‏ ئۆلۈمگە تۇتاشقان مۇھەببەت يولى 2- قىسىم

‏ ئۆلۈمگە تۇتاشقان مۇھەببەت يولى   2- قىسىم

 

‏‏تۇيۇقسىز ئاسماندا بىر چوڭ قارا بولۇت پەيدا بولۇپ، ئاي يورىقىنى توسىۋالغانىدى. ھەممە يەرنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتتى. خۇددى بىر چوڭ مەخلۇق ئالەمنى يۈتىۋالغاندەك ھەممە يەرنى بىرخىل قورقۇنۇش، سۈر بېسىۋاتاتتى. يىگىت بولسا بىردەم قىزنى بىردەم ئانىسىنى ئويلاپ، مۇشتاپتا قانداق قىلسام ھەر ئىككىلىسىنىڭ يېنىدا بولالايدىغاندىمەن دەپ مۇمكىن بولمايدىغان خىيالنى سۈرۈپ ماڭاتتى. يىگىتنىڭ تېلىفۇنى يەنە سايرىدى. يىگىت تېلىفۇننى ئېلىشىغا قىز ئىنتايىن خاپا بولغان ھالدا يىگىتكە ۋارقىراپ، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتقىچە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر يەنە بەش مىنۇتقىچە كەلمىسە ئىككىسىنىڭ ئىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى دەپ يىغلىغۇنىچە تېلىفۇننى قويىۋەتتى. يىگىت بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى-دە، جېنىنىڭ بارىچە ماشىنىنىڭ مېيىنى دەسلەپ ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ماشىنىنى ھەيدەشكە مەجبۇر بولدى. قىزنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كىلەي دىگەندە تۇيۇقسىز يىگىتنىڭ ئالدىغا بىر يۈك ماشىنىسى چىقىپ قالدى. يىگىت ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي يۈك ماشىنىسىغا ئۈسۈپ قاڭقىپ ئۇچۇپ كەتتى. سوقۇشۇشتىن كېيىن ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمدى. قارا بۇلۇتلارمۇ تارقىلىپ ئاي نۇرى زىمىننى كۈندۈزدەك يۇرۇتۇشقا باشلىدى. قانغا مىنىلگەن يىگىت دۈم كۆمتۈرۈلگەن ماشىنىسىدىن ئاستا ئۆمىلەپ چىقىپ تۇرۇشقا تەمشىلىپ، تۇرالماي يىقىلدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئاسماندا ئاپئاق كىيىم كەيگەن پەرىشتە سۈپەت ئانىسى ئۇنى چاقىردى. ئۇ يەنە قوپۇشقا تەمشەلدى-يۇ مىدىرلىيالمىدى. يېقىنلا يەردىن تېلىفۇنى سايراپ ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچتى. ئۇ سىلاشتۇرۇپ تېلىفۇننى ئاران تەستە تېپىپ قولىغا ئېلىپ:《- مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن》دەپ قىزغا گەپ قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەي تېلىفۇننى قويىۋېتىپ ئاستا ئۆرۈلدى. ئازىراق ئۆمىلەپمۇ مېڭىپ باقتى. ئەمما ماغدۇرى پەقەتلا قالمىغانىدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزارتىپ نىمىدۇر يەرگە بىرنىمىلەرنى يېزىپ چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرۈتتى. ئۇنىڭ تىنىقى قىيىنلىشىپ ئاستا-ئاستا كۆز يۇمۇپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي يىگىتنىڭ ئانىسىمۇ ئاللاقاچان ئۇ ئالەمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بولغانىدى. قىزنىڭ دادىسى ئورۇنلاشتۇرغان ھەممە ئىشنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئەمدى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قىزغا ئىنتايىن ئاچچىقلاپ خىزمىتىگە كەتكەنىدى. قىز ياتاق ئۆيىدە يىغلاپ ئولتۇرۇپ يىگىتكە قايتا-قايتا تېلىفۇن قىلىپمۇ ئالالمىدى. قىز يىگىتكە يەنە تېلىفۇن قىلدى، بۇ قېتىم ئېلىندى. ئەمما تېلىفۇننى يىگىت ئەمەس بىر دوختۇر ئېلىپ يىگىتنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغانلىقىنى قىزغا ئېيىتتى. قىز ياتاق ئۆيىدىن يۈگۈرگىنىچە ھېچنىمىگە قارىماي ۋەقە يۈز بەرگەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. قىز بېرىپ نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەممە ئادەمنى ئىتتىرىپ ئارىغا كىردى. كىرىپ قارىسا يەردە قان بىلەن سىزىقلىق قوش يۈرەك بولۇپ، بىر تەرەپكە ئۆزىنىڭ يەنە بىر تەرەپكە يىگىتنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يېزىقلىقلىقىنى كۆرۈپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. قارا بۇلۇت يەنە پەيدا بولۇپ بىردەمدىلا قاتتىق چاقماقلار چېقىپ يامغۇر يېغىپ، قىزنىڭ يېشى يامغۇرغا قېتىلىپ ئېقىشقا باشلىدى. قىزنى ھېچكىم ئۇ يەردىن قوپقۇزالمىدى. شۇ كۈنى كىچىسى قىز نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. بەزىلەر ئۇ قىزنى شۇ كىچىسى ئۆزىنى دەرياغا ئېتىۋاپتۇ دىسە، بەزىلەر تەركى دۇنيا بولۇپ ئورمانلىقتا يالغۇز ياشاۋاتقانمىش دىسە، يەنە بەزىلەر ئۇ قىز ئەرۋاھقا ئايلىنىپ، ھەركۈنى كىچىسى يىگىتنىڭ قەۋرىسىدە يىغلاپ ئولتۇرىدىكەن دىگەندەك مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىللىرى قىزنى نەچچە ئون يىل ئىزدەپمۇ ھىچ يەردىن تاپالمىغانتى.

 قەلەمدە: ئەيسا (ئويغاق) ‏





1717 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-20 21:13:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-11 17:37:51 خالئاي
يەنە بارمۇ مۇشۇنداق ئەسەرلەر ،دەششەت ياخشى يېزلپتۇ .
2015-12-26 16:18:03 مەلىكە
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
2015-12-26 16:16:31 مەلىكە
بەك ياخشى يېزىلىپتۇبەك تەسىرلەندىم
2015-10-8 18:48:59 almira
ata angzni kadirlag yapzguqilar .japa tatigla
2015-10-2 12:57:47 شەرىپە
بەك ياخشى يىزىلپتۇ بارلىق ئاشىق مەشۇقلار بەخىتلىك بۇلۇپ مۇرادىغا يەتسۇن
2015-9-20 8:55:50 minawar
bak yahxi asarlakan hamiglar japa qaktiglar
2015-8-30 0:31:40 كۈندە باھار
bak taserlik yahxi yizepsez terexig kirendixim 
2015-8-27 23:00:23 نەفىسە
بەك ياخشى يىزلىپتۇ
2015-8-21 23:35:48 ئ‍ەيسا (‍ ئ‍ارىف)
ياخشى يېزلىپتۇ ، ۋەقەلىكىى راۋان بوپتۇ .تىرىشقىن ،مەن ساڭا مەدەت تىلەيمەن .
2015-8-21 19:30:01 پەرھاي
buldka
2015-8-21 18:47:45 arzugul
bak yahxi yizipsiz koligizga dart bamisun .
2015-8-21 18:19:48 گۈزەل
بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ئاخىرى بەك تەسىرلىك بوپتۇ
2015-8-21 15:57:30 arzu
yahxi yezlePto
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ