مومامنىڭ ئاۋازى
ئابدۇللا كامال(گۇما)
كۆزلۈرۈم يەنە كونتىروللىقىنى يوقاتتى، پۈتۈن بەدىنىم غۇژۇلداپ ئۈستۈمدە ئىنتايىن ئىغىر بىر مەخلۇق بىسىۋالغاندەك مىدىر سىدىر قىلالمىدىم. دادام يەنىلام خىيالى ئۇخلاۋاتاتتى، شۇ تاپتا كۆزلىرىمنى ئىلىپ قىچىشقا نەكى بىر يۇمىۋىلىشقا ئىلاجىسىز قالدىم، ئۇ گۈسۈلدەپ دەسسىگىنىچە ئۇدۇل ئايۋانغىلا كىردى، قورقۇنۇچتا شۇنداق كۆرۈندىمۇ يا بۇ مەخلۇقنى خۇدا شۇنداق ياراتتىمۇ ئىشقىلىپ نۇسقىسى يوق كىلەڭسىزلا بىر نىمە ئىدى.
ئۇنىڭ ماڭا تىكىلىپ دەقىق تۇرىشى مىڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى،ئۇنىڭ كۆپكۆك مۇدھىش كۆزلىرى سۇس يىنىۋاتقان ئوتتەق پىلدىرلايىتتى، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلىرىمنى سۈرتۈشكىمۇ ماجالىم يوق ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتىم،ماڭا قاراپ تويدىمۇ قانداق ئايۋانغا بىرەقۇر سەپ سالدى، دە كەيىنىگە ئۆرۈلدى، قارىسام ئۇ بىر خالتىدەك بىر نەرسە يۈدىۋاپتۇ. قىرىشقاندەك مىنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى سۇپىغا يايمىسىنى يىيىشقا باشلىدى، ئاھ خۇدا، ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمنى پەقەت بىر پەگالا ئايىرىپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇ بۇ قىرغاقتا ئولتۇرۇپلا قالسا مەن بىلەن بىر غىرىچمۇ ئارلىق قالمايتتى. ئىسىت نىمىشقىمۇ تامغا يىقىن ياتماي سۇپىنىڭ قىرىدا ياتقاندىمەن، ھەممىسى مۇشۇ دادامنىڭ جاھىللىقى قىرىغا سال قىرىغا سال دەپ تۇرىۋىلىپ خوپ بولدى مانا. ئەمدى ماۋۇ جىن مىنىڭ بىشىمغا سالىدىغان بولدى، ئۆزى خورەكنى دۆڭ تاتىپ ئۇخلاشلىرىدىن ئۆرگىلەي بۇ كاج غوجامنىڭ،خەپ بۇ جىن ماڭا چىقىلىپ مىنى ساراڭ قىپ قويسۇنچۇ قىنى، شۇ چاغدا بىرىنچى بولۇپ دادامنى قوغلاپ ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرىۋىتەمىنا.
ئەگەر جىننىڭ ئالدىمغا خۇددى ماڭا ھىيتلىق ئەكەلگەندەك خالتىسىدىن بىر بىرلەپ چىقىرىپ ئالدىمغا تىزىۋاتقان ئادىمىگەرچىلىكىنى سانايمەن دىمىسەم دادامنى يەنە قانچىلىك تىللىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيتتىم، بىر، ئىككى، ئۈچ ،ئۇ تىزىپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتاتتى، مەن ساناپ بولالماي ئاۋارە، دەل ساناپ ئون يەتتىنچىسىگە كەلگەندە ئاخىرى تۈگىدى بولغاي خالتىسىنى تاشلاپ قويۇپ كىگىز ئاستىدىن نىمىدۇر بىر نىمىنى ئالدى. بايا دادامنى تىللاپ كەينىدىن ساناق ساناپ دىققەت قىلمىدىممۇ ئەمدىلىكتە قارىسام ،ئۇنىڭ تىزغان ئادىمىگەرچىلىكى بۇرنۇمنىڭ ئۇچىدىلا قىمىلدىشىپ تۇرۇپتۇ، ئىم نىم كارامەت بۇ، ئەسلى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ باللىرى ئىكەن ئەمەسمۇ. بۇ شۇمتەكلەرنىڭ بەزىسى قوش مۇشتۇمدەك بەزىسى يوغان بىر تاۋۇزدەك بار ئىدى. خالتىغا ھەجەپمۇ پىتىپتۇيا، توۋا خۇدايىم كارامىتىڭىز ئۇلۇغ قانداق بەندە مەن ھىي،،،، سىز ياراتقانلىكى غەلىتە مەخلۇق ماڭا ئۇچرامدۇ نىمە؟ ئۆزىڭىز ساقلاسىز ئەي ئۇلۇغ خۇدا!
خۇداغا نالە قىلىۋىتىپ تۇيۇقسىز شۇمتەكلەرنىڭ بىشىغا كۆزۈم چۈپ قالدى، چۈنكى ئارلىقىمىز بەك يىقىن ھەتتا بىرە شۇمتەك كەينىگە شۇنداقلا يىقىلسا بىشى مەن بىچارىنىڭ شور پىشانىسىگىلا تىگەتتى. ئاي قارڭغۇسى بولىشىغا قارىماي ھەممە ئىنىق كۆرىنىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بىشى قاپاقتەك پارقىراق ئىدى، تاز بىىشىنىڭ ئاندۇ مۇندۇ يەرىدىن ئۆسۈپ چىققانلىقىغا باقماي شالاڭ چاچلىرى قوۋۇرغامنى ئىگىپ تىخى سۇپىغا تىگىپ تۇراتتى.
شۇ ئارىدا نۇسقىسى يوق مەخلۇق ئاپامنىڭ تارغىقىنى ئىلىپ چىچىنى كارتىلدىتىپ تاراشقا چۈشكەن ئىدى. ئۇ ھەر بىر قىتىم تارغاقنى سىرىغىندا چىققان كارت كۇرت ئاۋازنى ئاڭلىغىنىمدا بەدىنىمنى بىرسى غاجىلاۋاتقاندەك تىكەنلىشىپ كىتىپ باراتت. مەن قانچە قورققانسىرى ئالدىمدىكى شۇمتەك بەك مىتىلداپ پەقەتلا جىم تۇرمايۋاتاتتى. نىمىدىگەن كەپسىز مىت مىت شۇملار بۇ، قاچان بىرەسى كەينىگە يىقىلىپ مۇبارەك تاز بىشىنى مىنىڭ بۇ شورى قۇرغۇر پىشانەمگە ئۇرىۋالاركىن دەپ كۆزۈم تۆت. تويە ئىشىككە قارىغانغا، تويە جىم يىتىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلىماي خەقنىڭ ئالدىڭغا قويغان ھىيتلىقىنى سانىغانغا، مىڭەم تاراسلاپ كەتتى. بەلكىم ئاستا ئاستا ئىسىمنى يوقىتىۋاتسام كىرەك. دەل شۇ چاغدا بىر مىتە شۇمتەك كەينىگە لاپپىداڭ ئۆرۈلدى، ئاھ، خۇدا بۇ دەھشەتنى قانداق قىلاي ئۇنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي تۇخۇمدەك يوغان ،كۆكۈش يىنىپ تۇرغان كۆزىنىڭ ئورنىمۇ ئوخشاش ئەمەس بولۇپ بىرى ئىگىز بىرى پەس ئىدى، تىخى ھەر بىر چىمچىقلىتىشى خىلى ئوغۇل بالىنىڭ يۈرىكىنى كۆتىدىن چىقىرىۋىتەتتى. تىنىمنىڭ توختىماي سىرقىرىشى سوغۇق تەرنى ئايىماي تۆكەتتى، ئۇ شۇممۇ مەن بىلەن قىرىشقاندەك ئىگىز پەس كۆزلىرىدىن كۆپكۆك ئوت چاچىرىتىپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. خەپ شۇ تاپتا سەن خوشنامنىڭ بالىسى بولساڭچۇ كاشكى، بۇرۇندىن تىكىلىپ قارىغانغا ئۆچلۈكۈمدە سىنىڭ تىكىلگەن شۇ كۆزلىرىڭنى، مىنى كۆرگەندە تىكىلىش ئەمەس تۆت كوچىدىنمۇ كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئۆتىدىغان قىلىۋىتەر ئىدىم ، ئەپسۇس.
تاتلىق خىيالدىن ئىسىمگە كەلگىنىمدە ئۇ شۇمتەك چىقىر كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنچە بىر نىمىلەرنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىغىزى ھەر مىدىرسا يۈرۈگۈم بىر پۇلاڭشىتتى، ئەگەر ئۇ مەن تەرەپكە يەنە ئازراقلا ئىڭىشسە، مىنىڭ يۈرۈگۈم ئاغزىمدىن مىرتلا قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشۈشكە تەييارلا بولدى.
گەجگەمگە تۇيۇقسىز تەككەن بىر قول باياتىنقى قورقۇنىچلىرىمنى بىسىپ ئۆتۈپ تاس قالدى مىنى ئۇدۇللا ئۇ دۇنياغا ئۇزاتقىلى، مەن بىچارىنىڭ نە قىچىشقا نە بىر ۋارقىراشقىمۇ ماغدۇرۇم قالمىدى. بىراق ماڭا تەككەن بۇ قول قانداقتۇر ۋەھىمىلىك ياكى قەبىھ بولماستىن مىھرىبان، ئىللىق بىر قول ئىدى، دادام،،،، ئاھ جىنىم دادام، بۇ راستىنلا دادام ئىدى. ماڭا قايتىدىن جان كىردى، شۇ چاغدىلا دادامنىڭ پەس ئاۋازدا ئۆزى بىلگەن سۈرە ئايەتلەرنى ئوقىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. لىكىن نىمىشقىكىن دادامنىڭ ئوقىغان سۈرىلىرى بۇ نۇسقىسى يوق مەخلۇققا ھىچ تەسىر قىلغاندەك ئەمەس، دادام ئاۋازىنى تىخىمۇ چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلىدى، يەنە جىم ئاخىرى دادام پۈتۈن كۈچىنى ئاۋازىغا يىغىپ ئوقۇدى، بىراق ئۇنىڭغا مۇقامدەك ئاڭلانغان چىغى، خىيالىدا يوق چىچىنى كارتىلدىتىپ تاراۋاتاتتى. ۋاي توۋا ئاپامنىڭكىدەك سۇمبۇل چاچلىرى بولغان بولسا، چاچ تاراپلا ئايۋاننىڭ ئۆگزىسىنى كۆتىرىۋىتەكەن بۇ نۇسقىسى يوق خىنىم. دادام پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ سۈرە ئوقىماقتا، بۇ ياسانچۇق خىنىم ھوزۇرلانغاندەك چىچىنى تارىماقتا، دادامنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى كۈچىيۋاتاتتى، غەلىتە يىرى دادامنىڭ ئاۋازى ئىغىزدىن ئەمەس ئايۋاننىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، تورۇستىن ھەتتا مىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تام ئوچاقتىنمۇ چىقىۋاتاتتى، ما ئىشنى كۆرۈڭ، تىخى دادام ئويغانسىلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ دىسەم توۋا دادامنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋىتىشىنى ئويلىماپتىمەن، ھەي،،،، جىنىم دادا ئويغانمىسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن،،، ھىچ بولمىغاندا تاڭمۇ ئىتىپ قالاتتى، بايا تىنىمدىن قانداق چىكەتكەن قورقۇنچ ئەمدى ئۇنىڭدىن تىز قايتىپ كىرىپ مىنى قايتىدىن پەپىلەشكە باشلىدى، ئاتا ئانىسىنىڭ پەپىلىشى خوش ياققان بىلەن بۇ جىننىڭ ۋەھىمىسى پەپىلىسە جىنى چىقمامدۇ كىشىنىڭ، بولۇپمۇ مەندەك قوي يۈرىكىنى كۆپ يىگەن بىلەن كارى يوق مىكيانچىلىك يۈرىكى يوق بالىغا ئۆلۈم دىگەن گەپقۇ بۇ. جان دىگەنمۇ شۇنداق تاتلىقلىقىغا باقماي خىلى چىڭ نىمىكەن بولمىسا ئىدى، باياتىنقى قورقۇنچتىن ئاللىبۇرۇن ياسىنغىمۇ ئۈلگۈرمەستىم، بىراق ئىگىسى ئۆزى ئالمىسا كەتمەيدىغان قاشاڭ بىر نىمىكەن بۇمۇ.
دادامنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك چىقىۋاتىدۇ، نۇسقىسى يوق ياسانچۇق خىنىم تىخىچە تاز بىشى بىلەن ئاۋارە، شۇ ئارىدا تۇيۇقسىز خانىقانىڭ ئەزانخانىسىدىن چىققان ئەزان ئاۋازى پەيزىگە سۇ سىپىپ بۇ خىنىمنى ئامالسىز قىچىشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇنىڭ ھەركىتى شۈنچىلىك چاققان ئىدىكى بىر بىرلەپ تىزغان بالىلىرىنى كاۋاپ سىرىغاندەك سىرپلا خالتىغا سالدى دە، تۇماقتەك يوغانلىقتا بىر پارچە كۆكۈش ئوت بولۇپ ئايۋاننىڭ كەينىگە يەنى ئاشخانا بىلەن ئامبار ئۆي تەرەپكە ئۇچۇپ كىرىپ كەتتى، ئۇف،،،،، دەپ تۇرسام قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە بىرى پۈۋلىگەندەك قىلدى ئاباينىڭياقى چىقمىغان زۇۋانىم ئەمدى كونتىروللىقىنى يوقاتتى، ئۆزەممۇ نەدىن كەلگەن كۈچ قۇۋۋەت بۇلۇڭغا قىچىپ ئۈگۈرۈپتىمەن، بىر چاغدا دادامنىڭ تىلىنى بىر مۇنچە ئاڭلاپ ئىسىمگە كەلدىم، ئەسلى دادام ماڭا سۈرە ئوقۇپ سۈفلەپتىكەن ئەمەسمۇ، تاس قالدىن جىندىن قۇتۇلۇپ دادامنىڭ تايىقىنى يىگىلى، ئۇف،،،،، خۇداغا شۈكرى نىمىلام بولمىسۇن يوقالدى ئۇ تاز، بىراق دادام تاھارەت ئىلىپ خانىقاغا چىقىدۇ، ئۇ چاغدا،،،،، قانداق قىلىش كىرەك يەنە بىر تىتىرەپ توختىدىم، كۆڭلۈمنى بىلگەندەك دادام مىنى تاھارەت ئىلىشقا بۇيرىدى، ئەمما تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن يەنە شۇ جىن ئۇۋىسى باغقا كىرىش كىرەك، دادامغا قورقىمەن دىسەم يىنىكى تىل، ئىغىرى تاياق بار، ئامالسىز كىردىم كۆزلۈرۈم ئەتراپقا قاراپ ئۈلگۈرمەيدۇ، ئون يىل ھەتتا يىگىرمە ئوتتۇز يىل كۆرمىسەممۇ ،ئەتىمالىم بۇنچە قاراپ كەتمەستىم بۇ باغقا.
ھاپىلا شاپىلا تاھارەتنى ئالدىم دادام بىلەن خانىقاغا كىردىم، قاچانلاردا سىلىنغان بولغىيدى ئىشقىلىپ بۇ خانىقامۇ ئاجايىپ سۈرلۈك كۆرىنەتتى، تەكبىر چۈشۈرۈلدى مانا بايام ئالدراشچىلىقتا قىپ قالغان يەلنىڭ دەردى باشلاندى. قاچانمۇ تۈگە بۇ ناماز،،،،،،ئاھ،خۇدا چىدىسام بولاتتى، بۇنى بىلسەم ئۆيدىلام ھىلىقى ياسانچۇق جىننىڭ باللىرىنى ئەركىلىتىپ قالمامتىم، ئەي،،،،، ئۇلۇغ خۇدا نىم شەرمەندىچىلىك بۇ.مەن قوسقۇمنى چىڭ مۇجۇغىنىمچە ھىلى ئالدىمغا ئىڭىشسەم، ھىلى كەينىمگە غادىياتتىم، بۇنى ئاز دەپ كەينىمدىمۇ بىر سەپ ئادەم بار ئىدى، ئۆتەپ تىشىپ ئەمدى مەن بىلەن قىرىشمىغان ئىمام ئاخۇنۇم قالدىمۇ سۈرىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنىنى ئاپام لەغمەن سوزىغاندىنمۇ بەكەرەك سوزاۋاتاتتى، كۆڭلۈمدە بۇ ئادەم ئاشپەز بوپ قالسا چوقۇم داڭلىق ئاشپەز بولغىدەك دەپ ئويلاپ تۇرسام، ئىنتايىن زىل ئەمما ئۇزۇ،،،،،ن بىر غى،،،،،،،،،ڭ قىلغان ئاۋاز خانىقانى بىر ئالدى. ئىمام ئاخۇنۇممۇ چىپپىدە توختاپ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىدى، بەلكى ئىچىدە مەنىدىنمۇ بەك سوزىيدىغاندىن بىرى باكەن دەپ قالدىمۇ؟ خىلى تۇرۇپ قالدى، بىرسى يۈزۈمگە ئوت يىقىۋەتكەندەك قىزىپ كەتتى، بەلكىم قۇلاقلىرىممۇ چوڭ دادامنىڭ بىغىدىكى ئالمىدەك قىزىرىپ بولدىغۇ دەيمەن. ئىمام ئاخۇنۇم سۈرىسىنى داۋاملاشتۇردى، بىراق ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك، مىنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. نىم بولسام بولدۇم دەپ خانىقادىن يۈگۈرۈپ يىنىپ چىقتىم. قارىغاندا مۇشۇ كۈنلەردە مەن پۇشايمان بىلەنلا ئۆتىدىغان ئوخشايمەن، تالاغا چىقىپ بولۇپ يەنە پۇشايمان قىلدىم، چىقمىساممۇ بوپتىكەن تالا تىخى قاراڭغۇ ئىدى. كەينىمگە يىنىپ كىرەي دىسەم تىخى ئۆيگە كىرسەم تىخى، تالادا تىخى قورقىمەن، قانداقمۇ قىلامەن ئەمدى تۇيۇقسىز كۆزۈم باغقا چۈشتى، ئاپئاق ياغلىقنى بىلىگە چۈشۈرۈپ ئارتىۋالغان بىرى باغدا مىڭىپ يۈرەتتى، يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپلا قالدى، توساتتىن:
-بالام قىنى سەن ئۆيگە كىرە -دىگەن ئاۋاز قۇلقىمغا ئاڭلاندى،مومام ،،، ھەجەپ ياخشى مومامنى كۆرمىگەنگىمۇ خىلى بولغان ئىدى. ھىچنىمىنى ئويلىمايلا دەرۋازىنىڭ يىنىدىكى مەن ۋە سىڭلىم پاتىدىغان يۇچۇقتىن ھويلىغا كىردىم، كىردىميۇ قاتتىق خاتالاشقانلىقىمنى كىچىكىپرەك ھىس قىلدىم. ھويلىدا يا باغدا مومامنىڭ ئىقى تۇرماق قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. كۆپ ئويلىمايلا ئايۋانغىلام كىرىپ يوتقاننى بىشىمغا چۈمكەپ يىتىۋالاي، ئاڭغىچە داداممۇ مىنى ئۇرغىلى كىرىپ قالا دەپ ئويلاپ ئايۋانغا قاراپ قاتتىق سۈر باستى. خۇددى بايىقى تاز خوتۇن چىچنى تاراۋاتقاندەك ،ھىلىقى مىت مىت شۇم ئىشىككە تىكىلىپ تۇرغادەك. ئامال قانچە ھويلىدا تۇرىۋەسەم ھىلى بىكا دادامنىڭ تايىقىغا ئۈلگۈرمەي ھارام بوپ قالغۇدەكمەن، بايا مىنى چاقىرغان مومام چىقىپلا قالسا تۈگەشكىنىم شۇ، ئۇنىڭدىن يوتقاندا نىم بولسام بولايچۇ.
ئايۋاننى نىشانلاپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئوقتەك يۈگۈرۈپ كىردىم، خۇداغا ئەمدى شۈكرى دەي دەپ تۇرسام پىشانەم تاڭلا قىپ قالدى، كەينىمگە ئوڭدىسىغىلام ئۇچۇپ چۈشتۈم. كۆزلۈرۈمدە ھەر يوغان يۇلتۇز چاقناپ كەتتى، لىكىن ھەر ھالدا بۇ يۇلتۇز بايىقى كۆرۈمسىز كۆكۈش ئوتتىن مىڭ ھەسسە ياخشى دەپ قارىدىم، قورقۇنچتىن ۋايجان دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم. ئەمما پىشانەمنى سىلاپ بىقىشنى ئەسلا ئۇنتۇمىدىم، شاپتۇل ئۈچكىسىدەك جاينىڭ ھۈررەك بوپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا زىيان چوڭ ئەمەسكەن. دەرھال يوتقانغا كىردىم دە، بىشىمغا چۈمكىدىم، ئەمما ھويلىدا بىرىنىڭ شىپ شىپ ماڭغان تىۋىشى ماڭا پۇشايماننىڭ بوۋىسىنى كۆرسىتىۋاتاتتى، لاغ لاغ تىتىرەپ تۇتۇرۇپ بىرنىڭ ئايۋانغا كىرگىنىنى سەزدىم.
-ئوماق با،،،،،،لا،،،،م.
خاتا ئەمەس دەل مومامنىڭ ئاۋازى ئاھ، خۇدا. ئاۋاز تىخىمۇ كۈچەيدى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلام ئاڭلاندى، ئايۋاننىڭ، ھەتتا ئاشخانا ئامبار ئۆي تەرەپتىنمۇ بايىقى ئاۋاز ئاستا ئاستا شۈنچىلىك سۈرلۈك بىر تۈستە ئاڭلىنىۋاتاتتى، بۇ دەل مومامنىڭ ئاۋازى ئىدى...
------------------------------
ئەسكەرتىش:
بىرىنچىسى- تۇغا دۆڭ ۋەھىمسى:
ئىككىنچىسى- سەت خوتۇن؛
ئۈچۈنچىسى- مومامنىڭ ئاۋازى؛
تۆتىنچىسى-ھارۋامدىكى كىم؛
2015-11-19 ئابدۇللا كامال(گۇما)
ئۈندىدار 2098738086
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قىرىنداشلىرىم مىنىڭ شىئېر ۋە ھىكايىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر، ھەم قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى بەرگىنىڭلارغا ئاپىرىن. ھەر بىرىڭلار بىلەن بىرمۇ بىر پىكىرلىشىش قولايسىز بولغىنى ئۈچۈن مۇشۇ مۇناسىۋەتتە سىلەر چۈشەنمىگەن جايلىرىنى دەپ ئۆتمەكچىمەن، نۇرغۇنلىرىڭلار (تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى) نىڭ ئاخىرىنى سوراپسىلەر. يەنە بەزىلىرىڭلار ئاخىرى يوقكەن، دەپ چۈشىنىپسىلەر، ئەلەۋەتتە ئۇنىڭ ئاخىرى دەل(سەت خوتۇن)دىگەن ھىكايە شۇ، يەنە بەزىلىرىڭلار ئىككىسىنىڭ ماۋزۇسى بىر ئەمەسكەن بىلگىلى بولمايدىكەن دەپسىلەر. ئەمما بۇ چاتما ھىكايە بولغاچ ھەر قىسىمنىڭ ماۋزۇسى ۋەقەلىكى ئايرىم، يەنى پىرسۇناژ بىر بولغىنى بىلەن مۇھىت، شارائىت ئوخشىمايدۇ، شۇڭا قىسىملىق ھىكايە بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ، لىكىم ئەمدى چۈشىنەلمەسلىك بولمايدۇ، چۈنكى ھەر قىتىم پۈتكەن ھىكايىنىڭ ئاخىرىدا كىيىنكى ھىكاينىڭ ماۋزۇسى ئەسكەرتىلىدۇ. يەنە بىر قىتىم رەھمەت قىرىنداشلىرىم، سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلار ماڭا زور مەدەت ۋە ئىلھام بولدى.
----ئاپتوردىن
1804 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-12-9 18:36:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-6-17 0:04:58 | ئابلىمىت |
بەك ياخشى يېزېلېپتۇ يۇمۇرستېك چېقىپتۇ |
2016-1-15 14:53:54 | bahtim |
hakikatan yahxi qikiptu. wahimlik😱 ham kizkarlih😆 |
2015-12-19 23:50:40 | xadlik |
muxu munbarni baxmurwatkan dosla.kuluglaga dart kalmisun |
2015-12-11 0:12:29 | ئاسىيە |
سەت خوتۇن دىگەن ھېكايە يوققۇ مەن تاپالمىدىم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|