قاراڭغۇ ئورمان 39 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 39- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 ئۆمۈچۈكسىمان مەخلوق شۇنداق يوغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بېشىدا چاياننىڭكىدەك ئىككى قىسقۇچى بىلەن كاماردەك ئېغىزىدا يىمەكلىك پارچىلايدىغان ئۇششاق قىسقاچلىرى ئۇنى شۇنچىلىك يىرگىنىشلىك كۆرسەتسە، كىلەڭسىز يۇمىلاق گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىككى مىتىردەك ئۇزۇنلۇقتىكى ئون ئىككى تال پۇتى بەئەينى ئۆمۈچۈكنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئادەمگە ھازىرلا قاندىن چىققاندەك تۇيغۇ بىرەتتى. ئۇنىڭدىن سىرىت بەدىنىنى قاپلىغان ئۇزۇن تۈكلىرى ئۇنى تېخىمۇ غەلىتە، تېخىمۇ بەتبەشىرە كۆرسىتەتتى،  ئۇ چاقماقتەك تىزلىكتە كىلىۋاتقاندا ھەممىمىز ئالمان - تالمان قوراللىرىمىزنى بەتلەپ تەڭلا ئوق چىقاردۇق ، ئوقلار ۋېژىلداپ ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنىڭ باش - كۆزىگە،  بەدىنىگە تىگىشكە باشلىدى.

 ئۇ ، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن ھۇدۇقۇپ، جايىدا توختىدى-دە، ئالدى - كەينىگە دەسسەپ، بىر پىقىرۋەتتى ھەم قىسقاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ سىلكىنىشكە باشلىدى. ھاياجاندا خۇددىنى يوقۇتۇپ، ئالدىراش ئالتۇن تىرىۋاتقان ھامۇتئاخۇن شۇ چاغدىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ يېنىغا كىلىپ قالغان مەخلوقنى كۆردى ھەم قورۇققىنىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ ئۈلگەرمەي پەپىلگىنىچە جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇندى. ئۇنىڭ رەڭگىدە قان دىدارى قالمىغان بولۇپ بۇ مەخلوق ئالدىدا ئۇ خۇددى چاشقاندەك كۆرىنەتتى. بىز ئوق بىلەن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى تىزگىللەۋاتقاندا بىرنىڭ كەينىدىن بىرىمىزنىڭ قوراللىرىمىز شاراقلاپ ئوق تۈگىگەنلىگىنىڭ بەلگىسىنى بەردى. ئەھۋالنىڭ چاتاقلىغىنى سەزگەن قارا كىيىملىك سول قولىدا تايىنىپ بەدىنىنى ئاران ئېلىپ كىتىۋاتقان ھالىتىدە قورالىنى كۆتەردى، بىراق ، ئۇنىڭ قانسىراپ ئاران قالغان تېنى قورالنى كۆتۈرىشكە ماغدۇرى يەتمىدى -دە كونتۇروللىغىنى يوقۇتۇپ يىقىلىپ چۈشتى.

 ئۆزىگە بىرىلگەن زەربىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىدىن مەخلوق ئەسلىگە كىلىپ ھامۇتئاخۇنغا بۇرۇلدى، ھامۇتئاخۇن بولسا ئەمدىلىكتە ئالدىدا تۇرغان ئالتۇنلىرىدىن مىھرىنى ئۆزۈپ ھەدەپ قېچىشقا تىرىشماقتا ئىدى.

 - قۇتقۇزۇڭلار ! مېنى قۇتقۇزۋېلىڭلار !!!

بۇ چاغدا مەخلوق بىر يۇپۇرلۇپلا ئۇنى قىسقاچقا قىسىپ كۆتۈرۋالدى، بىز نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تاپانچىلىرىمىزنىمۇ چىقىرىپ باقتۇق، شۇغىنىسى ئوق تۈگىگەن. مەخلوق ھامۇتئاخۇننى چىقىراتقىنىچە ئىگىز كۆتۈرۈپ قىسقاچتا بىر كۈچىۋىدى ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازى بىلەن تەڭ تېنى بەلدىن ئىككىگە پارچىلىنىپ يەرگە چۈشتى، ئەتىراپ ئۇنىڭ قېنى بىلەن بويالدى، پەرىدە بۇ قانلىق كۆرۈنىشكە قارىيالماي چىقىراپ تاشلىغىنىچە كۆزىنى ئەتتى، باشقىلار غەزەپتىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ۋاقىرۋەتتۇق، كۆز ئالدىمىزدا بىر قېرىندىشىمىز ئېچىنىشلىق ھالدا پارچىلىنىۋاتاتتى. كۆزلىرىمىزدىن ئاچچىق ياشلار ئىختىيارسىز تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. ئۇ مەيلى بايلىق خۇمار ، ئاچكۆز بولسىمۇ بىزگە ئۇزۇندىن ھەمىراھ بولغان، گېپىمىزنى ئاڭلىماي ئىش بۇزسىمۇ ، بايلىق ئۈچۈن يۈز ئۆرۈپ بىزنى قاخشاتسىمۇ، مىجەزىنى ئېغىر ئېلىپ ۋاقىراپ - جاقىرىساقمۇ يەنىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىدى ،ئۇنىڭغا بايىلا ھەممىمىز شۇنداق خاپابولۇپ كەتكەن بولساقمۇ، ئۇ ھېجىيىپ يېنىمىزدا ھايات ئىدى. ئەمدىلىكتە بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قانغا مىلەنگەن ھالدا ، ھەتتا تېنى پارچە - پارچە بولغان ھالدا چېچىلىپ ياتاتتى. مەخلوق يەنە بىر قىسقۇچى بىلەن جەسسەتنىڭ بېشىنى قىسىپ ئۈزىۋېتىپ يېرىم تەننى ئېغىزىغا سالماقچى بولىۋاتقاندا ئاچچىق ۋاقىردىم :

 - بومبا ! بومبا قېنى؟

 قاھار تىزلىكتە بومبىنى ئۇزاتتى، مەن پۈتۈن غەزىپىمنى شۇ بومبىغا يىغىپ پىلتىسىنى تاتتىمدە مەخلوقنىڭ ئېغىزىغا قارىتىپ ئاتتىم، ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى بومبا ئۇنى پارە - پارە قىلىۋەتسە دىيىشتىن ئىبارەت ئىدى. بومبا كۈتكىنىمىزدەك ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا كىرىپ كەتتى.  ھەممىمىز دەرھال باشلىرىمىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۋېلىشتۇق، مەخلوق ئاغزىدىكى يىمەكلىكىنى تازا مەززە قىلىپ تۇرغىنىدا « گۇم » قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ باش تەرپى تىتىلىپ ئاسمانغا ئۇچتى ھەم ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ قانلىرى چاچراپ ئەتراپنى بىر ئالدى، ئاندىن ئېغىر گەۋدىسى « گۈپپىدە» قىلىپ يەرگە يىقىلغاندا ئاچچىقىمىز چىققاندەك، بۇ ئەبلەخ قانخوردىن ئىنتىقامىمىزنى ئالغاندەك خوشال ۋاقىرشىپ ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇشتۇق.

 - ماڭايلى !- دىدىم ئۇلارنى ئالدىرتىپ ،- ۋاقىت قالمىدى، ھازىرلا مەخلوقلار بىزنى بايقاپ قېلىشى مۇمكىن.

 بىز بىر - بىرىمىزنى يۆلەشتۈرۈپ ئەمدىلا بىر نەچچە قەدەم ئېلىشىمىزغا كەينىمىزدىن قاتتىق ھۆكۈرگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز بىزگە تونۇش ئاۋاز ئىدى، بەدەنلىرىم زىڭڭىدە قىلىپ قالدى، پەرىدە تېخىمۇ قاتتىق قورۇققان بولسا كىرەك ئۇنىڭ بىلىكىمنى تۇتقان قوللىرى تىتىرەۋاتاتتى. بىز كەينىمىزگە بۇرۇلغاندا، يۇغان مەخلوقتىن ئىككىسى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا ساناقسىز ھەرخىل مەخلوقلار بىزگە قارىشى سەپ تۈزىگەندەك قاراپ تۇرىشاتتى. بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ پىشكەللىككە دۈچ كەلگەنلىگىمىزنىڭ سىگنالى ئىدى.

 - ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ - بۇ قاھارنىڭ سۇئالى بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۆزەمگە ئۆزەم قويىۋاتقان سۇئال ئىدى.

 « زادى قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئوق - دورىمىز تۈگىدى، ھەممىمىز دىگۈدەك ياردار ، قارا كىيىملىكنىڭ ھالى تېخىمۇ ناچار ، ئاھ خۇدا ، بۇ يەردە موشۇنداقلا ئۈلۈپ كىتەرمىزمۇ ؟، ياق ، تىركىشىشىمىز كىرەك ، مەن تېخى بايىلا ئۇلارغا غەيرەتلىك بولۇشنى ، جان تىكىپ جەڭ قىلىشنى، ھېلقى مەخلوقنىڭ يەر شارىنى ۋەيران قىلىۋىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە كۆرەش قىلىشىمىزنى ئۆزەم چاقىرىق قىلغان تۇرسام، ئەمدىلىكتە مەن باشتا بەل قويىۋەتسەم بۇ ھەمراھلىرىمنى، قېرىنداشلىرىمنى ئۆزەم ھالاك قىلغان بولمامدىم. چوقۇم قاتتىق تۇرۇشۇم كىرەك ، لېكىن نىمە بىلەن تاقابىل تۇرىمىز ، بۇنداق تاقابىل تۇرىشنىڭ ئۆزى ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىش، ئەڭ ياخشى ئامال بۇلاردىن بىر قەدەم بولسىمۇ داجىپ،  ئۇچار تەخسىگە بىر قەدەم بولسىمۇ يىقىنلاش، توغرا موشۇنداق قىلىش كىرەك ».

 - تىز … تىزدىن چىكىنەيلى ، ئۇچار تەخسىگە قانچە بالدۇر بارالىساق شۇنچە ياخشى. بىز مەخلوقلارنىڭ جەڭگە چاقىرىشىغا پەرۋا قىلماي تىزلىكتە يولىمىزنى داۋام قىلدۇق، بۇ تىزلىكمۇ ئەمىلىيەتتە نورمال ئادەمنىڭ تىزراق مېڭىشىدىن پەرقى يوق بولۇپ، ھەممىمىز چىشىمىزنى چىڭ چىشلىگىنىمىزچە، ئاغرىقلارغا چىداپ سۆرۈلۈپ ، ئاسقاقلاپ دىگەندەك ئىلگىرلەشلا ئىدى.  بىز ئوچۇقچۇلۇقتىن چىقىپ داۋانغا ئېسىلغاندا، مەخلوقلار قالايماقان ھۆكۈرشۈپ، غەلىتە چىقىراق ئاۋازلارنى چىقارغىنىچە بىزگە قاراپ ئېتىلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمنى باشلىغانلىغى،  بىزنى تەلتۈكۈس يوقاتماقچى بولغانلىغىنى بىلدۈرەتتى.

 - تىز …تىز بولايلى ، بىر قەدەم ماڭالىساق بىر قەدەم بالدۇر غەلبىگە ئىرىشىمىز !

 مەن ماڭغاچ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرەتتىم، لېكىن كۆڭلۈم ئۆلۈمنى تۇيۇپ تۇراتتى . بىز داۋانغا، ئومان ئىچىگە كىرگەندە مەخلوقلارمۇ ئىز بېسىپلا يىتىپ كەلدى. تەلىيىمىزگە دەرەخلەر قېلىن توساق بولۇپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ قەدىمى ئاستىلدى.

 - تىز بولايلى ! مۇداپىئە توسىقىدىن ئۆتىۋالساقلا ھايات قالىمىز ئۇلارنى توختىماي ئالدىرتاتتىم، لېكىن ئۆزەم بولسام بارغانچە ماڭالمايۋاتاتتىم، پۇتۇم سىزىمىنى يوقاتقان بولۇپ، تېڭىقلار ئارسىدىن قان تامچىلاۋاتاتتى. موشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا قارا كىيىملىك ھالسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى. بىز ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدۇق، ئۇ باش نىقابىنى ئاشتى، ئۇنىڭ غەلىتە چىرايى قانسىراپ تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

 - تىزدىن كىيىمىڭىزنىڭ ئىقدىدارىنى ئىشقا سېلىڭ، سىزنى ئۇچار تەخسىگە يەتكۈزسۇن ،- دىدىم ئۇنىڭغا.

 ئۇ بېشىنى چايقاپ : ھېلقى خائىن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغاندا كىيىمىمنىڭ مۇھىم قىسمىنىمۇ بۇزىۋېتىپتۇ …

 - ئەمىسە يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ، چىشىڭىزنى چىشلەڭ، مۇداپىئە توسىقىغا ئەللىك مىتىردەك قالدۇق، ئۇ توساقنى سىز ئاچمىسىڭىز بىزمۇ كىرەلمەيمىز ، غەيرەت قىلىڭ !

 مەن شۇنداق دىگەچ ئۇنى يۆلىدۈم، ئارىمىزدا نىجات خېلىلا ساق بولغاچقا، ئۇ مەقسىدىمنى دەرھال چۈشۈنۈپ قارا كىيىملىكنى قۇچاقلاپ ئۆرە قىلدى ھەم قولتىقىدىن يۆلىگىنىچە ئالدىدا ماڭدى.

 - ئەركىن قاراڭ!!! پەرىدەنىڭ تۇيۇقسىز ۋاقىرىشى بىلەن كەينىمگە بۇرۇلغاندا مەخلوقلار ئاللىقاچان بىزگە يىتىشىپ بولغان ئىدى.

 - نىجات ، بومبا!!!

نىجات چاقماق تىزلىگىدە بومبىنى ماڭا تاشلاپ بەردى.

 - تىز مېڭىڭلار! بۇ ئەبلەخلەرگە مەن تاقابىل تۇراي!

 ئۇلار بىر - بىرىنى يۆلەپ مەندىن ئون مىتىر يىراقلىغاندا، ئىچىمنى بىر خىل ئازاپ چىرمىۋالدى « پەرىدە ، سىزنى سۆيىمەن ، سىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن موشۇنداق قىلمىسام بولمىدى، سىز ياشىشىڭىز كىرەك، مېنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. قاھار دوستۇم ، مەن ئۈچۈن ئائىلەمدىكلەرگە ئوغۇل ئورنىدا قاراپ قويارسەن، قېرىنداشلىرىم سىلەرنى مەن باشلاپ كەلدىم، سىلەرنىڭ قىممەتلىك ھاياتىڭلارنى موشۇ ئۇسۇلدا قوغدىمىسام ھەممىمىز تەڭ ھالاك بولىمىز، ئەلۋىدا تۇنجى سۆيگۈ ئاتا قىلغان يارىم، ئەلۋىدا دوسىت - بۇرادەر قېرىنداشلىرىم … ئەلۋىدا » كۆزۈم ئىختىيارسىز ياشقا تولدى.

مەن بومبىنى پۈتۈن كۆچۈم بىلەن سىقىمداپ مەخلوقلارنىڭ ئالدىدا مەغرور قىياپەتتە ئۇنىڭغا تىكىلدىم. يۇغان مەخلوقتىن بىرى مېنىڭ ئۆزلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغىنىمنى سەزدى بولغاي ، يۇغان قەدەم بىلەن ئالدىغا چىقتى- دە، ماڭا يېقىن كەلدى. ئۇنىڭ يىرتقۇچ كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى ئۇچلۇق، ئۆتكۈر چىشلىرى غۇچۇرلىدى. ئۇ، بەلكىم مېنى يىيىشكە ئالدىرمىغان بولسا كىرەك قان پۇراپ تۇرغان تۇمشۇقىنى سوزۇپ، تۇيۇقسىزلا چايناپ پۈركەپ تاشلايدىغان ئەلپازدا قاتتىق ھۆكۈردى، ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق يوقىرىكىن قۇلاقلىرىم زېڭىلداپ كەتتى، يۈزۈمگە بولسا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سېسىق تېنىقى بىلەن تەڭ شۆلگەيلىرى چاچرىدى.  ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىدىن شۇنچىلىك ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنى غەلبە قىلغاندەك، ھەممىگە ھۆكۈمران بولغاندەك ھېس قىلغان بولسا كىرەك ماڭا «نوچىلىغىنى» بىلدۈرۈپ قويغاندىن كىيىن غادىيىپ تۇرۇپ ئەتراپىدىكى ھەمراھلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ يەنە بىر قېتىم بار كۈچى بىلەن قاتتىق ھۇۋلىدى، بەلكىم ئۇ، موشۇ ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ نوپوزىنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ قويغاندەك قىلدى. يەنە، ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلەردىن ئۆزىنىڭ بىزنى چاڭگىلىغا ئېلىپ،  ھەممىگە ھۆكۈمران بولدۇم دەپ كۆرەڭلەپ كىتىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.

 - ئەركىن! ئەركىن ئۇ يەردە تۇرسىزغۇ ؟ ئەركىن تىز قېچىڭ!!!

 ئۇنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ ۋاقىرغان ئاۋازى قۇلۇقۇمغا كىردى:

 - ئەركىن نىمە قىلىپ تۇرىسەن ؟ قاھارمۇ ۋاقىردى : - ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟ سەن نىمە قىلماقچى؟

 ئۇنىڭ سۆزى ئاياقلاشمايلا باشقىلارمۇ چاقىرىشقا باشلىدى، ئۇلار مېنىڭ، قانداق قارارغا كەلگىنىمنى، نىمە قىلماقچى بولغانلىغىمنى بىلىپ بولغاندەك قىلاتتى.

 - ئەركىن قاراملىق قىلما، ئاستا كەينىڭگە چىكىن، ھەر قانداق ئىش بولسا بىز تەڭ قىلىمىز دىيىشكەن.

 - ئەركىن … سىز خۇمپەر، سىز قورقۇنچاق،… مەسئولىيەتسىز… شۇنداق ئاسانلا مېنى تاشلاپ كەتمەكچىما سىز ؟- پەرىدە بىردىنلا ، قاھارنىڭ سۆزىدىن بىر ئىشنى سىزىپ قالغاندەك يىغلىغان پېتى تېخىمۇ قاتتىق سۆزلەشكە باشلىدى،- نىمە دەپ كەلدىڭىز بۇ يەرگە ؟ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ھالاك قىلىپ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك دەۋزەخ ئازابى تاتسۇن دەمسىز ؟ … لازىم ئەمەس …ئۇنداق قىلىشىڭىز ماڭا كىرەك ئەمەس … ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلىپ مېنى ھايات قويۇشىڭىزنى خالىمايمەن … سىز شۇنداق قىلسىڭىزلا … مەنمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىز بىلەن تەڭ ھالاك بولۇشنى تاللايمەن.

 مەن ئاستا كەينىمگە بۇرۇلدۇم، بەلكىم ئۇلارنى ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ كۆرۋېلىشىم كىرەكتۇ،  ئۇلار شۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەن تەرەپكە سۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى . ئاخىرى بار…





3004 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-29 20:29:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-14 1:17:16 ئاسىيە
قەلەم قۇۋتىڭىزبەك كۇچلۇككەن سىزنى خۇددى شۇ ئەسەردە تىلغا ئېلنغان ئورمانلقتا بادەك ھەر بىر قىسمەت بېشڭىزدىن ئوتكەندەك بەك چۇشنشلىك يېزپسىز ھەممە ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇپ چىقتم ئادەمنىڭ ئۇسغان يىرىگە باردىكەن رەھمەت سىزگە ۋاقتىڭىز چىقسا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كوپلەپ يېزشىڭزغا تىلەكداشمەن شۇ ئەسەريازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمسۇن سىزگە ئامان ئىسەنلىك تىلەيمەن
2016-7-17 12:49:53 مۇتەللىپ
ئاخىرقى قىسىملىرىنى ساقلاۋاتىمىز
2016-7-16 23:16:57 نازاكەت
ئاخىرنى قاچان يازسىز
2016-7-16 23:01:12 توغراق
ھارمىغايسىز داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
2016-7-16 15:55:05 nazakat
Nimixka ahiri qikmaydu bak bak saklap kattim
2016-7-16 11:01:51 temkin
ahiri qikmidigu man bak saklap kattim
2016-7-15 17:11:40 نازىم
داۋامىچۇ
2016-7-14 9:26:40 ali
kaqan qikidu ahir
2016-7-13 19:50:34 نازىم
داۋامى ئەجەپ يىزىلمايدىغۇ
2016-7-13 15:19:07 ALFA
ahri kaqan qikdu man bak yahturup okowatiman bak yahxi yeziptu kolugizga dat bamisun agar kino kip ixlisa bak yahxi qika
2016-7-13 15:19:05 ALFA
ahri kaqan qikdu man bak yahturup okowatiman bak yahxi yeziptu kolugizga dat bamisun agar kino kip ixlisa bak yahxi qika
2016-7-13 2:23:35 ukurman
ye ahiri yohma bu asarng nmda hoxini katturdu adamng
2016-7-12 22:42:26 rumaysa
asarnig aherini koruxka bak entizar bop kat tim japa qak tigla kirin daxla
2016-7-12 14:01:01 زۇلال
بەكمۇ ئ‍ۇتۇقلۇق يېزىلىپتىكەن،ئاخىرىچۇ
2016-7-12 11:09:05 ئالىمجان
ئاخىرنى نىمدا يازمايسىلە
2016-7-11 22:40:51 تەنھا گۈل
داۋامى چىقمىدىمۇ مەن بەك قىزىقىپ قالدىم ساقلاۋاتىمەن ئۇستاز
2016-7-11 17:09:51 كۈنلەرنىڭ بىرىدە
ھە بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم يېزىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىڭىزمۇ قانداق بولدى بولسىمۇ ئاغرنى ئۇرىۋەتكەن بولساق بەلەن بولاتتى.
2016-7-11 17:09:50 كۈنلەرنىڭ بىرىدە
ھە بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم يېزىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىڭىزمۇ قانداق بولدى بولسىمۇ ئاغرنى ئۇرىۋەتكەن بولساق بەلەن بولاتتى.
2016-7-10 13:54:58 دىلكەش
داۋامىغا تەقەززامەن
2016-7-10 13:54:24 دىلكەش
بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىكەنسىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-7-8 19:17:58 تەنھا يىگىت
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،ماڭا بەكلا يارىدى
2016-7-7 16:39:13 مەريەم
مۇشۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولسا بۇ سالوندىن ھەرگىزمۇ ئەسەر ئوقۇمايمەن جۇمۇ،نىمانداق ئاخىرى چىقماس ئەسەر بۇ نەچچە ئاي بولدى تېخىچە يوق
2016-7-5 23:27:20 نىجات
مەن بۇ قاراڭغۇ ئورمان دىگەن ئەسەرنى بەكمۇ ياقتۇردۇم
2016-7-4 19:32:04 بەگزادە
ئ‍اخىرىنى تىزراق يوللىساڭلا بوپتىكەن ئ‍اخىرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ قالدىم…
2016-7-4 14:58:36 mayera
Yazguqega rahmat bak esel yezeptu ahere tezrak qeksa bulatte
2016-7-4 0:34:38 nurmammat
bakmu.zirktim.dawami.qikmay.bu.yikayining
2016-7-3 2:26:42 abdurahman
bak yahxi yiziliptu
2016-7-3 0:34:13 چاقماق
ئاخىرى بايلىق مەستانىسى ئۆز بېشىغا چىقتى دە دەھشەت يېزىلىۋاتىدۇ يازغۇچىغا كۆپ رەھمەت .
2016-7-2 16:22:16 kunler nig birda
ay gi yuk ma bul sa yullay li bul misa tunu nig ag zini yup tuk
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ