بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 3 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 3 - قىسىم


 ئەتىسى ئويغانسام كۈن چۈش بۇلۇپ كىتەي دەپتۇ ، كىچە كىيىن ئۇخلىغان بولغاچقا بىز ئىككەيلەن ھېچنىمىنى تۇيماستىن ئۇخلاپ كىتىپتۇق ئاپاممۇ قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاندىكىن قانغۇچە ئۇخلىۋالسۇن دەپ بىزنى ئويغاتماپتۇ .
مەن چۈشۈمدە ئۇنى كۆرۋاتقان ئىدىم ، 《پەرى بىلەن شەھەرگە كىردۇق ناتۇنۇش شەھەر ئەمما كوچىلىرى بەكمۇ تۇنۇش ئىدى ئىككەيلەن بىرلىكتە كوچا ئايلاندۇق ، كىيىم -كىچەك سېتىۋالدۇق،كىيىن قايتىمىز دەپ تۇرغاندا بىرى قارا رەڭلىك ماشىنىسنى ھەيدەپ كىلىپ ئۇنى تارتىپ ماشىنىغا چىقارماقچى بولدى مەن بار كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭ قۇلىدىن ئۆزۈمگە تارتتىم بىراق شۇنچە كۈچىسەممۇ ئۇ مەندىن يىراقلىشىپ كىتىپ باراتتى قۇلىمىز ئۈزۈلۈپ كەتتى ئۇ ماشىنىغا چىقىپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ماڭا قىيمىغان ھالدا قارىدى مەن ماشىنا ئارقىستىن يۈگۈردۇم شۇنچە كۈچەپ يۈگۈردۈم ماشىنىغا يىتىشەي دەيمەن بىراق يىتىشەلمەيمەن مەن بار كۈچۈم بىلەن ياق مىنى تاشلاپ كەتمەڭ ياق》ياق دەپ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ،
ئويغۇنۇپ قارىسام مەن ئۆيدە ئىكەنمەن ئاپام يۈگۈرۈپ كىرىپ نىمە بولدۇڭ نىمە ياق ياق دەپ ۋاقىراۋېرسەن ئادەمنى ئەنسىرتىپ-? دىدى مەندىن خاپا بولغان قىياپەتتە !
ياق ئاپا ئەنسىرمەڭ يامان چۈش كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن شۇڭا دەپ گىپىمنىڭ ئاخىرنى يۇتىۋەتتىم،
ئاپام ، ھە مەنمۇ شۇنداقمىكىن دىگەن تۇر ئورنۇڭدىن بۇگۈن پەيشەنبە نەەۋرە ئىنىڭ بىلەن داداڭنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ يوقلاپ كىرگىن ھېلىمۇ چۈش بۇلاي دىدى.
ماقۇل ئاپا لىكىن چۈش بولغاندا چىقسام دادام مىنى ئوغلۇم ھۇرۇن بۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالمامدۇ،-دەپ ئەركىلەپ قويدۇم.
ئاپام ، ۋۇي ئەخمەق داداڭ يوقلاپ چىققىنىڭدىن سەندىن رازى بۇلدۇ بالام چىقىۋەرگىن باشقىلارغا چىن نىيتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلساڭ ھەر ۋاقىت سىنىڭكى ئوغلۇم تۇرۇپ داداڭنى يوقلاپ كىرىپ ناشتىلىق يەپ يەنە بىردەم ئۇخلىۋلىڭلا ئاخشام بەك كەچ قايتىپ كەلدىڭلا سىلەرنى خىجىل بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ كۆزۈمنى ئاچماي يېتىۋالغان ئىدىم ، ئاپام شۇنداق دەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ خىجىل بولغان ھالدا كەچۈرۈڭ سىزنى ئەنسىرتىپ قويۇپتىمەن ، دىسەم ـ بولدى بولدى قىلدىغاننى قىلىپ بولدۇڭ چىقىپ مەن دىگەندەك داداڭنى يوقلاپ كىر دەپ چىقىپ كەتتى.
مەن نەۋرە ئىنىمغا قارىدىم ئۇ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، مەن ئاستا ئۇنىڭ بۇرنىنى تۇتىۋالدىم ئۇ تىنالماي ئاغزىنى يۇغان ئېچىپ ياتتى مەن ئۇنى ئىتتىرىپ ئورنۇڭدىن تۇرە دەپ ئۇيان بۇ يانغا ئىتتەردىم ئۇ ئاستا كۆزىنى ئېچىپ نىم بولدى تاڭ يورۇپتىما دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى.
مەن تېلفونۇمنى ئىلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم ئۇ قاراپ ئاپلا سائەت 9 بۇلۇپ كىتىپتۇغۇۇ  نىمىشقا بالدۇر ئويغاتمايسەن دەپ خاپا بولدى مەندىن،مەنمۇ ھازىر ئويغانغان تۇرسام تېخى قانداق ئويغۇتىمەن دىدىم .
ھە راس تېز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ كىرەيلى دىسەم ئۇ ماقۇل دەپ ئورنىدىن تۇردى.
ئىككەيلەن يۈزىمىزنى يۇيۇپ بۇلۇپ ئىككى سىقىمدىن قۇناق ئېلىپ دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا قاراپ ماڭدۇق…
دادامنىڭ تۇپراق بېشىدىن كەلگەچ نەۋرە ئىنىم ، ھە پەرى ئۇچۇر يېزىپتىمۇ دىدى مەن تىخى تېلفونغا قاراپ باقمىدىم دىسەم قارا سىنى دەپ كۈلۈپ قويدى .
ئۆيگە كىلىپلا تېلفونغا قارىدىم ئۇ خىلى كۆپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۇچۇردا دىيىشچە بۇگۈن يولغا چىقىدىكەن كىيىنكى ئۇچۇردا بىكەتتە ئاپتۇبۇس كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى يېزىپتۇ .
مەن ئالدىراپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇراي دەپ ھۇجۇر ئۈيۈمگە كىرىپ تۇرسام سىرتتا ئىككەيلەننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپام مىنى چاقىردى ، مەن ئاپا تۇرۇپ تۇرڭە كىيىم ئالماشتۇرۋالاي دەپ تېزلىكتە كىيمىمنى كىيىپ سىرتقا چىقسام مەھەلىدىكى دوسلىرىم ئىكەن ، ئاداش ئەمدى تەييار بولدۇڭما تويغا بالدۇر بارمىز دىيىشكەنغۇ دىدى مەن نىمە توي كىمنىڭ تۇيى دەپ ھەيرانلىقتا ئۇلارغا قارىدىم .
توۋا ما ئاداشنى ، سەن تىشلىقمۇ يە ? دەپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
مەن خىجىل بۇلۇپ يېنىمدىكى نەۋرە ئىنىمدىن بوش ئاۋازدا ھەي بۈگۈن كىمنىڭ تۇيى بۇلدىكەنتۇق دەپ سوردىم ئىنىم ھە راس بۈگۈن ساۋاقداش چولپاننىڭ تويى بۇلدۇ قايسى كۈنى تويغا ئەيتىقانتىغۇ بازاردا تېخى چۇقۇم بېرىڭ دەپ قايتا-قايتا دەپ كەتكەن دىگەندى ئاندىن ئىسىمگە كەلدى .
ئاپلا ما ئىشنىڭ ئۇدۇل كەلگىننى جىددى ئىشىم چىقىپ قالغانتى ئەمەسمۇ دەپ چېچىمنى سىلاپ قويدۇم،
ئاغىنلىرىم ھېي-ھېي جىددى ئىشىڭنى تويدىن كىيىن قىلساڭمۇ بۇلدىغۇ كىچىكىپ قالماس دىدى ئىككىلىسى.
بوپتۇ بېرىپلا يېنىپ چىقاي راستىنلا جىددى ئىشىم باتتى دىسەم ئۇلار ھە بوپتۇ ئاۋال بارايلى يۈرە ئەمسە دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ،
مەن ئاپامغا سۇئال نەزىردە قارىدىم ئاپام چۈشەنگەندەك بوپتۇ بېرىۋەر لىكىن بالدۇراق كىلەرسەن مىنى ئەنسىرەتمەي دىدى ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ئاپا دىگنىڭىزدەك قىلمەن دەپ ئۆيگە يۈگرۈپ كىرىپ موتسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچىنى ئىېلىپ چىقىپ ئىنىمغا يۈرە بىللە بېرىپ كىلىمىز دىدىم نەۋرە ئىنىم مەن ئۆيگە بېرىپ كىلەيمىكىن دىدى ھە بوپتۇ بىكار بولساڭ كىلەرسە ئاپىرىپ قۇياي دەپ موتسىكىلىتنى ئوت ئالدۇردۇم ئۇ يۈگرۈپ كىلىپ مىنگەشتى سىنىڭ مۇشۇ كاللاڭ بەك ئىشلەيدۇ جۇمۇ ئاخكۆڭۈللىكىڭ چوڭ ئاپامنى بەك تاتىدۇ زادى دەپ مىنى ماختاپ قويدى ……
مەن ئۇنى ئاپىرىپ قۇيۇپ دوسلىرىم بىلەن ساۋاقدىشىم چولپاننىڭ تۇيىغا باردىم توي خېلى قىزىپتۇ چولپان مىنى كۆرۈپ قېشىمغا كەلدى ھوي يىگىت ئەمدى خوراز چىللىغان ئوخشىمامدۇ دەپ كۈلۈمسىرەپ مىنى مازاق قىلماقچچى بولدى ، چاققانلىق بىلەن ياقەي مىكيانمۇ نەچچە تۇخۇم تۇغۇپ بولدى بۇ ۋاققا تۇيۇڭغا ئاتاپ ئىككى تۇخۇم ئېلۋالاي دىگەن ئىدىم بىراق مىكيان چالا تۇغۇپ قويۇپتۇ قۇتلۇق كۈنۈڭدە چالا تۇغۇلغان تۇخۇمنى كۆتۈرۈپ كەلسەم كىيىنكى بەختىڭگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ ئەمدى كىلشىم جېق گپ قىلماي ئالا قولۇمدىكىنى دەپ بىر دەستە ئاق ئەتىر گۈلنى سۇندۇم ئۇ ئەركىلەپ بۇنى بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسەن ھە بوپتۇ كەچۈرۋېتەي دەپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
مەن باشقا دوسلىرىمنى ئۆيگە كىرگۈزۋېتىپ چولپاننى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئىشىم بارلىقىنى ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كىلدىغانلىقىمنى دىدىم ئۇ خاپا بولدى مەن ئۇنىڭغا سەن توي قىلىپ مەن يالغۇز  قالدىم مەن يالغۇز قالسام خوش بۇلامتىڭ كۆڭلۈم چۈشكەن قىز شەھەرگە ماڭىمەن دەيدۇ ئەمدى كەتسە قاچان كىلدۇ بىلمەيمەن شۇڭا رۇخسەت بەرگەن بولساڭ دەپ چولپانغا قارىدىم ئۇ ،ھە مۇنداق دە بۇمۇ راس چوڭ ئىش ئىكەن ساڭا بەخىت تىلەيمەن ئەمسە تېز بارغىن بالدۇراق كىلەسەن ھە دەپ كۈلۈپ قويدى مەن ماقۇل بۇلۇپ بازارغا قاراپ ماڭدىم 《چولپان مىنىڭ 9 يىللىق ساۋاقدىشىم ھەم بىز دوس ئىدۇق بۇنداق دوسلۇقنى سىلەرمۇ چۈشۈنسىلەغۇ دەيمەن ئادەتتىكىچە ئىدۇق》
داۋامى بار…
     





692 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-6 12:23:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ