قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 8- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 8-قىسىم

 metro

 

تايىر شۇ ۋاقىرغىنىچە ئۆز خۇددىنى يوقۇتۇپ يىقالدى . باشقىلار تايىرنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرشۈپ كەلدى ، ئۇلار كەلگەندە تايىر يەردە ھوشسىز ياتقان بولۇپ ،ئۇنىڭ يېنىدا قارىياغاچقا بوينىدىن ئېسىلغان بىر ئادەم ئىسكىلىتى تۇراتتى ، ئۇلار تايىرنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى -دە سىلكەشتۈرۈپ، چاقىرىپ ھوشىغا كەلتۈرۈشتى ، تايىر كۆزىنى ئېچىپلا ۋاقىردى : - جىن ، جىن باركەن جىن. ئۇلار ھەيران بولۇشقىنىچە ئەتىراپقا قاراشتى ، لېكىن ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى . - بۇ بىر ئىسكىلىتكەنغۇ ؟- دىدى ئىسكەندەر ،- بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمىگەنسەن . تايىر ئېسىقلىق ئىسكىلىتكە قارىدى ، ئىسكىلىت قاخشال پېتى تۇراتتى ، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى لېكىن پۇت قوللىرى جانسىز ئىدى مېڭىپ بېقىۋىدى يىقالغىلى تاس قالدى ، دىققەت قىلىپ تۇرغان دىلبەر دەرھال ئۇنى يۆلىۋالدى ، ئۇلار ئوتۇندىن ئېلىپ قۇرساق توقلاشقا قايتىشتى . ئاسماندا پارقىراپ تۇرغان قوياش چىڭقى چۈش بولغىنىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى ، ئەتىراپ يەنىلا جىمجىت ، تىمتاس بولۇپ بۇ ئەھۋال بۇلارغا خۇددى باشقا بىر پىلانىتتا تۇرغاندەكلا تەسىر بىرەتتى. چاي قايناپ ، قۇرساقلارمۇ توقلىنىپ بولىندى ،ھەتتا بىر ئاز ھاردۇق ئېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرىشتى ، چۈنكى ئۇلار كۈن چىققاندىن تارتىپ توختىماي مېڭىپ ھېرىپ چارچاشقانتى . - بۇ خارابىلىكنى بىر كۈندە ئايلىنىپ تۆگۈتەلمەيدىغان ئوخشايمىز ،- دىدى دىلبەر ئاياقلىرىنى سېلىپ پۇتلىرىنى ئۇۋۇلغاچ ،- پۇتۇم ئەجەپ ئاغرىدى . - ئۇنى بىر دىمىگىنە ،- دىدى گۈزەلنۇرمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ ،- مېنىڭمۇ ماڭغۇدەك ھالىم قالمىدى . - بايلىق دىگەن كۆپكەنغۇ ،بۇ جاينى پۈتۈن ئايلىنىمىز دىگەندىن يىتەرلىك ئېلىپ قايتساق بولارمىكىن ،- دىدى ئىسكەندەرمۇ ھەمىرالىرىغا قاراپ. - موشۇنداقلا قايتامدۇق ،- دىدى تۇرغۇن دەرھال ،- جاپا تارتىپ كەلدۇق ، يەنە قانداق جايلار بار ، قانداق ئاجايىپ بايلىقلار بار كۆرگەچ ئىزدەپ باقمامدۇق ، سىرلىرىنى ئېچىپ قايتساق بۇ دىگەن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك بايقاش. بۇلار تالاش - تارتىش قىلىشتى ،لېكىن بىرلىككە كىلىشەلمەي ھەممىسى بىر پەس جىمىلىشتى، چۈنكى كۆپۈنچىسىنىڭ بۇ يەرنى تەپسىلى كۆرگۈسى بار ئىدى. تايىر ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىراپقا بىر قۇر قارىدى - دە : - مەن ئاۋال ماۋۇ سېپىلدىكى قاراۋۇللۇق پوتىيىگە چىقىپ بۇ يەرنىڭ قانداق جايلىغىنى بىر كۆرۈپ باقاي ،ئاندىن بىر گەپ بولار،بۇ يەرنى كۆرۈشكە قارىسام شۇ يەر ئەڭ ئىگىزكەن، سىلەر ئارام ئالغاچ تۇرۇڭلار !- دىدى مېڭىشقا تەمشىلىپ . - مەنمۇ كۆرۈپ باقايچۇ ،- دىدى دىلبەرمۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ . تايىر دىلبەرنىڭ ھەمىرا بولۇپ ماڭغىنىدىن كۆڭلىدە مەمنۇن بولدى ، بۇ چاغدا گۈزەلنۇرمۇ چاقچاق قىلىپ ئۈلگەردى ، - بىر جۈپلەر تىزاراق چۈشەرسىلەر! ئۇلارنىڭ كەينىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى. تايىر بىلەن دىلبەر سېپىلغا تۇتاش پەلەمپەيگە قاراپ ماڭدى ، ئۇلار سېپىلگە چىقىپ ئۇنىڭ ئۈستىنىڭمۇ ئىسكىلىت بىلەن تولۇپ كەتكەنلىگىنى كۆردى . - تايىر ، نىمانداق كۆپ ئادەم ئۆلگەن ، نىمە سەۋەپتىن بۇنداق قاتتىق جەڭ قىلىشقاندۇ ، بىرمۇ ئادەم ھايات قالمىغانمىدۇ؟- دەپ سورىدى دىلبەر خىيالچان ئىسكىلىتلارغا قاراپ تۇرغان تايىردىن . - مەنمۇ شۇنى بىلەلمەيۋاتىمەن ،- دىدى تايىر جاۋابەن ،- بۇ يەردە ھەقىقەتەن قاتتىق جەڭ بوپتۇ ، قارىماققا بېسىپ كىرگەن قوشۇن بىلەن بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان قوشۇن جان تىكىشىپ ئېلىشقان ، مېنىڭچە ھايات قالغان ئادەم بار ، لېكىن بەك ئاز بولىشى مۇمكىن ، ئەگەردە بولمىسا تۇرغۇننىڭ بۇۋىسىدا بۇ يەرنىڭ خەرتىسى نىمە قىلىدۇ؟ ئەگەردە كۆپ ئادەم ھايات قالغان بولسا بۇ يەر ئالىقاچان بايقىلىپ بولاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە بىر پەس تۇرۇپ سېپىل ئۈستىدىكى پوتەينىڭ ئىشىكىگە قاراپ مېڭىشتى. بۇ مۇنار شەكىلدە سېلىنغان پوتەي بولۇپ،ئىچى خېلى چوڭ ئىدى ، پەلەمپەيلىرى ئايلانما شەكىلدە ياسالغان پېتى ئۈستىگە تۇتىشاتتى ، ئۇ ئىككىسى ئۈن - تىنسىز ئۈستىگە ئۆرلەشتى، پوتەي بەك ئىگىز بولغاچقا دىلبەر يىرمىغا چىققاندا ھېرىپ قالدى : - مەن بولالمىدىم ، ھېرىپ قالدىم ،- دىدى قىز پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ. ئالدىدا كىتىۋاتقان تايىرغا بىردىنلا جۈرئەت كىلىپ ئۇنىڭغا قولىنى سۇندى ، دىلبەر بىردەم ئىككىلىنىپ قولىنى بەردى ، يىگىت قىزنىڭ قولىدىن بىر خىل شىرىن سىزىمنىڭ بەدىنىگە تاراۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى ، ئۇ شۇنچىلىك ھاياجاندا ، شۇنچىلىك بەخىت تۇيغۇسىدا ئىدى ،قىزمۇ يىگىتنىڭ كۈچلۈك قوللىرىدىن بىر خىل ھارارەتنى سەزدى ، ئۆزىنىڭ بايقى ھارغانلىرىنى پاكىزە ئۇنۇتقان ھالدا شىرىن خىياللار بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈستىگە ئۆرلەشكە باشلىدى . پوتەي ئىگىزلىگى بەش قەۋەت بىنا بىلەن تەڭ دىگۈدەك بولۇپ ،قۇرۇلمىسى تاشتىن ياسالغانتى ، ئۈستى لەپمە چىقىرىلىپ تۆت چاسا شەكىلدە قوپۇرۇلغان بولۇپ بۇ يەردىن پۈتۈن تاغ ئىچىنى ، پۈتۈن يۇرتنى كۆرگىلى بولاتتى ، بۇ بىر جۈپلەر ئۈستىگە چىقىپلا بۇ سىرلىق مەنزىرىدىن ھاياجانلىنىپ تۇرۇپلا قېلىشتى . تاغ غايەت زور قازانغا ئوخشىسا قۇرۇلۇشلار قازان ئىچىگە شۇنداق پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانتى ، ئاساسى يول يىلاندەك ئەگىرى - بۈگىرى مېڭىپ ، دەرەخ شاخلىرىدەك ئاچىلىنپ غەلىتەكۆرىنەتتى،ئۇنىڭ لاھىيلىنىشى خۇددى سىرلىق ئوردىدەك كىرگەن ئادەم يول بىلمىسە مەڭگۈ ئېزىپ يۈرىگىدەكلا مۇرەككەپ ئىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا تاغ ئەتىراپىغا پۈتۈنلەي پاكار ئۆيلەر سېلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كۈرمىڭ قوشۇن ئوتتۇرسنى مۇھاسىردە قوغداۋاتقاندەك كۆرىنەتتى ، ئىچى تەرپىدە ئىككى ئورۇندا قورغان ،يەنە بىر ئورۇندا غەلىتىلا شەكىلدە سېلىنغان بىر قۇرۇلۇش بولۇپ ئۇ قۇرۇلۇش ئالتە قىرلىق پىرامىدا شەكىلدە ھېچقانداق دەرىزىسىز سېلىنغان ئىدى،ئىگىزلىگىمۇ ئۈچ قەۋەت بىنادەك كۆرۈنەتتى ، بۇلاردىن باشقا بۇتخانا ، يەنە ئىككى قەۋەتلىك جۇڭگوچە سارايلارمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ مەنزىرلەردىن دىلبەر ھاياجانغا چۆمۈپ ئەتىراپقا تويماي قارايتتى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقى شۇنداق ئەركىن كۆرىنەتتى ، تايىر تۇيۇقسىز قىزغا قارىدى ، قارىغاندىمۇ كۆزىنى ئۆزەلمەي قالدى ئىلگىرى ئۇ ھېچقاچان بىرەر قىزغا دىلبەرگە قارىغاندەك قاراپ باقمىغان بولۇپ دىلبەرنىڭ بۇ تۇرقى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يېقىملىق ، شۇنچىلىك سەبى ، شۇنچىلىك ئوماق گوياكى بىر گۈزەل پەرىشتىدەكلا بىلىنمەكتە ئىدى ، دىلبەر تايىرنىڭ ئۆزىگە سىنچىلاپ قاراۋاتقانلىغىنى سىزىپ تايىرغا قارىۋېدى ، تايىر خىجىلچىلىقتا دەرھال كۆزىنى ئەپ قاچتى ،بۇنىڭدىن قىز قىزىرىپ كۈلۈمسىرگىنىچە باشقا ياققا قارىۋالدى ، تايىر ئوغۇرلىقچە يەنە قىزغا قارىدى ، قىزنىڭ كىيىۋالغان قارا ساياھەت شەپكىسى ئاستىدىكى ئۇزۇن چاچلىرى شامالدا يەلپۈلىنىپ تۇراتتى ، « بۇرۇن ئەجەپ دىققەت قىلماپتىكەنمەن - ھە »دەپ ئويلىدى تايىر « ئۇ ھەقىقەتەن ئوماق ھەم گۈزەلكەنغۇ» دەل شۇ چاغدا دىلبەر تايىرغا خارابىلكنى كۆرسەتتى : - تايىر قاراڭ ، ئاۋۇ تەرەپكە قاراڭ ! تايىر قىز كۆرسەتكەن جايغا قارىدى ، بىر نەچچە جايدا بىر نەچچە قۇيۇن پەيدا بولۇپ ئايلىنىۋاتاتتى ، ئۇلار پىرقىراپ - پىرقىراپ قوشۇلۇشۇپ يۇغان بىر قارا قۇيۇن بولۇپ شەكىللەنگەن پېتى غەلىتە قۇرۇلۇشنى ئارىغا ئېلىشتى ، غەلىتە يىرى ئۇ شۇ قۇرۇلۇشتا كۆز يەتكۈسىز ئىگىزلىككىچە پىرقىراپ توختاپلا قالغان ئىدى . - مەن بۇنداق كۆرۈنۈشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ،- دىدى تايىر قۇيۇنغا قاراپ ،- ئۇ چوڭلاۋاتىدۇ. قۇيۇننىڭ دائىرسى ھەقىقەتەن كېڭىيۋاتاتتى، ھەتتا ئاسمانغا تاقاشقان ئۇچىدا پارسلاپ چاقماقمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن يەر جاھاننى يۇتۇپ كىتىدىغاندەكلا ئەلپازى كىلەتتى. قۇيۇننىڭ كۈچىدىن خارابىلىك ئىچىدە شامال كۈچلۈنۈپ تۇمانلار خارابىلىكنى قاپلاشقا باشلىدى . - تىز چۈشۈپ كىتەيلى ، بۇ يەر خەتەرلىك ،-دىدى تايىر گەپ سۆزلا دىلبەرنىڭ قولىدىن تارتقان پېتى ئۇنى ئېلىپ يۈگەردى. ئۇ غەلىتە قۇيۇن قانداق ئىش ، بۇ سىرلىق جايدا يەنە قانداق غەلىتە ئىشلار يۈز بىرەر ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1403 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:38:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ