تۈن نىسپىدىكى ۋەھىمە
ۋەھىمىلىك ھىكايە 1 - قىسىم
ئاپتۇرى ؛ نەفىسە ئەفىر
يېقىندىن بۇيان توردىكى ھەرخىل ۋەھىمىلىك ئەسەرلەرنى ئاڭلاۋېرىپ ۋەھىمىلىك ئەسەرگە ئامراق بولۇپ قېلۋاتاتتىم ، مەندە قوقۇشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى ، كۈندە كەچتە ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم ، كۈندۈزدە ئاڭلىسام پەيزى تۇيۇلمايتى ، شۇڭا كىچىدە ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم ، بۈگۈنمۇ كۈندىكىدەك ۋەھىمىلىك ئەسەر ئاڭلاشقا كىرىشتىم ، تولىراق ئەسەر ئاڭلاۋىتىپ ئۇخلاپ قالاتتىم ، بۈگۈنمۇ سىرلىق رايون دىگەن ئەسەرنى ئاڭلاپ ياتتىم، بەزىدە ئازراق سۈرمۇ بېسىپ قالاتتى ، ئۆي ئىچى جىمجىت ئۆزۈم يالغۇز ھەم قاپقاراڭغۇ ھەرنىمە بولسا مەن ئۇنچە قورقۇنچاقمۇ ئەمەستىم ، شۇڭا ئاڭلاۋېرەتتىم ، تۇيۇقسىز تېشىدىكى ئۆيدە بىرنەرسىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى ، باشتا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم ، كېيىن ئۇ ئاۋاز يەنە چىقتى، مىنىمۇ ئاستا -ئاستا سۈر بېسىشقا باشلىدى ، شۇنداقتىمۇ يەنە قوقمىغان قىياپەتكە كىرىپ ئەسەرنى ئاڭلاپ يېتىۋەردىم ، بىر چاغدا پۇتۇمغا مۇزدەك بىرنەرسە تەككەندەك بولدى ، مىنى تىخىمۇ سۈر بېسىپ ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ باقتىم ، ھىشنىمە يوق ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ ۋەھىمىلىك ئەسەر ئاڭلاۋېرىپ سىزىمچانلىقىم زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆزۈمنى بەزلەۋاتاتتىم ، ئەمدى پۇتۇمغا مۇزدەك نەرسە بۇ قېتىم يەنە تەگدى ، بۇ قېتىم شۇنداق يوغان قولدىن بىرسى تەككەندى قىلدى ، بۇ قېتىم تىگىپلا قالمىدى بەلكى پۇتۇمنى تۇتۇپ سۆرىدى ، قورقۇنۇمدىن يۈرۈكۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، ۋارقىراي دىسەم ئاۋازىممۇ چىقمايۋاتاتتى ، ئەقلىم پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدىم ، ئەمدى ھەرگىز قورقۇنۇشلۇق ئەسەر ئوقۇمايمەن دەپمۇ يىغلاپ كەتتىم ، لىكىن ئاۋازىم تىشىغا چىقمايۋاتاتتى ، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز چوڭلارنىڭ جىن ئالۋاستى سۈرىدىن قورقىدۇ دىگىنى ئىسىمگە كېلىپ ئاپام ئۈگۈتۈپ قويغان سۈرىنى ئىچىمدە قايتا قايتا ئوقۇدۇم ، سۈرە تەسىر قىلغان بولسا كېرەك ، مىنى تارتقان نەرسە پۇتۇمدىن قويىۋەتتى ، مەن قورقۇنۇمدىن يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپ يوتقاننى ھەممە يېرىمگە چىڭ ئورىۋالدىم ، قورقۇنۇمدىن لاغىلداپ تىترەۋاتاتتىم ، كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يوتقاننى تېخىمۇ مەھكەم يېپىپ ياتتىم، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىرى چاقىرغاندەك قىلدى ، كۆزۈمنى ئېچىشىمنى بىلەرمەن يۈرۈكۈم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى، بار كۈچۈم بىلەن ۋارقىرىدىم ، كۆزۈمنىڭ ئۇدۇلىدا قىپقىزىل كۆزلۈك ئاغزىدىن قان تامچىپ تۇرغان چاچلىرى ئاپئاق بىر مەخلۇق ماڭا يوغان ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ قاراپ تۇراتتى ، قورقۇنۇمدىن كۆزۈمنى يەنە يۇمىۋالدىم ، بۇ قېتىم ئاپام چاقىرۋاتاتتى ،
-قىزىم نەزىھە كۆزۈڭنى ئاچە نىم بولدۇڭ ؟ ……
كۆزۈمنى ئاستا ئاچسام ئاپام بىشىمنى سىلاپ ئولتۇراتتى ، پۈتۈن بەدىنىم سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى ، ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئاپامنى قۇچاقلىۋالدىم ،
قىزىم نىمە بولدۇڭ بەك ۋارقىراپ كەتتىڭ ؟ دىدى ،
- ئاپا ھىچ ئىش يوق شۇ قار بېسىپ قاپتۇ ……دىدىم مەن ئاپامغا ……
ھە ئەمسە بۇندىن كىيىن ياتقاندا سۈرە ئوقۇپ ياتقىن قىزىم ، چىقىپ ناشتا قىل ! دەپ ئاپام چېكەتتى …
مەن ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرگىنىمنى بىلىپ يۈرۈكۈم جايىغا چۈشتى ، لىكىن يەنىلا قورقۇنۇچ ئىچىمدىن چىقمىغان ئىدى...
داۋامى بار ……
458 قېتىم كۆرۈلدى | NafisaaFir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-17 16:53:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-3 0:06:38 | مەدىنە |
بەكلا ياخشى يېزىپسىز لىكىن ئاخىرىنى قاچان ئەۋەتەسىز |
2017-2-14 4:25:17 | ئەمەرجان ئېلى |
قورقۇنۇشلۇق مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەر بەك قالتىس يېزىلپتۇ مەن بەك ياقتۇردۇم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|