئاللاھ ئۆمۈرۈمنى بەرسە ۋەدە بىرەي ،- دىدىم قۇلىغىغا شىۋېرلاپ چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە ،- بىر ئۆمۈر يېنىڭىزدىن ئايرىلماي ، سىزنى قوغداپ ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن ، يالغۇز قويمايمەن، ۋەدە بىرەي . ئۇ ۋەدەمنى ئاڭلاپ بولۇپلا ھاياجاندىن تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى … …
ئاخىرى بار…
4946 قېتىم كۆرۈلدى | metro | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-22 20:58:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-23 23:29:51 | guzalnur |
Asarni bak yahxi. Yezipsiz. Man back. Yahturup. Ukuyman. Likin. Kiyinki. Kisimlirinig. Qikixi. Back. Asta. Xuga. Tezrah. Yazgan. Busigiz yezihqilih. Maharitigizga. Kuz. Tagmisun |
2016-2-23 15:59:45 | رەيھانە |
27قىسمنى تىزراق ئۇقۇشنى ئۇمۇت قىلمەن |
2016-2-23 9:59:11 | salamat |
bu asar bak yahxikA birak ahri tizrak qiksa bulati |
2016-2-23 8:53:30 | Bilan |
yahxi yeziliptu |
2016-2-23 8:52:24 | YE |
Bulak yahxi yeziliptu. Ahiriha takazza |
2016-2-23 2:12:24 | نۇرمەمەت |
قاراڭغۇ ئورمانئورمان بەكبەك ياخشىكەن |
2016-2-23 1:42:16 | kiqik tayer |
metro aka adamni takazza kilmai qakkan yinglar aka muhim wahtidela tugapkitidu bu hikaya |
2016-2-23 1:22:15 | زۇلقەمەر |
قاراڭغۇ ئورماننىڭ يېزىلىش سۈرىتى بەك ئاستىلاپ كەتتى ،مۇمكىن بولسا تېزراق يېزىپ پۈتۈرۋاتقان بولسىڭىز |
2016-2-23 1:08:58 | guljamal |
hekayinig ahirini tezrak yezip yollixhizni,umut kiliman ,rahmat sizga kop tirixqanlik,bilan yezipsiz koligizga dat,barmisun ,ixlirgiznig kundin kunga ronak tepixini turmuxgiznig bahit iqida otixiga tilakdaxman harmihaysiz |
2016-2-23 0:57:43 | غەيرەت |
قالتىس چىقىۋاتىدۇ ئاخىرى ،،،، ئابدۇرىقىپ تىخىمۇ تىرىشىڭ ،،،،ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرى تىخىمۇ قالتىس چىققۇدەك ،،،تىرىشىڭ قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قىرىندىشىم ،،، |
2016-2-23 0:53:29 | مەھلىيا |
بۇ ئەسەرنى تولىمۇ تەقەززارلىق بىلەن ئوقۇپ،كىلىۋاتىمەن يازغۇچىنىڭ تىخىخۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ،ئوقۇرمەنلەرگەسۇنىشىغا تىلەكداشمەن |
2016-2-23 0:21:09 | bilih |
man bak yahtueup okuyman,asar yazhan kixinig tiniga salamatlik ,aelisiga bahit tilayma muxu salun uqun japa,qikip hizmat kilwatkan hadinlarhimu kop rahmat japa qaktiglar, |
2016-2-23 0:14:22 | ئەسىلمە |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! مەن قاراڭغۇ ئورمان دىگەن ھېكاينى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن،بەك ياخشى ھېكايكەن داۋاملىق مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۇمىد قىلمەن! يازغۇچى ئۇستازلارغا ھەم سالونچىلارغا رەھمەت! جاپا ��چەكتىڭلار🌹🌹🌹 |
2016-2-23 0:13:42 | osman |
man,bak yahturdom ahiri kaqan yolina |
2016-2-23 0:04:36 | گۆھەر |
ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقىۋاتىمەن،قولىغا دەرت كەلمىسۇن.تېنى سالامەت ئشلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولسۇن |
2016-2-22 23:54:20 | 416741786 |
Bak yahxi qikiwatidu ahirimu tezrak qiksun |
2016-2-22 23:45:15 | Ezez |
Rahmat , ahereni tezrak yollisang la |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|