ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (7)

ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (7)
ئابدۇقادىر  ئىزچى

ھەي …بۇۋاقىت نىمدىگەن تىز ئۆتكەن ھە…
قۇلۇممۇ خېلى ياخشى بوپقالغان ئىدى مەن بۇيەدە تېڭىق ئالماشتۇرۇپ ھۇكۇل ئاستۇرۇپ دىگەندەك قىلىپ قۇلۇمنى ياخشى ئاسرىدىم، شۇڭا بولسا كىرەك قۇلۇممۇ خېلى ياخشى بوپ قالدى،
بىر ئاي بۇلۇشقىمۇ يەنە بىر ھەپتە قالدى ، داداملاغا تىلپۇن قىلاي دىدىم دە،بىراق بولدىلا مەن كۈتمىگەن خەۋەر ئاڭلاپ ئارتۇقچە ئازاپ تارتىپ يۈرمەي دىدىم ، بىراق يەنە شۇ ئۇلادىن ئەنسىرىگەن ئىدىم، بولدى ئەت قىلاي دەپ ئۆز ئىشىمنى قىلدىم، 
بۈگۈن ھاۋا باشقىچە،ۋاھ…نىم دىگەن ساپ، يوللارنى ئادەملە قاپلىغان،دەرخلەر ئاق لىباس كىيگەن ، مېڭىپ ھېرىپ قالدىم، بۇيەدىكى نەۋرە ئاكامدىن ئالغان پۇلمۇ تۈگەي دەپ قالدى ، يەنە تورخانا تەرەپكە ماڭمىدىم،
ھەي ئىنسان قىلغانلىرىنى بىرى ئۈچۈن قىلسا شۇ ئىش قانچە قىيىن بولغانسىرى ئۇ كىشى شۇچە  چىرايلىق  كۈرىنەمدۇ نىمە،
مۇشۇ كۈنلەدە سىڭلىمنى بەك سېغىندىم ، ھەي…ئويغاپېتىپ تورخانىغا كەلگىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن ، شۇ دوستۇم بىر گە ئىشلەيدىغان لوبەننىڭ نەۋرە ئۇكىسىنىڭ  چاقىرىشىدىن ئەسلىمنى تاپتىم ، ئۇ كۈندىزى بەزىدە  شۇنداق  كەپ تۇراتتى ،
بىز خېلى يېقىن  دوسلادىن بوپ قالغان ئىدۇق، ھە…ئابدۇقادىر نەگە كەتتىڭلا تاماق سۇۋۇپ كەتتى  ،تىلفۇن قىلاي دىسەم تىلفۇن يوق سىلىدە، تۇتۇڭلا ما تىلفۇننى  ئىشلىتىپ تۇرۇڭلا تىلفۇن ئېلىۋېلىپ قايتۇرۇپ بىرەسىلە دىدى ، 
رەھمەت  ئاداش  بولدى  دىشىمگە ئا كىچىك  بالىدەك  ئىش قىلماڭلا ،بىزيا  ياتلادىن بولمىساق،دەپ يانجۇقۇمغا سەپ قويدى،
بولدى ،بولدى ،…بۇ سۆز رەھمەت بىلەن قېتىلىپ تەكرار دىيىلگەن بولسىمۇ ئۇ ئۇنىمىدى، مىنى دوستۇم دەپ بىلسەڭلار  ئەمدى بولدى  قىلىڭلا دىدى ،
ئەمدى  نىم دەي ،ئاداش دىيشىمگە گىپىمنى بۈلۈپلا،ھە كەڭلا تاماق يەيلى،دىدى،ئۇمۇ ماڭا قاراپ تاماق يىمەپتۇ ،
بۈگۈن بۇ تورخانا بەك ئاۋات ئىدى ،تاماقنى ئىككى قۇشۇق يەپ بولغىچە  بىرى كىرەتتى ،بىرى چىقاتتى ،
ئۇيۇن ئويناپ ،كىنو كۈرۈپ ،ئۆيدىكىلەنى شۇنداق  ئەسلىمەككە سېغىنىشىمنى شۇنداق ئۈزۈمنى ئۈزۈم ئالداپ ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم ،
ھەي…بۇلارمۇ زىرىكىشلىك بىلىنىدىغان بوپ قالغان بۇ كۈنلەدە ، يەنە ئۇلانى ئەسلەپ قالدىم ، 
ئەتە تىلفۇن قىلىمەن دەپ قاراڭ ئۇنتۇپ قاپتىمەن،تىلفۇن قىلماي دىگەن قارارغا كەلدىم،سەۋەپ نىمە بۇنى ئۈزۈمۇ بىلمىدىم،
كۆۈزۈمگە ياش كەلدى ،بۇ كۈنلەر نى كۈرۈشۈم نىمىشقا ، بۇنىداق قىلىپ نەتىجىسىنى كۈرەمەنمۇ،
سىڭلىمغا ئىشىنىمەن ئۇ ھەرگىز  ئۈمۈدۈمنى يەدە قويمايدۇ ، بىراق ئۆيدىكىلە قانداق  قىلغاندۇ،ئۇلار ئالىقاچان  دەپ بوغان بولسىچۇ،ھەي …يەنە بېشىم قاتتى،نىمىشقىكىن پات- پات بېشىم ئاغرىدىغان بوپ قالدى ،
ئۇۋلاپ بەسەم مىنۇتقا قالماي ساقىياتتى، ھەي…بېشىم ئاغرىقى باغانسىرىرى كۈچلۈك بوپ قالغان ئىدى ،
بىراق  ئۇۋلاپ بەسەم ساقىياتتى،بەلكىم تاماقنى ۋاختىدا يىمەي ئىسىق ئىچمەي ئۇيقۇ سىزلىقتىن بولسا  كىرەك دەپ ئويلۇدۇم ،
مانا بۇ بىر ئايمۇ پۈتتى،بۈگۈن مائاشىمنى بەردى،نەۋرە ئاكامدىن كەگەن چېغىمدا،ئازراق پۇل ئۆتنە ئاغان بۈگۈن  قايتۇرۇپ بىرەيدەپ ئۇ ئىشلەۋاتقان ئاپتۇموبىل رىمىنۇت زاۋۇتىغا كەلدىم، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ئۇنى كۈرۈپ نىمىشقا بىلمىدىم كەگەن چېغىمدىمۇ بۇنداق خۇشال بولمىغان، ئۇنى كۈرۈپ  بەك خۇشال بوپ كەتتىم ،ئۇ ماڭا ئامراق ئىدى،مەنمۇ ئۇنىڭغا باشقا ئۇرۇق تۇقانلارغا قارىغاندا،باشقىچە ئامراق ئىدىم، بۇ يە ئۆز يۇرتۇم  بولسىمۇ نەدە ئۇرۇق تۇقانلىرىم بولسۇن ،نە تۇنۇشۇم،بۇ مىنىڭ ئاكام تۇرسا ئەلۋەتتە خۇشال بۇلىمەندە،
شۇنچە خۇشال  كۈرۈشتۇق ئەھۋال سۇراشتۇق،ئاكا تاماق يەيلى  دىسەم ،ھە ئۇكام مائاش چىققان ئوخشىمامدۇ ،دەپ مىنى مەسخىرە قىلىپ چاخچاق قىلاتتى ، 
ھەئە دىدىم ،
ئۇ ئۇكام ياتاققتا تۇرۇپ تۇرۇڭ بىر سائەتتىن كىيىن چۈشلۈك ئارام بۇلىدۇ دىدى،ئاكا ئەمسە مەن مىشەدىن كىتىپ قالاي ھىلى كىلەي،دىگىنىمچە پۇلنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئاكام: بولدى  ئۇكام مەندە پۇل با سىز دە تۇرسۇن ،
سىز يەنە قاچانغىچە تۇرىسىز ؟دەپ سۇرىدى، ئاكا مەن ئەمدى كىتىمەن شۇڭا پۇلنى ئەكەلگەن دىسەم ،
ھە ئەمسە  ساقلاپ تۇرۇڭ دىدى ،ۋە ئارقىغا قاراپ بىر بىناغا كىرىپ كەتتى ،
مەن زاۋۇتلانى زىيارەت قىلغاچ تۇردۇم ،
ئۇمۇ چىختى ،ۋە قۇلۇمغا قانچە پۇلكىن تۇتقۇزۇپ بۇنى ئۆيدىكىلەگە ئاغاچ كىتىڭ،دىدى،
ھەماقۇل سەن قاچان كىتىسەن دىسەم،
ئۇ مەن ئۈچ ئايدىن كىيىن بارىمەن ،دىدى،ئۇنى بىرسى چاقىرىپ  كىرىپ كەتتى ،
ئەمسە ئۇكام  يەنە كۈرشەمىز ،ھېلى كىلىڭ ئەمسە  تىلفۇن ئۈزىڭىزنىڭمۇ دىدى ،نۇمۇرنى كۆرسىتىپ،
ھەئە دىدم ئەمسە  خوش دەپ خوشلاشتۇق ،

داۋامى بار

بىر تامچە -2280305596





333 قېتىم كۆرۈلدى بىر تامچە -2280305596 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-1 17:25:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ