يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 1 - قىسىم
زۇرفى
قاتتى چىلىنغان سىگنالدىن ئاۋازىدىن چۆچۇپ ئويغانغان زىلال ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا قارىدى ، ھەممەيلەن تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى . ئۇ مۆرىسىدە بىرنەرسىنىڭ بارلىقىنى پەملىگەندەك يىنىغا قارىدى، ئۇنىڭ مۆرىسىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنى خىياللىرىنىڭ ، يۇرەكلىرىنىڭ پۇتۇن جىسمىنىڭ بۇيۇك ئاشىقى بولغان مۇختەر ئىدى . ئۇ قوي كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن قوللىرىنى ئوڭشىۋىلىشقىمۇ پىتىنالمىدى ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇختەر بىلەن مانا مۇشۇنداق مەڭگۇ مۇشۇنداق مۇرىسىگە باش قۇيۇشۇپ تاتلىق ئۇخلىشى ئىدى ئەمما بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ھەقىقەت ، ئۇ ئويلايتىيۇ ئاخىرىنى ئويلاشقىمۇ پىتنالماي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئىلىپ دىرىزە تەرەپكە قارىدى يەنە ئاشۇ مۇھدىش ئاخىرى يوق خىياللارغا يەم بولغاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە جىمجىت كىتىپ بارغان پويىز بىلەن تەڭ خىيالىرى باشلىغان ياققا كىتىپ قالدى .
قايسى چاغلار ئىدى ھە ، بەخىت ئىچىدە ھەممىلەر ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان ، شۇ بەخىتلەر ئىچىدە خۇشال خۇرام ئۆتكەن، ئۆز كۇلكىلىرى بىلەن پۇتۇن ئائىلىنى خۇشاللىققا چومدۇرگەن ھەممىسىنىڭ چېھرىدە ئۇنىڭ كۇلكىسى بىلەن نۇرلىنىپ كەتكەن ئاشۇ ئائىلە قايسى بىر قىسمەتلەر بىلەن كۆككە سۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى ھە ، شۇنىڭدىن تارتىپ جىمغۇرلىشىپ كەتكەن زىلال تا ھازىرغىچە شۇنچىلىك جىمغۇر ، شۇ قەدەر ئاددى شۇنچىلىك ئىچ مىجەز ئىدى .
ئوتتۇر مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئىمتىھاندىن ناھىيە بۇيچە بىرىنچى بۇلۇپ ئۆتكەن زىلال ئىچكىردىن كەلگەن ئەڭ ياخشى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ھويلا يىنىدىكى بىر تۇپ دەرەخكە يۆلەنگىنىچە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى . ئۇقۇسام بولمايدۇ ، مەن ئوقۇسام ئۇقۇش پۇلۇمنى كىم كۆتۇرىدۇ كىم ماڭا تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىدۇ ياق ئوقۇمايمەن بۇ چاقىرىق قەغىزىنىمۇ مەن ئالمىدىم ،…… ئۇ ئۆز خىياللىرى بىلەن قارمۇ قارشى بولغان ئوي پىكىرىنى زىدىيەت قىلىپ كۆزلىرىدىن چىققان ياشلارنىمۇ سەزمەي قالدى ، ئۇنىڭ قانچىلىك ئوقۇغۇسى بار ئىدى ھە ، چوڭ شەھەرلەردە ، ئىگىز قەۋەتلىك بىنالاردا …… ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بۇيچە ياخشى ئوقۇپ ئەڭ ياخشى بولغان بىر ئادىل سوتچى بۇلۇشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتى ھە ، مانا تەقدىر ئۇنىڭ بۇ ئارزۇ ئارمانلىرىنى نەلەرگىدۇ ئۇچۇرۇپ ئەكەتكەندەك زىلالغا قاتتىق چاقچاق قىلاتتى ، بۇ غەيرەتلىك قىز ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، ئۆزىنى مۇشۇنداق بەزلەيتى ،ئۆز ئۆزىگە قارشىلىق قىلاتتى ، نىمە ئامال ئۇ شۇنىڭغا كۇنۇپ كەتتى چۇنكى ئۇنىڭغا ھال مۇڭ بولغىدەك ئۇنى بۇرۇنقىدەك باغرىغا بىسىپ يىغلىما قىزىم دەيدىغان ھېچ بىرى يوق ئىدى .مۇختەر … مۇختەر … زىلالنىڭ زىل بوش ئاۋازى ، مۇختەرنى ئويغىتىدىغاندەك ئەمەس . ھە بەگزادە تۇرە تۇر ، كەلدۇق مانا سېغىنغان ئۇرۇمچىگە يۇرتقا كەلدۇق تۇرە ، قىزلارنىڭ مۇرىسىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلىسا راھەت ئۇخلامدىكەن يا ، ئەلىنىڭ بۇ چاقچى سەل ئىشىپ كەتسىمۇ زىلال ھېچنىم دىمەي قىزارغان يۇزىنى باشقىلاردىن يۇشۇرغاندەك دىرىزە تەرەپكە قاراپ نىمىلارنىدۇ ئويلايتى ، مۇختەر سىلكىشلەردىن ئاران كۆزىنى ئېچىپ يىنىدا مىدىر سىدىر قىلماي تۇرغان زىلالنى كۆرۇپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا دەرھال تۇرۇپ زىلال كە…كە…كەچۇرۇڭ ، مە…مە…مەن ……ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەيلا ياندا ئۇرۇنداققا ئارتىلىپ تۇرغان ئەلى ئاخىرىنى چىقاردى ، ھە بەگزادە ھىلقاچان قىزلارغا گەپ بەرمەيدىغان ئۆزلىرى بۇگۇن ھەجەپ مە ، مە ، مە ، كە ،كە ،كە دەپ كەتلە بىرنىمنى خاتا يەۋالمىغانلا ئۆزلىرى دەپلا قاتتىق كۇلدى ، ئەتراپتىكىلەرمۇ ئەلىنىڭ بۇ گىپىدىن كۇلۇشۇپ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۋاتاتتى . مۇختەر ئەلىگە سەت بىرنى قارىۋېتىپ ئۆرۇلۇپلا كىتىپ قالدى ، ھە بەگزاد قاياققا توختا …… ئەلىمۇ تاپان بىسىم مۇختەرنىڭ كەينىدىن ماڭدى .
داۋامى بار ……
686 قېتىم كۆرۈلدى | zila715 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-24 13:47:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|