خاتىرە ۋە رېئاللىق 6- قىسىم ھىكايە

خاتىرە ۋە رېئاللىق

 

 6- قىسىم( ئاخىرقى قىسىم) ھىكايە

كەترەن

 

 ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى.

 ـــ نىجات!

ئاكا؟!!

ئۈچەيلەن تەڭلا ۋارقىرىدى. پەرى دەرھال بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.

 نىجات ئىشىكتىن كىرىپلا سىڭلىسىنى قۇچاقلىدى.  رىشاتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەنىدى. ۋەلى رىشاتنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا شۇنداق قارىشىغىلا رىشات ئالدىراش بېشىنى چايقىدى. بۇ رىشاتنىڭ، مەن نىجاتقا ھېچنىمىنى ئۈندىمىدىم دېگىنى ئىدى. نىجات كىلىپ ۋەلى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئاخىرىدا زىبانىڭ قولىنى تۇتۇپ يىنىككىنە سۈيۈپ قويدى. ئۇلار ئۈستەل ئەتراپىغا ئولىشىپ ئولتۇرۇشتى. نىجات سۆز باشلىدى :

ـــ ھەممىڭلارنىڭ بىلگىنىدەك مەن خاتىرەمنى يوقىتىپ قويدۇم. لىكىن مەن ھېچقانچە قايغۇر مايمەن، چۈنكى مەن سىلەردەك يىقىنلىرىمنى يوقاتمىدىم. مەيلى بۇرۇن قانداقلىكى ئىش يۈز بەرگەن بولمىسۇن، بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ئىجىل ئىناق ئۈتۈپ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆپچىلىك بىر ئىككى ئېغىزدىن نىجاتنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ گەپ قىلىشتى. لىكىن شۇ تاپ سورۇندىكى ھېچبىرەيلەن ئەركىن ئەمەس ئىدى. نىجات، ۋەلى، زىبا، پەرى، رىشات ھېچبىرەيلەن ئەركىن ئولتۇرالمايۋاتاتتى. سورۇن تۇيۇقسىز جىمىپ قىلىپ ھېچكىم گەپ قىلالماي قالدى. بۇ چاغدا بۇ ئۆلگۈر جىمجىتلىقتىن ئەندىككەن ۋەلى ئورنىدىن تۇردى ھەم تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقىدىغانلىقنى ئېيتتى. ئۇ قوپۇپ نىجاتنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتكەندە پەرىگە كۆز ئىشارىتى قىلدى. پەرى ۋەلىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ شۇنچىلىك ھودۇققان بولسىمۇ يەنىلا چاندۇرماي ئورنىدىن قوپتى:

ـــ ئاكا . زىبا، ئىككىڭلار پاراڭلىشىپ تۇرۇڭلار. مەن چاي دەملەپ چىقاي.

 نىجات كۈلۈمسىرگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ چاغدا رىشاتمۇ تازلىق ئۆيىگە بارىدىغانلىقنى ئېيتىپ قوپۇپ كەتتى. نىجات زىباغا قارىدى. لىكىن زىبا نىجاتقا قارىيالمايۋاتاتتى... رىشات ۋەلىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ ئۇنىڭ ئاشخانا تەرەپكە ماڭغىنىنى كۆردى. رىشات ئەگىشىپ ئاشخانىغا كىرىپ ۋەلى بىلەن پەرىنىڭ بىر قاچىغا دورا سېلىۋاتقىنىنى كۆردى. ۋەلى دەرھال ئېتىلىپ كىلىپ رىشاتنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن ئېتىۋالدى ھەم يانچۇقىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئۇنىڭ تەڭلىدى:

- ئەگەر ئاۋاز چىقىردىغان بولساڭ بوغۇزلىۋىتىمەن!!!

رىشات قورققىنىدىن دەرھال بېشىنى چايقىدى. شۇندىلا ۋەلى ئۇنى قويۋىتىپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى چىڭ ئىتىۋالدى. رىشات بولسا قورققىنىدىن تىترەپ كەتكەنىدى:

 ـــ سىلەر ... سىلەر نىمىش قىلماقچى؟؟

 ۋەلى قولىنى پىچاق شەكلىگە كەلتۈرۈپ گېلىغا ئىشارەت قىلدى. رىشات يىغلاشقا باشلىدى :

 ـــ نىمىشقا!؟؟ نىمىشقا؟!! ۋەلى، ئۇ خاتىرىسىنى يوقاتقان، سەن ماڭا ياخشى ئۆتۈشكە ۋەدە بەرگەنغۇ؟؟ پەقەت بىزلا ئېىيتمىساق ئۇ مەڭگۈ بىلمەيدۇ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلما بولامدۇ؟؟

ئۇ يەنە پەرىگە قاراپ يالۋۇراتتى :

- پەرى.. سىز ئۇنىڭ ئۆز سېڭلىسىغۇ؟؟ نىمىشقا ئۇنىڭ ئۆلىمىنى تىلەيسىز؟ نىمىشقا قەستلىمەكچى بولىسىز؟؟ زادى نىمىشقا؟؟

 ۋەلى رىشاتنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ئۇنى تامغا يۆلىدى:

ـــ ئاغزىڭنى يۇم ئەبلەخ. سەن يامان بولماق بىردەملىك، دىگەننى ئاڭلىغانمۇ؟؟ شۇنداق، يامان بولماق بىردەملىك، لىكىن ئۇنىڭ قايتىش يولى يوق، پەقەت مەڭگۈ پاتقاققا چۆكۈپ بارىسەن .. خۇددى بىزگە ئوخشاش .

 رىشات ئاللىبۇرۇن يىغلاپ ئىقىپ كەتكەنىدى:

 ــ سەن نىمىشقا يەنە ئۇنى قەستلىمەكچى بولىسەن؟؟

ۋەلىنىڭ سۆزلىرى تىترەپ چىقىۋاتاتتى:

 ــ چۈنكى ئۇ مىنىڭ گۇناھىم. ئۇنى ھەرقىتىم كۆرسەم ھەرقىتىم گۇناھ تۇيغۇسىنى قەلبىمنى ئىسكەنجىگە ئالىدۇ، يۈرىكىمنى قورقۇنۇش قاپلايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۋەتسەملا مەن ئۆز ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەتمەيمەن، ئۇنىڭ ئېسىگە كىلىپ قىلىشىدىنمۇ، سىرنىڭ پاش بولۇپ قىلىشىدىنمۇ ئەنسرىمەيمەن. سەن مەڭگۈ چۈشەنمەيسەن!! چۈنكى ئۇ گۇناھ تۇيغۇسى سەندە يوق!!!

 رىشات بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يەردە تىزلىنىپ قالدى. ئۇ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتى:

 ـــ مەندە يوقمىكەن؟؟ مەندە بار.. ئەلۋەتتە بار.. ئۇنى سوققان ئادەم مەن. ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ئۆلىشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلغانمۇ مەن!!!

 ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ۋەلى بىلەن پەرى داڭ قىتىپلا قالدى.

ـــ نىجات دىگەن بۇ ئىسىم مىنىڭ قاباھەتلىك چۈشۈم. مەن كىچىكىمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە، بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايتتىم. ھېچكىم مىنى كۆزگە ئىلمايتتى، ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىنمۇ بۇ ھال ئۆزگەرمىدى. لىكىن ئالى مەكتەپ ماڭا شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى، چۈنكى مەن ياخشى كۆرىدىغان قىز سىنىپىمىزدا ئىدى. ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم، قانچىلىك ئۇۋالچىلققا ئۇچرىساممۇ، كۆڭلۈم يېرىم بولسىمۇ ئۇنى ئويلاپ تەسەللى تاپاتتىم. لىكىن مەن ئاخىرى غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويغىنىمدا ئۇ نىمە دىدى بىلەمسىلەر؟؟؟ ئۇ نىجاتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقنى ئېيتتى. سىنىڭ نەرىڭ نىجاتقا يىتەلەيدۇ؟؟ چىراي تۇرقىڭ؟ ئائىلە شارائىتىڭ؟ ئىقتىدارىڭ؟؟ سەن نىجاتتىن ئىشىپ چۈشسەڭ مەن ئاندىن سېنى ياخشى كۆرىمەن!!!! مانا بۇ گەپ مىنىڭ ھاياتىمغا ئۇرۇلغان تۆمۈر تامغا، ئۇنتۇلماس يارا. مەن ھاياتىمدىكى پۈتۈن جاپا كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاشۇ قىزنىڭ ۋىسالىغا يىتىشنى ئويلاش ئارقىلىق يىڭەلەيتتىم. ئۇنى ياخشى كۆرۈش مىنىڭ بارلىقىم ھەم بىر دىنبىر نەرسەم ئىدى. ئۇنى نىجات تارتىۋالدى. ئاندىن يوق قىلدى. ئۇ نىجاتقا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا رەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى ئازار يەپ تومۇرىنى كېسىۋالدى. ئەنە شۇ چاغ، مەن ھاياتتىن ئۈمۈدىمنى ئۈزگەن. نىجات دىگەن ئىسىم يۈرىكىمگە قارا داغ چەككەن. مەكتەپتىن چىكىندىم. قارا تاكسى ھەيدەپ تۇرمۇشۇمنى ئاران قامدىدىم. ئاشۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىدا ئاسمانغا قاراپ تۇرغانلىقنى كۆردۈم. يامغۇر شۇنچە قاتتىق ياغقان بولسىمۇ مەن ئۇنى يىراقتىن بىرلا قاراپ تونىۋالدىم. يولدا ھېچنىمە يوق ئىدى، يامغۇر ئاۋازى ماشنىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەتتى. مەن ماشنىنى تورمۇزلىسام تامامەن بولاتتى. لىكىن كاللام قىتىپلا قالغانىدى. ئەنە.. ئالدىڭدىكى ھاياتىڭنىڭ رېڭىنى ئۆچۈرۋەتكەن نىجات. ئۇ بولمىغان بولسا سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالمايتتىڭ، بۇنچىلىك چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمەيتتىڭ .. مەن ئۆزۈمنىڭ كىم تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم. لىكىن مەن ئاشۇ ئاقىۋەتنى خالايتتىم، پۇتۇم ماي تەپكىسىنى كۈچەپ دەسسىدى. ماشىنا ئۇنىڭ بەدىنىگە قاتتىق ئۇرۇلدى. ئۇ ئون نەچچە مىتىر يىراققا دومىلاپ كەتتى. دەل شۇچاغ مەن يەنە ماي تەپكىسىنى دەسسەپ قىيما چىيما قىلىۋىتىشنى ئويلىدىم. لىكىن تۇيۇقسىز قاتناش ساقچىسى كىلىپ قالدى. مەن ماشىنامنىڭ ساندۇقىغا ساقلىغان بارلىق دۇنيارىم، مىڭ تەستە يىغقان 5مىڭ كوينى سىقىمدىغان پىتى قاتناش ساقچىسىنىڭ قولىغا ئەپچىللىك بىلەن تۇتقۇزدۇم. ــ ئەپەندى، ئۇ ئۆزى كىلىپ ماشىنامغا ئۇرۇلدى. ساقچى بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ بەلكىم ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم باشقىلارنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغانلىقنى ئۇچرىتىشىمدۇ. شۇندىلا پۇلنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكنى تىخىمۇ ھېس قىلدىم. ساقچىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدۇم. شۇ كېچە مىنى قارا باستى. مەن كېچىچە جان تالىشىپ چىقتىم. ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بوغۇپ قويغىلى تاس قالدىم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن بۇرۇن بوزەك بولساممۇ، مۇنەۋۋەر بولمىساممۇ، باشقىلارغا يۈز كىلەلمىگۈدەك ئىش قىلمىغاچقا خاتىرجەنكەنمەن. ئۆزىدىن ئۈستۈنلەرنى يوقىتىپ قەلبىدىكى كەمتۈكنى تولۇقلاش مۇمكىن ئەمەسكەن. بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ مىنى ئىزدەپ كەلدى. مەن شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىم. لىكىن ئۇ ھايات ئىدى. خاتىرىسىنى يوقاتقان ئىدى. مەن ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم. مەن تىلىگەن ئىش يۈز بەردى،، مەن ۋىجدان ئازابى تارتمايدىغان بولدۇم، ئۇ ئۆلمەپتۇ. پەقەتلا خاترىسىنى يوقىتىپتۇ. ئۇ بۇ ئىشنى بىلمىسىلا ھەممە ئىش ياخشى بوپ كىتىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئىككى كۈن جەريانىدا مەن ئۇنىڭدىن تۇنجى قىتىم دوستلۇقنى ھېس قىلدىم . دوستى بولۇشنىڭ راھىتىنى ھېس قىلدىم.. ئۇنىڭ قىززىقچىلىقى ، ئۈمىدۋارلىقى، كەڭ قورساقلىقى ماڭا ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئۇقتۇردى. مەن ئۇنىڭ پاكلىقىنىڭ نۇرغۇن گۇناھقا تولغان قەلىبلەر تەرىپىدىن ھەسەت قىلىنىپ قەستلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .. مەن بۇنچىلىك كۆپ ئىشلار يۈز بەردى دەپ ئويلىمىغانىدىم. سىلەرنىمۇ ماڭا ئوخشاش گۇناھىنى يۇيۇشنى ئويلايدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم...

 رىشات ئاللىبۇرۇن يىغلاپ ئىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتىۋىتىپ كۆزلىرى تۇيۇقسىز ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە چاقناپ كەتتى:

ـــ سىلەرنىڭ گۇناھنى يۇيۇش خىيالىڭلار بولمىسا، ئۇنداقتا، مەن قان بىلەن بۇ گۇناھلارنى يۇيۇپ تاشلاي ... ئۇ شۇنداق دىگىنچە ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ ۋەلىنىڭ قولىدىن پىچاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى.ئاندىن يەنە شۇ تىزلىك بىلەن قورققىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان پەرىنىڭ بوينىغا پىچاق سۈركىدى. بۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپلا نىجات كىرىپ كەلدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، لىكىن ئانچە ھەيران بولمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىشىكنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ھەممىنى ئاڭلاپ بولغانىدى. رىشات نىجاتنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا چىداپ تۇرالماي، دەرھال ھېلىقى چايغا سېلىنغان زەھەرنى ئېچىۋەتتى . نىجات بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى چۆچىدى ھەم دەرھال بېرىپ رىشاتقا ئېسىلدى ھەم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى:

 ـــ مەن ئەمىليەتتە دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر كۈندىن كىيىنلا خاتىرەمنى تېپىۋالغان. لىكىن مەن ئاداۋەتنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىدىم. شۇنىڭ بىلەن خاتىرەمنى يوقۇتۇپ قويغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم. خاتىرىنى يوقاتسا نىمىدىگەن ياخشى ، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ يوقىلىدۇ. ئاندىن بىرەيلەن كىلىپ سىنىڭ ئىسمىڭنى ئېيتىپ بېرىدۇ.دوست بۇرادەرلىرىڭنى تونۇتۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىدەك ياشايسەن!! ئۇنچىلىك كۆپ نەپرەتلىنىشلەر، كۆڭۈل ئاغرىقى، ھەسەت، سۈيقەستلەر بولمايدۇ. مەن خاتىرەمنى ئۇنتۇپ كەتسەملا، دوستلۇق، مۇھەببەت يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.لىكىن ئاقىۋەت....، مەن بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. دوستۇم، سەن بۇنداق قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى... نىجات بار ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلىدى. ئۇ ھېلى ۋەلىنىڭ، ھېلى سىڭلىسىنىڭ جەسىدىگە ئېسىلىپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى. رېئاللىقنىڭ رەھىمسىزلىكىگە يىغلاۋاتاتتى.. بۇ چاغدا زىبا ئاللىبۇرۇن جىممدە ئۆيدىن چىقىپ ئۇدۇل ماڭغانچە تىك يار ياقىسىغا بېرىپ بولغانىدى....

 2015.12.6 كەترەن . ئۈندىدار: m971670731





1659 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 21:19:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-15 15:35:23 ئاقلىق ئىچىدىكى پاكلىق
ھەي .......مال-دۇنيا سەن ئادەمنى نىمە كويلارغا سالمىغان
2015-12-28 0:04:42 ئىسھاق
تالانتىڭىزغا بارىكاللا ،،،
2015-12-27 1:32:06 ئابدۇللا
ۋەششى يىزىلىپتۇ بۇ ئ‍ەسەر ھەقىقەتەن قول قويدۇم تېخىمۇ تىرشىڭ
2015-12-25 23:35:02 gulistan
tugidima bu hikaya?
2015-12-22 18:20:30 مۇپەتتىش
مىنىڭچىمۇ ، سىڭلىسى ئۇ دەرىجىدە تۇزكور ئەمەستۇ ، توۋا ئەشەدىكى ھەممىسىنىڭ نىجچتتا ئۈچى باركەن ، لىكىن ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسى ، جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن ياخشى ىقىپتۇ ، قەلمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
2015-12-19 17:41:08 nurziya
bak yahxi yeziliptu dost bosa muxunda bolsa
2015-12-19 2:00:48 مۇقەددەس
نەتىجىسى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا ماس كەلمەيدىغان تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ ،بولۇپمۇ سىڭلىسىنىڭ قىلمىشى
2015-12-19 1:56:45 🅰
بەك پىچەت يىزىپسىز داۋاملىق تىرشىڭ👍👍👍👍
2015-12-19 1:40:03 Nazaaa
Bak yahxi yezliptu rixat nim digan esil
2015-12-19 0:17:05 ئىليار
ئىسىل مەزمۇن بوپتۇ…
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ